بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyhguray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-10 13:06
ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ پەرقى 1. ئامېرىكا : ئۆلۈكلەرگىمۇ باراۋەرمۇئامىلە قىلىنىدۇ . ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەبرىستانلىقىغا بارسىڭىز چەكسىز كەتكەن ئاپئاق كىرىست بەلگىلىرىدىن باشقا ئالاھىدە نەرسىنى ئۇچرىتالمايسىز . گېنېرال بىلەن ئادەتتىكى ئەسكەرلەر ئوخشاش جايغا دەپنە قىلىنغان . جۇڭگو باباۋشەن ئىنقىلابى قۇربانلارقەبرىستانلىقىدا گېنېرال ، مارشاللار ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئادەتتىكى ئەسكەرلەر ئاستىنقى قەۋەتكە دەپنە قىلىنغان دېمەك جۇڭگودا ئۆلگەنلەرمۇ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ . 2. جۇڭگونىڭ تىلەمچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ، قېرىلار ، مېيىپ ،ئاجىز-ئورۇقلار لېكىن ئامېرىكىدا ئۇنىڭ ئەكسىچە تىلەمچىلەربەش ئەزاسى بېجىرىم ساغلام كىشىلەر . نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ ؟ چۈنكى ئامېرىكىدا ھۇرۇنلارتىلەمچى بولۇپ قالىدۇ ، ئامېرىكا ھۇرۇنلارنى باقمايدۇ بىراق كىچىك بالىلار ، قېرىلار، مېيىپ ،ئاجىز-ئورۇقلارنى باقىدۇ . ئەكسىچە جۇڭگودا نامراتلار تىلەمچى بولۇپ قالىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھۇرۇنلارنى باقىدۇ كىچىك بالىلار ، قېرىلار ، مېيىپ ،ئاجىز-ئورۇقلارنى بېقىشقا يېتىشىپ بولالمايدۇ شۇڭا ئۇلار يۇرت –ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . 3. دۇنياۋى كۆز قاراش مەسىلىسى تەيپىڭ تىيەنگو ۋاقتىدا بىرچەتئەللىك دىن تارقاتقۇچى جۇڭگوغا كېلىپ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بەزى ئىشلارنى كۆرگەندىن كىيىن مۇنداق دېگەن : جۇڭگودا كەم بولغىنى ئىلغار پەن-تېخنىكا ئەمەس بەلكى ئاساسى مەدەنىيەت . ئاساسى مەدەنىيەت دېگىنىمىز پۇقرالارنىڭ ھەمكارلىشىش روھى ، پۇقرالىق ھوقۇقى ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان يېتەرلىك چۈشەنچىسى قاتارلىقلار . بۇلاردۇنياۋى قىممەت قارىشى دەپ ئاتىلىدۇ ، ھەربىر "ئىنسان " دەپ ئاتالغان جانلىق چوقۇم يۇقىرىقىلاردىن قانداق پايدىلىنىشىنى بىلىشى ھەم بەھىر ئىلىشى كېرەك . ئەگەر بۇنىمۇ بىلمىسىڭىزدېمەك سىز تېخىچىلا "ئىپتىدائىي ئادەم " 4.ئامېرىكىلىقلار "قول سۇنسايەڭ ئىچىدە "دېگەننى بىلمەيدۇ .
ئامېرىكىنىڭ تارىخ دەرسلىك كىتابىدا تارىختا ئۆزلىرى سادىر قىلغان خاتالىقلار تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ مەسىلەن : نېگىرلارنى كەمسىتىش ،جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى خارلاش دېگەنلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇخاتالىقلاردىن ئىبرەت ئىلىپ قايتا سادىر قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ . ئەكسىچە ئۆزلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرۇلۇق بىرەر ئابزاس تەپسىلىي توختالغان بۆلەكنى تاپالمايسىز . دېمەك ئۇلار ئۆيىدىكى سەتچىلىكلەرنى سىرتقا يېيىۋېتىدۇ ، دەرسلىكتە تارىخ قانداق بولسا شۇپېتى ئەينەن بايان قىلىنىدۇ ئۇنى ياساپ ، ھەرخىل تونلارنى كىيدۈرۈپ تارىخنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئەينەن ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلمايدۇ ، ئۆيدىكى ئىشنى تالاغا يېيىۋېتىش ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس قورقۇنچلۇقى خاتالىقنىڭ قايتىلىنىشى . 5. تۇنجى سائەتلىك دەرس قانداق ئۆتىلىدۇ؟
مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە بالىلار مۇئەللىمگەئەگىشىپ بىر سائەت مۇنۇلارنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ : مەن تەنقىدى قاراشلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقاكاپالەتلىك قىلىمەن ! مەن مۇستەقىل پىكىر قىلىشقاكاپالەتلىك قىلىمەن ! مەن تەربىيىنى قوبۇل قىلىشقاكاپالەتلىك قىلىمەن ! يۇقىرىقىلار ئارقىلىق شەئىي، ھادىسىلەرگە ھۆكۈم قىلىمەن ! بۇ قىسقا تۆت جۈملە سۆزنى ئامېرىكىنىڭ3- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جېفىرسون باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن . 6. ئامېرىكا جۇڭگودىن قورقامدۇ؟ ياق قورقمايدۇ ! نېمىشقا ؟ ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى فريېدمان ئۆز كىتابىدا "جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىسى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئامېرىكىلىقلار ناھايىتى تىزلا تېخىمۇ ئىلغار ، يىڭى پەن-تېخنىكىنى ئىجاد قىلالايدۇ ، ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ، ئاساسى قانۇنى قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسىلىرنى ئوغرىلاپ ئاپىرىپ ئۆزىگە تەتبىقلىشى ، ئەگەر جۇڭگو كۈنلەرنىڭ بىرى راستىنىلا مۇشۇنداق قىلىشنى باشلىسا ئۇنداقتا جۇڭگو كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش قەدىمىنى باسقان بولىدۇ ، شۇ چاغدىلا ئامېرىكىنىڭ ھەقىقى كۈچلۈك رەقىبى بولالايدۇ ." مەنبە : ئۈندىدارچەمبىرىكىدىن تەرجىمە قىلىندى |