مەرھۇم ھىمىت ئەزىزنىڭ تەرجىمھالى
مەرھۇم ھىمىت ئەزىز 1961-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.2013-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 3دە مېڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشۈش سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 52 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. مەرھۇم ھىمىت ئەزىز 1968-يىلىدىن 1979-يىلغىچە ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە باشلانغۇچ ،ئۇتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1979-يىلىدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ ئونىۋېرىستېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.1984-يىل 8-ئايدا شىنجاڭ ئونىۋېرستېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل –يېزىق خىزمىتى كۇمتېتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. شۇندىن باشلاپ 1992-يىل 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل –يېزىق خىزمىتى كۇمتېتى <<تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرناللىرى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىدە،1992-يىل 6-ئايدىن 1996-يىل 3-ئايغىچە <<تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرناللىرى تەھرىراتىنىڭ كومپىيۇتېر بۆلۈمىدە، 1996-يىل 3-ئايدىن 2008-يىل 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل –يېزىق خىزمىتى كۇمتېتى تىل ۋە تەرجىمە خادىملىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىدە، 2008-يىل 6-ئايدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر <<تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرناللىرى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىدە ئشلىگەن. بۇجەريانىدا1998-يىلدىن 2008-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل –يېزىق خىزمىتى كۇمتېتى تىل ۋە تەرجىمە خادىملىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئۈتىگەن.2002-يىلى كاندىدات ئالىي تەرجىمان ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. مەرھۇم ھىمىت ئەزىز خىزمەتتە ئەستايىدىل بۇلۇپ كەسىپنى تۇلىمۇ قىزغىن سۈيەتتى. قىزغىن ئىزدىنىش روھى ۋە جاپاغا چىداشتەك خىزمەت ئىستىلىغا ئىگە بولۇپ،ئۆزىنى ئونتۇغان ھالىدا ئىشلەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 29يىللىق خىزمەت ھاياتىدا،مەيلى <<تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرناللىرى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىدە بولسۇن ، مەيلى كۇمپىيۇتېر بۈلۈمىدە بولسۇن،مەيلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق تىل –يېزىق خىزمىتى كۇمتېتى تىل ۋە تەرجىمە خادىملىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈتىگەندە بولسۇن ،خىزمەتلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ،ئۇيغۇر تىل –يېزىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قۇشقانىدى. ئۇ ھاياتىدا <<تىل ۋە تەرجىمە >> ژۇرنىلىنى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قۇشقاندىن باشقا ،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا كومپىيۇتىر بىلىملىرىنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا تەلەپپۇزىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. ئۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيۇتىردا تۇنج بىر تەرەپ قىلىش سېتىمىسى بولغان <<بوغدا>>كۆپ يېزىقلىق مەتبە سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان .باشقىلار بىلەن بىرلىكتە <<كومپىيۇتىر مەشغۇلات تېخنىكىسى>>(1995-يىل نەشىر قىلىنغان،مەزكور ئەسەر 6-نۆۋەتلىك جەنوپ غەربىي شىىمال رايونلىرى بۇيىچە مۇنەۋۋەر پەن –تېخنىكا كىتاپلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن )، << كومپىيۇتىر كەسپىي خەنزۇ تىلى>> (2000-يىل نەشىر قىلىنغان، مەزكور ئەسەر 9-نۆۋەتلىك جەنوپ غەربىي شىىمال رايونلىرى بۇيىچە مۇنەۋۋەر پەن –تېخنىكا كىتاپلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ) قاتارلىق كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنى ئوموملاشتۇرۇشقا دائىر دەرىسلكلەرنى تۈزۈپ، ئۇيغۇرلاردا كومپىيۇتىر بىلىملىرىنىڭ ئوموملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قۇشقان.بولۇپمۇ <<ئوكيانۇس>>ناملىق زور ھەجىملىك ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە،ئىزاھلىق كومپىيۇتېر لوغىتىنى تۈزۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ھەقسىز تارقىتىپ،زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ يەنە <<بېيدا فاڭجىن >> ۋە << چاۋجيې >> قاتارلىق ئۇيغۇرچە مەتبە مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى تۈزەشتىمۇ تېگشلىك رول ئوينىغان.<<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇيىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋيىسىدىن سىناق ئىلىش پىرۇگىراممىسى>>(2003)قاتارلىق قۇرال كىتاپلارنى تۈزەشكە قاتنىشىپ ۋە بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا تەلەپپۇزىنى ئوموملاشتۇرۇشقا زور كۈچ چىقارغان. مەرھۇم ھايات چىغىدا ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتداشلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ھۈرمىتىگە سازاۋەز بولغانىدى. مەرھۇمنىڭ ھاياتى بىز ئۈچۈن چوڭ يۇقىتىش بولدى.بىز مەرھۇمنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.
ئەلۋىدا، ھىمىت ئاكا
تىل –يېزىق دۇرلىرىدىن، تىزىپ سەرخىل جاۋاھىر. خىزمەتكە ئۆزىن ئاتاپ، ئۆزگىدىن بولماي خاۋاتىر.
قالدى مەتبۇئات يۈزىدە، ئالتۇندەك قانۇ-تەر. نائىلاج كاج پەلەككە، قوينىغا ئالدى ئانا يەر.
ئەۋۋەل جۈمە ئۇزۇتۇپ، ئۇنى يۇرتى قۇمۇللارغا. قىيالماي تۆككەن ياشلار، چۈشتى مەڭىز،بۇيۇنلارغا.
ئەلۋىدا...،ھىمىت ئاكا، ئۇلۇغ جۈمەدە بار جەننەت، تۆھپىكارلار ئۇنتۇلمايدۇ، بۇ ئەزەلدىن ھەقىقەت. |