قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3629|ئىنكاس: 57

بۇ ئايالغا جەرىمانە قويۇش كېرەكمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

for ark

11

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1098
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4210
تۆھپە : 3018
توردىكى ۋاقتى: 729
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         توردىشىمىز قارا ھىجراننىڭ "ئەخلەت "يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم دېگەن تېمىسىنى كۆرۈپ تۆۋەندىكى يازمىنى يوللىغۇم كەلدى.

      يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى بويىچە ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكنى ساتقانلارغا 2مىڭ يۇەندىن يۇقىرى،20مىڭ يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ،ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىك سېتىش ئادەمنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تاقىشىدىغان بولغاچقا ئاگاھلاندۇرۇش ياكى يىنىڭ جازا بېرىش قوللىنىلمايدۇ،جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىك سېتىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.
يېقىندا قانۇن ئىجىرا قىلىش جەريانىدا ،بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ تاللا بازىرىنى تەكشۈرۈپ نۇرغۇن ۋاقتى ئۆتكەن بالىلار يېمەكلىكى بايقىدۇق،ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرسەك ،بەزى بالىلار پىرەنىكىنىڭ ۋاقتى 2يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىك خېلى كۆپ.قانۇنى تەرتىپ بويىچە ۋاقتى ئۆتكەن ماللارنى تۇتۇپ قېلىپ ،ساتقۇچى ئايالنى ئىشخانىغا چاقىرىپ كەلدۇق،ساتقۇچى ئۇيغۇر ئايال بولغاچقا،بارلىق تەرتىپنى مەن بىجەردىم،سوئال -سوراق ئېلىشتا ماللارنى نەدىن كىرگۈزگەنلىكىنى،قانچىلىك ساتقانلىقىنى ،كىملەرگە ساتقانلىقىدىن تارتىپ ھەممىنى خاتىرلىدىم،ئاخىرىدا يىمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى ئوقۇپ بەردىم،ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، دېيىشىچە ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن،ھەتتا ئۆزى ۋە باللىرىمۇ ئېستىمال قىپتۇ.سېتىش جەريانىدا قايسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ،قايسىنىڭ ئۆتمىگەن دىققەتمۇ قىلماپتۇ،مال كىرگۈزگەن ئورۇنمۇ ۋاقتى ئۆتكەن ماللارنى تەمىنلەپتۇ(بۇ ئورۇنمۇ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ)،بۇ ئايال دىققەت قىلماي مال كىرگۈزۈپ ساتقان گەپكەن.
3كۈن ئۆتۈپ بۇ ئايالنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىك سېتىش قىلمىشىغا قارىتا  مەمۇرى جازا ئۇقتۇرۇشنامىسىنى  يەتكۈزدۇق،قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە 5000يۇەن جەرىمانە قويۇلدى،ئوقتۇرۇشنى قولىغا يەتكۈزگىنىمدە شۇنداق يىغلاپ كەتتى،ئۆزىنىڭ يولدىشى يوقلۇقىنى ،تۆت بالىسى   بىلەن مۇشۇ كىچىك تاللا بازىرىنى  ئېچىپ  تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى يىنىك بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆتۈندى،ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىك ساتقۇچى بولسىمۇ ،لېكىن ئاپامدەك بىر ئايالنىڭ كۆز ئالدىمدا يىغلىشى ،تۆت بالا كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ئۇقتۇرۇشنامىنى بەرمەي ئېلىپ كەتتىم ، مەمۇرى جازاقارارى قانۇن بويىچە چىقىرىلىپ بولدى،بىكار قىلغىلى بولمايدۇ،ئىجىرا قىلاي دېسە ھېلقى ئايالنىڭ يىغىسى،تۆت بالا.ئاخىرى باشلىقىمغا دەپ جەرىمانىنىڭ سوممىسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشەردىم،تەڭشەيدىغان يېرىنى تەڭشەپ قايتا ئېلىپ بارغىنىمدا 2000يۇەن جەرىمانە تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ،تۆت بالىنىڭ تۇرمۇشى دەپ يىغلاپلا كەتتى،ئامال يوق ئۇقتۇرۇشنامىگە قول قويغۇزۇپ بىر نۇسخا بېرىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن ھېسابات نۇمۇرىغا پۇلنى كىرگۈزۈپ تاپشۇرۇشنى،بولمىسا ئېشىپ كەتكەن ھەر بىر كۈنگە جەرىمانە سوممىسىنىڭ 3پىرسەنلىك ئېشىشى بويىچە قوشۇلۇپ ماڭىدىغانلىقىنى ،بۇندىن كېيىن تىجارەت قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.ئەتە سۈرۈك توشىدۇ،تېخىچە تاپشۇرمىدى،لېكىن ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىدى،تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق باركەن،لېكىن قانۇن دېگەن قانۇن،تەرتىپ بېجىرىلىپ بولدى،ھەم مېنڭ بىكار قىلىۋىتىش ھوقۇقۇممۇ يوق،قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى بولۇپ مۇشۇ دېلودىكىدەك تەڭقىسلىقتا قالغان ۋاقىتلىرىم بەك كۆپ بولدى،لېكىن بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىدى ،پۇقرالارغىمۇ ئوڭاي ئەمەس، بىرنى ئىككى قىلىمەن دەپ جاپا تارتىدۇ.
بىكار قىلدۇراي دېسەم يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە چاقچاق قىلغىلى بولمايدۇ،ئەگەر بىرەرسى شۇ ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكنى يەپ زەھەرلەنسە ياكى ھاياتى بىخەتەرلىكى خەۋىپكە ئۇچىرىسا شۇ رايونغا مەسئۇل كادىر ۋە ساتقۇچى تۈرمىگە كىرىدۇ،ئىدارە مەسئۇلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ،يىمەكلىككە مەسئۇل ھاكىمنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ.
بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇن بويىچە ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلۈمدە شۇ ئايالنىڭ يىغىسى ، زادى قانداق قىلىش كېرەك.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

0

تېما

0

دوست

7217

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   44.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1054
توردىكى ۋاقتى: 898
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن دېگەن قانۇن، ھېسىياتنى دەپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلساق ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىمىز، يېمەكلىككە چاخچاق قىلسا بولمايدۇ، دىن ھەم قانۇنغا تاقىشىدىغان ئىش.
5000 يۈەنلىك جازانى ساقلاپ قېلىشىڭىز، قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 5 قېتىمغا پارچىلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتارسىڭىز بوپتىكەن.
بىرىنى دەپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلى قىلساق، يەنە نەچچىسى چىقىدۇ. ئۇ چاغدا ئاۋارىچىلىق كۆپىيىپ كېتىدۇ.

باھا سۆز

dinar  مال يەتكۇگۇچى ئۇرۇننى مال ئىشلەپ چىقارغان ئۇرۇننى قاتىق جازالاش كېرەك ، بۇلار نۇرغۇن كىشىلەرگە مال يە...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
aktuqi  http://v.youku.com/v_show/id_XNTQyNDUxNzA0.html  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
polat315  دېگىنىڭىز بەرھەق،باغرىم سەل يومشاق بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن.بەزىدە خىزمىتىم ئۆزەمگە ماس كەلمەيدىغاندەك ھ....  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

159

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلۋەتتە  قانۇن  بويۇنچە  ئىش كۆرۈش كېرەك.
پەرۋاز

3

تېما

0

دوست

2189

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا قانۇننى ئىجرا قىلىپ كەتمەيدۇ، ھەممىمىز بىلىمىز. مەن بولسام قۇيىۋەتكىدەك بولسا قۇيىۋىتەتتىم. ھەممە قانۇن جايىدا ئىجرا بۇلىدىغان ۋاقىتتا مەنمۇ ئىجرا قىلاتتىم.

باھا سۆز

biltarim  قوللايمەن ، ئورونلوق پىكىر بىرىپسىز.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ناھايىتى ئاچچىغىم كەلدى، ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار، بۇ ئايال ۋاختى ئۈتكەن يىمەكلىكلارنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ساتمىغان، بىراق شۇنداقتىمۇ سەۋەنلىكى بار. شۇڭا 2000يۇەن مۇۋاپىق بوپتۇ.بۇ ئايالغا مۇنداق تەكلىۋىم بار. ھەدە سىز 2000يۇەننى تاپشۇرماي تۇرۇپ دەرھال 30 يۇەن زىيان تارتىپ ئەرىز نامىدىن بىرنى يازغۇزۇپ مال يەتكۈزگەن ئورۇننىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ھۈكۈمنامە چىقىپ بولغۇچە مەزكۇر ئىدارە سىزنى ئالدىرىتالمايدۇ.قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىڭىز قوغدىلىدۇ.ئەمدى ئۈزۈمنىڭ شەخسى كۈز قارىشىمنى دەپ باقاي ؛ تىما ئىگىسى ،قارىسام سىز خىلى سەمىمى ئادەم ئىكەنسىز ،ئاللاھ سىزدىن رازى بولغاي، سىزدىن سوراپ باقاي مال يەتكۈزگەن  ئۇرۇننى قانداق جازالايسىز؟. قانچە پۇل جەرىمانە قويماچقچى؟ ئەگەر سىز مال يەتكۈزگەن ئورۇننى قانۇن بۇيىنچە جازاغا تارتالىسىڭىز بۇ ئايالنىڭ 2000 يۇەن جەرىمانە پۇلىسىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن. ئەگەر مال يەتكۈزگەن  ئۇرۇننى جازاغا تارتالماي ،بۇ بىچارە ئايالغا ئىسىلىۋالسىڭىز سىزنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن. گىپىم قوپال كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ، مەن مۇشۇنداق ئوچوق گەپ قىلىشنى ياخشى كۈرىمەن. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

باھا سۆز

umidyar  ماۋۇ ئوغۇل بالىدەك گەپ بوپتۇ! بىزدە ئەزەلدىن قېتىق ئىچكەن قۇتۇلۇپ، قاچا يالىغان تۇتۇلىدۇ....  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:39
polat315  مال يەتكۈزگەن ئورۇنمۇ ئاددى بىر تىجارەتچى ،ئۇمۇ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
biltarim  تىما ئىگىسى؛ مال يەتكۈزگەن ئورۇننىڭ ئىنىق ئىسمىنى ،قانداق چارە كۈرمەكچى شۇنى دەپ بەرسىڭىز بولاتتى،  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
biltarim  بارىكاللا،سىز ھەقىقى ئوغول بالا ئىكەنسىز. سۈزلىرىڭىز ئورۇنلۇق، كەسكىن غايىلىك ئادەم ئىكەنسىز،قوللاي...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

3

دوست

4654

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن بىرسىگە ئىچ ئاغرىتقانبىلەن .شۇ بىرئادەم ساتقان يىمەكلىكنى قانچە ئادەم يەيدۇ .؟
چوقۇم تەرتىپ بويچە ئىجىرا قىلىشكىرەك.
شۇئايالنىڭ تاتلىق باللىرى بالا ، باشقىلانىڭ قانداق بالا؟ بۇنىمۇ ئويلىشىش كىرەك .ئۇنداق نامراتلىق ھازىرچە .بىزگە قەتسەن كۆچىۋاتقان بىرمەسىلە .بىز ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگىچە ئاماليوق . چىداپ ھەممىنى ئورتاق جازا-مۇكاپاتلار ئارقىلىق قوغدىشىمىز كىرەك
بىرنى دەپ مىڭ نىڭ بېشىغا چىقىدىغان ئىشبولمىسۇن.

باھا سۆز

polat315  مال يەتكۈزگەن ئورۇنمۇ ئاددى بىر تىجارەتچى ،ئۇمۇ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
ark-zat618  ناۋاتتەك ئىنكاس . قانۇن بولغانكەن گاداي بولسۇن ،باي بولسۇن ئوخشاش بۇلشى كىرەك. ھەممەيلەننىڭ بالسى ئوخشاش  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
biltarim  جازالىغان ئىكەنمىز، ئىككىلىسىنى جازالاش كىرەك. پۇخراغا كۈچى يىتىپ كارخانىغا يەتمىسە توغرا بولامدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1237

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6089
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 191
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-14 12:00  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم،تېمىڭىزنى ئوقۇدۇم ھەم چوڭقۇرئويغاچۆمدۈم.سىزنىڭ ئورنىڭىزدامەن بولسام ئەھۋال راستىنلائۇئايال دىگەندەك بولساقولۇمدىن كېلىدىغانلائىش بولسائۇئايالغابۇندىن كېيى بۇنداق ئىشلارغادىققەت قىلىشنى،بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىربولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن جازانى بىكارقىلىۋىتەتتىم،ھىلىمۇھەم ئۇئايالغۇقىلغان شۇياردىمىڭىزمۇئازئەمەسكەن،3000كوي دىگەن باشقىلارغاقانداقكىن مەن ۋەيۇرتۇمدىكى كىشلەرگەسېلىشتۇرغاندائازپۇل ئەمەس.ئۇئايالمۇھەرگىزقەستە قىلغان ئەمەستە.سىزمۇبىلىسىزبىزنىڭ جانجان مەنپەئەتىمىزگەچىتىشلىق نۇرغۇن قانۇنلاريولىدائىجراقىلىنمايۋاتىدۇياكى ئادەمگەقاراپ ئىجراقىلىنىۋاتىدۇ،مەن دىمىسەممۇبۇھەممىزگەئايان بىرئاشكارامەخپىيەتلىك بوپ قالدى ھازىر.ئەلۋەتتە مەنمۇئۇئايالنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدەتۇتۇپ شۇنداق ئويلىدىم.ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلاتنى ئېلىپ قالغان ئادەممۇشۇمەھسۇلاتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلگەندەئاچچىقى كىلىدۇ.مەنمۇبۇنداق ئىشقانۇرغۇن قىتىم يولۇققاچقاھازىربىرنەرسەسېتىۋالسام ئاۋۋال ئىشلەپ چىقارغان ۋاقتىغاقارايدىغان بولدۇم.

باھا سۆز

guzalyurtum  بىر نول چۈشۈپ قالدىمۇ-نېمە؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
biltarim  مەن ئايلىقىمدىن يىمەي ئىچمەي يىغسام بىريىلدا ئاران 3000يۇەن ئختىزات قىلالايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

1

تېما

0

دوست

528

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17029
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئاتاممۇ ئون نەچچە يىلدىن بىرى تۇرمۇش  بۇيۇملىرى تاللا دۇكىنى ئېچىپ كىلىۋاتىدۇ ، ئاتام ئادەتتە يىمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىغا بەك دىققەت قىلىدۇ ، مىنىڭچە ئۇ ئايالنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئىشتا تەجىربىسى يوق ،  قىيىنچىلىقى ئېغىر بولسا ، شۇ مالنى تەمىنلەپ بەرگەن ئورۇنغا جەرىمانە قۇيۇش كېرەك .

0

تېما

0

دوست

1421

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15411
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        مىنىڭچە بۇنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزى بىر قانۇنسىزلىق دەپ قارايمەن.سىزنىڭ قايسى ئىدارىدا نىمە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغىنىڭىزنى بىلمەيمەن ،لىكىن سىلەردەك قانۇن ئىجراچىلىرى پەقەتلا بىر شەكىلۋازلىق ئۈچۈنلا،شۇنداق نەچچە يۇزنىڭ ئىچىدىكى ئاشۇنداق بىچچارىلەردىن بىر نەچچەگە جەرىمانە قويۇپلا يۇقۇرغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن،شۇنداقلا ئۆزەڭلارنىڭ خىزمەت مەسۇلىيتىڭلارنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىسىلەر.سىلەردە نە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ،سالامەتلىكى دەيدىغان ئىددىيە يوق.ئەگەر سىلەر ھەقىقىتەن كەڭ ئاۋامنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىغان بولساڭلار بۇنى بۇ ئايالغا جەرىمانە قويۇش بىلەنلا تۈگەتمەي مال كىرگۇزۈش مەنبىينى سۇرۇشتۇرۇپ ئنىقلايتىڭلار، شۇنداق بولغاندا شۇ مال كىرگۇزگۇچى قولغا چۈشەتتى، دىمەك سىلەر چىن دىلىڭلاردىن خەلىق ئۈچۈن دىسەڭلار ئۇ ئايالغا خىزمەت ئىشلەپ ئۇ ئايلنى قايىل قىلىپ ئۇنىڭ ئەمىلىيتىنى چىقىش قىلىپ مال كىرگۇزۇش مەنبىيى(يەنى توپ تارقاتقۇچىنى ئاشكارلىتىپ)ئۇ ئايالغا قويماقچى بولغان جەرىمانىنىمۇ شۇ توپ تارقاتقۇچىغا قويۇش كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىمەكلىكتە زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .توپ تارقاتقۇچىغا جازا بەرمەي بىر كىچىك دۇككاننغا جەرىمانە بەرگەنلىك كىچىك باللارنىڭ ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس .

باھا سۆز

ataata  ئەگەشتىم...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
polat315  مال يەتكۈزگۈچى ئورۇنمۇ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ،ئۇمۇ جازاغا تارتىلىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
1152705266  ھەممە قانۇن ئىجراچىلىرىمۇ ئۇنداق ئەمەستۇ شۇڭا ھەممىنى قارا قويۇق بىر تاياقتا ھەيدىمىسەك  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
tuhrak007  قوللايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
uqkun0908  قوللاش  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1421

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15411
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇنى ئۆمۇچۇك مۇساپىر ،دۆ غىرىپ دىسەك بولغىدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-17 19:04 , Processed in 0.055346 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش