1-رىۋايەت
ئسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرىقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بۇيسۇندۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرۇك خانى ئۇنىڭغا قارىشى 4000ئەسكەر ئەۋەتىپتۇ ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قانىتى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن ئوقينى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە (ئىنانخۇزخۇرندە)يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج ئەمەس ئۆزئۇزۇقىنى ئۈزى تېپىپ يەيدىكەن ئۇلارنىڭ قۇلىدىن ئۇۋ قېچىپ قۇتلالمىغىدەك قاچان خالىسا شۇچاغدا ئېتىپ يىيەلىگىدەك دەپتۇ شۇندىن تارتىپ بۇئەل خۇزخور دەپ ئاتىلىپ بۇسۆز بارا-بارا ئۇيغۇر غا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن
2-رىۋايەت
رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ئۇغۇز نوھ ئەلەيھىسلامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى يافەسنىڭ ئەۋلادى بۇلۇپ ئۇبارلىق تۈركىي ۋو مۇڭغۇل قەبىلىرىنىڭ ئەجدادى ھىساپلانغان قاراخاننىڭ ئوغلى ئىكەن ئۇغۇزنىڭ بوۋىسى ئەبۇلچەخان (بۇلچەخان)ئەسلىدە ئاۋۇرتاغ بىلەن قىزتاغ ئارىسىدىكى ئىنانىچ شەھرىدە ياشايدىكەن ئۇنىڭ قاراخان. ئۇرخان ،گۆرخان، كۆزخان ناملىق 4ئوغلى باركەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە قاراخاننىڭ ئايالى ئاجايىپ بىر ئۇغۇل تۇغۇپتۇ بالابىر ياشقا توشقاندا يۇزىدىن نۇريېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرغان چوڭلابىريىگىت بۇلۇپ قاپتۇ دادىسى بۇنىڭغا دادىسى ناھايتى ھەيران قاپتۇ ئۇپۇتۇن بەگ قۇماندانلىرى ۋەزىر ۋۇزرالىرىنى يىغىپ بالىغا ئات قويماقچى بولغاندا تېخى 1ياشقا توشقان بالا مىنىڭ ئىسمىم ئوغۇز بولسۇن دەپتۇ ھەيران قالغان دادىسى ۋەجامائەت ناھايتى چوڭ مەرىكە ئۆتكۇزۇپ بالىشا ئۇغۇز دەپ ئات قۇيۇپتۇ كېيىنچە ئۇنىڭغا كۆزخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىپتۇ ئۇغۇز ئۇنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۇن يەنە بىر ئىنىسى گۆرخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىپتۇ ئوغۇز بۇئايالنى ئۈزىگە ئوخشاش مۇسۇلمان قىپتۇ بۇنى ئاڭلىغان دادىسى بالىسىغا قارىشى لەشكەر تارتماقچى بوپتۇ بالىسى بۇخەۋەرنى ئايالىدىن ئاڭلاپ دادىسىغا قارىشى تەييارلىنىپتۇ ئۇرۇشتا ئۇغۇز غەلبە قىلىپ دادىسى قاراخاننى ئۆلتۇرۇپتۇ دادىسىنىڭ پايتەختى ئىنانىچ شەھرى شۇنداقلا تالاس،سايرام ۋەبۇخارا شەھەرلىرىنى ئىگىلەپتۇ ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇنىڭ تاغىلىرى ۋو باشقا ئەۋلادى ئوغۇزغا تەسلىم بوپتۇ .تەسلىم بولمىغانلىرى شەرىق تەرەپكە كۈچۇپ ئۆزئالدىغا ياشاپتۇ ئۇلار كىيىنچە (موڭ-ئول)مۇڭغۇل دەپ ئاتىلىپتۇ .بىركۈنى ئوغۇز ئالتۇن بارگاھ تىكتۈرۇپ ئۆزغەلبىسىنى تەبىرىكلەپ چوڭ مەرىكە ئۆتكۇزۇپ ئۈزنى ئۇغۇزخان دەپ ئاتاپتۇ .مەرىكىدە ئۆزئەتىراپىغا ئۇيۇشۇپ جەڭ قىلغانلارنى ئۇيغۇردەپ ئاتاپتۇ.بۇسۆزنىڭ مەنىسى ئۇبىزبىلەن بىرلەشتى بىزگە يادەملەشتى دېگەن بۇلىدىكەن كېيىنكى چاغلاردا بۇسۆز ئاستا ئاستا شۇكىشىلەرنىڭ كېيىنكىى ئەۋلاتلىرىنىڭ مىللەت نامى بۇلۇپ قاپتۇ.
3-رىۋايەت
قاراخان ئوغلىنىڭ مۇسۇلان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ بەگلىرىنى چاقىرىپ كېڭەش ئۆتكەزدى ئۇلار ئوۋدا يۈرگەندە ئۆلتۇرەيلى دەپ قارار قىلىشتى ۋەئەلگە كىشى ئەۋەتىپ مەن ئوۋغا چىقىمەن دەپ خەۋەرقىلدى ئوغۇزخانمۇ بۇسۆزنى ئاڭلاپ ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ ئاتام مىنى ئۆلتۇرمەكچى مىنى ياقىلايدىغانلار مەنتەرەپكە كەلسۇن .ئاتامنى ياقىلايدىغانلار ئاتام تەرەپكە بارسۇن دەپ خەۋەر بەردى ئەلنىڭ كۆپ قىسىمى قاراخان تەرەپكە باردى ئازقىسىمى ئوغۇزخان تەرپكە كەلدى قاراخاننىڭ ئىنىلرىنىڭ ئۇغۇللىرى كۆپ ئىدى ھېچكىم ئۇلارنى يۇز ئۆرۇيدۇ دەپ ئويلىمايتى لىكىن ئۇلار ئوغۇزخاننىڭ يېنىغا كەلدى ئوغۇزخان ئۇلارغا ئۇيغۇر دەپ نام قويدى.بۇسۆزتۈرۇكچە سۆزبۇلۇپ مەنىسى يېپىشقۇچى ئىتائەت قىلغۇچى دىىگەن بۇلىدۇ كىشىلەر ئىچىدە سۈت ئۇيۇيدۇ ئۇئۇيۇشتىن بۇرۇن سۇيۇق ۋە چېچىلىپ كىتىدۇ ئۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزئارا ئۇيۇپ قالىدۇ ئۇيغۇر دىىگەن سۆزمۇشۇ <<ئۇي>>دىن كەلگەن ئوخشىتىشلاربار.كىشىلەر ئارىسىدا ئىمام ئۆلچەم قىلىلىنىشى كېرەك دېيىلىدۇ ئىمام ئولتۇرسا بىز ئولتۇرىمىز قوپسا قۇپىمىز بۇئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقىنى بولمامدۇ ئۇلار ھەممىسى ئوغۇزخاننىڭ پېشىنى 2قوللاپ تۇتۇپ تىز پۈككەندە ئوغۇز++++ خان ئۇلارنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان .
4-رىۋايەت
موڭغۇل يۇرتىنىڭ كۇن پېتىشىدا بىرتاغ بۇلۇپ ئۇقۇنتاغ دىيىلىدىكەن بۇتاغنىڭ بىر تەرىپىدە 10ساي يەنە بىر تەرىپىدۇ 9ساي بار بۇلۇپ ھەممىسىدە ئۇلۇغ سۇ ئاقىدىكەن ئۇيغۇرلا ئېلى شۇسايلار ئارىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئون ساي تەرەپتە ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۈزنى 10ئۇيغۇر دىسە 9سايدا ئولتۇراقلاشقانلار ئۈزىنى 9ئوغۇزدەپ ئاتايدىكەن .ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات ئېتىز يايلاقلىرى كەڭ ۋە مۇبەت ئىكەن ئۇلار 120ئۇرۇقنى تەشكىل قىلىدىكەن ھەرقايسىسى ئۆزئالدىغا مۇستەققىل ئىكەن بىر پادىشاھلىققا بىرلىشەلمىگەنىكەن شۇسەۋەپتىن ئۇلار ئارىسىدا ئىتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ قالايمىقانچىلىق يۇزبىرىشكە باشلاپتۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يىغىىلىپ مەسلىھەتلىشىپتۇ بىز 2گە بۈلۇنگەن ئەلمىز ھەرقايسىمىز بىركىشىنى <<توغران>>خان قىلايلى كىمىكى شۇكىشىنىڭ گىپىگە كىرمىسە شۇكىشىنىڭ مال مۇلكى ھەتتا بېشىدىن ئايرىلسۇن دېيشىپتۇ،شۇنىڭدىن كىيىن ئون ئۇيغۇرلار مەڭگۇباش ئاتلىق كىشىنى توغران قىلىپ كۆتۇرۇپ ئەل ئېلتەر دەپ نام بىرىپتۇ تۇققۇز ئۇغۇزلار بىركىشىنى توغرانلىققا سايلاپ كۆل ئەركىن دەپ نام بىرىپتۇ بۇئككىسىنىڭ ئوغلانلىرى 100يىللارچە توغرانلىق قىلىپتۇ ۋەكۆپىللارغىچە خاننىڭ نامى شۇ تەقلىتتە يۇرگۈزىلىپتۇ كېيىنرەك كىم توغران بولسا شۇكىشىنى ئىدىقوت دېگەن نام بىلەن ئاتايدىغان بوپتۇ
5-رىۋايەت
ئېگىزھارۋىلىقلارقەدىمكى قىزىل تۇرالارنىڭ نەسلىدىن ئىكەن ھون تەڭىرقۇتنىڭ ئايالى 2قىز تۇققان بۇلۇپ بۇقىزلار ناھايتى چىرايلىق ئىكەن .ھون تەڭىرىقۇتى مۇشۇقىزلىرىم قانداق كىشىلەرگە جورابولۇشى مۇمكىن ؟ ئۇلارتەڭرى بىلەن جۇرىلاشسا بۇلىدۇ دەپتۇ شۇنداق قىلىپ تەڭىرىقۇت ھونلارنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن جايغا ئېگىز بىر قۇرغان سالدۇرۇپ قىزلارنى قۇرغانغا جايلارشتۇرۇپ قىزلارنى تەڭىرنىڭ ئۈزى كىلىپ قارىشى ئېلىشىنى ئۆتۇنىمەن دەپتۇ ئارىدىن 3يىل ئۆتكەندە قىزلارنىڭ ئانىسى قىزلارنى كۆرمەكچى بولغاندا تەڭرىقۇت بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ئۇلارنىڭ بۇدۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۇلگەن دەپتۇ يەنە بىر يىل ئۆتكەندە بى قېرى بۆرە پەيدا بۇلۇپ كىچە كۈندۇز قۇرغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ.بۆرە قۇرغان تۈۋىنى كولاپ ئۇۋا ياساپتۇ كۇنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ بۆرە زادى كەتمەپتۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزلارنىڭ كىچىكى ئاچىسىغادادام مىنى مۇشۇ قۇرغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا تەڭرى بىلەن جۇرا بۇلۇشۇمنى ئارزۇ قىلغان بۈگۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى ئۇبىر ئىلاھى مەخلۇق ياكى پەرىشتىنىڭ ئۈزى دەپتۇ ۋى قۇرغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بولماڭچى بوپتۇ سىڭلىسىدىن بۇگەپنى ئاڭلىغان ئاچىسى قاتتىق چۇچۇپ كېتىپ بۇھايۋان تۇرسا ئۇنىڭغا جورا بۇلۇش ئاتا-ئانىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت دەپتۇ سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماي قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بوپتۇ بۇلاردىن 9ئۇغۇز 10ئۇيغۇر تۇغۇلۇپتۇ ئۇلارمۇ بالىلىق بۇلۇپ كۆپىيىپتۇ.
مەنبە؛ئۇيغۇرخەلىق رىۋايەتلىرى ناملىق كىتاپنىڭ نام-ئاتاقلارھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن ئېلىندى |