بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qinturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 11:31
نازىل شىركىتى بارمۇ؟
بىر قانچە يىل مابەينىدە ،مىللى مەھسۇلاتلىرىمىز كۈنسىرى كۆپيىپ بىزنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىمىز ئاز-تولا ھېس قىلىنغان بولدى.خۇددى يالقۇن روزى بىر ماقالىىسدە: ياپۇنلار بىر كارخانچىنى مىڭ ئالىمغا تەڭ قىلمايدۇ دەپ يازغىىندەك، بىزگە ھەقىقىەتەن مىللى كارخانچىلار بەكلا مۇھىم.ئۇلار بىر تەرەپتىن مىللى مەھسۇلات ئارقىلىق بىزنى شۈبھىدىن خالى ئىستىمال بويۇملىرى بىلەن تەمىن ئەتسە،يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ مىللى سانائىتىمىز ئۈچۈن يول ئاچىدۇ،ئەڭ مۇھېمى ئۇلار قۇرغان شىركەت-زاۋۇتلاردا ئۆز-كىلىشىلىرىمىز ئىشلەپ،بىزدىكى ئىشسىزلىق ئاز-تولا ھەل بولغان بولىدۇ.نڭ جەھەتتىن ياپۇنلارنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بار.
شۇ كارخانىلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قۇرغان(ئەنگە ئالدۇرغان) <نازىل>مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالغان <مىڭ يىل شىركىتى> مۇ بار بولۇپ،بىر مەھەل،ئۆز سۈپتىنىڭ ياخشىلقى بىلەن قىممەت بولشىغا قارىماي تىز سېتىلغان نازىل ماركىسىدىكى چاچ سوپۇنلار بى شىركەتنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى بولۇپ قالغانئىدى. كېيىن يەنە چاچ بويىقى،چىش پاستىسى قاتارلىقلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلنىپ، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ئېرشكەن ئىدى.( ئېلانلاردا نازىل ماركىسىدىكى سۇ ماي ھەم بالىلار كېيىم-كىچەكلىرىنىمۇ كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان بولساممۇ،لېكىن مەن تېخى كۆرۈپ ياكى ئېشلىتىپ باقمىدغان ئىدىم).
بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلانلاردىن ئانچە كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدۇق.ئۇنداقتا نازىل نەگە كەتتى؟ئەسلى مۇنداق شەكىلدىكى مىللى كارخانىلار تېخىمۇ كۆپلەپ قۇرۇلسا ياخشى بولاتتى.ئەمما مانا مۇشۇنداق< گۈلدۈرى بەك يامان،ئەمما يامغۇرى تايىنلىق>بولىدىغان ئىشلاريۈز بەرمسە بولاتتى...ئەمىلەتتە گەپ يالغۇز بىر <نازىل>دا ئەمەس...مەن گەپنى مۇشۇنچىلىك تاققا-تۇققا ھالەتتە قىلاي.بەلكىم تورداشلار مېنىڭ مەخستىمنى چۈشەندى دەپ ئويلايمەن. بىز يەنىلا مىللى ماركىغا يەنە كىلىپ ئۇزاق مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان مىللى ماركىغا ئىھتىياجلىق....
|