- تىزىملاتقان
- 2010-10-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17783
- نادىر
- 0
- يازما
- 502
ئۆسۈش
100%
|
نۆۋەتتە يانفۇن ئىقتىدارىنىڭ بارغانسېرى يۇقۇرلىشى، تۈرىنىڭ كۆپخىل بولۇشى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق، سىرىتقى شەكلىنىڭ سەرخىل بولۇشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ يېقىن ھەمرايىغا ئايلاندى. ئەمما، بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپمۇ بىر قىسىم ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ يانفۇن ئىقتىدارىدىن توغرا پايدىلانماسلىقى سەۋەبىدىن يانفۇندىن ئايرىلالماسلىقتەك پاسسىپ روھى ھالەتكە پېتىپ قېلىشى، ھەرخىل پىسخىكىلىق ۋە فىزولوگىيلىك كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. نۆۋەتتە بىز توختالماقچى بولغان « يانفۇن خۇمارى » دەل شۇ پىسخىك كىسەللىكلەرنىڭ بىرىدۇر. يانفۇن خۇمارى شەخىسنىڭ يانفۇن ئىشلىتىش ئىشلىتىش ھەركىتى كونتۇروللۇقىنى يۇقىتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان فىزولوگىيلىك،پىسخىك ساغلاملىقى ۋە ئىجدىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغاندىن كېيىنكى مەستانىلىك ھالىتىدۇر. يېقىندا ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان « كىسەللىكلەر ئىلمىي ژورنىلىدا » ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە « كىشىلەرنىڭ يانفۇن ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشىمۇ بىرخىل روھىي كىسەللىك » دېيىلگەن. يېقىندا مۇنداق بىر سۆھبەتتە بولدۇم. ئالىم مەلۇم تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئاپىسىنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، كەيپىياتى ناچارلاشسا ئالىمنى ئاچچىقىنى چىقىرىشنىڭ ئوبىكتى قىلغان. ھەر قېتىم تۇرمۇشتىن بىزار بولغان، نىكاھتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرى ئېسىگە كېلىپ قالغاندا ئالىمنى « سەن داداڭغا ئوخشاش ئادەم بولدۇڭ » دەپ ھاقارەتلىگەن. ئۇ باشلانغۇچنىڭ 6 –يىللىقىغا چىققاندا، ئاپىسى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن بىر دانە تېلفۇن ئېلىپ بەرگەن. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا نەتىجىسى ئەزەلدىنلا ياخشى بولمىغان ئالىم دەرىسكە تېخىمۇ قىزىقماس بولۇپ قالغان. ئەكىسچە تېلفۇن ھەققى كۈندىن-كۈنگە يۇقۇرلاپ 300-400 يۈەن پۇلمۇ بىر ئايغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالغان. ئالىمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى « ئۆزى سىنىپتا بولسىمۇ زېھنى دەرىستە ئەمەس، كۈن بويى يانفۇن ئويناپ ئولتۇرىدۇ » دەپ ئىنكاس قىلغان. ئاپىسىنىڭ بايقىشىچىمۇ، ئالىم دەرىسكە قىزىقمىغىنى بىلەن يانفۇنغا ئائىت ئۇچۇرلارغا بەك دىققەت قىلىدىكەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئالىم يانفۇن ئارقىلىق QQ غا چىقىپ، نۇرغۇن تورداشلار بىلەن تۇنۇشقان، ھەتتا بىر شەھەردىكى تورداشلىرى بىلەن تاماق يېيىشكەن، KTV لارغا بېرىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ساۋاغداشلىرىغا ئۆزىنىڭ 500 دىن ئارتۇق توردىشىنىڭ بارلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان. ساۋاغداشلىرى بىرەر مەسىلىگە يولۇقۇپ ئۇنى ھەل قىلالمىغاندا، دەرھال توردىكى دوستلىرىدىن ياردەم سوراپ، ساۋاغداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەملەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىنىپتىمۇ خېلى «ئابىروي» غا ئىگە بولۇپ، ساۋاغداشلىرى ئۇنى « يانفۇن مۇتەخەسىسى » دەپ ئاتىغان. ئاپىسى ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلسىمۇ، ئۇ پەرۋا قىلمىغان. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئائىلىدىن ھېچقانداق ئىللىقلىق ھېس قىلالمىغان ئالىم تۇلۇقسىز 2- يىللىققا چىققاندا بىر قىز توردىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. ھەمدە ئۇ قىز بالا بىلەن ئالاقىلىشىش قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاپىسىنى ئالداپ پۇل ئېلىپ ئۇ قىزغا بىر يانفۇن ئېلىپ بەرگەن. دېمەك، ئاتا-ئانىسىدىن مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەن ئالىم باشقىلار بىلەن يانفۇن ئارقىلىق دوستلىشىپ، مۇھەببەتلىشىپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. يالې ئونۋېرىستېتى پىسخىلوگى ئالدىفېر ئوتتۇرغا قويغان ئادەمنىڭ ئۈچ خىل ئېھتىياجى نەزىرىيەسى ئىچىدە پىكىرلىشىش ئېھتىياجى ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش ۋە ئالاقە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئادەمنىڭ ئاساسلىق پىسخىك ئېھتىياجىنىڭ بىرى. ئىلگىرىكى زامانلاردا خەت ئالاقىسى ۋە گەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئالاقە ۋاستىسى بولغان بولسا، يانفۇن ئۆزىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاقە ۋاستىسىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا، يۇقۇرقى نەزىرىيە بويىچە ئېيىتقاندا بۇ خىل ھالەت نورمال پىسخىكىلىق ئېھتىياج دەپ قارالسىمۇ، يەنە نىمە ئۈچۈن يانفۇنغا خۇمار بولۇش كېلىپ چىقىدۇ؟ تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقۇرىدا بىز مىسالغا ئالغان ئالىمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش ئەھۋالدىكى كىشىلەر، ئىجدىمائىي ئىقتىدارى ئاجىزلار، شۇنداقلا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى تۈۋەن، ئۆزىنى تۈۋەن كۆرىدىغانلار ئاسانلا يانفۇنغا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنداقتا « يانفۇن خۇمارى » نىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟1. تېلفۇننى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغاندا، بىئارام بولۇپ، ئىچى تىتىلداش.2. شارائىتنى پەقەتلا نەزەرگە ئالماي، ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا ئەتىراپتىكىلەرنىڭ ھېسىياتىنى ئويلاشمايلا تېلفۇن ئېلىش.3. داۋاملىق تېلفۇنغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاڭلىماي قالغان تېلفۇنى ياكى كۆرمەي قالغان قىسقا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش.4. ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى تېلفۇنغا سەرىپ قىلىپ، نورمال خىزمەت، ئۆگۈنۈشكە تەسىر يەتكۈزۈش.5. تېلاۇن ھەققى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىش ھەتتا كۆتۈرەلمىگۈدەك ھالەتكە بېرىپ قېلىش.6. باشقىلاردىن تېلفۇن كەلمىسە، تېلفۇننىڭ ئېتىك ياكى ئۇچۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش.7. تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشنى تېلفۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش.8. شارائىتنىڭ تېلفۇن ئېلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا چىداپ تۇرۇپ تېلفۇننى ئېلىش.9. تازلىق ئۆيىگە كىرگەندە، مۇنچىغا چۈشكەندە تېلفننى بىللە ئېلىپ كىرىش.10. ناتۇنۇش تېلفۇننى ئاڭلىماي قالغاندا، چوقۇم تېلفۇن قايتۇرۇپ كىملىكىنى بىلىۋېلىش.11. يېڭىدىن دوستلار بىلەن تۇنۇشقاندا، ئالدى بىلەن تېلفۇن نۇمۇرىنى سوراپ قالدۇرۇش.12. تېلفۇندا ھەل قىلغۇدەكلا ئىش بولسا، ۋاقىت كەتسىمۇ تېلفۇندا ھەل قىلىش. ئادەتتە، سىزدە يۇقۇرقى ئەھۋاللادىن ئالتىدىن يۇقۇرسى بولسا، تېلفۇن خۇمارى بولۇپ قېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىدۇ. ھەرقانداق بىر سىمسىز دولقۇن كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل يانفۇن ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ يۈرەك قان تۇمۇر سېستىمىسى، نېرۋا سېستىمىسى، كۆرۈش سېستىمىسى ۋە كۆپۈيۈش سېستىمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن، يانفۇن رادىيەكسىيسى تەجىرىبە قىلغان ھايۋاننىڭ يىلىك قىزىل قان ھۈجەيرە سېستىمىسىدا تورمۇزلاش پەيدا قىلىپ، يىلىك ھۈجەيرىسىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغان. يانفۇن مىكىرو رادىيەكسىيسى چاشقاننىڭ تېرە ۋە باش سۆڭىكىدىن تىشىپ ئۆتۈپ ، نېرۋا ھۈجەيرىسىگە تەسىر قىلىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزگەن. ئۇزۇن مۇددەت يانفۇن ئىشلىتىش، كۆزنىڭ چارچىشى، قۇرۇشى، غۇۋالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يانفۇن ئىشلەتكەن يىل سانىنىڭ ئىسپىرمىنىڭ ھەركەت ئىقتىدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، مەنپىي مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى بايقالغان. دېمەك، يۇقۇرىدا بىز دەپ ئۆتكەن يانفۇن خۇمارىنى شەكىللەندۈرىدىغان پىسخىك ھالەتلەر ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان كىسەللىكلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەيلى چوڭلا بولسۇن ياكى كىچىكلەر بولسۇن، يانفۇننىڭ پايدا-زىيىنىنى توغرا تۇنۇپ يېتىشى ھەم يانفۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. ئەگەر يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سەل قارىماستىن ۋاقتىدا پىسخىكىلىق مەسلىھەت ياكى پىسخىكىلىق داۋالاشنى قۇبۇل قىلىشى لازىم.
مەنبە: ئالمىزار مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
|
|