- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3418
- نادىر
- 0
- يازما
- 189
ئۆسۈش
47.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirsay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 21:10
2012 - يىلى3- ئايدا ئاغىنەمنىڭ ئويىدە تاماق يىگەچ گۇڭۇر - مۇڭۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق،توساتتىن تىلىۋىزوردىكى پىراگىرامما دىققىتىمىزنى تارتتى، پىراگىرامما باي ناھىيەسىنىڭ ئوز خەۋىرى بۇلۇپ، بىر يېزا باشلىقى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي شالىنى چاچىرتىپ تۇرۇپ،چىرايىغا ھەيۋەت تۇس كىرگۇزۇپ، قوللىرىنى شىلتىپ خۇددى دېھقاننى تىللاۋاتقاندەك ھالەەتتە سوزلەۋاتاتتى، (بىز بۇ يىل قەز كاپراتىپ بىلەن دېھقانلارنى ماسلاشتۇرۇپ يېزىمىزدىكى ..... چە دېھقاننىڭ قەرز ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق ) قەرز ئېپپىرىش شۇنداق چوڭ شەرەپ ئىشما؟ نىمىشقا شۇنچە نۇرغۇن دېھقان قەرز ئالدىغان ھالغا چۇشۇپ قالدى؟ يۇقۇرىنى ئالداپ سان - ساناقنى يۇقۇرلىتىپ يوللاپ بېيىپكەتتى دىگەن ،قاقتى -سوقتى قىلىپ يىلىگىنى شوراۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى شۇغۇ ،، قەرز ئېلىش شەرەپمۇ ياكى قەرز ئالماسلىقمۇ؟ ئىقتىدارىڭ بولسا دېھقانلار ئۇچۇن خىىزمات قىلدىغان نوچى بولساڭ كۇمۇنىستىك پارتىيە نىڭ ،خەلىقنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاپ دېھقانلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىسەڭ بولمامتى؟ مانا بۇنى ھەقىقى شەرەپ دىمەسمىدۇق ،دېھقانلار بېشىغا ئېلىپ كوتەمەسمىدى،؟ ھۇ نۇمۇسسىزلار. شەرەپنىڭ نىمىلىگىى، نۇمۇسنىڭ نىمىلىگىى، مەسۇلىيەت - مەجبۇرىيەتنىڭ نىمىلىگىى ئەزەلدىن ئېڭىدا ، خاتىرسىدە بوپپاقمىغان ۋە مەڭگۇ بۇلۇشتىن مۇستەسنا بولغان پارازىت چىرىندى قۇرتلارچا ياشاش ،يېنىنى توملاش ،ياخشى يەپ - ئىچىش، يۇقۇرىغا پوداقچىلىق قىلىش، توۋەننى بېسىش، قول ئستىدىكىلىرنىڭ كىمنىڭ خوتۇنى چىرايلىق بولسا ئېرى بىلەن يېقىن ئوتۇش، دېھقانلارغا زۇلۇم سېلىش،، قانداق قىلىپ يۇقۇرىغا يامىشىش، يىللىق مۇكاپاتنى تۇلۇق ئېلىش، سۇر ھەيۋىسىنى كورسىتىش، بۇگۇن كىم مېھمان قىلا دەپ تاما قىلىش، كىمنى قانداق باپلاش، كىملەرگە سىياسى قالپاق كىيدۇرۇش، ھىلە -مىكىر بىلەن ياشاشنى ھايات مىزانى قىلغان مۇشۇنداق كادىرلارغا نىمدۇگۇلۇك؟ دېھقانلار نىمىشقا ئوغۇت، ئۇرۇق، خاشو، دېھقانچىلىق دورىلىرى، كوچەتلەر قاتارلىقلارنى شۇنداقلا ئەمىن ئوي قۇرۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تومۇر، سىمنۇت ، خىش قاتارلىقلارنى نىمىشقا ئوزى ئەركىن بازاردىن سېتىۋالالمايدۇ؟ دېھقانلەر شۇنچە دوتمۇ؟ مەجبۇر تاڭغان نەرسىنىڭ سۇپىتىدە مەسلە كورۇلسە نىمدەپ بۇنىڭغا ئىگە چىقمايدۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ شەرەپ تۇيغۇسىدا سوزلىگەنلىرىگە ھەيرانمەن، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دىگەن سوزگە مۇشۇلار دەل چۇشۇدۇ دەپ ئويلايمەن . ئارتۇق كەتسە كىتىدۇكى ھەرگىز كام قالمايدۇ، سوزلىسەم -سوزلىسەم تۇگمەيدۇ بايدىكى ناھەقچىلىكلار،،نۇرغۇن- نۇرغۇن نىمىشقىلار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەنبە خام ماتىريال ؛ باي ناھىيە |
|