قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3183|ئىنكاس: 41

نەگە كەتتى ئادىللىق ؟؟؟؟؟!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇبۇلھەسەن

3

تېما

13

دوست

1509

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12176
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 328
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرىز دادىم بار ...مەن  كەينى- كەينىدىن خورلۇققا ئۇچراپ  داۋاملىق داۋالىنىپ يەنى  مۇشۇ  مېيىپلىقنى ساقلاپ قالىدىغان قاتتىق ئازابقا قالدىم ...مەن  بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولسام  نىمە ئۈچۈن  9يىل جەريانىدا قانۇن تۈزۈم سىياسەتكە  قارشى يەكۈن چىقىرىپ مىنى خارلايدۇ ؟؟؟؟؟!!!!!   نىمە ئۈچۈن ھەر قايسى باشلىقلار  مىنىڭ دەۋايىمنى سورىمايدۇ ...؟؟؟؟؟!!!!!   

ئەرىز قىلسام سىلەرگەسورىمىدىڭلار بىر باشلىق
ئۆتۈپ كەتتى مۇشۇنداق مېيىپ بولۇپ  گۈل  ياشلىق
           بولۇپ قالسام مۈشۈنداق ئويلاپ قويۈڭ ئەي باشلىق            
         بىزلەردىكى زۈربايلىق ئەمەسمىدى تەن ساقلىق

يائۆيۈمدە قالمىسا يىگۈدەك ھەم نان ئاشلىق ،
ئېيتسام دەرتنى ئۇلارغا سورىمىدى بىر باشلىق .
ياكى يوقمۇ بۇ شىنجاڭدا دەۋايىمنى سورىغۇدەك ،
دەۋايىمنى سورىغىدەك  تېپىلمىدى بىر باشلىق .
         

دىلونىڭ  قىسقىچە مەزمۇنى :مىنى 2004-يىلى1-ئاينىڭ27-كۈنى دادۈي كادىرلىرى،مىنىڭ 2001-يىلى 6-ئايدا 1مو 6پۇڭ يەردىكى كېۋەزنى بۇزۇپ  ئورنىغا پارنىك سالغان ،بۇ1 مو 6پۇڭ يەرنىڭ زىيان تۆلىمى 1665يۈۋەن، ھەم دېھقانلارغا، قايتۇرۇپ بىرىدىغان باج  پۇلىسى قاتارلىق ھەققىمنى (مەتتوختى تۇرسۇننىياز بىلەن ،ئېزىز تۇرسۇننىياز) بەرمەستىن، چارۋا ۋا كسىنى 15يۈۋەنگە جەرىمانە  قويدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىزگە  تىگىشلىك بۇ ھەققىمنى بەرمەستىن  بىزگە نىمە ئۈچۈن جەرىمانە قويىسىلەر  دەپ  دولى قويغانلىقىمىز ئۈچۈن ،مەھەللە باشلىقى  ئايالىمنى ئاستىغا بېسىپ ئۇردى .ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى  ئامانلىقنى ساقلىماي قاراپ تۇرغانلىقى  سەۋەپ  ئىنىسى مەتنىياز ،مىنىڭ باشقىسمىمغا 2كالتەك ( ئۇرۇپ ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ بىھۇش قىلدى).ئۆز ئارا بالامنى يۇشۇرۋالدى، ئۇرۇق تۇققانلىرىم بالامنى ئىزدىدى، دادۈي كادىرلىرى مىنى( رەقىپجان دوختۇر) خانىسىغا ئەكىرىپ سىتىگە سالدى، بۇ1638 - نۇمۇرلۇق سىتى تەكشۈرۈش رەسىمدە، مېڭەمگە قان چۈشۈش ،كىسەللىكلەر   روشەن كۆرۈلگەن بولسىمۇ(رەقىپجان) دوختۇر،دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق خادىمغا ( ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويدۇرۇپ )،يەنە ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق (ئابلەت مەتتوختىغا) داۋالىغىلى سالغان،
شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇرۇق تۇققانلىرىم بالا ئىزدەش بىلەن( 80مىتىرلىق پارنىكنىڭ) شوخلىسى توڭلاپ كىتىپ 10مىڭ يۈۋەن زىيان بولدى .
(ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى) دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنى،  ئېغىر زەخمىنى ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇشقا يول قويدى ،ھەم قانۇن ھوقۇق مەنپىئەتىمگە  ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ،(سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2- نۇمۇرلۇق كىلىنكىلىق دىئاگۇنۇز) قويۇش بېشىدىكى زەخمە بىلەن كىيىنكى مېيىپلىقنىڭ مۇناسىۋىتى  بولىدۇ غا قارشى تۇرۇپ ،ئەينى ۋاقىتتىكى زەخمە بىلەن ھازىرققى مېيىپلىقنىڭ مۇناسىېۋىتى يوق  دەپ   ‹‹ مەندەك ئېغىر زەخمە ئادەمنى ساق  دەپ دىئاگۇنۇز قويىشى توغرا بولغان دەپ. يەكۈن چىقارغانلىقتىن، مەن قانۇن ھۇقۇق مەنپىئەتىمنى قوغدىيالمىدىم، نەتىجىدە  مەن بۇدىلودا  باشتىن ئاخىرى قاتتىق ئالداندىم خورلاندىم . شۇنداقلا داۋاملىق داۋالىنىپ مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغان   دەرىجىگە يەتتى.



(نەگە كەتتى ئادىللىق )

ئاڭلىق ھالدا بويسۇنۇپ ،
كەلگەن ئىدىم قانۇنغا .
نەگە كەتتى ئادىللىق  ،
مەن ياشىغان شىنجاڭدا .

قىلغىنىڭىز توغرىمۇ ،؟
ئېيتىڭ مۇھىم قانۇندا .
سۇئال سورىسام نە ئۈچۈن ،
جاۋاپ بەرمەي تۇرىسىز .

جاۋاپ بىرىش ئورنىغا ،
جاۋاپكار بىلەن بىرگە.
قانۇن تۈزۈمنى بۇزۇشۇپ ،
يۈرەمسىلەر ھەر دائىم .

پۇقرا دىگەن قانۇندا ،
ئوخشاش ئىدى ئەسلىدە .
كىملەر تۈزگەن قانۇن ئۇ ،
كىملەر ئۈچۈن ئېيتىڭ سىز .

ئاڭلىق ھالدا بويسۇنۇپ،
كەلگەن ئىدىم قانۇنغا .
ئۇ قانۇنغا ئىشىنىپ ،
ئالداندىم مەن ھەر دائىم .


  پۇقرا قىلسا جىنايەت ،
سوتچى ئۇنى سوتلايدۇ .
دەردى بولسا پۇقرانىڭ ،
ئۇنى كىملەر ئاڭلايدۇ .

پۇقرا قىلسا جىنايەت ،
سوتچى ئۇنى سوتلايدۇ .
سوتچى قىلسا جىنايەت ،
سوتچىنى كىم سوتلايدۇ.

پىكىر بەرسەم خارلىنىپ ،
باغلىرىمدىن ئايرىلىپ .
غېرىپ بولدۇم بىچارە ،
سىياسەتكە بويسۇنۇپ .


جىنايەتتىن قورقۇشۇم ،
گۇناھمۇ يا بىلمىدىم .
مەيلى دەپلا ئىگىلىپ ،
ياشامتىم يا ئېيتىڭا .

سىياسەتكە بويسۇنۇپ ،
غېرىپ بولدۇم بىچارە .
ئاڭلىق ھالدا بويسۇنۇپ،
كەلگەن ئىدىم قانۇنغا .


«تۈۋەندىكى سۇئالىمدا( ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ) دىگىنىدەك مەن ساقمۇ، ياكى ئېغىر زەخمىمۇ؟ تۈۋەندەدىيىلگەن، دەلىل ئىسپاتقا ئاساسەن،  سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى ئايرىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .»
بۇ دېلونىڭ 135بەت دەلىل ئىسپاتلىرىم،ھەم  سۇئاللىرىم تۈۋەندىكىچە :
(1)-نىمە ئۈچۈن (داۈي كادىرلىرى،) ئېزىز تۇسۇننىياز، مەتتوختى تۇرسۇننىياز ،جەرىمانە دەپ، مىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ  2كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىنىڭ ئىككى كۈن ئالدىدا،ماڭا جەرىمانە دەپ مەندىن تۇتۇپ قالماقچى بولغان پۇلنى تۇتۇپ قېلىپ، ئاشقان پۇلنى   ھۆججەت ئارقىلىق ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدۇ؟  
2 -«ئەسلىدە ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدىغان باج پۇلدىن چارۋا ۋاكسىن پۇلىسىنى تۇتۇپ قېلىپ ئاشقان پۇلنى ماڭا بەرگەن بولسا بۇ جىدەل چىقماس ئىدى .نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلمايدۇ؟»
3 -نىمە ئۈچۈن دادۈي كادىرلىرى،  مەندەك ئېغىر زەخمىنى ،قانۇنلۇق ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىمايدۇ ؟
(4)-نىمە ئۈچۈن (رەقىپجان) دوختۇر، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق خادىمىغا دىئاگۇنۇز قويدۇرىدۇ؟
5-نىمە ئۈچۈن( رەقىپجان ) تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرى تۇرۇپ   ئىچكى مېڭە زەخمىسىگە غەيرى قانۇنسىز  ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق (ئابلەھەت مەمەتتوختىغا) ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ ؟؟؟؟

(6)-نىمە ئۈچۈن( ئابلەت مەمەتتتوختى ) ساق دىگەن دىئاگۇنۇزنى رەقىپجان دوختۇرغا قويدۇرۇپ، نىمەئۈچۈن مىنى بوتكا ئۆيدە  داۋالايدۇ؟
ماڭا ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويغاندىن  كىيىن  مىنى نىمىشقا ( داۋالىغانلىق رېتسىپ )يېزىپ بىرىدۇ؟
(7)-نىمە ئۈچۈن (ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا) 2005-يىلى 3- ئاينىڭ 1-كۈنى سىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇ ( 00910-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش سىتى رەسىم) بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى رەقىپجان دوختۇرنىڭ ( 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمگە) قاراپ ئەينى ۋاقىتتا باش قىسىم سول تەرەپكە قان چۈشۈش كىسەللىكلەرنى بىلىپ  ( دىئاگۇنۇز قويىدۇ) ؟
(8)-نىمە ئۈچۈن( رەقىپجان دوختۇر) 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى( 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمنى) قايتا كۈزىتىپ سول  تەرەپ قانلىق ئىششىغان ،سۇڭەك سۇنغان ،ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىغا قان چۈشكەن ،دەپ (دىئاگۇنۇز قويىدۇ) ؟
9-نىمە ئۈچۈن ( رەقىپجان دوختۇر ) 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ( بۇ   1638-نۇمۇرلۇق  سىتى رەسىمگە)  قاراپ دىئاگۇنۇزنى ئەمەلىيەت مۇشۇنداق قويمايدۇ؟
10- نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇش داۋالىنىشىمنى (ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ) كىچىكتۈرىۋىتىپ (مېيىپ بولۇپ) بولغاندىن كىيىن، مېڭەمگە قان چۈشكەن قاتارلىق كىسەللىكلەرنى بىلدۈرىدۇ؟
(11)-نىمە ئۈچۈن (ۋىلايەتلىك دوختۇر، مۇتەخەسىسلەر ،) (ئاپدۇنۇم رايۇن ) ۋە (بېيجىننىڭ مۇتەخەسىسلىرى ) ( جاۋاپكار رەقىپجان دوختۇر )  (قانۇن دوختۇرلىرى)
2005  -يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى 2004-يىلى 1- ئاينىڭ 27-كۈنى( تەكشۈرگەن 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىم)  بىلەن ، (ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرگەن 00910-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمنى ) (كوللىكتىپ، دوختۇر مۇتەخەسىسلەر )  قايتا كۈزىتىپ (باش قىسىم سول  تەرەپكە قان چۈشكەن ،سۇڭەك پارچە پارچە  سۇنغان ئارقا مېڭە بېسىلىپ كەتكەن،) چۈشكەن قاننى (تازىلاپ ئېلىۋەتمىگەنلىكى) ئۈچۈن، قىل قان تۇمۇرلار (چىرىپ كەتكەن،) (داۋاملىق داۋالىنىپ ) مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ  قالسۇن دەپ كوللىكتىپ ئورتا ق لىشىپ ، بىر چۈشەنجىدە ( بىرلىككە كىلىپ دىئاگۇنۇز قويىدۇ؟)
(12)-نىمە ئۈچۈن (شەھەرلىك قانۇن دوختۇرى تاھىر بىلەن خويۇڭچىڭ)     2005-يىلى 4-ئاينىڭ 20- كۈنى مىنى ئېغىر زەخمە دەپ باھالايدۇ ؟

13-نىمە ئۈچۈن  (قانۇن دوختۇرى) ئېغىر زەخمىنى، دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق خادىم ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ داۋالاشتىن مەھرۇم قويغان ۋە( مېيىپ )بولۇشۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان( رەقىپجان ) دوختۇر .دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق (مەمەتجان ئابدۇلىمىت)
،يەنى دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق (ئابلەھەت مەمەتتوختىنىڭ) قانۇنسىز  دوختۇرلۇق قىلغان قىلمىشىنى باھالىمايدۇ؟جاۋاپكارلىقنى بېكىتمەيدۇ؟
(14 )-نىمە ئۇچۇن (شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى)(  رەقىپجان  دوختور)   قاتارلىق چېتىش جاۋاپكارلارنى چېتىش ئەنزە ئىشلىگىلى ئۇنىمايدۇ؟
(15)-شەھەرلىك (تەپتىش مەھكىمىسى) نىمە ئۈچۈن ( رەقىپجان دوختۇر) قاتارلق چېتىش جاۋاپكارلارنى سوتقا ئەيىپلەپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ؟
(16)-خوتەن شەھەرلىك( سوت مەھكىمىسى ) نىمە ئۈچۈن ئىلگىرى ھەم كىيىن  جىنايى ئىشلار داۋا ‹‹قانۇننىنىڭ›› 170-171-ھەم 100- سۇئالنىڭ جاۋابى ھەق تەلەپ ‹‹قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى›› ئالى خەلىق (سوت مەھكىمىسىنىڭ) ئىزاھاتى 3-‹‹ماددىنىڭ ›› روھىغا ئاساسەن  ھەق تەلەپ ‹‹قانۇنى ئومۇمى ››قائىدىسىنىڭ 130 –‹‹ماددىسىكى›› بەلگىلىمىگە ئاساسەن( ۋىلايەتلىك  سەھىيە) ( رەقىپجان دوختۇر ) قاتارلىق جاۋاپكارلارنى چېتىپ سوت ئېچىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن بۇ دېلونى ۋىلايەتلىك سەھىيەگە ئىتتىرىدۇ ؟
(17)-(ۋىلايەتلىك سەھىيە) ئىدارىسى باھالاش يەكۈنگە نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇش داۋالاش دىگەن 33-ماددىغا سالىدۇ؟
18-نىمە ئۈچۈن (رەقىپجان دوختۇرنىڭ)، جىددى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ئېلىپ بارمىغانلىق، (قانۇنسىز دوختۇرلۇق) قىلغانلىق( مەسئۇلىيەتسىزلىك)   قىلغان جاۋاپكارلىقىنى بىكىتىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ؟
19-نىمە ئۈچۈن ‹‹دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈمىگە ›› قارشى (رەقىپ دوختۇرخانىسى) قاتارلىق لار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ( يەكۈن چىقىرىدۇ؟)
(20)-ئاپتونۇم رايۇنلۇق( سەھىيە نازارىتى) رەت قىلىش يەكۈنگە، نىمە ئۈچۈن ‹‹جىددى قۇتقۇزۇدىغان بىمارنى مىنىۇت سىكۇنت كىچىكتۈرگەنلىك ئۆلۈم دىمەكتۇر ›› دىگەن 8-ماددىغاسالىدۇ؟
21-نىمە ئۈچۈن ‹‹جىددى قۇتقۇزۇش داۋالاشنى كىچىكتۈرگەنلىك›› جاۋاپكارلىقىنى بىكىتكىلى ئۇنىمايدۇ؟
22-نىمە ئۈچۈن رەتقىلىش يەكۈنگە‹‹ پۈتۈن جاۋاپكارلىقنى داۋالاش ئاپاراتى ئۈستىگە ئالسۇن دىگەن 28- ماددىغا ›› سالىدۇ ؟
23-نىمە ئۈچۈن( رەقىپجان دوختۇر قاتارلىقلارغا جاۋاپكارلىقنى) بىكىتمەيدۇ؟
24-نىمە  ئۈچۈن (مەمەتجان ئابدۇلىمىت) بىلەن (ئابلەت مەتتوختىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق) دەپ 2006-يىلى2-ئاينىڭ24-( كۈنى تەكشۈرۈش ) ئالاقىسى چىقىرىدۇ ؟
25-نىمەئۈچۈن قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان. كىشلەرنىڭ ،جاۋاپكارلىقىنى بىكىتكىلى ئۇنىمايدۇ ؟
(26)-نىمە ئۈچۈن‹‹ گوۋيۈۋەن بەنگوڭتىڭى››( 145نۇمۇرلۇق مۇھىم قىز ىل باشلىق ھۆججىتىدە) ‹‹ قانۇننىڭ كەلگەن يىرىدە سوراڭلار›› دەپ  تۈۋەنگە چۈشۈرىدۇ ؟
(27)-‹‹سەھىيە مىنىستىرى››  ( رەقىپجان دوختۇر ) ، بىرلا سىتى رەسىمدە ئەينى ۋاقىتتا (ساق دەپ  دىئاگۇنۇز قويۇپ ) ، مېيىپ بولۇپ بولغاندىن كىيىن مېڭىسىگە قان چۈشكەن دەپ دىئاگۇنۇز قويغانلىقتىن،( بىمارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ) ئورۇنداڭلار ‹‹قانۇنننىڭ كەلگەن يىرىدە›› سوراڭلار دەپ، ‹‹يېزىقچە ئۇقتۇرۇشنى›› ۋىلايەتلىك سەھىيەگە چۈشۈرىدۇ؟
(28)-( ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى ) نىمە ئۈچۈن ‹‹ گوۋيەن بەنگوڭتىڭىنىڭ››  ھەم ‹‹سەھىيەمىنىستىرلىقىنىڭ قانۇننىڭ كەلگەن›› يىرىدە سوراڭلار، ھەم بىمارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇنداڭلار دىگىنىگە (قارشى،  ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويغىنى توغرابولغان) قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس  دەپ داۋالاش ھادىسىسىنى، بىر تەرەپ قىلىش ‹‹نىزامىنىڭ  5-باپ 37- 39- ماددا ›› قاتارلىق ‹‹قانۇن تۈزۈمگە قارشى›› يەكۈن چىقىرىدۇ ؟
(29)-( ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ دىگىنىدەك ساق دەپ )  دىئاگۇنۇز قويغىنى  توغرا  بولسا، (يۇقۇردا دەپ ئۆتۈلگەن دىئاگۇنۇز ھەم ئېغىر زەخمە باھالاشلار نىمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ ) ؟                                          30-مىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەن( مەتنىيازغا ) 2006-يىلى113-(نۇمۇرلۇق)  6 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن، سوت ھۆكۈمى، نىمە ئۈچۈن چىقىدۇ؟
(31)-مەن مۇشۇ سەۋەپتىن ( ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى) ئۈستىدىن سوتقا مەمۇرى ئەرزقىلسام نىمە ئۈچۈن سوت 2009-يىلى 42  4-(نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ كىسىمى) چىقىرىدۇ؟
32-نىمە ئۈچۈن بۇكىسىمدە (سەھىيە ئىدارىسىنى مەجبۇرىيىتىنى ) ئادا قىلمىدى دەپ مەمۇرى ئەرىز قىلسا سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىش كېرەك دەيدۇ؟
33-نىمە ئۈچۈن ،مەمۇرى سوت ئاچ مايدۇ، سەھىيە ئىدارىسىنى   مەجبۇرىيتىنى  ئادا قىلمىغان  دەپ يەكۈن چىقىرالمايدۇ؟
34-نىمە ئۈچۈن بۇ كىسىمدە دەۋاگەر ئەرىزىدە ‹‹قانۇن نىزام پەرمانلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ›› 3خىل دەۋا تەلىپىدە 17تۈرلۈك دە ۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،( 10مىلىيۇن499مىڭ144يۈۋەننى)  ئالدۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ بۇ مەسىلىلەرگە  دەۋاگەر ،(دەۋا سوبىكتىنى توغرا تاللىغان )  دەيدۇ؟
35-نىمە ئۈچۈن( توغرا ) نىمە ئۈچۈن ( رەت ) قىلىدۇ؟
36-نىمە ئۈچۈن جاۋاپكار ئىنىق بولغاندىن كىيىن دەيدۇ؟ھەم كىسىمدە دىلو ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلدۈرىدۇ؟
37-نىمە ئۈچۈن (جاۋاپكارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سوت مەھكىمىسى ) تېپىپ چىققىلى ئۇنىمايدۇ؟
38- ئاغزاكى( بىز ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن بىردەرىجە كىچىك ئورۇن ) ھەق تەلەپ سومما مەسىلىسىدىمۇ بىزنىڭ باشقۇرۇ   تەۋەلىكىمىزدە ئەمەس دەيدۇ؟
(39)-( ۋىلايەتلىك ئورتا سوت ) مەھكىمىسى نىمە ئۈچۈن ،شەھەرلىك سوتنىڭ 424-نۇمۇر لۇق كىسىمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن دەپ 2009-يىلى38-نۇمۇرلۇق رەت قىلىش كىسىمى چىقاردى، ھەم ئاغزاكى( ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى بىلەن ئوتتۇرا سوتنىڭ)  دەرىجىسى ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن بىز يەكۈن چىقىرالمايمىز  دىدى،ۋە يۇقۇرى سوتقا يوللاپ بەردى.ئۇلارنىڭ كۈچى      
يەتمىدى ،يۇقرى سوتنىڭ يىتەر!!!!!
(40)-(ئابتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسى ) نىمە ئۈچۈن ،ئۇبۇلھەسەن ئابدۇكېرەمنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپىئەتىنى  قوغدىشى توغرا دەپ167-نۇمۇرلۇق رەت قىلىش كىسىمى بىلەن  تۈۋەن سوتنىڭ 424-38- نۇمۇرلۇق كىسىمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن، دەپ، رەت قىلىدۇ؟
41-نىمە ئۈچۈن ،قانۇنى ھوقۇق مەنپىئەتىمنى قوغدىشىم توغرا، توغرا  بولغان ئىكەن  ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس دەپ جاۋاپكارلارنى قانات ئاستىغا  ئالغان    باھالاش يەكۈنىنى، نىمە ئۈچۈن كۈچتىن قالدۇرالمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جاۋاپكارنى توغرا تاللىمىغان دەيدۇ ؟
42- نىمە ئۈچۈن جاۋاپكارنىڭ كىملىكىنى( بۇ كىسىملەردە) ئايدىڭ بولسىمۇ ،بىلدۈرەلمەيدۇ؟
43-(ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ رەقىپ دوختۇرخانىسى) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس، ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇشى توغرا بولغان، دەپ، چىقارغان باھالاشنى نىمە ئۈچۈن خاتا ياكى توغرا دىيەلمەيدۇ؟
44-ياكى ئەدىلىيەلىك باھالاش قىلدۇرۇپ بەرمەيدۇ؟
45-جاۋاپكارنى توغرا تاللىمىغان دەپ رەت قىلىش (كىسىمى چىقىرىش ئۈچۈن، شەرىت،) ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ يۇقاردا دىگەن باھالاش يەكۈنىگە خاتا ياكى توغرا دەپ پۇزۇتسىيە بىلدۈرگەندىن كىيىن، جاۋاپكارنى توغرا تاللىمىغان ياكى توغرا تاللىغان دىيىشكە يول ئېچىلىدۇ.
(ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ) يۇقاردا دىگەن قىلمىشلىرى خاتا بولسا  سەھيەنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى تامامەن توغرا بولىدۇ،
46-(ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ)  يۇقاردا دىگەن قانۇنى تالاش تارتىش  مەۋجۇت ئەمەس (قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ) قىلمىشلىرى توغرا بولسا،( بۇ دېلودىكى جاۋاپكارلارنىڭ ھەممىسىنى)  قانات ئاستىغا ئالغان بولىدۇ!!!!!
(47)-(ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلىق قۇرۇلتىيى بەنگوڭتىڭى) 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى( يۇقۇرى سوت قايتىدىن ) 2ئاي ئىچىدە جاۋاپ بەرسۇن دەپ 096-نۇمۇرلۇق ئۇقتۇرۇش ھۆججەت يوللىغان  بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېزىقچە جاۋاپ بەرمىدى . ئاغزاكى بۇ دېلونى ئاخرلاشتۇردۇق تۈگىدى دىدى.
48-(ئاپدۇنۇم رايۇنلۇق رېندا) بىزنىڭ سوتقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ توختاپ تۇرۇڭ بىزگە يېزىقچە جاۋاپ بىرىدۇ ،بىز سىزگە يېزىقچە جاۋاپ بىرىمىز دىدى.
49-ئاپدۇنۇم رايۇنلۇق رېندانىڭ سوتقا بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدۇ دىگەن گىپىگە سوئال!!!!!.
50-ئاپدۇنۇم رايۇنلۇق رېندا ئەرزىيەت قۇبۇل قىلىش ئورنىنىڭ   ئۇقتۇرۇش ئىلانىدا «مۇنداق ئەرىزلەرنى قۇبۇل قىلىمىز، (يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسى).(خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى) قاتارلىق بەش تۈردىكى ئەرىزنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشى قاتارلىقلارنى نىمە ئۈچۈن قۇبۇل قىلىسىلەر؟
51-نىمە ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ؟ئەرىزلەرنى قۇبۇل قىلىپ   نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دېلونى سورىيالمايسىلەر ؟
52-سىلەر ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەرىزلەرنى قۇبۇل قىلىپ، تۇتۇپ   ياتقاننىڭ ئەھمىيىتى نىمە ؟
53-بۇنىڭ ئۆزى دەۋاگەر لەرگە نىسبەتەن  ھەر جەھەتتىن چىقىم زىيانلارنى تارتىپ (زۇلۇم ھەم دەرتنى ئېلىپ كىلىدىكەن ) جۈملىدىن مەن شۇنداق بولدۇم !!!!!
(54)-(ئاپدۇنۇم رايۇنلۇق رېندا ئىچكى ئەدىلىيەگە ): ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ‹‹قانۇن تۈزۈم›› كۈچكە ئىگىمۇ؟ ياكى قانۇنغا قارشى يەكۈن كۈچكە ئىگىمۇ؟ دىگەن مەزمۇندىكى ئەرىزىم بىلەن 135بەت دەلىل ئىسپاتنى قۇبۇل قىلىپ، نىمە ئۈچۈن قانۇن تۈزۈم كۈچكە ئىگە دەپ تۈۋەن ھەم يۇقىرى ئورۇنلار يېزىقچە جاۋاپ بېرەلمەيسىلەر؟؟؟؟
55-يۇقاردىكىدەك قانۇن تۈزۈمگەقارشى يەكۈن چىقارغان   كادىرلارنى  جازالىماي ئەكسىچە مائاش  بىرىشىڭلار توغرىمۇ؟؟؟؟
56-دۆلەت خادىملىرى قانۇن تۈزۈم كۈچكە ئىگە دەپ يېزىقچە   دىيەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ماڭا ئوخشاش پۇقرالار  قانۇن ھوقۇق مەنپىئەتىنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟؟؟؟؟؟
57-مەن بۇ دېلودا (بىر قىسىم دۆلەت خادىملىرى قانۇنغا قارشى  يەكۈن) چىقارغانلىقتىن قانۇن تۈزۈم  ھامان بىر كۈن كۈچكە ئىگە بولىدىغۇ دەپ 9يىل ئالدىنىپ داۋا قىلىپ 150مىڭ يۈۋەندىن ئارتۇق چىقىم تارتتىم، ھەم قەرىزدار بولدۇم،
58-نىمە ئۈچۈن مىنى داۋا قىلدىڭ دەپ ،ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلارغابىردىغان  ياردەم پۇلىنى، تۈۋەن كاپالەتلىك  تۇرمۇش پۇلى  بەرمەيدۇ ؟
59-ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپ ئاجىزلارغا  ياردەم تۇرمۇش پۇلىنى بىرىش  ئايرىم مەسلە،
داۋا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ،داۋا  ئايرىم ھۆكۈمەت سورايدىغان مەسىلە ، نىمە ئۈچۈن  داۋا قىلساڭ  قۇتقۇزۇش پۇلى بەرمەيمىز  داۋادىن توختىغانلىققا ھۆججەت قىلساڭ بىرىمىز دەپ  ماڭا قۇتقۇزۇش پۇلى بەرمەيدۇ؟
60-مانا بۇ مەندەك داۋاگەر پۇقرالارغا پايدا يەتكۈزۈش ئەمەس  ئەكسىچە زىيان يەتكۈزگەنلىك،مۇشۇمۇ خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولامدۇ؟؟؟؟؟
61-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باشلىق كادىر سىلەر نەدە !!!
62-‹‹باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ›› چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دۆلەتنى ‹‹قانۇن بويىچە›› ئىدارە قىلىش ،‹‹قانۇنغا قارشى›› يەكۈن چىقارغان كادىرنى. قاتتىق جازالاش، يوليۇرۇقىغا ئەگىشىدىغان كادىر بارمۇ؟؟؟؟
بار بولساڭلار مانا بىز دەپ ئۆزەڭلارنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغان بولساڭلار،  
ماڭا  ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچراپ ئىزىلگەن خەلىق خوش بولۇپ قالار ئىدى !!!!!
،ياردەم قىلىدىغان قېرىنداشلار بارمۇ؟
بۇ قۇرلۇش بانكا كارتىسىنىڭ نۇمىرى :
6227078601111891
دەپ خوتەن شەھەر لاسكۈي بازىرى ئاقتاشكەنتى469-نۇمۇرلۇق، ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، كەينى –كەينىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ ،مېيىپ بولۇپ،( قانۇنغا ئىشىنىپ ) 9يىل داۋا قىلىپ ئىختىزاتتىن ئايرىلغان ئۇبۇلھەسەن ئابدۇكىرەم بولىمەن.
تېلىفۇن: 13150498983-13119034779
QQ: 184304220

0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييييييييييييي............بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن بەك كۆپ ،ئاللاھ شۇ يولسىزلىق قىلغانلارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن ،بۇ دۇنيادا سورايدىغان ئادەم بولمىسا ئۇ دۇنيادا سورىقى بار ،ناھايىتى قاتتىق سورىقى بار ...........
قۇتلان تېلفۇنلىرى

3

تېما

0

دوست

2450

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە دىسەم بۇ يەردە ئەرز سورايدىغانلار ، ياردەم قىلالايدىغانلار يوق بۇلشى مۇمكىن. پەقەت ئازراق دەردىڭىزنى تۇكىۋېلىشكە پايدىسى بۇلار.
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

1237

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11940
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 274
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز زا دى كىمگە ئىشىنىمىز .ئاللاغا تاپشۇردۇم دەپلا ئۆتۈش نادانلىق ،

0

تېما

0

دوست

2250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 495
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېرىندىشىمىز ئاقماس قانۇننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقىلى 9 يىل بوپتۇ، بۇرۇنمۇ بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ  ئەرزىنى توردا كۆرگىنىم ئىسىمدە.... بۇ بۇلاڭچىلار قاچانغىچە ھوشىنى تېپىشماي يۈرە....
بۇ قېرىندىشىمىزغا ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن ئاسانلىق ۋە سەۋىر تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

2250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 495
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزنىڭ دۇنيادىكى بىردىنبىر قانۇن يوق يەر بولۇپ قالغانلىقى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق

0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   57.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار ئىنكاسىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى ياردەم قىلساڭلار ،باش سۇرەت چىقارسام نىمىشقا كۆرۈنمەيدۇ؟نەچچە قىتىم يىڭىلىدىم ،قايتا قايتا چىقىرىپمۇ باقتىم بولمىسا؟ يەنە بىر سوئالىم :مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ يوللىغان تىمىلىرىنى ياكى بارلىق ئىنكاسلىرىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟بولسا قانداق كۆرىمەن؟ راستىنلا بەك سەت بولدى ،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر!!

0

تېما

1

دوست

389

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azat007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 01:43  

خىزمەت ئشلەپ‹ئەرزىيەت›كۆندىرىدۇ سەبرىگە،
ئىنتىزامدىن  جاۋاپ يوق تارتقان جاپا-جەۋرىگە،
«سوت» قابارساڭ ۋىجدانىڭ چىدىمايدۇ زەربىگە،
تەپتىش›دىسەڭ سېنىمۇ يوللاپ بېرەر قەبرەگە،
قېنى قانۇن نەدە-ھەق  ئادالەت  دەپ ئەرز قىلما!!!!!
مەن دۆلەت مۈلكىنى قوغداپ بىر يىل سەككىز ئاي ئەرز قىلدىم،دۆلەتنىڭ زىينى جايىغا كەلدى ئەمما
مېنىڭ زىينىم جايىغا كەلمىدى قېرىندىشىم؛ ئەمەل دارلارنىڭ گېپى بىركەن، سوتقا بارغاندىكىنلا ھەممە ئىش سۇغا چىلىشىدۇ ، مەن ئەخماق ئاساسى قانۇننىڭ 41-ماددىسىغا بەك ئەشەنگەن!!!
چىرىك -پارخو ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا قانۇن بىر كىتاپ خالاس ئاللاھ ئۈمۈدىڭىزنى يەردە قويمىسۇن
ئاللاھ ھەر بەندىسىنى ئەرز يولىغا سالمىسۇن

0

تېما

1

دوست

3002

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 836
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ- ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن قېرىندىشىم ! ھەقىقەتەن ناھەقچىلىك بوپتۇ ! ..................

1

تېما

0

دوست

3639

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1535
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 826
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەدە بولغان ئىش ؟ مۇشۇنداقمۇ  ئادالەتسىزلىك بولامدۇ؟ كادىرلار پۇقرانى ئۇردى دىگەن قانداق گەپ؟جەنوبى شىنجاڭكەن-ھە!!

باھا سۆز

elbilge  تولۇق ئوقۇيلى،ئاستىدا تۇرمامدۇ خوتەن لاسكۇي دەپ  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-22 18:50 , Processed in 0.057857 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش