- تىزىملاتقان
- 2013-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4984
- نادىر
- 0
- يازما
- 410
ئۆسۈش
99.47%
|
مەن باللىرىمنى بىزتەرەپتە ئۇيغۇرچە مەكتەپ بولمىغاشقا خەنچە ئوقۇتقان ئالىمەكتەپنى پۆتتۆرگەن قىزىم تويقىلدى كۆيوغۇلمۇ خەنچە ئالىمەكتەپ پۆتتۆرگەن ئىكەن مەن باللىرىمنى ئۆيدە قەتتى خەنچە سۆزلەتمەيىتتىم بىراق ئوغۇللىرىم خەنچىنى پەقەت سۆزلىمەيدۇ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئوينايدۇ گەپسۆزدىمۇ ئانىتىلدا رۇس سۆزلەيدۇ خەنچىنى بىلمەيدىغان باللاردەك لىكىن قىزىم پەقەت خەنچىنى ئارلاشتۇرىۋېلىپ مېنى خاپا قىلىدۇ ھەر ھالدا ئاللاھ تىلىكىمنى بېرىپ قېزىمنى ئۇيغۇر بالىسىغا بەردىم بۇ مېنىڭ ئەڭ خوشاللىغىم بولدى بىراق كۆي ئوغلۇم ئۇيغۇرچىنى تازا راۋان سۆزلىيالمايدىكەن ئانىتىل تەس كەلسىلا خەنچە سۆزلەپ كىتىدىكەن مەنغۇ جايىل مىجەزىمنى قوللىنىپ ئۆيگە كەلگەندە خەنچە سۆزلەپ قالسا قىلچە يۆز خارىرە قىلماي ئانا تىلدا سۆزلەشكە مەژبۇرلايمەن شۇنداقىلىپ بۇلارمۇ كۆنىپ قالدى مېنى رەنجىيدۇ دەپ پەقەت خەنچە مەن بار يەردە سۆزلىمەيدۇ شۇنداقتىمۇ مەن يوق يەردە سۆزلەپ قالىدىكەن ئوغىللىرىم سەل بۇلارغا نارازى بولۇپ دىيىشىپ قالىدىكەن شۇا قىزىم بالىلىق بولغاندىن كېيىن بالىسىغا تىل چىققاندا قارىسام بۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە يەنە بىر بىرى بىلەن خەنچە سۆزلىشىپ كىتىدىكەن بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ نەۋرەمنى ئەكىلۋالدىم ھازىر4ياشقا چىقتى ئۇيغۇرچە سۆسلەيدۇ ئىمان كەلىمىلىرىنى ئۆگىنىۋالدى يەسلىگە بېرىمەندەپ كەپتىكەن قىزىم بەرمىدىم 6 ياشقا كىرمەيتۇرۇپ بەرمەيمەن ئانا تىلىنى تولۇق بىلىپ بولمايتۇرۇپ باشقا تىلنى ئۆگەنسە بولمايدۇ دەپ قىزىمنىڭ ئىككىنچى بالىسىنىمۇ ئەكىلىۋالىمەن دەۋاتىمەن ئۇمۇ مېڭىپ قالدى مەن پەقەت ئاناتىلىمغا مۇشۇنچىلىكلا قىلالايدىكەنمەن .مەن شۇنى ھېسقىلىپ قالدىم مۇشۇ مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتىۋاتقان ئەمىلىيەت شۇنداق ئەندىشە پەيدا قىلدىكى مۇشۇنداق كېتىيۋەرسە يەنە 20.30.يىلدا ئانا تىلىمىز تولۇق بۇزغۇنچىلىقتا قالغۇدەك يوقاپ كەتكىدەك .مېنىڭچە زۆرۆر بولغان تەدبىر قوش تىللىق مۇارىپ سىياسىتىنى بېكار قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .بولمىسا بىزنىڭ ھازىرقى تەدبىرلىرىمىز ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشقا دەردىمىزنى ئېيىتقاندەكلا ئىش بولغىدەك قۇش يەنە ئۇچىيۋېرىدۇ بىز سەكرەپمۇ ئۇنى تۇتالمايمىز . |
|