قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4471|ئىنكاس: 31

بايراملاردىن بايراملىرىمىزغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

352

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17272
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 21:52:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بايراملاردىن بايراملىرىمىزغا نەزەر
    تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن  ـــ خەلق ماقالى
                                                 (ئۆزەمگە تەقلىد)

ئۇيغۇر دوپپامەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ ئۈچ يىللىقى، مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقنىڭ  1005يىللىقىغا بىغىشلايمەن .



   ئاپتۇرى:    ئابدېكېرەم مەمەت



          ھەمىمىزگە مەلۇم سىكۇنت ،مىنۇت سائەت بىرلىشىپ سوتكا، كۈن، يىل، ئەسىرلەرنى تەشكىل قىلىغاندەك كىشىلەرمۇ مەلۇم  ئىدىيە ،تىل، تارىخ، ئۆرپ –ئادەت شەرت ىبىلەن  مىردىيان بىلەن پاراللىل كېسىشكەن مەلۇم  نۇقتىلاردا ئۆز-ئارا بىرلىشىپ،توپلىشىپ جامائەت، قەۋىم ، مىللەتنى شەكىللەندۈردىغانلىقى ئاددى ھەقىقەتتۇر. مەيلى قانداق جەمئىيەت، دۆلەت بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئادەم، مىللەت ئۇنىڭ ھۈجەيرىسى. يادروسى دەل مەدەنىيەتتۇر.
          ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھازىرىچە بولغان تەرەققىياتىنى يەنى  : ‹‹ ئورمان ۋەئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتۇپ كېيىنچە بەنى ئىسرائىل پەيغەمبىرى ،گېرىك پەيلاسوپى،ھىندى ھۆكىماسى ،ئەرەپ شائىرى ،خەنزۇ تارخچىسى ياكى تۈرىك مۇزىكانتلىرىغائايلىنىشا قەدەر بولغان جەريانى ۋە ياكى ئەۋرەتلىرىگە تېرە تارتىپ يۈرۈشنى ئۆگىنىپ بارا-بارا ، كىيىم- كېچەك مەدەنىتىيىتى بەرپا  قىلىپ ،كېيىنچە يەنە ئەۋرەتلىرىگە لاتا تارتىپ  يۈرۈش دەرجىسىگەچۈشۈپ››(1)قايتىدىن ‹‹ياۋايى مەدەنىيەت››(2) كە ئەگىشىپ مېڭشى،  قىسمەن مەدەنىيەتنىڭ تەرەققى قىلغان ياكى  قىلمىغانلىق ئۆلچىمىنىڭ  شۇ ئۆلچەم بويىچە بولۇپ  قېلىشىگىچە بولغان جەريانى شۇنداقلا  ئۇرۇقنى يەرگە تېرىشتىن، كېيىنچە ئادەمىنى شىشىدە  ئۇرۇقلاندۇرۇپ كېيىن قوساققا  كۆچۈرۈشنى  ئۆگىنىشى ،تاش قوراللاردىن تەرەققى قىلىپ ئاتۇم،  گىن، يادرو قۇراللىرى ئارقىلىق بارغانسىرى ئۆزىگە ۋە ياكى ئۆزگىگە ھەر جەھەتتتىن خەۋىپ  ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىچە  بولغان جەرياننى  تەخمىنى قىلالىساقمۇ، لېكىن قاچان، ئۆزىمىز ياكى ئۆزگىلەر  تەرىپىدىن گومران بولىدىغانلىغىمىزدەك قىيامەتنى ئۆز قولىمىز بىلەن بارلىققا كەلتۈردىغانلىقىمىزنى تەخمىن قىلالمايمىز . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ۋاقىت ھەممىنى بەلگىلەيدۇ . مەنچە ،بىر يىلنى دۆلەتنىڭ بىر كۈنى دىيىشكە بولىدۇ . چۈنكى دۆلەت ئىچىدىكى سان بىلەن ئىپادىلىگىلى بولدىغان ياكى بولمايدىغان ھەر قانداق ئۆزگىرىش، ئومۇمەن، يىل ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىنىپ ئەتىنىڭ تونى پىچىلىدۇ . ئاقىللار كۆڭلىدىكى بىر كۈننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن خۇلاسە قىلىپ ئەتىنىڭ كۆڭلىدىكى قەدىمىنى باشلايدۇ . مۇشۇنداق توغرا خۇلاسە  قىلىش ھەم  قەدەم بېسىشنى  ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرغۇچى مەيلى دۆلەت ، مىللەت  ۋە ياكى ئادەم بولسۇن ئۇ چوقۇم راۋاج تاپىدۇ،ئەلۋەتتە .
       ئۇزاقتىن مەلۇمكى  ھەر بىر دۆلەت ،قەۋىم ، مىللەتنىڭ ئۆزتەرەقىقياتى مەدەنىيىتى جەريانىدا ئەھمىيەتلىك بولغان كۈنلىرى يەنى: دۆلەتنىڭ خاتىرە كۈنلىرى، مىللەتنىڭ ھېيىت- بايرام كۈنلىرى ، شەخىسنىڭ تۇغۇلغان، توي كۈن، ئۆلگەن كۈنى قاتارلىقلارغائوخشاش ئەستىن چىقارماس كۈنلرى بولىدىغان بولوپ مەزكۇر ماقالىمىزدا سۆزلىنىدىغان كۈنلەر مىللىتىمىزنىڭ مۇھىم كۈنلىرى بولغان ھېيىت -بايرام كۈنلىرىدۇر.
           يۇقىرىدا قەيىت قىلغىنىمدەك  دۆلەتنىڭ كۈنىلىرىدىن بىرى بولغان 2008-يىلدا دۆلىتىمىزدە  كىشنى خۇشھال  قىلىپ  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەسىرلىك ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، 29-نۆۋەتلىك ئوۋلىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى،ئۇلاپلا‹‹ خاسىيەتلىك كېمە 7-›› 9-ئاينىڭ 25-كۈنى غەلىبىلىك قويۇپ بېرىلدى  ھەم قايتۇرۇپ كېلىندى. كۆڭۈلنى  غەش قىلىپ 1-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپجەنۇبىجۇڭگۇدا يېقىنقى 50 يىلدىن  بۇيانقى ئېغىر قار -مۇز ئاپىتى كۆرىلىپ 11 ئۆلكە  ۋە رايۇنغا تەسىر كۆرسەتتى . 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سېچىۋەن ئۆلكىسىنىڭ ۋىن چۈەن ناھىيىسىدە سەككىز بال  يەر تەۋرەپ تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ ھاياتىغا تالاپەت يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگۇ، خەلق ئۈچۈن5-ئاينى19-كۈنى مەملىكەت دەرىجىلىك ماتەم بىلدۈرۈش  ئېلىپ باردى... ۋاھاكازالار بولۇپ ، بۇنى جوڭگۇ خەلقى خۇددى ياپونىيە خەلقى 1945- يىلى 8-ئاينىڭ9-كۈنىدىكى خىروشۇماغا تاشلانغان بودەك (ئاتۇم بومبىسىنىڭ ئىسمى )  نى ئۇنتۇمىغاندەك ۋە ياكى 9-ماينى  ياۋروپالىقلار ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى روسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر  گىتلېرگېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان غالىبىيەت بايرىمى كۈنى قىلىپ 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ خاتىرلىگەندەك خاتىرلەيدۇ ۋەئەستىن چىقمايدۇ. شۇنداق ،ئۆتمۈشنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەك ، ئەگەر ئۆتمۈشمۇكەلگۈسىدەكلا مۇھىم بولمىغان بولسا ‹‹ئوغۇزنامە›› ،‹‹ئودىسسا››،  
       ‹‹ماناس››،‹‹جاڭغىر››،‹‹گىسار››، ‹‹ئىلىئادا›› قاتارلىقلارغا ئوخشاش قەھرىمانلىق قىسسە-داستانلىرى،جەڭنامىلەر، مىسىر ئەلئىھراملىرىدەك مۆجىزىلىك  قۇرۇلۇشلار سېلىنمىغان، مەڭگۈ  تاشلار قالدۇرۇلمىغان، مۇزىيلار ياسالمىغان،دۆلەتنىڭ  خاتىرە كۈنلىرى، مىللەتنىڭ ھەرخىل نامدىكى  ھېيىت-بايرام كۈنلىرى بولمىغان، ئاقچىلارغا  شەخىسلەرنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلمىغان، ھەيكەللەر قاتۇرۇلمىغان ، ئاددىى بىر پارچە رەسىمگەچۈشمىگەن بولاتتۇق . ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئىككى –ئۈچ تال تاماكىغا  ئوت تۇتاشتۇرۇشقا يەتمەيدىغان قەغەز پۇللار، قىلچە ئىشلىتىش قىممىتى  يوق، قالىسا بىر چاي قاينىتىشقا يارىمايدىغان ياغاچتىن ياسالغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، يەرگە بىرلا چۈشسە  ئەخلەتكە ئايلىدىغان فار-فور بۇيۇملىرى، بىر پۇچىقى چاشقاننىڭ غىزاسىغا ئايلىنىپ  كەتكەن ۋاراقچىلار ۋە  رەسىملەرنى  ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش يولىدا قىلىۋاتقان ئىقتىزادى جەھەتتىكى  چىقىم  ۋە باشقا جەھەتتىكى  بەدەللەرنىڭ ھەممسى  ئومومەن مەلۇم قەۋىمنىڭ  مەدەنىيىتىنى ‹‹ئۆزەم››نىڭ قىلىش جەريانىدۇر . چۈنكى ئۇلار ئۆتمۈشنى‹‹سۆزلەپ›› بېرەلەيدۇ ھەم  ئۆتمۇش شاھىتلىرى ھامان ئۆزىنىڭ قابىل ھەم قۇدرەتلىك ئەۋلادلىرىنىڭ قەدىمىگە مەدەتكار بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى تارىخىنىڭ ئىنىرگىيە مەنبەسىگە ئايلىدۇ .
           ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىردە ۋەئوخشىمىغان  مەدەنىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ  مۇھىم خاتىرە كۈن ، مۇھىم ئىش، مۇھىم  ئادەملەرنى خاتىرلىشى ئوخشاش بولمىغان .
        مەسىلەن: قەدىمقى مىسىرلىقلار ھەيۋەتلىك ئەلئىھراملارنى ياساپ،  فىرئەۋىنلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى شەكىل قىلغان بولسا ، يېقىنقى زاماندا ئۆزىمىزگە تونۇشلاردىن  لېنىن بىلەن ماۋزىدۇڭنى داۋاملىق  ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ جەسىدىنى‹‹ مەڭگۈلۈك›› قىلىپقا تۇرىۋالدۇق . ئەكسىچە 20-ئەسىردىكى ئىجادچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك ئالىم، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى100مەشھۇر شەخىسنىڭ  ئونىنچىسى دەپ  قارالغان ئېينىشتىيىن ئۆز مىڭىسىنى تەتقىقات ئۈچۈن تەقدىم ئەتتى ھەم ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە سۆڭەك كۈلى مەخپى ساقلاپ قويۇلدى؛ قايغۇلۇق ئېلان چىقىرىلمىدى ؛ ئاشكارا دەپىن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىدى ؛ قەۋرەقاتۇرۇلمىدى؛ خاتىرە تېشى ئورنىتىلمىدى . جۇئىنلەي ۋە  دىڭشاۋپىڭلارمۇ ئۆز جەسەت كۈلىنى پۈتۈن زىمىنغا سەپتى .... قاتارلىقلار . ئانداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ ؟ مانا بۇ دەل << ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تاكاممۇلاشتۇرۇدىغان،ئىنسان مەنىۋىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان  مۆجىزىلىك ۋاستە بولغان مەدەنىيەت>> (3).
       گىپىمىزگە كەلسەك؛ گەرچە بىزنىڭ  ھېيىت- بايراملىرىمىز  مەدەنىيەت دالاسىدىكى كۈچلۈك كۈن نۇرى باشقامەدەنىيەتلەرنىڭ<<زەرەتلىشى  >>بىلەن ئەسلى رەڭگى سۇسلاپ شۇنداقلا  تەدرىجى تاللىنىش ھەم شاللىنىش  جەريانىدانى ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇدا قوغلىشىپ  بارغانسىرى ‹‹ئورۇقلاپ›› كىتىۋاتقان ھەم رەڭگى بارغانسىرى سۇسلاپ  ئەسلى‹‹رەڭگى››نى بىگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ئىنشاھئاللاھ   ئۇ  يەنىلا مەۋجۇتتۇر .
        مەن تۆۋەندە ماقالەم ئارقىلىق مەدەنىيىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ھەم ‹‹ئورۇقلاپ›› كەتكەن ھەم   ‹‹ رەڭگى ›› سۇسلاپ  كەتكەن بايراملىرىمىزغا بوياقچىلىق  ئىشلىرىدىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ لىكىن رەڭگىنىڭ ماسلاشقان ياكى ماسلاشمىغانلىقى بىلەن ھىچ ھىساپلاشماي ‹‹ بويىماقچى ›› بولدۇم ياكى قارىسىغا ئورۇقلاش مودا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ‹‹سەمرىتىش››نى   ئويلاپ بۇ  ھەققىدە پىكىرلەشمەكچى  بولدۇم. ئەلۋەتتە ، بۇ قەدەمنى بېسىشنىڭ زۆرۈرياكى ئەمەسلىكىنى‹‹ ئەتراپنى ئىشتاھا نەغمىسى قاپلىغان ،گويا ھەر بىر نەرسە ــ ئىتىقاد،مۇھاببەت،ئادەمگەرچىلىك قاتارلىقلار بازار ئىقتىزادىنىڭ دولقۇنىغا ئەگىشىپ تاۋارلىشىپ پول ئېڭى دەرەخ يوپۇرماقلىرى، ئاي نۇرى،قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا قەدەر سىڭىپ كەتكەن، ماددى ئامىللارلا ئەمەس  بەلكى فولكور ۋە مەنىۋىيەت دۇنياسىغا تەئەللۇق بولغان ھېسسى ئامىللار، دەۋىر كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇلۋەسۋەسىسدىن ئىبارەت ماگىنىتنىڭ ئەتراپىغا خۇددى تۆمۈز ئۇۋاقلىرىدەك ئۇيۇشۇپ كەتكەن>> (4) شۇڭا ھەممە  ئۆزىنى‹‹ ئاقچا›› ئىدولوگىيىسىگە ئاتىۋەتكەن،زۇۋۇلىسى چوڭراق ئۈزۈلۈپ ئاتقا مىنگەن  ياكى ئامىتى كىلىپ  ئوشۇقى  سىياھ چۈشكەنلەر  ئابدۇقادىر جالالىدىن  ‹‹يېڭى ئىدىيە جۆيلىمىسى››  دېگەن قىسقا بايانىدا ئوتتۇرغا قويغاندەك‹‹كوپتا بىلەن يوپكا ئىچىدىكى ئىدولوگىيە›› گە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەنلەر  توغرا باھالاپ چىقالمايدۇ.شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنى ئەسلا  ئويلىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭغاندا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى، ئۇلارنى باشقۇرىدىغان نەرسە كاللا- ئىدىيە ئەمەس  بەلكى،  سېمىزلىكتىن ئېسىلىپ كەتكەن ، ئاسما  ئىشتان كەيمىسە ئشتىنى توختىمايدىغان  ھالەتكە كېلىپ قالغان سامان قوساق بىلەنئاچلىقتىن بىئارامسىزنىۋاتقان قۇساقتۇر .
          يۇقىرقى بايانلارنى ئوقۇرمەنلىرىمىز ئانداقتا بىزنىڭ قايسى ھېيىت –بايراملىرىمىز  <<ئورۇقلاپ>> كەتتى؟
          بىزنىڭ روزى ھىيىت، قۇربان ھىيىت ، نۇرۇز بايراملىرىمىزبارغۇ  دەپ  ئويلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە << روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىت نورۇزدىن باشقا ، مەۋلۇت ، بارات >>  قاتارلىق بايراملىرىمىز>>(5) بار ئىدى.  ھەمىمىزگە مەلۇم ھەر يىلقى نورۇز بايرام سەنئەت كىچىلىكلىرى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە  نۇرۇزنىڭ كىلىپ چىقىشى، ئەھمىيىتى، ھەر يىلىدىكى ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بۇ  ھەممە كىشىگە  ئېنىق بولدى  ئەمما ، مەۋلۇت ،بارات  قاتارلىق بايراملىرىمىزنى كىم بىلىدۇ ؟
         ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن كىم ، قاچان، مەۋلۇت ، بارات  قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى ؟ ئەگەر بىرى بىزدىن نەچچە يۈز يىلدىن بىرى  ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۇپ تۇرىدىغان  روزى ھېيىت، قۇربان ھېيىتلارنى نېمە  ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى،  بۇ ھېيىت-بايرامنىڭ كىلەر يىلى قاچان بولىدىغانلىقىنى سورىسا ئۇنى بىرەر ماتىريالغا قارىماي بىلىدىغانلىرىمىز قانچىلىك ؟ قاراپ بىلىدىغانلىرىمىز زادى  قانچىلىك ؟
        دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بىزنىڭ  رىستۇراندا ئىپتار قىلىپ ئاندىن ئوتلاپ قۇيىدىغانلىقىمىز، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ھاراققا زاكۇسكا قىلىدىغانلىقىمىز،  ھېيىت –ئايەملەردە ئائىلىمىزدە ياغ پۇراتقاننىڭ ئورنىغا ھاراق پۇرىتىپ قويىدىغانلىقىمىز ،  ھېيىت -بايراملىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئىپادىسى ھەم  بۇزۇلغان ھەم بۇزۇلىۋاتقان  كىملىكىمىزنىڭ دەللى.شۇنداقلا <<بېغىنى سورىماي  ئۈزۈمىنى يىيىش>>كە ئادەتلەنگەنلىكىمىزنىڭ مەھسۇلى .
        ئانداقتانېمە ئۈچۈن ھېيىت -بايرام قىلىمىز ؟ قاچان قىلىمىز ؟
         بىز يۇقارقى بايراملارنى ئۆتكۈزگۈچى بولۇش سالاھىتىمىز بىلەن  ئىسلام دىنىمىزدىكىمۇ ھىم ھېيت -بايراملارنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق<<بىرىنجى: روزى ھېيىت ھېجرىيە كالىندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بولىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى 2-سۈرىنىڭ 185-ئايەتتە ئېيتىلىشىچە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى توغرايولغا باشلاش ئۈچۈن ‹‹قۇرئان كەرىم ››نى رامىزان ئېيىدا ۋەھى قىلىپ چۈشۈرگەن ...شۇڭا مۇشۇ ئايدا روزا تۇتۇش كېرەك .رامىزان ئېيى ھېجرىيە كالىندارى بويىچە 9-ئايدۇر.ئىككىنچى : قۇربان ھېيىت  ھېجرىيە كالېندارىبويىچە 12-ئاي (زۇلھەججە ئېيى  )نىڭ10-كۈنى بولىدۇ .بۇ ھېيىتنىڭ كىلىپ چىقىشى مەسىلىسىدە ئەرەپ رىۋايەتلىرىگەقارىغاندا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوغلى ئىسمائىل  ئەلەيھىسالامنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان. دەلمۇشۇ چاغدا ئاللاھ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق  بىر قوچقارنى چۈشۈرگەن .شۇنىڭ بىلەن تېرىك مال قۇربانلىق قىلىش ئادىتى شەكىللەنگەن . ئۈچىنجى : مەۋلۇت ھېجرىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاي(رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى ) نىڭ12-كۈنى بولۇپ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش كۈنىدۇر.>>  (6)  بارات ھەقىقىدە سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن  توختالماي تۇراي  .
     يۇقارقى بايرام ھېجرىيە ھىساۋىدىكى بايرام بولۇپ ،مىلادىيە  يىلىغا ئاساسلىنىدىغان  كۈنلىرى تۇراقلىق بولغان بىز  باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزىدىغان  بايرام، خاتىرە كۈنلەردىن خەلقئارادا  100 گە يىتىدۇ .  نەزەر سالىدىغان بولساق بىز ئانچە  بىلىپ كەتمەيدىغان ‹‹ بايرام››لارمۇئاز ئەمەس . ئۇ بولسىمۇ  كۈنلىرى تۇراقلىق بولمىغان   يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساياھەت شىركەتلىرى  تەشكىللىگەن ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش مەخسىدىدە تەشكىللىگەن ساياھەت بايراملىرىدۇر.
       مەسىلەن : قەشقەرشەھرىدە  قەشقەر سودا يەرمەنكىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان‹‹ داۋازلار بايرىمى››، مەكىت ناھىيىسى2008-يىلى 9-ئايدا ئېلىپ بېرىشنى ئويلىغان  ‹‹ جوڭگۇ شىنجاڭ دولان مەدەنىيەت –سەنئەت بايرىمى›› ( شۇ يىلى قىسمەن سەۋەپ بىلەن  2009-يىلى قىلشقا قالدۇرلغان ھەم ئېلىپ بېرشقا ئىمكان بولمىغان   ) ، يەكەندە ‹‹ شىنجاڭ –يەكەن (12مۇقام )مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى››، ئاقسۇنىڭ كۇچاردا ئېلىپ بېرلىدىغان ‹‹كۈسەن مەدەنىيەت–ساياھەت بايرىمى››، پوسكام ناھىيىسىدە 10 -ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان  ‹‹ ئالتۇن توغراق ›› ساياھەت بايرىمى  ، يېڭسار ناھىيىسىدە ‹‹ئۈرۈك چىچىكى بايرىمى››، بايىنغولۇندا ‹‹توغراق  بايرىمى ››،قاغىلىق ناھىيىسىدە‹‹ ئانار چىچىكى بايرىمى››... قاتارلىقلار بولۇپ  بۇ بايراملار نەچچە قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن قىسمەنلىرى خىلى بۇرۇنلا  ‹‹دۇنياغا كەلگەن››بولۇپ ‹‹بالاغەتكە يەتكەن››.
        مەسىلەن: تۇرپان ‹‹ئۈزۈم  بايرىمى›› 1990-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 8-ئايدائۆتكۈزۈلىدىكەن . يۇقىرقىدەك بايراملاردا  ئۆرىپ-ئادەتلەرنى نامايان قىلىش ،  خەلق سەنئەتكارلىرى ھەرخىل ئەلنەغمە ۋە باشقاسەنئەت  نۇمۇرلىرى ئورۇنلاش ،قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى كۆرسىتىش  ،ئوغلاق تارتىش،ئات بەيگىسى، چېلىشىش.... ۋە باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ بىرتەرەپتىن مەدەنىيەت نامايان قىلىنسا يەنە بىر تەرەپتىن كىرىم كۆپەيتىلىىپ قۇش نەپ ئېلىنغان  . يۇقارقىلار يازلىق بولۇپ، قىش مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەگەر سىتاتىستىكىلاپ كۆرىدىغان بولساق دىيارىمىزدا   35 خىل ھەر خىل مەزمۇندىكى ساياھەت بايراملىرى بار ئىكەن.  بۇلارنىڭ ئىچىدە  مەھەللىۋى خاراكتىرنى ئالغان يەرلىك بايراملاردىن ئارتۈرىك ناھىيىسى ، باي يېزىسىدا ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزلىدىغان ‹‹بۇلاق تازىلاش ›› بايرىمىغا ئوخشاش بايراملارنى ساناپ چىقمىدۇق .ئەمما  ئۇلاردىن ھۇزۇرلىنىدىغىنى ئاساسەن  بىز ئەمەس باشقىلار. خوش، نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان مەدەنىيەتتە يىڭىلىق يارىتىش ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى  بىرلەشتۈرۈش،  ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق،  قىلىش كىيىنكىلەرگە يول ئېچىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ  مەزگىلدە نېمە ئۈچۈن ‹‹بىزمۇ›› دەۋىر ياراتقان ياخشى پۇرسەتتىنپايدىلىنىپ خەلقىمىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىپ، مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىپ،بۇ ئارقىلىق  مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زىمىن ھازىرلاپ ،ئۆزىمىزمۇ ئۆزگىلەرمۇ ھوزۇرلىنىدىغان بايراملارنى  پەيدا قىلمايمىز. توغرا،ئانداقتا  ھازىرغچە بولغان تارىخىمىزدا شۇنداق  بايرام قىلىپ  مەڭگۈ تەنتەنە قىلغۇدەك كۈنلەر بولدىمۇ يوق؟  
        بولدى. يىراقىنى دىمەي، يېقىننى ئېيىتقاندا  2008-يىلى . يەنى، 2008-يىلىنىڭ بېشىدا ب د ت مائارىپ- ئىلىم، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 34-قىتىملىق يىغىنىدا ئىلىمزنىڭ11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ 1000يىللىقى مۇناسىۋتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق 2008-يىلىغا  ‹‹ مەھمۇد كاشغەرىي ›› يىلى دەپ نام بېرىلگەنلىكى  بولىشى مۇمكىن. ياق، دەل شۇ.چۈنكى 2008-يىلى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلانغاندا بۇئالەمشۇمۇل خوش خەۋەرنى  ئاڭلىغان ھەم ئۇنىڭغا بىزدىن بەكرەك  كۆڭۈل بۆلگەن تۈركى مىللەت دۆلەتلىرىدىن ئالدى بىلەن تۈركىيە ئاندىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ باشقا  دۆلەتلەر  داغا-دۇغىلىق تەبرىكلەش ۋە خاتىرلەش  پائالىيەتلەرنى ۋە ئىلمى مۇھاكىمىلەرنى ۋە باشقا ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
       مەسىلەن : تۈركىيىنىڭ ئىستانبول ،ھاجى بەدەر ، ئەنقەرە، رىزە، تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرى، چىمكەنت شەھىرى ، قازاقىستان ئالما-ئاتا شەھىرى . قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى قاتارلىقلار  پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 24-26-كۈنىگىچە  بۇ ئىشنى خاتىرلەش ھەم تەبرىكلەش يۈزسىدىن  بېيجىڭدا، جوڭگۇ  بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىقىدا  دەرىجىسى يۇقىرى، كۆلىمى چوڭ بولغان خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.  2008-يىلى  12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ، بۇ يىغىنغا  ھەر ساھەدىكى 10نەچىچە ئالىم- مۇتەخەسىس،تەتقىقاتچىلار ،ئىلم تەلەپكارلىرى ، ئەدىپ ۋە ئىلمي خادىملار شۇنداقلا  شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىللىرىدىن بولۇپ 400گە يېقىن كىشى  قاتناشقان . شۇندىن كېيىن شىنجاڭ تېلىۋىزىيەئىستاستىسى ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز ››،‹‹ مەدەنىيەت بوستانى ›› قاتارلىق پىراگىراممىلىرى مەخسۇس بۇ ھەققىدە  قىسقا پىراگىراممىلانى  ئىشلەپ چىقتى(گەرچە كىچىككەنرەك بولسىمۇ بىرمەخسۇس كىچىلىك قىلالمىغان بولسىمۇ،   بەلكىم ئۇلار  باشقا كىچىلىكلەرنى ئشلەش بىلەن‹‹ ئالدىراش››بولغان بولىشى مۇمكىن ). بۇ ئارقىلىق  خەلققە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كىملىكى   ھەم  ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە  چۈشەنچە بەردى. ئۇندىن باشقا نوپوزلۇق ژورناللاردىن ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى››،‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر  مۇنبىرى ›› ، ‹‹ جوڭگۇ مىللەتلىرى ››قاتارلىق ژورناللار مەھمۇد كاشغەرى يىلىغا ئاتاپ ئاخبارات قىممىتى يۇقىرى، ئىجتمائى ئۈنۈمى يۇقىرى  تەتقىقات قىمىتى زور تەتقىقات ماقاللىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى ›› ژورنىلى مەخسۇس مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىلىغا ئاتاپ مەخسۇس 2008-يىللىق 6-ساندا ‹‹ دىۋانۇ لوغەتت تۈرك ›› تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمى قىممىتى يۇقىرى بولغان  تەتقىقات ماقاللىرىنى ئېلان قىلدى . بۇ جەھەتتە باشقىچىرەك خاتىرلەش ئېلىپ بارغىنى مەركىزى مىللەتلەرئىنىستىتوتىنىڭ  پىروفېسسور  دوكتور ئابدۇرەئوپ  تەكلىماكان  يىتەكچىلىكىدىكى ئېلىپ بېرىلغان  پائالىيەت بولدى . يەنى ئۇلار مەھمۇد كاشغەرىي  تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ  يىلىغا ئاتاپ مەنىلىك قىلىپ  1000تال  خاتىرە ئىزنىكى ياسىغان ھەم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ  پورتىرىتى  چۈشۈرۈلگەن << 2008-يىلىنىڭ دۇنيا  مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز>> دېگەن   ئۇيغۇرچە، تۈرۈكچە،ئەرەپچە، خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە،ياپونچە خەت بېسىلغان  مايكىلارنى  56مىللەتلىك مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى قوروسىدا كىيىپ ،تاقاپ ئىپتىخارلانغان.
      شۇنداقلا، 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئارلىقنى يىراق كۆرمەي  ئۆزى باشلامچىلىقىدا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتۇتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلىتىتىدىكى 40  نەپەر ئوقۇغۇچى  يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوپالغا بېرىپ،  مەھمۇد كاشغەرى قەبرىگاھىنى  زىيارەت قىلغان يېڭىدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن  يوپۇق ياپقان.(مەن بۇ پائالىيەتنىڭ  ئەمەلى ئەھۋالى ئېلىغان سىن لىنتىسىنى كۆردۇم).   ئانداق بولسا مەھمۇد كاشغەريى ئاز ساندىكى زىيالىيلارلا بىلىدىغان، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك چوڭ ياخشى ئىشنى  شۇلارلا  تەنتەنە قىلىدىغان خاتىرلەيدىغان ،  باشقىلار  بىلىسىمۇ- بىلمىسىمۇ بولدىغان شەخىس ياكى ئىشمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. ئانداقتا دۇنياتۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن مەھمۇت كاشغەرىينىڭ  ئىسمىنى ئاتاپ مۇكاپات بەردى.
    بىز مۇشۇنداق دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرشكەن مۇيسىپىتنى كۆپچىلىك << قەشقەرلىكلىرىمىز>>  قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى  تەنتەنە قىلدۇق  ھەم خاتىرلىدۇق  ؟
      مېنىڭ ھەيران بولغىنىم قەشقەرلىك بىر كىشىنى دۇنيا خاتىرلەپ ئالقىشلاۋاتسا ‹‹ قەشقەرلىك›› لەرنىڭ بۇرنىنى قولىغا تىقىپ  قاراپ تۇرۇشىدۇر.  مەنچە بۇ ئالىمنى ئۇنتۇپ قالماي داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇش تۆۋەندە ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك  ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا خاس.<<چۈنكى (دىۋان) جوڭگۇدىكى  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانلار ئىلىم ساھەسىگە قوشقان كاتتا تۆھپىرىلىدىن بىرى . ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا خاس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ . بۇ قامۇس تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر قاتار خەلقنىڭ مەدەنىيەت تارىخى،تىل تارىخى ،ئەدەبىيات تارىخى،مىللەتشۇناسلىق تارىخى قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ.جوڭگۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆزتۇپرىقىدا( دىۋان)نى ئاپىرىدە قىلىپ،جوڭگۇ خەلقى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتارتۈركى تىللىق خەلقلەر ،جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى زوقلىنىدىغان بايلىققا ئايلاندۇرغان>>(7).
       ماتىرياللارداكۆرسىتىلىشىچە، جوڭگۇ ،قازاقىستان، قىرغىزىستان ،تاجىكىستان،ئۆزبىكىستان بىرلىشىپ مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى ‹‹يىپەك يولى ›› دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ 2010-يىلى بىرلىكتە  ئىلتىماس قىلىشنى پىلانلىغان. 2009-يىلى  9-10-ئايلاردا جوڭگۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەركىزگە ئىلتىماسنى تاپشۇرىدىكەن ئاندىن  باھالاش نەتىجىسى چىقىدىكەن.(بەلكىم تاپشۇرۇپ بولۇنغاندۇر).مەن ئالىمنىڭ شاھانە  ئەسىرى  ‹‹تۈركى تىلار دىۋانى››نىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدەئىلگىرى- كىيىن بىر قانچە قېتىملىق   ئوڭۈشسىزلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۆت قېتىم نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىلسەممۇ لىكىن ئۇنىڭ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ قانچە دۆلەت ۋە رايۇندا، قانچە  خىل تىلغا  قانچە قېتىم تەرجمە ۋە نەشىر  قىلىنىغانلىنى بىلمەيمەن .  ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ  80-يىلىرىدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان‹‹مەمەت ئاۋاق›› ناملىق روماننى ھەممە ئادەم بىلسە كېرەك . بۇ رومان 30 نەچچەدۆلەتتە  100 قېتىمدىن  ئارتۇق نەشىر قىلىغان كىتاپتۇر. ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر كىتاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرپىدىن ‹‹دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر›› دەپ كۆرسىتىلگەن ھەم 1978-يىلى فىرانسىيىنىڭ ئەڭ ياخشى چەتئەل ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم 1982-يىلى دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھەرىدە پۈتۈن دۇنياغا‹‹ مەمەت ئاۋاق›› نى 30يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ رومان دەپ بايانات ئېلان قىلغان .شۇۋەجدىن  ياشار كامالغا‹‹ دېر دوكا دۇنيائەدەبىياتى مۇكاپاتى›› بەرگەن. ھەمدەئۇنىڭ ئىسمى دېر دوكا فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىناسى ئالدىدىكى تاش تۈۋرۈككە ئىسمى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلغان .  
          مەن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئوخشاش بۇ ئىككى كىتاپنى ئۆز-ئارا  سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلساممۇ  ئەمما ھازىرقىدەك ئوبىكتىپ شەرت شارائىتتا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئازراق بولسىمۇ ئوخشاشلىق بارلىقىنىمۇ ئىتراپ قىلماي  تۇرالمايمىز. مېنىڭچە، يۇقارقىلار بەدەلسىزئىش ئەمەس چۈنكى ‹‹بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ›› ئۇنىڭ ئۈستىگە <<مىللى ئىناۋەتنى بىر مىللەت ئۆزى تىكلىمىسە ،ئۇھەرگىزمۇ  باشقا بىرسى ئىچ ئاغىرىتىپ ياكى ئادالىتىگە ئېلىپ تىكلەپ بېرىدىغان   نەرسەئەمەس>>. (8) شۇڭا بىز چاشقىنەك(مائۇس) نى بىر چىكىپ دۇنيانىڭ  ئۇ چېتىگەچىقىش ھازىرلىنىپ ،باشقىلارنى بىر خىل كۆزدە سىتىرولۇق كۆرگىلى بولۇۋاتقان مۇشۇ  دەۋىردە  ئۆزىمىز تاش ساناۋاتقان چاغدا باشقىلارنىڭ  نىمىنى ساناۋاتقانلىقىغا كاللا قاتۇرىشىمىز لازىم ،ئەلۋەتتە.
        مىنىڭ قارىشىمچە 2008-يىلىنىڭ مەھمۇدكاشغەرىي يىلى بولغانلىقىنى‹‹قەشقەرلىكلەر ››نىڭ باشقىلاردىن  بالدۇرراق بىلىپ،  بۇ ‹‹بوۋاي››نى ئەمەلى ھەركىتىمىز بىلەن باشقىلاردىن بەكرەك‹‹ جانلىق››قۇتلۇقلىمىغانلىقىمىز ، بىزنىڭ  ئۇچۇردانەقەدەر ئارقىدا قالغانلىقىمىزدەك بىكىنمىچىلىكىمزنى بىلدۈرسە،  يەنە بىر تەرەپتىن پاقا ئۆزىنىڭ ئەسلىدە قۇمچاقتىن تەرەققى قىلغانلىقى بىلمىگەنلىكىمىز بىلەن باراۋەر . نۆۋەتتە‹‹ ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللى ئەنئەنىسىدىن پىسخىك يىلتىزىدىن يىراقلاپ كەتكەن، مىللى ئەخلاق ئەنئەنىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيىدىكى رولى جارى قىلدۇرۇلمايۋاتقان ،ئەكسىچە مىللى ئۆزلۈك  ۋە مىللى ئەخلاق ئامىللىرى تاشلىۋىتىلگەن>>(9) مەدەنىيەتلەر دىفۇزىيىلىنىپ تىلىمىز ، مىللى ئەخلاقىمىز، قىممەت قارىشىمىز خۇددى ئاي شارى ھەر يىلى تۆت سانتىمىتىر يەرشارىدىن يىراقلاشقاندەك يىراقلىشىۋاتقان، دۇنياقارىشىمىز كۈچلۈك سىناق ، مۈشكۇل تاللاشقا دۇچ كېلىۋاتقان ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش، تەقدىرىمىز توغرىلىق قاتمۇ-قات ئەندىشىلىك خىياللارئىلكىدە تىپىرلاۋاتقان،بىلىپ بىلمەي قەدىمقىلارنىڭ ئەمگىكىگە  سەل قاراش، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىنى ئۇنتۇش، يول باشلىغۇچىلارنى بىلمەسلىك ، قاششاقلىق،مەنىۋى جەھەتتىكى گالۋاڭلىق، شامالغا ئەگىشىش  ئېغىر بولۇۋاتقان كەلگۈسىمىز ۋە  تەپەككۇرىمىزسەزگۈرلىكى كەم بولىۋاتقان ، قىسمەن ۋاقىتتا نېمىگە قارشى تۇرۇپ،نېمىنى قوللاشنى دەل جايىدا بىلمىگەنلىكىمىزدىن مىللىتىمىز تارىخىنى، مەدەنىيەت ئېتىتىك يىلتىزىمىزنى نۇرغۇن نەرسىلەرنى كىچىكىپ ھىس قىلىۋاتقان ، شۇ ۋەجىدىن  قسمەن مەدەنىيىتىمىز ئۇچۇر دەۋرىدىكى يۇقىرى سۈرەتلىك  مەدەنىيەت تاش يولىنىڭ  ئاچاللىرىدا تۇرۇپ قالغان ، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنىڭ كوردىناتىدا مەنپى يۆنىلىش بويىچە خۇددى سىنۇس ئەگرى سىزىقىدەك  بىر يېقىنلىشىپ بىر يىراقلاپ ياشاۋاتقان شارائىتتا ،بىز مەدەنىيىتىمىزنى يىلتىزدىن ‹‹چىقىرىش››ىشقا شارائىت ياراتقان،ئەگەر  يىلتىزدىن چىقارساق نەتىجىسى ئۇنىڭ‹‹ كۇۋادىرات››ى بولىشقا ئاساس سالغان بەختى ئۈچۈن تەختتىن ۋاز كەچكەن‹‹بوۋاي›› غا بېرىدىغىنىمىز  خانتەڭرى  ئەدەبىيات مۇكاپاتىمۇ ؟
       تۇلپار مۇكاپاتتىمۇياكى شىجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەھسىس قىلغان مۇكاپاتلاردىن ‹‹ئالاھىدە تۆھپەمۇكاپاتى›› مۇ ياكى‹‹ تۆھپە مۇكاپاتى›› مۇ ؟
      چوڭ ياشلىق ئوقۇمەنلىرىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك،كوڭزى 2000 يىللار بۇرۇنقى ئەمىنىيە دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ  ‹‹مەينەت›› ئىنقىلاۋىدا قاتتىق تەنقىد قىلىنغان شەخىس ، ئەمما ھازىر دەل ئەكسىچە بولغان. يەنى، كىشىلەر مەخسۇس كوڭزى ئىبادەتخانىسى ياساپ ئۇنى خاتىرلىگەن. ھەر قېتىم كوڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندائۇنىڭ يۇرتى شەندۇڭ  ئۆلكىسىنىڭ چۈفۇ دىگەن يېرىدە  (曲阜国际孔子文化节) چۈفۇ كوڭزى مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كوڭزىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدىكەن.
     تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا جوڭگۇدا ھەر يىلى بەش مىڭغا يىقىن مەدەنىيەت ساياھەت بايراملىرى  ئۆتكۈزۈلۇپ تۇرىدىغان بۇلۇپ كوڭزى مەدەنىيەت بايرىمى تەسىرى چوڭ بولغان ساياھەت ۋە مەدەنىيەت بايراملىرىدىن بىرىكەن  .
        بۇ بايرام 1984-يىلى 9-ئاينىڭ22-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بايرامنىڭ 1قىتىمىنى  كوڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2535يىللقى بىلەن باشلىغان. شەندوڭ ئۆلكىسى چىنىڭ شەھىرىدىكى   كوڭزىنىڭ يۇرتى بولغان چۈفۇدا  تۇنجى قىتىم ئۆتكۈرگەن بۇ كوڭزى مەدەنىيەت بايرىمى تەرەققى قىلىپ  ھەم ئەسلىدىكى  كىچىك تىپتىكى مەدەنىيەت بايرىمى خەلقئارا مەدەنىيەت بايرىمىغا ئۆزگەرگەن بايرام باش تىمىسىمۇ كوڭزىنى چۆرىدىگەن ھالدا يىلسىرى مۇكەمەللەشكەن پائالىيەت شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنىمۇ مول بولغان بايرامغا ئايلانغان. 2005-يىلىغا كەلگەندە بۇ بايرامدا بۆسۈش خاراكتىرلىق ئۆزگىرىش ياساپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ كومتىتى بىرلىكتە قاتنىشىپ باشقۇرىدىغان  ياپۇنىيە، كورىيە ،سىنگاپۇر، ھەتتا  ئامىرىكا ۋە  گىرمانىيىىنىڭ بىر قىسىم   جايلىرىدا ئېلىپ بىرىلىغان  بايرامغا ئايلانمغان.  قىسمەن چەتئەل مەملىكەتلىرىدە كوڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بىكىتىلگەن. ئۇندىن باشقا  خەۋەرلەرگە قارىغاندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىى بىلەن روسىيىدىكى ئالى مەكتەپ ھەمكارلىشىپ كوڭزى مەكتىپى تەھسىس قىلغان . شۇنىڭ بىلەن كوڭزى نامىدىكى مەكتەپ ۋە دەرسخانىلار 2008-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە جوڭگۇ ئىچى- سىرتىدا بولۇپ 48 دۆلەتتە  278گە يەتكەن.
  مېنىڭ تىخىمۇ ھەيران بولغىنىم شۇ بولدىكى؛ مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى  يۈرۈش قانىلىدا ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىلىدىغان ‹‹بىز››( 我们) دېگەن  كۆپچىلىك ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ قاراشلىرىنى بايان قىلىغان كوڭزى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان   نەچچە دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەرخىل سەۋىيە ۋەياشتىكى كوڭزىنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئۇنىڭ ‹‹ مۇھاكىمە ۋە بايان ›› دېگەن ئەسەرلىرىدىكى قاراشلارغا نىسبىتەن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن  پىكىرنى بايان قىلىش ئۈچۈن   ئىختىيارى قاتناشقۇچىلار  قاتناشقان پىراگىراممىدا كوڭزىنىڭ 30-ئەۋلادىنىڭ  پەيدا بولىشىدۇر .بۇنى كۆرۈپ كۆپچىلىكىمىزنىڭ چوڭ دادىمىزدىن ھالقىپ ئەجداتلىرىنىڭ  نامى- نەسەبىنى بىلمەيدىغان ،ئاتا تەرەپ تۇغقانلىرىنى ياخشى بىلسە، ئانا تەرەپ تۇغقانلارنى ياخشى بىلمەيدىغان ياكى بىلشنى خالىمايدىغان ،سېلىشتۇرما بىلەن   بىرسىنىڭ‹‹  ئۆتمۈشنى بىلەلمىگەن ئادەم كەلگۈسىنى يارتالمايدۇ ، ئۆتمۈشۈڭ ئېنىق بولسا كەلگۈسۈڭ يارقىن بولىدۇ ››دانا پىكىرى يادىمدىن كەچتى.
        ھەمىمىزگە مەلۇم گوۋۇيەن ئىشخانىسىنىڭ ‹‹2008-يىللىق قىسمەن ھېيىت-بايراملاردا دەم ئېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكرى›› تارقىتىپ  بۇرۇنقى ئادەتتىكى بايرام سانىلىدىغان تاۋۇزچاغىنى ،چوكانتال بايرىمى (قەۋرە سۈپۈرۈش بايرىمى )،تاڭزۇڭزا چاغىنى قاتارلىقلارنى رەسمى قانۇنى بايرام قىلىپ بىكىتتى.   
        دېھقانلار كالىندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنى بولۇپ بۇ دۈنۋۇ بايرىمى (端午节)،دىۈۋەنياڭ بايرىمى،5-ئاي بايرىمى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ 2500 يىللىق تارىخقائىگە ئەنئەنۋى بايرام بولۇپ بۇنى كورىيەمۇ ئۆتكۈزىدىكەن  . ئۇلاردا بۇ بايرامنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى بولۇپ بۇ بىر مول ھوسۇل تىلەيدىغان تىلاۋەت پائالىيتى ئىكەن. ئۆتكەن  ئەسىرنىڭ  ئوتتۇرلىرىدا كورىيىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن  دۆلەت دەرىجىلىك ئون چوڭ بايرىمىنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلگەن.
        2003-يىلى ب د ت نىڭ پەن –تېخنىكا،مائارىپ-مەدەنىيەت كومتىتى بۇ بايرامنى كورىيىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قىلىپ ئېلان قىلغان ۋەدۇنيادىكى يۈزلۈك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مىراسقا كىرگۈزگەن . دۆلىتىمىزمۇتەخەسىسىلىرى  بۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق رەت قىلىنغان. سەۋەبى‹‹ غەيرى ماددى مىراسلىرى مىللەت، دۆلەت ئاتلايدۇ، كىم بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا شۇنڭكى›› دېگەن چوڭ پىرىنسىپنىڭ بولغانلىقىدىن ئىكەن  .
       ئېلىمىزدە بايرامنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇش بىلەن بىللە بايرامنىڭ مەنبەسى بىزدە ، يەنى ئۇنىڭ ئۇلۇغ  ۋەتەنپەرۋەر شائىر چۈيەننى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقى بايرام بولۇپ  بۇ بايرام بىز ئارقىلىق باشقا مەملىكەتلەرگە تارقالغان كورىيىلىكلەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىكەن ،ئەمما كورىيىلىكلەر بۇ بايرامنى ئىجادى تەرەققى قىلدۇرغان ،بايرامنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ، ئېلپ بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇننى موللاشتۇرغان خالاس.كىم دېگەن بولغىيىدى .‹‹ تارىخ- ئاچقۇچى يۈتۈپ كەتكەن يەر ئاستى ئۆي›› دەپ ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ. دېمەك،ئۇلار ئاچقۇچنى قولىغا ئېلىۋالغان . شۇنى مىنۇتلاردا چۈش كۆرمەكتىمەن .  چۈشۈمدە  بىر توپ مەن ئىسمىنى بىلىدىغان ئەمما ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، ساقال- سومباتلىرى كىلىشكەن، يارىشىملىق تونلارنى كىيىشكەن، خىزىر سۈپەت تۇراتتى . مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرقانچە مويسىپىتنىڭ مۇبارەك نامىنى بىلىدىكەنمەن  .  ئۇ بولسا ئۆزبىك مىللىتى بىزنىڭ بۈيۈك شائىرىمىزدەيدىغان  ، ئۇيغۇرلار بولسا ئۇ  ئىسلام تەسىرى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كىيىنكى كاتتا ۋەكىلى دەيدىغان ئەلشىر نەۋايى ئىدى . يەنە بىرى بولسا   ئۇيغۇرلاردا نەسىردىن ئەپەندى، قازاقلاردا ئالدار كوسا ياكى  قوجا ناسىر ، ئۆزبىكلەردە خوجا نەسىرىدىن نامى بىلەن ئاتالغان  سالپاق قۇلاق ،كالتە قۇيرۇق بوز ئىشىكىنى يىتىلەپ، ئالا خۇرجۇننى دولىسىغا سالغان پېتى ئۆزىگە خوپ ياراشقان ساقىلىنى سىپىغىنىچە  قىش- ياز سەللىسى ياكى دوپپىسىنى بېشىدىن چۈشۈرمەي   ئۆزىنىڭ قەيەرگە تەۋە ئىكەنلىگىنى تاپالماي يۈرگەن كىشى ئىدى .  
        توغرا، يۇقىرقىلار  بىرئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم مىللەتكە تەۋە ،مەلۇم جايدا ياشىغان كونكىرىت بىر  ئادەم ئىدىغۇ؟
      ئەمما. يۇقىرقىسى پەقەت بىر تىپ. ئەگەرئىزدىنىدىغان بولساق بۇنداق تىپلارمۇ  ئازئەمەس . دىمىسەممۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقارقى بايانلارنى يېزىشىمنىڭ نېمەۋەجىدىن ئىكەنلىگىنى بىلىپ بولدى. بەلكىم خىيالىرىم بىر ئاز مۇبالىغە بولۇپ قالغان بولىشى مومكىن  . يەنە مېنىڭچە، بىز ئەمدى  يوقتىپ قويغان ياكى ئورنىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەڭگۈشتەرلىرىمزنى ئەسلەيلى ، ئۇنتۇپ قالغان روھلىرىمىزنى قايتا تونۇيلى، ئەسلەيلى،سېغىنايلى .                       
     2008-يىلىنىڭ ‹‹ مەھمۇت كاشغەرىي ›› يىلى قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى بۇ ‹‹بوۋاي››نى بۇندىن كېيىن  ئۇنتۇپ قالماسلىققا خاتىمە بىرىپ بىرەر خاسىيەتلىك كۈننى بەلگىلەپ مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىققا  باشلاشنىڭ مۇقەدىمىسى بولغۇسى. چۈنكى بىر يىل بۇندىن كىيىنكى ۋاقىتقا نىسبىتەن كىرپىك قېقىش بىلەن تەڭدۇر.  ‹‹بىز سانسىزلىغان يىمىرىلمەس تارىخى پاكىتلاردىن مەدەنىيەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ رولىغا دەرگۇمەن بىلەن قارىمايدىغان بولدۇق . ئەلۋەتتە ،مەدەنىيەت ھەققىدىكى تونۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقى مەدەنىيەتكە بولغان مۇھاببەتنىڭ ئويغانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ،  ئەمدى بىز مەدەنىيەتكە ئېرىشىش ۋە ئۇنى ساقلاپ قىلىش يوللىرى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز لازىم ›› (10).
       مەن ئۇشبۇ قۇرلارغا قەلەم يورغىلاتقاندا خىيال كەپتىرىم دون ۋە  ۋولگا دەرياسىنىڭ ئاسمىنىدا قانات قېقىپ ، گاھ ئەدىپ مەشھۇرلانىڭ نامى بىلەن ئاتالغان سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى  لىنىنگىراد ، سىتالىنگىراد ، پوشكىن رايۇنى،  گوركىگىرادلارغا  نەزەر سالسا  گاھ ئىناقلىق، ئىتتىپاقىلىق ئۈچۈن  قايتىدىن گىرەلەشكەن گىرمانىيە زىمىنداشوخ ئېقىۋاتقان رىيىن دەرياسىنىڭ ئۈستىدە  پەرۋازقىلىپ ئۇنىڭ   ئۇنۋىرسىتىت شەھىرى دەپ ئاتالغان گوتتىنگىن شەھەرىدىكى  نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم ۋە باشقا ئەدىپ ، شەخىسلەرنىڭ  نامى ئاتالغان،18 چىرايلىق كوچىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى . شۇنداقلا ئۇ ماڭا  بىزدە   قەدىمدىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئالىم ئەدىپلەرئۆتكەن بولسىمۇ  دۇنيا  بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ  ئولتۇراقلاشقان دىيارىمىزدا  بىرمۇ ئۆزىمىز ئىتراپ قىلغان  ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئەدىپلىرى  ياكى مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆرىنەرلىك  تۆھپە قوشقانلارنىڭ نامى  بىلەن ئاتالغان شەھەر  ئەمەس ھەتتا كوچىنىڭمۇ  يوقلىقىدەك قاملاشمىغان خىيالنى يادىمغا سالدى .  بۇ خىيالىرىمنى ھىچ كىشىگە تىنمىدىم. چۈنكى،  بۇ خىيالىمنى ئاڭلىغان  ‹‹موللا تاپقاق››لار بىزدە بۇنداق داڭلىق ئادەملەر يوق دىيىشى مومكىن ، نېپىز يۈزىنى قېلىن قىلىپ خىجىل بولماي . ئەمدى  بىز بۇنى قانداق قىلىپ مەڭگۈ خاتىرلەيمىز شام پۇۋلەمدۇق؟ شئېر يازامدۇق ياكى پولو ئېتىپ يەپمۇ ؟ ياكى پاكلىنىپ قىبلىغا يۈزكەلتۈرەمدۇق ؟ ياكى  تىلىمىزنىڭ ۋە مەدىنىيىتىمىز ھەققىدە   پىكىرتەلقىنلەرنى  قىلىشامدۇق ؟ ۋە ياكى بىر يىل
ئىچىدە تىلىمىز ۋە  مەدەنىيىتمىزگە قوشقان توھپىسى زور بولغانلارغا تون كەيدۈرۈش ئېلىپ بارامدۇق ؟...  
     مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم ،ئەلۋەتتە، خىرىستىيانلارنىڭ ئېسا ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان بايرامنىڭ ۋاريانتى ئەمەس ياكىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىكى مەۋلۇت ئەمەس   بەلكى ئۆزگىچە بولغان خاتىرلەش بايرىمىدۇر . ‹‹ئۇنتۇلمايدۇ مەھمۇد قەشقەرى›› دەپ ئىككىپەدە  توۋلاپلا قۇيسان تازا قاملاشماس.  شۇنداق ، ئەڭ مۇھىم   گەپ ئۇنى قانداق تەبرىكلەشنى بىلىش، يەتكۈزۈش، داۋاملاشتۇرۇشتا. مەن ‹‹ئاتىلاربايرىمى››،‹‹ ئانىلار بايرىمى››،‹‹ ئاشىقلار بايرىمى››...ھەتتا خىجىل بولماي  ‹‹ روژدىستىۋا بايرىمى››  قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ  شۇنداق ياخشى ئەھمىيەتلىك يېڭى بايرامنى يارىتىدىغانلىقىغا  ئىشىنىمەن.     
        چۈنكى<< ئۆز ۋەتىنىدىن، ئۆزخەلقى ، ئۆز تارىخىدىن ، مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىش ، ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ روھىيەت مەشئەللىرى ،چولپان يۇلتۇزلىرى بولغان ئالىم،ئەدىپلەردىن ئىپتىخارلىنىشمۇ ۋە يەنە مەنىۋىيەتتىكى جەمئىيەتلىشىۋاتقان گاللىقلاردىنئاچچىق ئەجەپلىنىشمۇ>>(11) ھەر بىر مىللەتكە ھەم شۇ تەۋە بىر ئىنسانغانىسبىتەن  ئەقەللى بىر مىزاندۇر.
شامالباغبازىرى يالغۇز تېرەك باشلانغۇچ مەكتەپتىن
(2009-يىلى 2-ئايدا يىزىلىپ، 2013-يىلى 4 -ئايدا تۈزۈىپ تولۇقلاندى)
پايدىلانمىلار: (1) شىنجاڭ مەدەنىيىتى ،2008-يىلى  4-سان، ھىببىلاتوختى ،مەدەنىيەتنىڭ گىن خەرىتىسى .
(2) ئادىل تۇنىياز ئەسەرلىرى(2)، پەيغەمبەردىيارىدىكى كېچە (سۇنىڭ بىشارىتى  ،  242-بەت)
(3) (8) يالقۇن روزى،تەكلىماكاندىكى  ئالتۇن كولدۇرما ( پۇلتوزۇتقان خياللار 95-98-بەت )
(4) ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى، مەنىۋىيەتئېڭىنىڭ ياتىلشىشى،125-بەت  
(5) داۋۇت سايىم، راھىلەداۋۇتلار  تۈزگەن،  ئۇيغۇرچە، دۇنيا مىللەتلىرى، 1996-يىلى 6-ئاي1-نەشرى، 220-بەت
(6) ئۇيغۇرچە ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىربىلىملەر،  مىللەتلەر نەشىرياتى،1996-يىلىنەشرى،   49-50-بەتلەر
(7) شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى 2008-يىللىق 6-سانى، جوڭگۇدا<<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرىك>>نىڭ تۆت قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرى ، غەيرەت ئوسمان ئۇتغۇر 8-بەت
(9) (10)ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقاللىرى توپلىمى( مىللى مائارىپىمىزدىكى سۈپەت تەشۋىشى، 204-205-بەت )
(11) شىنجاڭ مەدەنىيىتى ،2009-يىلى  1-سان،روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ ، مەكىت،يىلتىز ، دولان ،32-بەت



   ئۈندىدار ياكى باشقا تاراتقۇلاردا ئىشلەتسىڭىز  باغداش تورىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىڭ !

4

تېما

0

دوست

936

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15834
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 22:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ، ئىملاسىنى تۈزىتىۋەتكەن بولسىڭىز !
قۇتلان تېلفۇنلىرى

yaxnar

1

تېما

4

دوست

4827

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1140
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 22:56:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن

1

تېما

3

دوست

2015

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11798
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 535
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 23:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى قاملاشتۇرۇپمۇ كۆچۈرەلمەپسىز ھە، لېكىن ياخشى ماقالىكەن.

4

تېما

3

دوست

2284

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 00:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

30

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19021
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 00:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

3

دوست

2507

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7312
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 531
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 00:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alber تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 00:42  

ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ . كۆز ئالدىمىزدىكى كۈنتەرتىپكە قويغۇدەك مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم بىرسى.  ئەسلىدە سىز دىگەندەك ھەر يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنىنى ئالىمنى  خاتىرلەش پائالىيىتى قىلىپ  چىقالىساق نىمەدىگەن ياخشى بۇلاتتى .  

بۇ يەر خاتا بوپقالدىمۇ قانداق ؟ بىر كۆزدىن كەچۈرىۋەتسىڭىز . مەسىلە تاپقىنىم ئەمەس .
(ئەرەپ رىۋايەتلىرىگەقارىغاندا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوغلى ئىسمائىل  ئەلەيھىسالامنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان. دەلمۇشۇ چاغدا ئاللاھ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق  بىر قوچقارنى چۈشۈرگەن .شۇنىڭ بىلەن تېرىك مال قۇربانلىق قىلىش ئادىتى شەكىللەنگەن)

0

تېما

0

دوست

943

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11157
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 251
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 06:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇبۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 15:08  
alber يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 00:37
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ . كۆز ئالدىمىزدىكى كۈنتەرتىپ ...
تېمىڭىزغا رەھمەت .

0

تېما

1

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16793
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 08:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 06:52
ئەرەپ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا .......

ئو ھوي ، بۇ قانداق ...

ئۇ ئىنكاسنى تىمىدىن يۆتكەپ ئېلىپ كەپتۇ ، ھەم تۈزىتىش تەكلىپىنى بىرىپتۇ .
چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز !

0

تېما

0

دوست

1090

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 09:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )