بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-10 17:54
كەپتۇدەك،دەپتۇدەك
مۇھەممەدجان راشىدىن
كەپتۇدەك
بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
نەلەرگىدۇ «ئىلغار»دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
«پىچىر-پىچىر»گەپ تولا:كۈتىۋالسام كىم ياخشى،
ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.
مۇپەتتىشكەن ئاتىقى،مېھمانخانا ياتىقى،
قانمۇغىچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى.
ئىچىۋالسا ئازئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،
ئۇنىمىسا،ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.
كىمدە بولسا ئەمەل-تاج،شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،
ئوينايدىغان مەشرىپى،چالىدىغان دېپى بىر.
تارتىدىغان ئوغلىقى،مىنىدىغان ئېتى بىر،
شۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ،ئوينىغىلى كەپتۇدەك.
بىزنىڭ باشلىق چېچەندۇر،باشلىۋەتتى سەيلىنى،
قوشۇپ بېرىپ قىز-چوكان،تارتىۋالدى مەيلىنى.
ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى،
ماراپ يۇرۇپ قىز-چوكان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.
شەنبە كۇنى يېشىل باغ ئۇلار ئۇچۇن خىزمەتتە،
قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە.
قاتارلىشىپ پىكاپتا تاغقا ماڭدى رەت-رەتتە،
ئەسلى ئۇلار بۆرە بوپ قوي يىگىلى كەپتۇدەك.
ساھىپخاننى قىستاركەن،قىشتا قېمىز تاپقىن دەپ،
بايتاللىرىڭ بولمىسا،ئاتلىرىڭنى ساغقىن دەپ.
بۇيرۇق قىلار:ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن،دەپ،
بىزنى سېلىق-ئالۋانغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.
ياساپ قويغان ئۆيلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس،
قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۇپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس.
ئەگىز سۇدا كۇندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس،
ئۇزگىنىمۇ ئۇزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.
ئىشتىھاسى ئۇلارنىڭ بۆرىدىنمۇ قالمايمىش،
ئاش ئاغزىغا بارغۇچە كالپۇكلىرى يالمايمىش.
قوي سويمىغان سورونغا سۆرىسىمۇ بارمايمىش
ئۇلار شۇنداق بىر مەھەل يايرىغىلى كەپتۇدەك.
كەپكۇردىنمۇ ئۇلارنىڭ قالمايدىكەن ئالقىنى،
ئەسلىتەركەن چىشلىرى بىلەپ قويغان پالتىنى.
ئېلىپ كەپتۇ يانچۇق دەپ بەش-ئالتىدىن خالتىنى،
بىزنى ئەمەس،ئۇزىنى ئويلىغىلى كەپتۇدەك.
تىلى بارۇ،سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،
ئۇزى بارۇ،كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك.
لازىملىقنى ئۇزىگە ئەمما پۇراپ تاپقۇدەك،
بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.
قۇلاقلىرى بار ،ئەمما ئەرىز-ئىنكاس تىڭشىماس،
ئون كەلسىمۇ يوقسۇلنىڭ ھال-كۇنىنى ئوڭشىماس.
تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،
خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.
ياخشىلارنى ماختىماس،يامان بىلەن كارى يوق،
دۇتتار ئىكەن گويا بىر،قۇلىقى يوق،تارى يوق.
تۇگىتىدۇتەكشۇرۇپ،تەدبىرى يوق،چارە يوق،
بىزنى كالۋا-دۆت كۆرۇپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.
كۆپكۆرگەنمىز بۇ يەڭلىغ تەكشۇرگۇچى ئۆمەكنى،
تەڭلەپ قويۇپ قايتىشتا،ئاغزىمىزغا جۇمەكنى.
بۆلەپ قويۇپ بۆشۇككە،سېلىپ قويۇپ شۇمەكنى،
چىداملىقنى بىز كەببى خللىغىلى كەپتۇدەك.
قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىىقىغا نېمە دەر،
بۇ يەردىغۇ كۇندە گۆش ئۆيلىرىدە نىمە يەر؟
مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى قىلىپ قويدى .ئالتە سەر،
شەرەپ-شاننى دەيۇزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.
دەپتۇدەك
مېنى بىرى: ياشاشنى بىلمەيدىكەن دەپتۇدەك
ئويۇن كۈلكە بار يەردە يۈرمەيدىكەن دەپتۇدەك.
ئاياللارغا ئۆچمىكىن يا ئايالمىكىن ئۆزى،
بىزدەكلەرگە قاقاقلاپ كۈلمەيدىكەن دەپتۇدەك.
زېرىكمەپتۇ شۇنچە يىل ئەسكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ،
ھۆكۈمەتتىن ئايمۇ -ئاي ئېلىۋاتقان پۇل تۇرۇپ.
ئاالالماپتۇ ئۆيىگە تۆت گېلەممۇ تولدۇرۇپ،
خىيالىغا بۇ ئىشلار كىرمەيدىكەن دەپتۇدەك.
نىمىكىنتاڭ خىيالى ئۆزى تۈزۈك زىيالى،
قامىتىمۇ كېلىشكەن ئۈنۋانىمۇ ئەڭ ئالى.
ئاشنىسىمۇ يوق دەپتۇ[بۇ ئىشلادىن كىم خالى]
ھوزۇرىنى دۇنيانىڭ سۈرمەيدىكەن دەپتۇدەك.
يانفۇنى يوق يېنىدا گالاستۇك يوق بوينىدا،
ئىشلەيدىكەن دىخاندەك كەتمەن تۇتۇپ ھويلىدا،
خوتۇنىمۇ چاغلىقكەن بىللە ياتقان قوينىدا.
سايە قىلسا باشقىنى كۆنمەيدىكەن دەپتۇدەك.
تەدقىقكات دەپ ئىجات دەپ ئۆتۈپ بوپتۇ ياشلىقى،
ياكى يېڭى بولماپتۇ ئۆتىكىنىڭ باشلىقى،
ھە ئىلاھىم دىقاندەك قاردا قالغان ئاشلىقى،
شۇ تۇرمۇشتىن ياكى قول ئۈزمەيدىكەن دەپتۇدەك.
كىرىپ بارساق باشلىدى ساراي تۇرۇپ دالانغا،
خاپا بولساق كارى يوق چۈشۈپ كەتتى پاراڭغا،
ساراڭ دىسەك گەپلىرى ئوخشىمايدۇ ساراڭغا،
زېرىكمەستىن كەشكىچە سۆزلەيدىكەن دەپتۇدەك.
ئېچىۋالسا كىتاپنى ياپمايدىكەن كۈن بويى،
ئېلىۋالسا قەلەمنى ياتمايدىكەن تۈن بويى،
مۇشاقەتتىن باشقىنى بىلمەيدىكەن يىل بويى،
شۇنداق ياشاپ ھېلىمۇ ئۆلمەيدىكەن دەپتۇدەك.
يۆتكەپ باقدۇق پاراڭنى،ئىشرەتلەرگە،ئويۇنغا،
سۆرەپ باقتۇق قانچە رەت ،ئالا يېشىل سورۇنغا.
تارتىپ باقتۇق ھەتتاكى سېلىپ قويغان ئورۇنغا،
سۆيۈنگەننى ۋاي ئېسىت ،سۆيمەيدىكەن دەپ تۇدەك.
چەكمەيدىكەن تاماكا ،ئىچمەيدىكەن ھاراقمۇ،
بىلەلمىدۇق ئەزەلدىن ئۆزى شۇنداق قالاقمۇ،
يۈرمەيدىكەن ھەر كۈنى چاچلىرىنى تاراپمۇ،
تاراڭ !دىسە جۇدۇنى ئۆرلەيدىكەن دەپتۇدەك.
قاچان قارسا قاپ-قارا ئۆسۈپ كەتكەن ساقىلى،
كېلەڭسىزدىن -كېلەڭسىز كىيىۋالغان چاپىنى.
بولغان بىلەن پايپىقى ئېچىلىپقاپتۇ تاپىنى،
تۈزۈككىنا ئۈستى-باش كىيمەيدىكەن دەپتۇدەك...
ئالىم دىگەن ياسىنىپ توزدەك قىلىپ يۈرمەمدۇ،
بۇ بەش كۈنلۈك ئالەمدە كۆڭۈل ئېچىپ يۈرمەمدۇ.
ئەتراپىدا تۈمەن گۈل،پۇراپ بېقىپ كۆرمەمدۇ،
قۇرغۇي دىسەڭ ئىندەككە كەلمەيدىكەن دەپتۇدەك.
تاللىماسكەن تاماقنى ،چىقمايدىكەن بازارغا،
ئالىدىكەن چىقسىمۇ قەغەز -قەلەم يازارغا.
بولىۋاپتۇ تاۋاپگاھ ئايلىنارمىش مازارغا،
ئۆزگە ئىشقا مەيلىنى بەرمەيدىكەن دەپتۇدەك.
بىلمەيدىكەن ياشاشنى ،ئەخمەق ئىكەن ئۆزىمۇ،
دادىسىغا ئوخشاشكەن بىر ئوغۇلنىڭ سۆزىمۇ.
قاش-كۆزنى ياساشنى بىلمەيدىكەن قىزىمۇ،
ئەينەك تاقاپ ،موتومۇ مىنمەيدىكەن دەپتۇدەك.
بىزدە بولسا ۋاي ئېسىت شۇنداق ئىمكان ئىمتىياز،
كۈندە ئويناپ يەپ-ئىچىپ قىلمايتۇقمۇ قىشنى ياز.
ئەجەپ ئادەم ئىكەن ئۇ ،راھەتتە يوق پەيزى ئاز،
ئەتىمالىم ،ئايالى كۈنلەيدىكەن دەپتۇدەك. http://www.gumadiyari.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3499
|