- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ulughyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 20:01
بىلىشىمچە بىرقانچە يىل ئىلگىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئىي قىلغان ئىدى. بىراق ھازىر قارايدىغان بولساق ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىش يەنىلا داۋام قىلماقتا. ئۇنداقتا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پەرمانى ئېقى قەغەز- قارىسى سىياھقا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
قارايدىغان بولساق ھازىر ئىدارە- ئورگانلاردا، مەكتەپلەردە ھەتتا ئاشخانىلاردا تاماكا چېكىش ئادەتتىكى ئىشتەك، ھىچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيۋاتىدۇ.
تاماكا- ھەممىمىزگە مەلۇم بۇ تۈپتىن زىيانلىق نەرسە. ئۇنى ئىستىمال قىلغۇچىمۇ، يېنىدا تۇرۋاتقان ھەرقانداق بىر جانلىقمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئىسىدىن زەھەرلىنىدۇ. زەھەرلىنىش- زەھەر دېگەنلەرنى ئويلىساق كۆز ئالدىمىزدا شۇئانلا ئادەمنى ئۇيان- بويان قىلىۋىتىدىغان ئاللىقانداق زەھەرلىك بويۇم گەۋدىلىنىشى مۇمكىن. بىراق ئادەتتىكى تاماكىنىڭ ئىسىنىڭمۇ ئەشۇ زەھەردىن قېلىشمايدىغان خەتەرلىك ئۇنسۇر ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە يەنىلا چۆچۈمەي تۇرالمايمىز. مەن بۇ يەردە تاماكا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ..... توغرىسىدا ئاللىقانداق دەبدەبىلىك سانلىق مەلۇماتلارنى، مېساللارنى ئوتتۇرغا قويمىساممۇ كۆپچىلىككە بۇ ئىنتايىن ئېنىق. شۇڭا بۇ يەردە تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئارتۇقچە گەپ قىلىشىمنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىكتىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم: مەيلى سىز كىم بولۇڭ شۇ ئىش ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش- بۇ بىر ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولغان ھەرىكەت. بۇنى مەيلى ھۆكۈمەت ياكى بىراۋ چەكلىسۇن- چەكلىمىسۇن ئۇنى ئاڭلىق ھەرىكىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇشىڭىز كېرەك. چۈنكى تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكىتىڭىز باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ۋاسىتىلىك زىيان سالغانلىق. ئاددىيسى تاماكا چېكىۋاتقان نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە بالىلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، كەلگۈسىدە ئەشۇ بالىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا تۇرۇپ تاماكا چەكسە، سىز «تاماكا چەكمە» دېسىڭىز گېپىڭىز ئۆتەمدۇ، مەيلى ئۆتسۈنمۇ دەيلى سىز بالىڭىزنىڭ نەزىرىدە لاياقەتلىك «دادا» بولالامسىز؟ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر (خادىملار) نىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەيلى بۇ تاماكا چېكىش پەرمانى بولسۇن ياكى باشقا پەرمانلىرى بولسۇن ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ، ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى، قانۇننى ئاڭلىق ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەتتە ياخشى، ساغلام بولغان كەيپىيات يارىتىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئادىللىق ئاساسىدا ئىش بېجىرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
مەيلى تاماكا چەكلەش پەرمانى بولسۇن ياكى باشقا پەرمانلار بولسۇن ھىچكىمنىڭ ھۆكۈمەت چۈشۈرگەن بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلماسلىققا ھەققى يوق. ئاخىرى بېرىپ ئۇ خەلق مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنىنىڭ خۇنۇكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىسقىسى بۇنداق كىچىك ئىشلارغا سەل قارالسا ئاخىرى بېرىپ چوڭ ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمئىيەتتە تولدۇرغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
|
|