- تىزىملاتقان
- 2012-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2218
- نادىر
- 0
- يازما
- 294
ئۆسۈش
7.27%
|
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيىدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيىتى» بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا «ئۇلۇغخور» دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6 ،5 ئەسىرلەرگىچە غەرب، جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلىيەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ -2تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ..
ئۇيغۇرلارنىڭ قان تىپى ۋە ئىرقىي قوشۇلۇش ھادىسىى بىر قەدەر مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا ،ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە چىراي ئىپادىلىرىدىنمۇ ئوخشىمىغان تىپ ۋە ئىرىقلارنىڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپقىلى بولىدۇ...
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘ (ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻱ) ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺩﯗﺱ ﺋﻮﺗﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻳﻔﺎﯓ، ﺩﻯ-ﺯﻩﻱ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ (ﺩﻩﻧﻠﻪﻥ) ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﺴﻪﻳﮕﯩﭽﻪ، ﻳﯧﻨﺴﻪﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎﮬﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺟﻴﯥ، ﺋﯘﺧﯘ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ-ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ-ﺳﺎﻙ-ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﯘﺳﯩﻴﺴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮﺍﻓﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﺑﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ....
|
|