- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2459
- نادىر
- 19
- يازما
- 96
ئۆسۈش
100%
|
جۇڭگۇنىڭ پۇتبولچىلىرى "دۇنيا لوڭقىسى"مۇسابىقىسىگە يارىمىغاندەك ، جۇڭگۇنىڭ يازغۇچىلىرىمۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ . پۇتبول ئويناش چىڭ ھۈنەر ، پۇتبول ئوينىغان چاغدىكى ھەر بىر ھەركەتنى تاماشىبىنلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭدا ھارامزادىلىك ئاقمايدۇ ، قايىل بولمايمەن دېسىڭىزمۇ ئىلاجىڭىز يوق.
لېكىن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، بۇ مۇكاپاتنى باھالاش ۋە تارقىتىش جەريانى مۈرەككەپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگۇنىڭ يازغۇچىلىرى پۇتبولچىغا ئوخشاش خىجالەت تارتىپ يۈرمەيدۇ ، مۇكاپات ئالالماسلىقنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا كۆرسىتىدىغان باھانە-سەۋەپلىرى يېتىپ ئاشىدۇ . بەزىلىرى، غەرپ مەدەنىيىتى شەرق مەدەنىيىتىگە ھەسەت قىلىدۇ-دەيدۇ ، بەزىلىرى خەنزۇ تىلىنى تەرجىمە قىلىش قىيىن بولغاچقا ئەسەرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ-دەيدۇ، يەنە بەزىلىرى شىۋېتسىيىدىكى نامزات تاللاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى چاغلىق –دەيدۇ، يەنە بەزىلىرى نوبېل مۇكاپاتى كارى چاغلىق نەرسە –دەپ پىسەنتىگە ئالمايدۇ . بۇنداقلارنىڭ سۆزىنىڭ ئورامىغا قارىغاندا نوبېل مۇكاپاتىنى بەرسىڭىزمۇ ئالماسمىش . نوبېل مۇكاپاتى ئالغان چەتئەل يازغۇچىلىرىنى ياراتمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .
بۇنىڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئالغان ياپۇنىيىلىك داجاڭ جەنسىلاڭ شەرقلىقلەرگە مەنسۇپ يازغۇچى ئىدى . شۇ چاغدا ئۇلار، بۇ ئالۋاستى ياپۇنەك قانچىلىك بىر نېمىتى –دىيىشتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ،ھەممىسىنىڭ ئاغزى يۇمۇلۇشقا باشلىدى . باشقىلارنى ياراتمىغانلىقىمىز دەل ئۆزىمىزنىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ چاغلىق ئىكەنلىگىدىن بولماقتا . جۇڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە زادى قانچىلىك مۇساپە باردۇر ؟
ئاۋۋال نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارىخىغا قاراپ باقايلى : 1895-يىلى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان چاغ دەل جۇڭگۇدا پادىشاھ گۇاڭشۈي پۇقرالار شەرقى شىمالدىكى كەڭ كەتكەن يەرلەرنى ئېچىپ ، زىرائەت تېرىپ تىرىكچىلىك قىلسا بولىدۇ-دەپ رۇخسەت قىلغان يىل ئىدى . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەشۇ بىپايان زېمىن ئۇلۇغ مەنچېڭ خاندانلىقىنىڭ "پادىشاھلىق يېرى"بولۇپ ، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ روھى ئاياق-ئاستى بولمىسۇن-دەپ ، ئادەم ئايىغى تېگىش مەنئى قىلىنغان ۋە پۇقرانىڭ قەدەم بېسىشىغا يول قويۇلمايدىغان يەر ئىكەن .
مەلۇماتلاردىن بىلىشىمىزچە ھەر يىلقى نوبېل مۇكاپاتىنى شىۋېتسىيە پادىشاھى ئۆز قولى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە تارقىتىپ بېرىدىكەن . بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ پەرقىگە قاراپ باقايلى : مۇبادا نوبېل جۇڭگۇدا تۇغۇلغان بولسا ،ئۇلۇغ مەنچېڭ پادىشاھى دۆلەت تەۋەلىكىگىمۇ قارىمايدىغان شۇنداق مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشقا ماقۇل بولارمىدى ؟ شۇنچە نۇرغۇن مۇكاپات پۇلىنى پادىشاھقا تەقدىم قىلماي، چەتئەللىكلەرگە بېرىۋېتىشنىڭ ئۆزى ۋەتەنگە خائىنلىق قىلغانلىق بولمامدۇ ؟ دېمەك نوبېل شۇ زاماندا جۇڭگۇدا بولغان بولسا "ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى"بىلەن كاللىسى ئېلىناتتى . شۇنداقلا شۇ زامانلاردا جۇڭگۇدىن نوبېلدەك ئىقتىدارلىق بىر ئالىمنىڭ چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستى . ئۆز ۋاقتىدا نوبېل ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئالىملارنى ۋە ئەدىپلەرنى مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، ھەر يىلى باھالاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ شەخسى فوندىدىكى پۇلدىن چىقىم قىلىپ مۇكاپاتلاشنى ۋەسىيەت قىلغان .
دەل شۇ زاماندا ياشاۋاتقان جۇڭگۇنىڭ دانىشمەنلىرى بولسا، قەھرىتان سۇغۇق كۈنلەردە خېيلۇڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدا "سىشى تەيخۇ ئانا"غا ئالتۇن قېزىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنىكەن . ئۇ يەردە بىر ئالتۇن كانى مەخسۇس سىشى تەيخۇنىڭ پەردازلىق خىراجىتى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بولۇپ ، دېمەك : ئوخشاش بىر زاماندا ئىككى دۆلەتتە ياشىغان دانىشمەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە تەپەككۇرىدا مانا مۇشۇنداق ئاسمان-زېمىن پەرق بولغان ئىكەن .
نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش، نامزات تاللاش جەھەتتىكى خىلمۇ-خىل قۇسۇرلارنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن . لېكىن بۇ دۇنياۋى مۇكاپاتنى بىز جۇڭگۇلۇقلارغا باھالىتىدىغان ياكى تاللىتىدىغان ئىش بولسا ، نەتىجىسى قانداق بوپ كېتەر ؟؟؟!!! .
جۇڭگۇدا ھۆكۈمەت باھالىغان ئالىي ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىنى تولا چاغلاردا پۇقرالار ئېتراپ قىلمايۋاتىدۇ، پۇقرا راۋا كۆرگىنىنى ھۆكۈمەت راۋا كۆرمەيۋاتىدۇ . بىر چاغدا جۇڭگۇدا پۇقرالار ئۆزلىرى تاللاپ بېكىتىدىغان،تېلىۋېزىيە تىياتىرىنى باھالايدىغان بىر تۈرلۈك مۇكاپاتنى تەسىس قىلىۋېدى – ئاقىۋەتتە باھالىغۇچىلارغا پارە بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ياغلايدىغان رەسۋاچىلىق يۈز بەردى .
دېمەك : جۇڭگۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى نوبېل مۇكاپاتىغا يارىمايلا قالماستىن ، بەلكى نوبېل مۇكاپاتىغا باھالاش ، تاللاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى ئىجتىمائى مۇھىتمۇ ئىنتايىن ناچار . ئەگەر بۇ دۇنياۋى مۇكاپاتنى بىز جۇڭگۇلۇقلارغا باھالىتىدىغان ياكى تاللىتىدىغان ئىش بولسا بىز چۇقۇم خەلقئارادا رەسۋايى ئەزىم بولىمىز .
مەلۇم بىر يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى گېرمانىيىلىك گىراسقا بېرىلدى، شۇ چاغدا جۇڭگۇلۇقلار غىدىڭ-پىدىڭ قىلمىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ "قەلەي دۇمباق"ناملىق ئەسىرى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق ئىدى . ئەسەرنىڭ بەدئىلىكىدىن گەپ ئاچماي تۇرايلى، گىراسنىڭ بىر گېرمان مىللىتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن گېرمان فاشىسىتلىرىنى چۇڭقۇر پاش قىلالىشى ، گېتلىرنى شۇنچە قەبىھ-رەزىل قىلىپ تەسۋېرلەپ بېرەلىشى ئاسان ئىش ئەمەس . جۇڭگۇنى ئېلىپ ئېيىتساق ، چىڭگىزخاننىڭ قارا نىيىتى گېتلىرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا دۇنياغا يالغۇز خوجا بولماقچى . چىڭگىزخان ياۋۇزلۇقتا گېتلىردىن قېلىشمايدۇ ، چۈنكى ئۇمۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلىلەرنى پۈتۈن ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قويماي قىرىپ تاشلىغان . ئەمما جۇڭگۇدا يازغۇچى ، شائىرلىرىمىز چىڭگىزخاننى ئىزچىل ئۇلۇغ قەھرىمان –دەپ مەدھىلەپ كەلمەكتە . ياۋرۇپالىقلار بولسا چىڭگىزخاننى گېتلىردىن ئۆتە ئەزرائىل-دەپ قارايدۇ .
ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ يازغۇچىلىرى بۇرۇنقى فېئۇداللىق جەمىئيەتتىكى خان-پادىشاھلارنى –چىن شىخۇاڭ،خەن ۋۇدىدىن تارتىپ تاكى كاڭشى،چىيەنلۇڭغىچە زوق-شوق بىلەن مەدىھيىلەپ كەلمەكتە . بۇ يەردە گەپ ، بۇنداق ناتوغرا مەدىھىيلەر بىلەن گىراسنىڭ گېتلىرنى پاش قىلىشى ئوتتۇرىسىدا ئوي-پىكىر جەھەتتە ئاسمان-زېمىن پەرق بارلىقىنى سېلىشتۇرۇشتا . 《يۇڭجېڭ خاندانلىقى》ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا پادىشاھلارنىڭ ئۆز يېنىدىكى ھەرەمئاغىلىرىغا سىنىپىي دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرىمىز . شۇ فىلىمنىڭ ئاپتۇرلىرى ، رېژىسورلىرى شۇ ئەركەكلەرنىڭ ئاغۋات بولغاندىن كېيىن ، يەنى پىچىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئاندىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغانلىقىنى بىلمەي قالمايدۇ . گېتلىر شۇنچە قەبىھ-زالىم بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئەركەكلەرنى پىچىپ تاشلىماپتىكەن . "ياڭجۇدىكى 10كۈنلۈك قەتلى قىلىش""جىيادېڭدىكى 3كۈنلۈك قەتلى قىلىش"لار گېتلىر ئوسۋېشىم جازا لاگېرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقتىن قىلچىلىكمۇ قېلىشمايدۇ . جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بۇرۇنقى خان-پادىشاھلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇزلۇقلىرىنى پاش قىلماقتا يوق ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ خوتۇنىنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىدەك "ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەت"لىرىنى ھەدەپ مەدھىيلەۋاتسا ، قېنى سىلەر بىر ئادىل باھالاپ بېقىڭلارچۇ ، جۇڭگۇ يازغۇچىلىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئارىلىقى زادى قانچىلىك باردۇر ؟؟؟ |
|