- تىزىملاتقان
- 2011-4-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35
- نادىر
- 1
- يازما
- 2
ئۆسۈش
11.67%
|
بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟
پەرزەنىت ئىشقىنى ياراتقۇچى ھەممەيلەننىڭ دىلىغا سالغان بىر ئىشىق ، جاندىن كىچەلەيمىز، جاناندىن كىچەلەيمىز، بىراق شۇ باغرىمىزدىن تۆرەلگەن، تومۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ قېنى ئىقىۋاتقان پەرزەنتىمىزدىن كىچەلمەيمىز.( ساراڭ بوپ قالغانلارمۇ ئۆز پەرزەنتىنى تونۇيدىكەن، تىللىمايدىكەن ، ئۇرمايدىكەن، قارىغاندا ئۇلارمۇ پەرزەنتىدىن كېچەلمەيدىغان ئوخشايدۇ)
مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا
ئاپتۇر ئىلاۋەسى
ئۇشبۇ مېنۇتلاردا ھاياجاندىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، خۇددى بۇ يازمىلىرىمنى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئوقۇغان ھامان زور تەسىر قىلىپ بۇندىن كىيىن پەرزەنىتلىرىگە ................
مەن بۇ يەردە بالىڭىزنى مۇنداق تەربىيەلەڭ دەپ ۋەز ئېيىتماقچى ئەمەس، ئىشىنىمەنكى ھەر بىر ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ھامىلە ۋاقتىدىن باشلاپلا پىلانىلىرى شەكىللەنگەن. مەن ئۇنداق ۋەزخور دېگەن قالپاقنى كۆتۈرەلمەيمەن.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر، مىللىي سەنئىتىمىز مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن سەنئەتكار خەلق.
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، 20- ئەسىرنىڭ بىشىدىن 1949-يىلى جۇمھۇرىيتىمىز قۇرۇلۇپ، شىىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر مۇستەبىت تۈزۈم سەۋەبىدىن ناخشا- مۇزىكا ، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇلغان ياكى چەكلەنگەن ھالەت شەكىللەنگەن. جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇپ شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن پارتىيە مەركىزى كومتىىتى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنىغا ئىزچىل كۆڭۈل بىلىپ كەلدى ۋە يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان ئەنئەنە ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۋىلىشىمىزغا بار ئىمكانىيەتلەرنى يارتىپ بەردى. بولۇپمۇ جاھاننىڭ كاجلىقى تۇتقان قارا تۈنلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولۇپمۇ پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومومىي يىغىندىن كېيىن ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. خەلىقنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، يوقۇلۇش ۋە ئۇنتۇلۇش كىردابىغا بىرىپ قالغان نۇرغۇن ماددى ۋە مەنىۋىي مىراسلىرىمىز قۇتقۇزۇپ قىلىندى.
بۇ ياخشى كۈنلەرگە شۈكرى.
ئاپتۇر ئىلاۋەسى.
ئايلىنىپ ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، بالىلار شۇ ماددى ۋە مەنىۋىي مىراسلىرىمىزنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچىسى ئىدى، بىراق نۇرغۇن قىتىمىلق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان شۇ سەبىي بالىلارنىڭ كىيم كىيىش ۋە ياسىنىش مەسىلىسى ھىچكىشىنىڭ دېققىتىنى تارىتمىدى. شۇ سەبىيلەرنىڭ كۆرسەتكەن ماھارەتلىرى ، ئورۇنلىغان ناخشا - ئۇسۇللىرى، دارۋازلىق ماھارەتلىرى ئادەمنى قايىل قىلسىمۇ، بىراق ھىلى قارىسا كىندىكى ئوچۇق ، ھىلى قارىسا مەيدىسى ئوچۇق، ھېلى قارىسا دۈمبىسى ئوچۇق ، ھىلى قارىسا ئۇيەر- بۇ يەرلىرى پۇچۇق كىيملەر كىشىنىڭ ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ھېسياتىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرتىۋىتىدۇ. ( ھازىر ئۇلار كەيمىگەن ئىغى ئوچۇق ئىشتانلار قالدى)
ھەممەيلەن بىلىمىز ئۇيغۇر مىللىتى ناخشا- ئۇسسۇل، ئۆرۈپ- ئادەت......... لەردە پارلاق ئەنئەنە ياراتقان مىللەت ، كىيىم مەدەنىيىتى ئەنە شۇ مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى. بىرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىكىمىزنى باشقا مىللەت ، باشقا ئىرىقتىكىلەر كىيىملىرىمىزگە قاراپلار بىلىۋالالايدۇ. بىرق شۇ بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپلا شۇندق ئەبجەش كىيىنىشكە كۆندۈرۈپ قۇيساق، بىزنىڭ مىللىي كىيىم - كىچەك مەدىنىيىتىمىزگە كىم ۋارىسلىق قىلىدۇ، مېنىڭچە مۇشۇنداقلا داۋاملىشىپ كەلسە بىزنىڭ مىللىي كىيىم - كىچەك مەدەنىيىتىمىز قۇم باسقان شەھەردەك غايىپ بولۇشى مۇمكىن.
ھەر قىتىم تېلېۋىزوردا سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆرسىتىلگەندە ھاياجان بىلەن كۆرۈپ كىتىمەن، شۇ ئوماق سەبىيلەر ئىكرانغا چىقسا باللىقىمنى ئەسلەپ ھاياجانلىنىمەن- يۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنىڭ ئەبجەشلىكىنى، قىلغان گىرىمىلىرنىڭ ئۇلارنى ئۇلارنى مايمۇنغا ئوخشۇتۇپ قويغانلىقىنى كۆرسەم يەنە ئاچچىقتىن لاسسىدە بوپ قالىمەن.
قەدىرلىك قىرىنداشلار، ئۇستازلار، مىھنەتكەش سەنئەت تەشكىلاتچىلىرى كۆزىمىزنىڭ ئالدىنىلا كۆرمەيلى، يىراق كەلگۈسىگە ، پارلاق ئەتىمىزگە قارايلى.
مەن بۇ يەردە ھىچكىمدىن ھېچنىمىنى ئۆتۈنمەيمەن، پەقەت ئەزىر قىرىنداشلىرىمىزغا، جۈملىدىن سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتچىلىرىغا شۇنىلا دېمەكچىمەن، بىزگە ۋارىس بولغۇچى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ بىزگە سەھنىلەردە نامايان قىلىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئەبجەش كىيمىلىرى ئەمەس، بەلكى جاپالىق مەشىقلەردىن كېيىن شەكۈللەندۈرگەن ھەقىقىي تالانتى، ماھارىتى. ئەزىزلەر، شۇ پەرزەنىتلىرىمىز ھەقىقىي مەنىدىن مىللىتىمىزگە ۋارىس بولۇشى ئۈچۈن ھەممەيلەن كۈچ چىقارساق.
ھەر يىلقى بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل كۆرۈپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ، يۇقارقى سەتچىلىكلەر تېىخچە يوقالغىنى يوق، ئۈمىدىم يەردە قالمىسا بۇ يىللىق بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت پائالىيىتىدە بۇ ئىۋەنلەرگە يوچۇق قويۇلمىسا.
كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلارنىڭ ھەقىقىي مىللىيلىكىمىزگىمۇ ۋارىس بولۇپ چوڭ بولۇشىنى چىن دېلىمىزدىن تىلەيلى.
بۇ تېما باغداش مۇنبىرى ئارقىلىق تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇب شېمالىغا ئىللىق باھار شاماللىرى بىلەن يىتىپ بارغاي.
ئاخىردا ئەزىزلەرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ، ئىناق ۋە بەخىتلىك ئائىلىسىگە ئىللىقلىق تىلەيمەن.
ھەقىقەتنى ئىگىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن ، بىراق سۇندۇرالايدىغانلار تا ھازىرغىچە چىققان ئەمەس.
ئاپتۇر ئىلاۋەسى
(ھەۋەسكار ئەدەبىيات مۇنبىرگىمۇ يوللاندى، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر) |
|