قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1436|ئىنكاس: 10

ئاتاقلىق تىلشۇناس، تۆھپىكار مائارىپچى — خەمىت تۆمۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

51

تېما

1

دوست

1606

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15277
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 02:03:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا . ت. مۇراد
(شىنجاڭ «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى تەھرىراتى)
دەۋرىمىزنىڭ تۆھپىكار ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، پېشقەدەم مائارىپچى، شىجائەتلىك تەرجىمان خەمىت تۆمۈر ئەپەندى 1931-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىدىقۇت تېغى ئېتىكىدىكى قارىغۇجا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تامچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە ئۈرۈمچى، بارىكۆل قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1949-يىلى 10-ئايدىن 1950-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان ۋە كېيىن يەرلىككە ئالمىشىپ، 1950-يىلى 5-ئايدىن 1951-يىلى 5-ئايغىچە كۇچا ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1951-يىلى 5-ئايدا سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا بۇ مەكتەپنىڭ كادىرلىقىغا بەلگىلىنىپ، 1954-يىلى 11-ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا يولداش خەمىت تۆمۈر بىر تەرەپتىن مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 1953-يىلى شەرەپلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1954-يىلى 11-ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)غا يۆتكىلىپ بېرىپ تاكى 1992-يىلى 4-ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن.
ئاتاقلىق تىلشۇناس ھەم پېشقەدەم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدىكى 38 يىللىق ئالىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن تەشكىل تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئادا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم بۇ ئارقىلىق يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە تەتقىقات قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. خەمىت تۆمۈر ئەپەندى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا 1979-يىلغىچە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە كافېدرا مۇدىرى، 1979-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1984-يىلىدىن 1990-يىلى9-ئايغىچە ئىنىستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1992-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلدى ۋە تاكى 1997-يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى.
«مۇۋەپپەقىيەت ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!». كىچىكىدىنلا تىرىشچان ھەم ئەمەلىيەتچىل ئۆسكەن خەمىت تۆمۈر مەيلى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بولسۇن ياكى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن بولسۇن، تىرىشىپ ئۆگەندى، ئىزدەندى. بولۇپمۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى ۋە تىل ئىلمى بويىچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىرىنى تاماملىدى. ئۇ قانداق مەمۇرىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى ، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى بويىچە ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلىدى، چەت ئەللىك بىلىم ئاشۇرغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. بولۇپمۇ، ئىنىستىتۇتنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە قازاق تىل-ئەدەبىياتى كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە دەرس تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، بۇ كەسىپلەرنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى. ھازىر بۇ ئىككى كەسىپ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئاساسىي كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەپلا قالماستىن، بەلكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارنىمۇ يېتىشتۈرەلەيدىغان كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندى.
خەمىت تۆمۈر ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتۈش جەريانىدا شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت گرامماتىكا كىتابلىرىنىڭ تولىمۇ تولۇقسىزلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ تولۇق بايان قىلىنمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇ بۇ تەتقىقاتىغا نەزەرىيىۋى ئاساس ھازىرلاش ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاتاقلىق تىلشۇناسلارنىڭ گرامماتىكا نەزەرىيىسىگە ئائىت ئەسەرلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ھەر قايسى ئېقىمدىكى تىلشۇناسلارنىڭ نەزەرىيە ۋە تەتقىقات ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا بىر قەدەر تولۇق يورۇتۇشنى مەقسەت قىلغان تەتقىقاتىنى باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، كەسپداشلىرىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس ۋە پىكىرلىرىگە ئاساسەن قايتا-قايتا تولۇقلىدى ھەمدە « ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ كېلىش كاتېگورىيىسى توغرىسىدا» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنى «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى ئاڭلىغان ئاساستا، 1987-يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى (مورفولوگىيە)» ناملىق 528 بەتلىك مەخسۇس ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بويىچە بىر قاتار يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كىتاب دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. سابىق قازاق س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور سەيدىۋاقاسوف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىلشۇناس، ئالىملار خەمىت تۆمۈرگە خەت يېزىپ بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى. قازاقىستان دۆلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەمىت تۆمۈرنى ئالمۇتادا زىيارەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسىپداشلار بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە لېكسىيە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. خەمىت تۆمۈر ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە « 1997-يىلى نەشر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»نى تۈزۈشكە مۇئاۋىن باش تۈزگۈچى سۈپىتىدە قاتانشتى.
خەمىت تۆمۈر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ، بولۇپمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا تۇنجى بولۇپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلدى ۋە «چاغاتاي تىلى» (ئابدۇرەئوپ پولات بىلەن بىرلىكتە) ناملىق دەرسلىكنى نەشر قىلدۇردى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ۋە بۇ ساھەدە تۇنجى بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسەر دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خەمىت تۆمۈر يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن »، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ترانسكرېپسىيە ، تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ يەنە 1990-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى رەسىملىك تونۇشتۇرۇش» دېگەن كىتابنىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشتى ۋە كىتابنىڭ «چاغاتاي يېزىقى» قىسمىنى ئىشلەپ بەردى. ئۇنىڭ تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان «بىزنىڭ چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا بىرىنجى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان چاغاتاي تىلىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «بابۇرنامە» ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لى شياڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە «پارس تىلىدىن ئاساس» ناملىق ھەم دەرسلىك، ھەم لۇغەت رولىنى ئوينايدىغان كاتتا ئەسەرنى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى .
خەمىت تۆمۈرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ 50-، 60-يىللاردا كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى. ماۋدۈن، جياۋشۇلى، لۇ ۋېنخۇا قاتارلىق خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ «ئوغۇل يىغىنغا قاتناشتى»، «نورما»، «تار كوچىدا»، «تەرەپنىڭ ۋەكىلى» قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلىرىنى ۋە شاڭخەي كىنو سىتۇدىيىسىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «دۇڭ سۇنرۈي»، «سۇلۇق يېزىدا باھار»، «ئانا»، «يايلاقتىكى باتۇر قۇش»قاتارلىق بىر مۇنچە فىلىملەرنىڭ سېنارىيىلىرىنى تەرجىمە قىلدى. 1978-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇزىكا تەتقىقات ئورنى توپلاپ نەشر قىلغان «شىنجاڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرى»نىڭ تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى (خۇ جىڭخۇا بىلەن). 1979-يىلى تېيىپچان ئېلىيۇف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق شائىر ۋە تەرجىمانلار بىلەن بىرلىكتە «تيەنئەنمىن شېئىرلىرى» نىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىگە قاتناشتى. 1978-يىلى باجىننىڭ «ئائىلە» رومانىنى، 1983-يىلى دۇنياۋى مەشھۇر رومان «دېڭىز سەرگەردانى»، «روبىنزون كروزو» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.
تۆھپىكار ئوغلانلارنى خەلق ئۇلۇغلايدۇ، خەلق ئۇلۇغلىغانلاردىن تەشكىل سۆيۈنىدۇ. ئۇلار ھامان خەلقنىڭ، تەشكىلنىڭ ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ: خەمىت تۆمۈر 1979-يىلى دوتسېنتلىققا باھالىنىپ، 1986-يىلى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلدى؛ 1959-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولدى؛ 1977-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى؛ 1981-يىلدىن ھازىرغىچە ئۇدا تۆت قارار گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى پەنلەر بويىچە باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخىي ماتېرىياللار تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1980-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇدىرلىقىغا، جۇڭگو مىللەتلەر قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو مىللەتلەر تىللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، دۆلەت مىللىي ئىشلا ركومىتېتى ئىلىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مىللىي مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاندى ياكى تەكلىپ قىلىندى؛ 1983-يىلى جۇڭگو تىل ئىلمىي جەمئىيىتىگە قاتناشتى؛ 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورلۇقىغا، 1994-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىلللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىق نۇقتىسىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقىغا ؛ 1995-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ تەقدىرلەندى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ تۆھپىكار مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم مائاشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى.
بىز ئۆزىنى بىر ئۆمۈر مىللىتىمىز پەن-مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان تىل-يېزىق ۋە تەرجىمە ساھەسىگە بېغىشلاپ، زور نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە بۇ ساھەنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان بۇ تىرىشچان، كەمتەر، ئىلىمدا ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل ئۇستازلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت-سائادەت، كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق-ئامەت تىلەيمىز!
(«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى 2003-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)
( ئاتاقلىق تىلشۇناس ھەم پېشقەدەم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر كېسەل سەۋەبىدىن 2006- يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى!)


2

تېما

0

دوست

3778

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8810
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 779
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 12:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ تېنى سالامەت،ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق،ئائىلىسى بەختلىك بولغاي.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

2

دوست

1479

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 108
تۆھپە : 381
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 15:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمكى ئىلىم ئېلىش يولىدا ئىزدىنىدىكەن اللە ئۇ كىشنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئاسان قىلىدۇ.

9

تېما

6

دوست

8257

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2344
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 16:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدىمۇ . ئالىملار ئازئەمەسكەن

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4231
توردىكى ۋاقتى: 4332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 19:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1983-يىلى دۇنياۋى مەشھۇر رومان «دېڭىز سەرگەردانى»، «روبىنزون كروزو» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.
بۇ ئىككىسى بىر روماننىڭ ئىسمىغۇ؟

2

تېما

0

دوست

3778

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8810
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 779
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەت بوپتۇ-ھە؟ ئاخىرىنى كۆرمەيلا ئەشۇنداق ئىنكاس يېزىپ قويۇپتىمەن،كەچۈرۈڭلار.

0

تېما

1

دوست

357

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16991
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 16:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئارىمىزدىن كوپلىگەن ئەل ئىشقىدا كۇيىدىغان ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ بەرگەي .ئامىن

0

تېما

1

دوست

2259

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 23:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە تۈزگەن كىتابى مېنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىمدىكى نۇرغۇن قيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )