قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1151|ئىنكاس: 25

ئويۇنچۇق دەردى(مازارغوجام)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hasalharisi

8

تېما

1

دوست

2268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13190
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 19:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ!ئۇيۇنچۇق ئىشقى،پۇلى بارنىڭ قىچقى
      
      
     ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە،جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشقان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى.بىراق،بۆگۈنكى كۈندە بۇ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقتىن ئىبارەت مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق ئاتا قىلماستىن،دەرت-ئەلەم ئاتا قىلىدىغان ئۈسكۈنىگە،ئويۇنچۇقخانىدىن ئىبارەت كۆڭۈل ئاچىدىغان مەدەنىيەت بازىرى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان قىمار سورۇنىغا،ھەتتا ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىقتىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشنىڭ مەنبىيىگە ئايلىنىپ قالدى.بۇ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ كۆڭۈلسىزلىك سورۇنىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا زادى كىم سەۋەپچى؟ بۇ سۇئالغا بىز سۆھبەت ئېلىپ بارغان تۆۋەندىكى ئويۇنچۇققا خۇمار بولۇپ،پۇل تىكىپ ئويۇنچۇق ئوينىغانلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ باقساق جاۋاپ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
    ــ مېنىڭ ئۆيۈم ناھىيە بازىرىغا يېقىن.دېھقانچىلىق قىلاتتىم. تاماكا چەكمەيمەن،ھاراق ئىچمەيمەن.ئىشقىلىپ كەيىپ قىلمايمەن.ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا دوستۇم بىلەن ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ قاراپ ئولتۇرۇپ،مەنمۇ ئۈگەندىم.ئازىراق ئۇتتۇم.شۇ ئۆەىنىپ قالغانچە خۇمار بولۇپ ئوينۇدۇم.نۇرغۇن ئۇتتۇرۋەتتىم.ئالدىنقى يىلى 100مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان .بۇنىڭ 90مىڭ يۈەنىنى مۇشۇ نەرسىگە ئۇتتۇرۇپ بولدۇم.....
دەرت تۆكۈۋاتقان بۇ30ياشلار چامىسىدىكى دېھقان يىگىت بولسا خېلىلا ئىشچان،ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇنىغا ۋاپادار ئىكەن.ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئوتى تۇتۇشۇپ قالدى.شۇڭا ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ پۇل تىكىپ ئويۇنچۇق ئويناپ نۇرغۇن پۇلنى،يەر تېرىشقا تەييارلىغان دەسمىينى،ئاتا-ئانىسى بەرگەن 100تۇياق قوي-ئۆچكىنىمۇ ئۇتتۇرۇپ بولدى.ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئىشقى شۇنداق تۇتاشقانكى،ئويۇنچۇقخانا مەۋجۇتلا بولىدىكەن يەنە داۋاملىق پۇل تىكىپ ئويۇنچۇق ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    ــ مەنمۇ دېھقان. 40مىڭ كوي ئېقتىساد قىلغان .يەر تەۋىرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆي سېلىپ بولۇپ،توي قىلماقچى ئىدىم،شۇڭا بانكىدىن 35مىڭ يۈەن،باشقىلاردىن 15مىڭ يۈەن قەرىز ئالغان.بۇ پۇلنى ئويۇنچۇق ئارقىلىق ئاينىتاي دەپ ئويلاپ كىرىم ئوينىدىم.ئاينىتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ھەممىنى ئۇتتۇتۋەتتىم.پۇل بولمىغاچقا ئۆيمۇ يوق،تويمۇ يوق بولدى.ھەييي!!
    ــ تېلېۋىزورغا چىقىرىۋەتسەڭلار گەپ قىلمايمەن ھە؟نومۇس قىلىمەن.
     ــ ھەرگىز قورقماڭ،تېلېۋىزوردا كۆرسەتمەيمىز.پەقەت ئەھۋال ئىگىلەپ باقماقچى.
     ـــ ئۇنداقتا ماقۇل.مەن دېھقانچىلىققا بىرلەشتۈرۈپ سودا قىلىمەن.كۆپ پۇل تاپتىم.يېقىندا دوستلۇرۇمنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ نەرسىنى ئويناپ ئۆگىنىپ قالدىم.20كۈن ئىچىدە 280مىڭ يۈەن پۇلۇم  ئۇچۇپ كەتتى.ئەمدى ھەرگىز ئوينىمايمەن.
     ـــ توخۇ،كەپتەر تىجارىتى قىلىمەن.كۈزدە پاختا تېرىمەن.خېلى كۆپ پۇل تاپقان.ھازىرغا قەدەر ئويۇنچۇق ئويناپ،ئۆزۈمدە بار 40مىڭ يۈەن نەق پۇلنى،ئۆي سالىدىغان ئۈچ زىمىنىمنى ئۇتتۇرۋېتىپ،يەنە باشقىلاردىن 40مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ ئوينىغان. ئۇنىمۇ ئۇتتۇرىۋەتتىم.قەرىزنى بېرەلمەي غەمدە يۈرۈيمەن.
    ــ مەن بىر دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمانلىرىنى قوراشتۇرۇش،سېتىش ئورنىدا ئىشلەيتىم.ئىش ئۆنۈمىمگە قارتا ئايدا 2500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە مۇئاش ئالاتتىم.خېلى كۆپ پۇل ئېقتىساد قىلغان.ئويۇنچۇققا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن نۇرغۇن پۇل ۋە ئۆي سالىدىغان ئىككى يەردىكى يېرىمنىمۇ ئۇتتۇرۋەتتىم.ئويۇنچۇق ئويناپ تولا ئىشقا كەلمىگەچكە ۋە ئىش ئۆنۈمۈممۇ ياخشى بولمىغاچقا ،خوجايىنىم ئىشتىن بوشىتىۋەتتى.دوستلۇرۇمغا 6000يۈەن قەرىز بولۇپ قېلىپ بېرەلمەيۋاتىمەن.بولمايدىغان نەرسە ئىكەن بۇ.
    ــ مەن بىليارتخانا ئاچىمەن.كىرىمىم ياخشى ئىدى.مۇشۇ ئويۇنچۇق ئويناشنى ئۆگىنىپ قالغاندىن بۇيان 700مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۇپ بولدۇم.مۇشۇ پۇلغا ئۆي ئالسام،راۋرۇس ئۆي كېلەتتى.مانا ئەمدى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىۋاتىمەن. بالىللىرىمنىڭ ئالدىدىمۇ خىجىلمەن.
    ـــ تېخى يېقىندا ئۆسۈمكەشتىن 3مىڭ يۈەن قەرىز ئېلىپ ئويۇنچۇق ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتتىم.قەرىزنى دېيىشكەن ۋاقىتتا بېرەلمەي،دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان 8مىڭ يۈەنلىك ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتىمنى 3مىڭ يۈەنگە تۇتۇپ بەردىم.
ـــ قايسى كۈنى 300يۈەن ئەكىرىپ ئويۇنچۇق ئويناپ،بىردەمدە ئۇتتۇرۇپ بولدۇم.يەنە بىر ئويۇنچۇق ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن دوستۇم «بۇلاڭچىلىق قىلايلىمۇ»دېگەنتى، ئۇنمىدىم.دەسلەپتە 10 يۈەن بىلەن كىرىپ 100يۈەن ئۇتىدىكەنمىز.خۇشاللىقتا يەنە ئوينايدىكەنمىز.ئەڭ ئاخىردا بۇ نەرسىگە خۇمار بولۇپ،ئۇتتۇرۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەنمىز.مۇشۇ ئويۇنچۇق سەۋەبىدىن ئىناق ئائىلەممۇ بۇزۇلۇپ كەتتى.....
     بۇ يىگىتنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر كۈزدە ئەر-خوتۇن ئىككىسى پاختا تېرىپ،ئۇششاق تىجارەت قىلىپ 10 نەچچە مىڭ كوي ئېقتىساد قىلغان. بىراق، تاپقان پۇللانى ئويۇنچۇق ئويناپ ئۇتتۇرۇپ تۈگۈتۈپ بولغاچقا،خوتۇنى ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتالماي، يېقىندا قورساقتىكى ئالتە ئايلىق بولغان ھامىلىنى ئالدۇرىۋېتىپ ئاجىرىشىپ كەتكەن.ھازىر ئۇ  ئاتىسى بىلەن بىرگە تۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا ئامانلىق قوغداش  خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.خىزمىتىمۇ ئانچە مۇقىم ئەمەس.ئايدا ئاران1200يۈەن ئىش ھەققى ئالىدۇ.ئايالى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن.بۇ كىشىنىڭ قورامىغا يەتكەن ۋە توي قىلغان ئۈچ ئوغلى بولۇپ،ھەممىسى ئويۇنچۇققا خۇمار بولۇپ ۋەيرانداچىلىققا ئۇچۇرغان.بۇ ئاتىنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى؟:  
      ــ ئۈچ ئوغلۇمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئويۇنچۇقنى ئيوناشنى ئۆگىنىپ قاپتۇ.قانداق ئوتى بار نىمىكىن تاڭ؟گەپ ئاڭلىتالمىدىم.بىر ئوغلۇم ۋەيران بولۇپ،خوتۇنىدىنمۇ ئايرىلدى.يەنە بالا بولغاندىكىن مەن بېقىۋاتىمەن.مەن قېرىپ قالدىم.ئەسلىدە باللا مېنى باقسا بولاتتى.ھۆكۈمەت مۇشۇ ئويۇنچۇق دېگەن نەرسىگە بىر ئامال قىلسا بولاتتى.
     ئويۇنچۇق ئويناپ زىيان تارتقانلار ئارىسىدا يەنە بىر كىچىكلا ئوغۇل بالىمۇ بار بولۇپ،ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.ئۇ تېخى ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.ئەمما ئۇنىڭ مەكتەپكە بارمىغىنىغا  ئىككى يىل بولۇپ قالغان ھەمدە ئۆيىگىمۇ كىرەلمەي،ئۇ يەر،بۇ يەرلەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈۋېتىپتۇ .سەۋەبى،بۇ ئوقۇغۇچىمۇ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىپ،ئۆيدىكى پۇل ئامانەت كارتىسىدىن بىر قانچە قېتىمدا جەمئىي 70 مىڭ يۈەننى ئېلىپ چىقىپ ئويۇنچۇق ئويناپ ئۇتۇرىۋەتكەچكە مۇشۇنداق بوپ قالغان.ئەمەلىيەتتە 16 ياش ۋاقىت ئادەمنىڭ زېھنى ناھايىتى ئوچۇق،ياشلىقى جىلۋە قىلىپ تۇرغان ،تىرىشىپ بىلىم،كەسپ ئىگىلەيدىغان ۋاقتى ئىدى. تورخانا،ئويۇنچۇقخانا ئاچقۇچىلارنىڭ قانۇن،قائىدە-نېزامغا پىسەنت قىلماي،قورامىغا يەتمىگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىرىپ تور ۋە ئويۇنچۇق ئوينىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى سەۋەپلىك،ئۇلار ئويۇنچۇققا قىزىقىپ قېلىپ،ئاخىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ،مۇئەللىمىنىڭ نەسىھىتىنىمۇ ئاڭلىماي ،يا مەكتەپتە ئوقۇماي،يا بىرەر ھۈنەر-كەسپ ئۈگەنمەي ،ھەتتا ئۆيدىكى پۇلنى ئوغىرلاپ ئېلىپ چىقىپ ئويۇنچۇققا سېلىپ بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى زار قاقشىتىپ،خەتەرلىك تۇيۇق يولدا يۈرمەكتە.بىز ئۇ بالىغا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدۇق.ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى.ئۇنىڭغا تەربىيە تەسىر قىلغاندەك،ئاتىسى،ئاچىسىنى سېغىنغاندەك قىلاتتى.  
     بۇ ئۆسمۈرنىڭ ئاپىسى كىچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ،ئاتىسى ئاپىسىدىن يىتىم قالغان بىر ئوغلى بىلەن بىر قىزىنى ئۆزى ئاتا ھەم ئانا بولۇپ،قوشۇمچە تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ،بالىللىرىنى ئاچ-توق،كېيىمسىز قويماي بېقىپ چوڭ قىلدى.بىراق ئوغلى بولسا ئاتىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ،ئويۇنچۇققا خۇمار بولۇپ ئۆينىڭ ئېقتىسادىنى سۇرىۋەتتى.مەن بۇ ئۆسمۈرنىڭ ئاتىسى بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشتۈم.بىچارە ئاتا كېسەلجان بولۇپ،ئۆيدە پۇل بولمىغاچقا،ھازىر قىزى بىلەن خوتەنگە  بېرىپ بىر تەرەپتىن داۋالانغاچ،يەنە بىر تەرەپتىن قاشتېشى كولاپ،تەلىيى ئوڭدىن كەلسە ئانچە-مۇنچە پۇل تېپىۋېتىپتۇ.ئاتىسى ماڭا يىغلامسىراپ تۇرۇپ،‹‹بۇ ھەقتە سۆزلىسەم دەردىم بەك كۆپ.مەن ئوغلۇمنى ياراملىق ئادەم بولۇپ، ماڭا  يار-يۆلەك ،ھەمراھ بولار دىگەن زور ئۈمىدتە ،مىڭ جاپادا چوڭ قىلسام ،ئۇيۇنچۇققا خۇمار بولۇپ،ئۆيدىكى پۇل ئامانەت كارتىسىنى يۇشۇرۇن ئېلىپ چىقىپ،پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرۇپ بولدى.يا مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇمىدى.ھۈنەرگە بەرسەم ھۈنەر ئۈگەنمىدى. ئۇرۇپمۇ باقتىم.قېچىپ ئۆيگە كىرمىدى.سېتىپ ، ئۆلتۈرۈپ قۇتۇلۇپ كېتىدىغان يا بىر ھايۋان ئەمەسكەن. زادى ئامال قىلالمىدىم.بالامغا تەربىيە قىلغىنىڭلاردىن،ئويۇنچۇقخانىدىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنى يوقۇتۇشقا ئامال-چارە ئىزدەۋاتقىنىڭلاردىن بەك خۇش بولدۇم››دېدى.ئاتا-ئانا مېھرىگە نىمە توغرا كېلىدۇ دەيسىز؟بۇ ئاتا ئۆزىگە شۇنداق زور زىيان،دەرت-ئەلەم كەلتۈرگەن ئوغلىنى يەنىلا بەك سېغىنغاندەك قىلاتتى.
     ــ مەن ئويۇنچۇق ئويناشنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆگىنىپ قالغان.چوڭ تىكىپ ئوينايمەن.يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە 280مىڭ يۈەن ئۇتتۇرىۋەتتىم.ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان يەتتە يىلدىن بۇيان ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇلۇمنىڭ سانىنى ھىساپلاپ بېرەلمەيمەن،مۇشۇ ئويۇنچۇقخانىنى تاقىۋەتسە بولاتتى ـــ دېدى بىر قىز دەردىنى تۆكۈپ.
       بۇ قىز بولسا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم داڭلىق ئۇنىۋېرىستېتنى پۈتكۈزگەن ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان سىتودېنت.ئۇنى ئوقۇغان كەسپى بۇيىچە ئاتىساق‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتە››،چوڭ جەھەتتىن ئاتىساق بىر قولىدا بۆشۈكنى،بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان كەلگۈسىدىكى بىر ئانا.بۇ قىز ئۇنىۋېرىستىتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىلا ئويۇنچۇق ئويناپ ،دەسلەپتە 100-200 كوي ئۇتۇپ،بارا-بارا ئويۇنچۇققا خۇمار بولۇپ قالغان.ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتكىمۇ چىققان،يەر ھۆددە ئېلىپ تېرىپ،نۇرغۇن پۇلمۇ تاپقان.بىراق يەنىلا ئويۇنچۇق ئويناشنى داۋاملاشتۇرغاچقا ،خىزمەت ئىشلەشمۇ خۇش ياقمىغان ھەمدە چوڭ-چوڭ تىكىپ ئوينىغاچقا تاپقان پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ بولغان.بۇ قىز توي قىلغاندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق قىمار ئويناۋەرسە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەرمۇ،ئانىلىق بۇرچىنى ئاتا قىلىپ،پەرزەنتلىرىنى ياراملىق تەربىلىيەلەرمۇ؟
      ئويۇنچۇققا خۇمار بولغانلارنىڭ ئىچىدە قېرىلارمۇ،ئوتتۇرا ياش،ياش ۋە ئۆسمۈرلەرمۇ،ئاياللارمۇ ،كادىرلارمۇ،تىجارەتچىلەرمۇ،دېھقانلارمۇ،ئىشقىلىپ ھەممە كەسپتىن بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ بەزىللىرى ئېقتىساد قىلغان بارلىق پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ بولغاندىن سىرت،باشقىلارغا نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان .يەنە نۇرغۇنلىرى مۇشۇ ئويۇنچۇقخانىدا تۇرۇپ  يۇقۇرى ئۆسۈمدە قەرىز تارقىتىدىغان زوراۋان جازانىخورلاردىن قەرىز ئېلىپ ئويناپ ،ئۇتتۇرۇپ قەرىزنى بېرەلمىگەچكە ، يەر،ئۆي-زىمىن،ئائىلىسىدە بار بىساتلىرىنى قەرىزگە ھىساپ ئۇتتۇرپ تۈگەتكەن.مۇشۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ئەر-خوتۇن ئاجىرىشىپ كەتكەن.
     يۇقۇردا ئاز بىر قىسىم ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق خۇمارلىرىنىڭ  ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋابائاتلىرىنىڭ بايانىنى ،دەرت-ئەلىمىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق.ھۆكۈمەت ئەسلى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىنى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارىدا ئېچىشقا  يولغا قويغان ئىدى.قائىدە-نېزام بۇيىچە ئويۇنچۇققا پەقەت تەڭگە سېلىپ ئويناشقا بولىدۇ ،پۇل تىكىشىپ قىمار شەكلىدە ئويناشقا قەتئىي بولمايدۇ.بىراق ھازىر بىر قىسىم ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا ئاچقۇچىلار يۇشۇرۇن ھالدا ئويۇنچۇق ماشىنىسىنىڭ سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ،پۇل تىكىپ ئوينايدىغان قىمار ئۈسكۈنىسىگە ،ئويۇنچۇقخانىنى قىمارخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.ئويۇنچۇق ھەۋەسكارلىرىمۇ ئۇلارغا زىچ ماسلىشىپ،پۇل تىكىپ ئويۇنچۇق ئويناشقا مەپتۇن بولۇپ كەتتى.ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا،ھەر قايسى ئويۇنچۇقخانىلاردا مەخسۇس يۇقۇرى ئۆسۈمدە قەرىز تارقىتىدىغان ئۆكتەم جازانىخورلار  بولۇپ،قەرىز ئالغان پۇلنى دېيىشكەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەكەپ بەرمىسە ھەسسىلەپ ئۆسۈم ئالىدىكەن ياكى گۆرۆگە قويغان مال-مۈلكىنى ئەرزان باھادا ئېلىۋالىدىكەن.ئويۇنچۇقتا ئۇتتۇرىۋەتكەنلەر ياكى جازانىخوردىن قەرىز ئېلىپ ۋاقتىدا بېرەلمىگەنلەر ئويۇنچۇق خوجايىنلىرى ياكى جازانىخورلارغا قارشى تۇرالمايدىكەن.قانۇن ئورۇنلىرىغىمۇ ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن.ئەگەر قارشى تۇرسا،ئەرز قىلسا ئويۇنچۇقخانا خوجايىنىنىڭ جەمئىيەتتىكى جېنىدىن تويغان بېكار-تەلەپلەردىن تەركىپ تاپقان ‹‹قوغداش ئەتىرتى››تەرپىدىن ئەدىپىنى يەيدىكەن.بۇ ‹‹قارا قوغداش ئەتىرتى››دىكىلەرگە ئويۇنچۇقخانا خوجايىنلىرى ئايدا  قوغداش ھەققى ئۈچۈن خېلە كۆپ مۇئاش بېرىدىكەن ،يەنە ئويۇنچۇقخانا خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ‹‹كۆز-قۇلاق››لارمۇ بار بولۇپ،ئۇلار ئويۇنچۇقخانىنى تەكشۈرگىلى تەكشۈرۈش گوروپپىسى كېلىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن ئالا خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرغاچقا.تەكشۈرۈش گوروپپىسى كەلگىچە ئويۇنچۇق ماشىنىسىنىڭ سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ،قىمار ئويناشنى چەكلەپ،ئىشنى توغىرلاپ بولىدىكەن.تەكشۈرۈش گوروپپىسى كەتكەن ھامان يەنە پۇل تىكىپ قىمار ئويناش باشلىنىدىكەن.ئويۇنچۇق ئوينىغۇچىلار تەكشۈرۈش گوروپپىسى كەلگەن چاغدىكى نەق مەيداندا بۇ خىل ئەھۋالنى تەكشۈرۈش گوروپپىسىدىكىلەرگە ئېنكاس قىلماي،بەلكى ئويۇنچۇقخانىغا ماسلىشىدىكەن. ئويۇنچۇق خۇمارلىرىنىڭ  ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋابائاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۈمىد،تەلەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا،كۆپىنچىللىرى «ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىنى تاقىۋەتسە،قەتئىي ئاچقۇزمىسا»دېيىشتى. «كېچە-كۈندۈز تاقىۋەتمەي ئاچسا،بىزگە ئامەت كېلەي دېگەندە تاقايدىغان ۋاقىت بوپ قالىدىكەن»دېگۈچىلەرمۇ بولدى.ئەمەلىيەتتە ،بىر ناھىيە ياكى ۋىلايەتتە ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارنى تاقىۋەتسە، ئويۇنچۇقخانا تاقالمىغان  قوشنا ناھىيە(شەھەر)،ۋىلايەتكە كىرا قىلىپ بېرىپ ئوينىغاننى ئاڭلىغان،كۆرگەنمەن.
     ئەھۋالدىن قارىغاندا ئويۇنچۇقخانىنىڭ قىمارخانىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە ئويۇنچۇقخانا ئاچقۇچىلار ھەم ئويۇنچۇق ئوينىغۇچىلار ئۆزى سەۋەپچىدەك قىلىدۇ.بۇنىڭدا ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئەلبەتتە.نۆۋەتتە ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار تېخىمۇ قاتتىق،ئۆنۈملۈك بولغان باشقۇرۇش تەدبىرى تۈزۈپ،ئېلىكرىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىنىڭ قىمارخانىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ تۈپتىن ئالدىنى ئېلىش  ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.كىشىلەرگە بالايى ئاپەت كەلتۈرىۋاتقان بۇ ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىنى باشقۇرۇش،تەرتىپكە سېلىشقا ھۆكۈمەتنىڭ ،قانۇننىڭ زادى كۈچى يەتمەسمۇ؟ ئىشىنىمىزكى ،چوقۇم  كۈچى يېتىدۇ.

مەنبە:ئۆزۈم

0

تېما

0

دوست

74

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17404
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 20:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ يەنە ئويناڭ

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

5

دوست

3512

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8699
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 903
توردىكى ۋاقتى: 577
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 20:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !uyghurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 21:04  

مەن 7 يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم ئويناپ 10 كوي پۇلنى ئۇتتىرۋېتىپ ، شۇ 10 كويغا ئىچىم ئاغرىپ قەتتىي ئۇنداق يەرگە ئاياغ بېسىپ باقمىدىم . شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ 10 كويغا بىر جىڭ گۆش كىلەتتى .
بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ئۈزىنى بايۋەتچە چاغلاپ يۈرىيدىغان سودىگەرلەر ، شۇ ئۇيۇنچۇق قىمارنىڭ كاساپىتىدىن ، كەچلىك بازارلاردا سېرەقئاش سېتىپ يۈرۈيدۇ .

7

تېما

1

دوست

1636

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15829
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 21:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق يەرگە قەتئى ئاياغ باسماسلىق كىرەك،

0

تېما

0

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17054
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 21:29:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

2

دوست

2801

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 21:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ نەرسىنىڭ تەڭشەپ قويىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىكىنە؟ ئۇنى ياسىغان خەقمۇ كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەتقىق قىلىپ باشتا بىر نەچچە قۇر ئۇتتۇرۇپ بېرىدىغان كىيىن تازا قىزىتىپ ئوڭدا قويىدىغان ياسايدۇ، كاللا سەگەك بولسۇن قېرىنداشلار !

3

تېما

0

دوست

961

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17012
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 21:46:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق يەرگە قەتئى ئاياغ باسماسلىق كىرەك،

2

تېما

3

دوست

3321

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 962
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 22:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  ئەقىلسىز  قارقوساق  بەزى  قېرىنداشلىرمىز شۇلاردىن  ئالغان  ئازراق  شىرىنكاغا  ئەتراپىدىكى  ساددا  باللىنى  ‹ ئائىلىسى  پۇلدار › ئازدۇرۇپ  ئەكىرىپ  بېرىدىكەن  دەپ  ئاڭلىدىم .  مۇشۇنداق  خۇمسىلارمۇ  بىر  مەسىلە .؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )