ئافىغانىستانلىق 16 ياشلىق ئۆسمۈر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ كىكىردىكىنى كىسىپ ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن تالىبانلارغا قۇشۇلغان
مەنبە : war.163.com
يوللانغان ۋاقىت : 10:10 03-04-2013
تەھرىر : ئىخپالەم
زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئامېرىكا ئەسكىرى Michael Cable
ئامېرىكىنىڭ ئافىغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر نەپەر ئافىغانىستان ئۆسمۈرىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى نەنگۆھەر ئۆلكىسىدە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كىيىن ئارقىدىنلا پاكىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىMichael Cable بۇ يىل 26 ياشتا بۇلۇپ سېرژانت ئۇنىۋانىغا ئىگە ئىكەن، ئامېرىكا كېنتاكى شىتاتىدىكى ئوۋۋىنسىبول ئاھالسى ئىكەن، ئالدىنقى ئاينىڭ 27-كۈنى يەرلىكتىكى بالىلار بىلەن ئويناۋاتقاندا بىر نەپەر ئافىغانىستانلىق ئۆسمۈر ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كىلىپ بۇيۇن قىسمىغا پىچاق تىقىۋەتكەندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
نەنگۆھەر ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى جالماخان ۋەقە يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى تەربىيەلىگەن يەرلىك ساقچى قىسمىنىڭ ئۇ رايۇننى ئامېرىكا تەرەپ ۋە ئافىغانىستان تەرەپ ئەمەلدارلرىنىڭ يەرلىكتىكى ساقچى قىسمىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمى مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن ئاپەتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاش مەقسىتىدە يېڭىلا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئوق ئاۋازى ئاڭلانمىغانلىقتىن يېقىن ئەتراپتىكى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭمۇ بىرىنجى ۋاقىتتا ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن قاتىلنىڭ قېچىپ كىتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى پاكىستان چىگراسى ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارى بولسا تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ پەرىزىچە قاتىلنىڭ تەخمىنەن 16 ياشلىق بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئافىغانىستاندىكى تالىباننىڭ باياناتىچىسى جابىۋۇرا مۇجاشىد ھۇجۇمچىنىڭ يەرلىكتىكى 16 ياشلىق خالىد ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمنى تالىبانلارنىڭ پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق بۇ ئۆسمۈر ئارقىدىنلا بۇ تەشكىلاتقا كىرگەن. ئافىغانىستان ئەمەلدارى ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىمىغان، ھەمدە تالىبانلارنىڭ باياناتىغىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى " باھار پەسلى ھۇجۇمى " قوزغاشقا ئادەتلەنگەن بۇلۇپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن ئافىغانىستان ھەربىي، ساقچى-ئوفىتسىرلىرىنىڭ قازا قىلغان ئادەم سانى بۇ مەزگىل ئىچىدە داۋاملىق ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرىدىكەن.
|