بۇ يازمىنى ئاخىرىدا moyunqur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-15 10:19
*سىياسى ئەسلىدە ئىنتايىن يۈكسەك ۋە موھىم بولغان،ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇشا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك سەنئەت ئىدى . بىراق سىياسىنىڭ بۇ گۈزەل ئوبرازى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان نۇرغۇن خاتا سىياسى پىرىنسىپلار تەرپىدىن بولغۇنۇپ كەلمەكتە . *نۇرغۇن خاتا پرىنسىپلار قانۇن تونى ئاستىدا سىياسىنى يالغانچىلىق ۋە قويمىچىلىقنىڭ ، ھەتتا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە شىلىۋېلىشنىڭ زوراۋانلىق ۋاستىسىگەئاياندۇرۋالدى . *ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەر قايسى ساھەلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، كۈنسايىن مۇكەممەللىشىپ بېرۋاتقان بولسىمۇ، پەقەت سىياسىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ كەلمەكتە . سىياسى ساھەدە قويمىچىلىق ۋە ھىيلە-نەيرەڭلەر دەۋىر سۈرۈپ ، كىشلەرنڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ئەركىنلىكى يەنىلا كەمسىتىلمەكتە ۋە ئىنكار قىلىنىپ كەلمەكتە . *سىياسى مەسلىمۇ خۇددى ئىجتىمائى مەسلىگە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن بىر ئەخلاق مەسىلسىدۇر . *سىياسى كىشى ۋىجدانىنى چىرىتىدۇ،سىياسى چوقۇم تۆۋەندىكى زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولغان ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك . بۇزىيىنى ئىنتايىن چوڭ ھېكمەتلىك سۆزلەر<<ھوقۇق ھەقىقەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ>> <<مەقسەت ۋاستىنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلايدۇ>> <<ئاممىۋى بىىەتەرلىك ئەڭ ئالى قانوندۇر>> دىن ئىبارەت. *<<ئاتالمىش ھۆكۈمرانلىق سەنئتى ئەمەلىيەتتە جىنايەت يېتشتۈردىغان پارنىكتۇر >> . *دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە زىيان يەتكۈزدىغان تۈپكى سەۋەپ ھەمىشە ھەققانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتراپ قىلماسلىقتۇر . *زامانىمىزدىكى تالانتلىق سىياسىئونلار ئەتراپلىق ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپمۇ يەنىلا سىياسى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالى بولالمايدۇ،شۇڭا سىياسىدىكى ئەڭ بېخەتەر،ئەڭ ئىشەنچىلىك سىياسەت شۈبھىسىزكى،ئەخلاققا ئۇيغۇن بولغان سىياسەتتۇر. *بۆرىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز ئار قىرغىن قىلىشمايدۇ،بۇ جەھەتتە بىز ئىنسانلار ھەتتا بۆرىلەرگىمۇ يەتمەيمىز. *ئىمپېراتور ئالېكساندىر ماكىدونىسكىيغا چەت ئەللىكلەرگە ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش تەكلىپىنى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئارىسوتېل بەرگەن دىسە ئىشنەمىسز ! *دانتون مۇنداق دەيدۇ: <<بىز پارلامېنتا ئاز سانلىق. بىز چوقۇم بىر توپ لۈكچەكلەرگە . بولۇپمۇ بىر نەچچە رومكا ھاراق ئىچىپلا ۋتەنپەرۋەر بولۇۋالدىغان لۈكچەكلەرگە تايىنىشىمىز كرەك>>. *1870-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھى مەن فرانسۇز مىللىتى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ناپالىئون ||| بىلەن ئۇرۇشىۋاتىمەن دىگەن . بىراق ، ناپالىئون ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن پرۇسسىيە داۋاملىق بۇ مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلغان . *زىيانكەشلىك قىلىش زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندا ، ساختا ھالدا قانونى شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ . *سىياسىغا سەل قاراش بىر خىل ئېغىر خاتالىق ، چۈنكى بۇنداق قىلىش سىياسى ساھەنى رەزىللەر ۋە ئىقتىدارسىزلار ئۈچۈن بىكارلاپ بېرىدۇ . |