ئالىمجان توختاخۇنوۋAlimzhan Tokhtakhounov) 1949-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆزبىكىستاننىڭ تاشكەنت شەھەرىدە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
ئالىمجان توختاخۇنۇۋ ئىتالىيە قارا قول پارتىيسىنىڭ رەھبىرى دىلونا،مىكىسىكىلىق زەھەر ئەتكەسچىسى سۇكاتىر ھەم بازا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەھبىرى زاۋاھىرى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ،فوربىس ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئون چوڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر تىزىملىكى ئارىسىدا ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى ياۋرو-ئاسيا جىنايەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق كاتتىبىشى دەپ قارايدۇ.ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش،پۇل يۇيۇش،قورال،ماشىنا سەنئەت بۇيۇمى ئەتكەس قىلىش ،دۆلەت ئاتلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار بىلەن چېتىشلىق.ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى ئۇنىڭ گۇرۇھىنى «قاراگۇرۇھلارنىڭ قارا گۇرۇھى»دەپ ئاتىغان.ئۇنىڭ تەسىرى ھەم ھەرىكەت دائرىسى ئامېرىكا،شەرقىي ياۋورپا ،ئوتتۇرا شەرقى،جەنۇبىي ئامېرىكىلارنى قاپلىغان.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 2011 –يىلى 7-ئايدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئالىمجان توختاخۇنۇنىڭ كۆزى كىچىك، خەنزۇلارغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن، «كىچىك تەيۋەن»دەپ لەقەم قويۇلغان.
ئۇ كىچىك ۋاقتىدا توپ تەپكەن،ھەم تېخنىكىسىمۇ خېلى ياخشى بولغان،لېكى بىرقېتىم يارىلىنىش سەۋەبىدىن توپ مەيدانىدىن ئايرىلغان ،يارىسى ساقايغاندىن كېيىن ئۇ تەڭتۇش ياشلارنى يىغىپ قىمار ئويناشقا باشلىغان ھەمدە بىرقانچە يىلدىلا نۇرغۇن پۇل تاپقان. كېينچە ئۇ تاشكەنتە تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالى يوق دەپ قاراپ،موسكىۋاغا كەلگەن ھەمدە داۋاملىق قىمار بىلەن شۇغۇللانغان، بىر پۇتبۇل كۇلۇبى ئاچقان، روسىيەدە ئۇ زەھەر قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلار جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرۈپ ئون يىلدا 3000كىشلىك بىر قارا قول پارتىيسىنىڭ كاتتا بېشىغا ئايلانغان . 1972-يىلى ھەم 1980-يىلى ئىكى قېتىم قولغا ئېلىنغان، روسىيەگە سېسىق نامى پۇر كەتكەن. كېيىن ئۇ گىرمانىيەگە قېچىپ كەتكەن. ئالىمجان گىرمانىيەدە ئانچە ياخشى كۈن ئالالمىغان،ئەتراپىدىكى بۇرادەرلىرى بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1993-يىل ئۇ فېرانسىيەگە قىچىپ بارغان،ئۇ يەردە ئۇ ياخشى تەرەققىي قىلغان،1994-يىلى 70مىليون فرانكنى يۇيۇشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن فېرانسىيە ساقچى تەرەپنى چۆچۈتۈۋەتكەن،كېينچە ئىسپات تولۇق ئەمەس دەپ قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تەنتەربىيە ھەم كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە قاتراپ ،چولپانلار ھەم مودىللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەن،ھەتتا كېنودا رول ئالغان.2000-يىلى ئۇ ئىتالىيەگە كۆچۈپ كەلگەن،لېكىن ئۇ ئىتالىيەدە ئىزچىل تۆۋەن مۇقامدىكى تۇرمۇش كەچۈرگەن.
ھېچكىممۇ ئۇنىڭ پۇللىرىنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ،لېكىن ئىتالىيە ساقچى تەرەپنىڭ گۇمانلىنشىچە ئۇ ئىتالىيەدىكى چوڭ پۇل يۇيۇش گۇرۇھلىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. ئۇ بەزى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە پەردە كەينىدە كونتروللۇق قىلغان،مەسلەن تېنىس توپ،گۈزەللەرنى تاللاش دېگەندەك.ئۇنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋەتكەن بىر ئىش بولسا 2002-يىل ئامېرىكىنىڭ تۇز كۆل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولمىپىك مۇسابقىسىدە ئۇ فېرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ياخشىچاق بولۇش ،مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن پارا بېرىش ھەم تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئىككى مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىدە فېرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرگەن.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى مۇشۇ سەۋەبلىك ئەيىپلىگەن،ئۇ ئىتالىيەدە قولغا ئېلىنغان لېكىن قويۇپ بېرىلگەن
ئالىمجان فېرانسىيەگە باشقا بىرقانچە توپ تۈر دۆلەت كوماندىسىنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چىمپىيون بولۇشىغا ياردەم بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لېكىن رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان.
|