قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 654|ئىنكاس: 7

كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

278

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17012
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 14:09  

كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى
كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى
ئىسلاھاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى 1917-يىلى مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ ئالىي دىنىي ماقاملىرىدا ۋە قەدىمىي ئىلىم يۇرتى ئەزھەرنىڭ دەۋەت ئىشلىرى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، مەككىدىكى ”ئۇممۇلقۇرا“ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئالجىرىيىدىكى
ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە يىل ئۇستازلىق قىلغان. مىسىردىكى”ئەل ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن“ جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان، بۇ سەۋەبتىن ئىككى قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيە ماۋزۇلىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىسلامىي ئەسەرلەرنى يازغان، 1996-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيىدا سۆزلەۋېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، مەدىنىدىكى ‹بەقى› قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك تونۇلغان مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:« كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇللىرى» تۆت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
تەبەسسۇم
سەمىمىي تەبەسسۇم چىراينى پارلىتىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان، قەلبنى يايرىتىدىغان، ئىككى شەخسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان سېھىرلىق نەرسىدۇر. دۇنيادا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇشكىلاتلىرى، قىيىنچىلىقلىرى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرى بار بولۇپ، ھەر كىم كۆڭلىنى خوش قىلىشقا، تەبەسسۇم قىلغان يۈزلەردىن سائادەت ئېلىشقا مۇھتاج. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىزگە خۇش تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنى ئېچىشىنى خالىسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا تەبەسسۇم قىلىڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىڭ، ئۇلارنى خوشال قىلىشقا تىرىشىڭ. باشقىلارنىڭ سىزگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بېغىشلىشىنى خالىسىڭىز، سىزمۇ ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىزھار قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.

تەبەسسۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ چىرايىغا خۇش تەبەسسۇم بىلەن قاراش ساۋابلىق ئىش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« بىراۋنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قارىشىڭنىڭ ئۆزىدە سەدىقىنىڭ ساۋابى باردۇر»دەپ كۆرسەتكەن.
ئىللىق مۇئامىلە

باشقىلارغا گەپ-سۆز قىلغاندا، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا ئىنتايىن ئىللىق، سىلىق ۋە يۇمشاق بولۇش كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولۇشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر. شۇنى بىلىڭكى، سىز بىراۋنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا سۆيگۈزمىگىچە ئۇنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيسىز. مەسىلەن: بالىڭىزدىكى ياكى ئوقۇغۇچىڭىزدىكى بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتمەكچى بولغىنىڭىزدا، ئالدى بىلەن چوقۇم ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى قازىنىشىڭىز شەرت. ئۇ سىزنى سۆيمىگىچە ۋە سىزگە قايىل بولمىغىچە، سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ، نەسىھىتىڭىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىنى قازىنىشنىڭ يولى ئۇلارغا چىرايلىق، ئېسىل سۆزلەرنى قىلىش، ئىللىق، سىلىق ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشتۇر. بىز ئۇيغۇرلاردا «چىرايلىق سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ»دەيدىغان ھېكمەت بار. چىرايلىق سۆز باشقىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان ۋە ئۆزىگە تارتىدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ مارك تۇيىن«مەن بىر ئېغىز چىرايلىق سۆزنىڭ تەسىرى بىلەن ئىككى ئاي ھايات كەچۈرەلەيمەن»دېگەن ئىكەن.
سۆزلەۋاتقان كىشىگە قۇلاق بېرىش

باشقىلارنىڭ سۆزىگە ياخشى قۇلاق سېلىپ، جىم تۇرۇپ ئاڭلاش ئاڭلىغۇچىنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ماۋزۇنى ياخشى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغىنىدىن سىرت، ئۇنىڭدا ماۋزۇ ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش شۇجائىتىنى ئويغۇتىدۇ. سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر. بىراۋ سىزگە گەپ قىلىۋاتقاندا سىز ئۇنى ياخشى تىڭشىمىسىڭىز، ئۇ كىشى بىلەن ئۆزىڭىز ئوتتۇرىسىدا توساق پەيدا قىلغان بولىسىز-دە، ئۇ سىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، سۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ۋە سىزگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئاز سۆزلەپ كۆپ تىڭشاشقا ئادەتلىنىش لازىم. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قولاق سېلىشىنى تىلىسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قولاق سېلىپ تىڭشىشىڭىز شەرت. ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ. قېنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەر بىر سۆزىگە ئەستايىدىل قولاق سېلىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىزھار قىلىشقا تىرىشىپ كۆرۈڭكى، ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىسىز. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇھەببىگە نائىل بولىشىڭىزدا شەك يوق.
باشقىلارنى تەنقىدلەشتىن ۋە جېدەللىشىشتىن يىراق تۇرۇش

ھەدەپ باشقىلارنى تەنقىدلەش ۋە ئورۇنسىز جىدەل قىلىشىش باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە نەپرەت بىلەن ئىنتىقام تۇيغۇسى پەيدا قىلىشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ. كۆپ تەنقىد مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا سەۋەب بولىدۇ. دۇنيادا خاتالاشمىغان ئادەم يوق. بىراۋ خاتالاشقاندا ئۇنىڭدا يۇمشاقلىق بىلەن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش لازىم. ھەر كىمدە مەلۇم ئەيىپ-نۇقسان تېپىلماي قالمايدۇ. شۇڭا «ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن ئادەم دوستسىز قالىدۇ»دەيدىغان ھېكمەت بار. باشقىلارنى تەنقىدلەشتىن ۋە جېدەل-ماجىرا قىلىشتىن ساقلانغان ئادەم كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش يولىدا كۆپ جاپا تارتمايلا غەلىبە قىلىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشى ھەر كىمنىڭ نەزەرىدە سۆيگۈگە سازاۋەر كىشىدۇر.


ئالىم مۇھەممەد غازالى تور بېكىتى:
http://www.alghazaly.org

0

تېما

1

دوست

901

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ANA TILNI KOGDAX HAMMA UYGURN

0

تېما

0

دوست

1918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9859
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 377
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان تېمىكەن.مەندە ئىككىسى باركەن.يەنە ئىككىسىنى ئورۇنلاشقا غەيرەت قىلاي.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

5580

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3420
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1275
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 757
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە.

0

تېما

0

دوست

267

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16909
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربلىكلەر ئۇلۇغلاۋاتقان دالى كارنىگى چوقۇم ئىسلام مۇتەپپەككۈرلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى تەلىملىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ «دۇنياۋىي» شۆھرەت قازانغان «ئۇلۇغ» ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىپتۇ.

0

تېما

0

دوست

254

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16952
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈك تېما
1-غوجىكاڭ ھىچقاچان باشقىلارنىڭ سۈيۈلىشگە مۇيەسسەر بۇلۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ئادىميەت ئىشلىرغا ئارلاشمايدۇ
2-غوجىكاڭ توغرا بىلەن خاتانى ئۆزى تۈزۈپ چىقىدۇ ، ۋە ئۆزى تۈزۈپ چىققان سوت كوللىگيىسدە جازا ئىجراقىلدۇ ،باشقىلا تۈزۈپ بەگەن توغرا خاتا موماڭنى يە
3-غوجىكاڭنىڭ كاللىسغا توغرا بىلەن خاتانى گېلىڭنى يوغۇن قىلىپ قاچىلايمەن دەپ قاما ،چۈنكى غوجىكاڭ ئاللىقاچان ئىمونىتلىنىپ بولغان .
ئىنساندىكى زىيادە ئاچكۆزلۈك ، زىيادە نام ئاتاق قوغلىشىش ئىنساننى تۈرلۇك كۈتۈلمىگەن پاجەلەرگە مۇپتىلا قىلدۇ .

0

تېما

3

دوست

2481

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 676
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ نامئاتاق

yaxnar

0

تېما

4

دوست

2673

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-6 19:04 , Processed in 0.059075 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش