بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 17:03
بىز ئۇيغۇرخەلقىنىڭ دىلى بىر ئەمەسمۇ؟
ئەركيار
قەيەردە كىمنىڭ دېگەنلىكى ئېسمدە قالماپتۇ،بىرسىنىڭ"ئىللەتنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز چاپلىۋالىمىز ياكى چاپلاپ قويسا كارىمىز يوق كېتىۋېرىمىز"دېگەن سۆزىنى ئۇچراتقان ئىدىم.
ئۇنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى شاۋما ئاخۇن دەپ چاقىرىدۇ.ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى خېلى بىلىملىك خۇيزۇ ياش.مەھەللىدىكى خۇيزۇلار ئۇنىڭ دىنى بىلىمىگە قايىل.كۆپچىلىك شاۋمانى پىكرى ئۆزگىچە،تەپەككۇرى چۇڭقۇر دەپ قارايدۇ.
مېنىڭ شاۋما بىلەن تونۇشقىنىمغىمۇ بىرقانچە ئاي بولدى.ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىم ئىسلام تارىخى،دىن پەلسەپىسى،ھايات ھەقىقىتى توغرىسىدا ئىلمىي سۆھبەتلەشتۇق.
ئۇ ئادەتتە يېقىن دەپمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەردىنمۇ كۆپرەك ئۇيغۇر مەسچىتىگە نامازغا باراتتى،كىچىك پېئىل كىشى بولۇپ ئۆزىنى ھېچكىمدىن ئۈستۈن تۇتمايتتى.ھەقىقەت پەقەت بىرلا دەپ قارايتتى.ئىنسانلىقنى،ئىنسان توپىنى مېھرى بىلەن تونۇيتتى.ئەقىدە-ئېتىقاد،خالىسلىق،سەمىمىيەت،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىناقلىقى،ئۆز-ئارا سىلە رەھىم قىلىش ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى ئىدى.
"مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا قايىل بولۇپ قالدىم"-گەپ باشلىدى،شاۋما.
_ نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟
ئۇ گەپنى تىجارەتتىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىدى:بىز تۇڭگانلار جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان سودىنى قوغلىشىمىز،ئۇششاق سودىنى ياكى ئۇششاق سودا قىلغانلارنى ياراتمايمىز.سىلەر ئۇيغۇرلار ئوخشىمايسىلەر:ئۇششاق-چوڭ دېمەي خۇدانىڭ بەرگىنىگە شۈكرى قىلىپ ئۈن-تىنسىز ھايات كەچۈرىسىلەرھەم خۇدانى چىن دىلىڭلاردىن تونۇيسىلەرۋە ئەمەلىيتىڭلاردىن ئىزدەيسىلەر.بىز تۇڭگانلارئېتىقاتتا چىڭ ئەمەس،بەزىدە پۇل-دۇنيا دەپ ئىمان-ئېتىقادنى ساتىمىز.
يەنە بىرى،بىز تۇڭگانلار مەزھەپنى قاتتىق ئايرىيمىز،سىلەر بولساڭلار قايسى مەزھەپكە ئەگەشسۇن بىر-بىرىڭلارنى چەتكە قاقمايسىلەر.بىز شەكلى نەرسىلەرگە بەك ئېسىلىۋالىمىز،ئاق دوپپا كىيمەي مەسچىتكە كىرسەك گەپكە قالىمىز،سىلەرئۇنداق قىلمايسىلەر،ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇرمەسچىتىدە ناماز ئوقۇغىنىمدا قازا نامازغا بىريالاڭباش كىشى ئىمام بولدى.سىلەر ئېتىقادنى ئىدىيەدە،كاللىدا دەپ چۈشىنسىلەر، سۈيۈندۈرىدىغىنى،سىلەر قەيەرلىك،كىم دەپ سۈرۈشتۈرپ يۈرمەيلا بىلىمى بارنى،يېشى چوڭلارنى سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ ئىمام قىلىپ پەرھىزنى ئادا قىلالايسىلەر،بىز بولساق بۇ ئىشلاردا تالاش-تارتىشنى تولا قىلىمىز.
سىلەركەڭ قورساق،سىغدۇرۇشچان.دۇنياغا،ئىمانغا چۈشەنچەڭلار چۇڭقۇر...ئۇيغۇرلاردىن ئۆگىنىدىغان تەرەپلىرىمىز كۆپ.سىلەر ئىناقلىققا،بىرلىككە ئېتىبار بېرىسىلەر،ئۇمۇملۇقنى ئويلىشىلەر،تىرىكچىلىكتە خۇداغا تاينىسىلەر،تىرىشىسىلەر.بۇ تەرىپىڭلارتولىمۇ ئىلغارلىق.
توۋا،راستىنى ئېيتقاندا شاۋمانى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنچىلىك ئىنچىكە ئويلايدۇ،دەپ خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.مەن باشقا گەپ قىلمايلا سىلەر ئۇچرىغان مەدەنىيەت تەسىرى بىلەن بىز ئۇچرايدىغان مەدەنىيەت تەسىرى ئوخشىمايدۇ،دەپلا قويدۇم. شېڭ شىسەينىڭ يەنە كىملەرنىڭ گەپلىرىنى نەقىل قىلىپ"ھەممە نېمىسى بىر،پەقەت دىلى بىرئەمەس"دېگەندەك ئەپسانە نېمە غەرەزدە،كىمدىن،نەدىن چىقىدىغاندۇ،دەيمەن.
قارىغاندا بىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدىكى تونۇشىمىز،ئىزدىنىشىمىز بىلەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدىكى "ئۇيغۇر"لىقىمىزدا خېلى كۆپ پەرقلەر بولسا كېرەك. ئويلىنىپ قالدىم:ئادەمنى ئەقىللىق دېسە بارغانسېرى ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىكەن،كالۋا دېسە بارغانچە ئۆزىگە ئىشەنچىسى قالمايدىكەن.باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىمۇ ئادەملەرنىڭ تەغدىرىنىڭ قانداق بولۇشىغا ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسىتىپ قالىدىكەن. بىزنىڭ راستىنلا خۇدايىمىز بىر،پەيغەمبىرىمىز بىر،دىلىمىزلا بىر ئەمەسمۇ؟!
2013-يىلى1-ئاي.
|