قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1899|ئىنكاس: 21

ئىلىدا مانجۇر تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

13

دوست

5731

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 16:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-19 20:11  

مانجۇلار يېڭى ئىقلىملىرى بولغان جوڭغارىيەنى شەرقتىكى يېرىنىڭ قورغىنى ھېسابلىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يېڭى ئىقلىمدا، ئاياقلىرىنى مەھكەم بېسىپ تۇرۇشنى لازىم كۆردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېڭى يەرگە ناھايتى چوڭ ئولگۇنلەر (؟) ئىلە جاڭجۇڭ ( باسقاق ) تەيىن قىلدى؛ دېمەك، بۇ تەرەپتىكى ھەممە ئىختىيار ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. جاڭجۇڭ ئىلى بويىداخۇيئەن ( كونا كۈرە ) ناملىق ئۆزىگە مەخسۇس قورغانلىق شەھەر سالدۇردى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ بىقىنىدا خۇينىنچىن ( بايانداي ) ناملىق ناھايتى مەھكەم بىر قورغان سالدۇرۇپ، مانجۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بوش تۇرغان يەرلەرگە خەلقلەرنى كۆچۈرۈپ كىلىپ، زىرائەتچىلىك قىلىشنى راۋاج تاپتۇرماق، ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىق قىلىپ، ئۆز ھاكىميىتىنى چىڭىتماق بولدى، بىراق، قانچە جىدەللىسىمۇ مانجۇر تائىپىسى خەنلەرگە نىسبەتەن ئاز بولغانلىقتىن، بۇ يەرلەرگە مانجۇرلارنى چەنلەپكىنە ئەۋەتىشكە توغرا كەلدى. ئىلىنىڭ باسقاقى – جاڭجۇڭ، ئۆز مەۋقەئىنى ساقلىماق ھەمدە ھۆكۈمەت يۆلىگىنى چىڭىتماق ئۈچۈن مانجۇر ئۇدۇمىغا مەنسۇپ سولان، شىۋەلەردىن چېرىك ئېلىشقا قارار قىلدى. سولانلار بولسا خانلىق سۈرۈپ تۇرغان سۇلالىنىڭ چىڭ يۆلىگى بولۇپ، شىۋەلەرمۇ تەخىتكە ساداقەتلىك خەلقلەردىن سانىلاتتى. سولانلار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن تاشكۆرۈك غولىنىڭ غەرىبىدىكى تۈرگىن بورخۇجىغا جايلاشتۇرۇلدى. مۇكدېن تەرەپتىن كەلتۈرۈلگەن شىۋەلەر ئىلىنىڭ مەھسولدار يېرى بولغان دەريانىڭ سول ياقىسىغا 8 سۇمۇن ( قورغان ) سېلىپ، شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇلدى.
يوقۇرىدىكى مەزكۇر شىۋە-سولان، مانجۇر تائىپىلىرى ھەممىسى چېرىك ھېسابلانغان سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ئىلىق – سېلىق، ئالۋاڭ – ياساقلىرىنىڭ بارچىسىدىن ئازات ئىدى. بۇلارنى تويغۇزۇش، كىيىندۈرۈش ھۆكۈمەت گەدىنىدە ئىدى. بۇ يېڭى ئەلنى ئاۋات ۋە مەمۇر قىلىپ قۇرۇش، شەھەر سىلىپ، ئىمارەتلەرنى ياساپ،ئۆستەڭلەر چىپىش، قىسقىسى، پۈتۈن ئۆلكىنى كۆكەرتىپ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر تائىپىلەرنىڭ زادى پايدىسى يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھارماس – تالماس، مىخچەم (؟) ئەمگەكچى قولى ۋە دىخانلارغا ئىھتىياج ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىدى. بۇنداق موھتاجلىقنى دەپى ( يوق ) قىللىش ئۈچۈن توغرىسى نەچچە يىللاردىن بۇيان چەكسىز ئۇرۇشلاردا خاراباتقا ئايلانغان بۇ قاق دالانى بۈگۈنكى باي، مەھسولدار، جەننەتتەك ئىللىق بىر ۋىلايەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تارانچى ئوغلى – تارانچىلار موتلەق زۆرۈر ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتىشەھەردىن دېخانلارنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئىلىدا ئولتۇرغۇزۇشقا ئەمىن ۋاڭ نامىغا خاندىن پەرمان سادىر بولدى. ئەمىن ۋاڭ ئوغلى مۇسا گوڭنى ئالتىشەھەرگە ئەۋەتتى. مۇسا گوڭ قەشقەر، ياركەنت، دولان، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، خوتەن، كۇچار، ئەلھاسىل، ئالتىشەھەردە مەۋجۇت بولغان ھەممە شەھەر ۋە رايۇنلاردىن ئالتە مىڭ ئۆيلۈك دېخاننى چاڭ لۇڭ خاننىڭ 62 – يىلى (1765) ئىلى ئۇزۇرىغا ( ۋادىسىغا ) كۆچۈرۈپ كەلدى. بۇلارغا مەركەز قىلىپ غۇلجا شەھىرى بىنا ئىتىلدى، ھەمدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆي بىشىغا بىر يىللىق ئۇرۇق، بىر قوشلۇق كالا، 12 لەن كۈمۈچ بېرىلدى. يوقۇرىدا زىكىر ئېتىلگەن مانجۇر تائىپىلىرىنى تويغۇزۇش بۇلارنىڭ ئۈستىگە زەسمىي يۈكلەندى. يەنى مانجۇلارغا دېخانچى ھەم ئالۋاڭ بەرگۈچى تەيىنلەندى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارانچى نامى بىرىلدىكى، بۇ نامنىڭ مەنىسى – دېخانچى دىمەكتۇر. تارانچىلارغا ھاكىم بولۇپ مۇسا گۇڭ تەيىنلەندى. مۇسا گۇڭ ئەسلى كونا تۇرپانلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنىسى ئورانزۇب گۇڭ باشلىق يىگىرمە ئائىلە چىقىپ، بۇلار چۇلۇقاي مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتى. چۇلۇقاي ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسا گۇونىڭ قاياشلىرىغا ھەببە قىلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ قاياشلىرى ئوشاق يەنى ئۆزشاخ دەپ ئاتالدى. تارانچى خەلقىنى ئىدارە قىلىش ھاكىمبەگ بىلەن شەڭگەن زوڭتۇ دارىن ناملىق ئىككى مەمۇرغا تاپشۇرۇلدى. ھاكىمبەگ ئېلىق – سېلىق يىغىش، ئالۋان – ياساق ئىشىنى ماڭغۇزۇش، دىنىي شەرىئەتنىڭ ئىجراسىغا قاراش، موپتى، قازى، ئەلەم ئوخشاش دىن باشلىقلىرىنى مەنسەپكە قويۇش ئىشلىرىغا، قىسقىسى، ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئىشلارنىڭ ئىجراسىغا مەمۇر ئىدى. شەڭگەن، زوڭتۇ دارىنلار : ئىلىنىڭ باسقىغى ــ جاڭجۇڭنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى ھاكىم بەگكە يەتكۈزۈپ، بۇ پەرمانلارنىڭ ئىجرا قىلىنغان ۋە قىلىنمىغىنىنى نازارەت قىلاتتى. ھاكىمبەگلەر مۇنداق خىزمەتلىرى ھېسابىغا خاندىن يىلىغا ئۈچ يۈز لەن كۈمۈچ ( 30 قاداق ) مائاش ئالاتتى ھەمدە تارانچى خەلقى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردىنمۇ خالىغانچە پۇل يىغىپ ئالاتتى. ھاكىم بەگلەرنى بەلگىلەش خاننىڭ ئىختىيارىدا ئىدى. ئەمما تارانچىلارنى ئىدارە قىلىش تەرتىۋى ئىلى باسقىغى بولغان جاڭجۇڭ تەرىپىدىن  جارىي بولغان ئۇسۇلغا بېنائەن يۈرگۈزۈلەتتى. تارانچى خەلقىنى غۇلجا، تاشئۆستەڭ، ئارۆستەڭ، نىلقا، توقاي، قاش، بۇرابوسۇن، قاينۇق، خۇنخاي، داردامتۇ، توققۇزتارا، ئاربۇز، سەنداۋان ناملىق 13 ئۆستەڭگە بۆلۈپ، ئۆستەڭنى بىر نەچچە يۈزگە، ھەر يۈزنى ئەللىككە، ئەللىكنى ئونغا بۆلگەن ئىدى. بۇ ئۆستەڭلەرنى ئىدارە قىلىشتا ھاكىمدىن كېيىن ئىشىك ئاغا ھەم تۆەندىكىچە ئۇششاق بەگلەر بولۇپ، شۇلار باشقۇراتتى :
ئۈچ شاڭ بىگى، يەتتە مىراپ، ئون مىڭ بىگى، بىر غەزىنىچى، بىر دېۋان بىگى، بىر باجگىر، بىر سەدرى ( ئۇلۇق ) بەگ، سەكسەن ئىككى يۈز بىگى، ئەللىك بېشى، ئون بېشىلار ۋە پاششاپ ئىشقۇللار دېگەن مەمۇرلار بولاتتى.ھاكىم بەگنىڭ ئوردىسىدا دائىمى خىزمەت قىلىپ تۇرىدىغان ئىككى ياساۋۇل، سەككىز پۈتۈكچى، سەككىز دورغا، ئىككى ئوردا بىگى، يىگىرمە نۆكەر بولاتتى. ئىشىك ئاغىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇنىڭ يىرىمىچىلىك ئىدى. دېمەك، ھەممە بەگلەردە شۇنداق خىزمەتچىلەر بولاتتى ھەمدە ئوردىدا يىگىرمە ئۆيلۈك  ناغرىچى پىرقە بولۇپ، بۇلار ئالۋاڭ – ياساقلاردىن خالىي ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالۋاڭ – ياساقلىرى خەلق تەرىپىدىن تۆلىنەتتى. ھاكىم بەگكە بىر غولنىڭ سۈيى يالغۇز بىرىلگەن بولۇپ، ئۇ سېلىق تۆلىمەيتى، ئىشىك ئاغا يىرىم غول، غەزىنىچىلەرگە ھەم ئۆزىنىڭ لايىقلىرىگە يەر – سۇلار ئىھسان قىلىنغان ئىدى. ھاكىم بەگنىڭ دېخانچىلىق  ۋە باشقا كار – بارىنى ( ئىشلىرىنى ) قىلىدىغان يۈز ئادىمى بولۇپ، ئۇلارنى يانچى دەپ ئاتايتى. ئىشىك ئاغىنىڭ يۈز غەزىنىچى، شاڭ بەگلەرنىڭ ھەر بىرىدە يىگىرىمە بەشتىن، يۈز بېگىلىرىنىڭ ئۈچتىن يانچىلىرى بولاتتى. بۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ قۇتۇلماس قۇللىرى ئىدى. ھازىر بۇنداق ئىشلار قالماقلاردا بار، ئۇلار يانچىلارنى غوشقا دەپ ئاتايدۇ.
تارانچىلار كەلگەندىن كېيىن ئىلىدا دېخانچىلىق راۋاجلىنىپ، مەمۇرچىلىق باشلانغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئوڭاي پۇل تىپىشنى ئويلىغان سېتىقچىلار بىلەن ھۆنەرۋەنلەر ئىلى ئۆلكىسىگە كىلىشكە باشلىدى. بۇ يېڭى مىھمانلارنى تويغۇزۇش، يەنى، ئىلىنى شۇ مەمۇرچىلىقىدا ساقلاش ئۈچۈن يېڭىدىن ئۆستەڭلەر چىپىش لازىم ئىدى. زىرائەت ئىشىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ئاشكارە بولدى. ئەمما بۇنىڭغا ئىشچى قوللار ئازلىق قىلاتتى. مانا مۇشۇ ئىھتىياجنى يوقىتىش ئۈچۈن 1836 – يىلى تاشتۆپە ئۆستىڭىنىڭ چېپىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالتىشەھەردىن بىر مىڭ ئۆيلۈك كىشى كۆچۈرۈلۈپ كىلىندى. 1837 – يىلى سەنداۋان ئۆستىڭىگە بەش يۈز، 1839 – يىلى ئاربۇز ئۆستىڭىگە بەش يۈز، بارلىغى ئۈچ تۈركۈمدە 2 مىڭ ئۆيلۈك مۇھاجىر ( كۆچمەن ) كەلتۈرۈلۈپ، ئاۋالقى تارانچىلارغا قوشۇلدى. “ ئىلى 8 مىڭ “ دېگەن ئات شۇنىڭدىن قالغان.
جوڭغار ھۆكۈمىتى يوقىلىپ، بۇ تەرەپلەرنى چىڭ دائىرىلىرى ئۆزلىرىگە قاراتقاندىن بۇيان، بىر ئەسىرگىچە ۋەزىيەت تېنچ تۇردى. چىڭ ھاكىميىتىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزگۈچى بولمىدى. بۇ بىر ئەسىر داۋامىدا تارانچى خەلقنىڭ تارتمىغان جاپاسى، كۆرمىگەن ئازاۋى قالمىدى. تاشلاندۇق قاق دالانى ئاۋات قېلىپ، 3 – 4 يۈز مىڭدەك خەلقنى تويغۇزۇپ، بېقىپ، پۈتۈن ئالۋاڭ – ياساقلارنى تۆلەپ كەلگەن 8 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت تارانچى خەلقىنىڭ نە چاغلىق ئېغىر كۈنلەر كەچۈرگەنلىكى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرغۇسىدۇر.
بۇ بوزەك تارانچى دۇنياسى يالغۇز مەزكۇر ئالۋانلارنى ئۆتەش بىلەن جىم تۇرمىغان، بەلكى بۇلارنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا ھېچ نىمىگە جورۇش مومكىن بولمىغان “ ۋاڭخولو “ ئوخشاش ئالۋانلارمۇ بولغان. “ ۋاڭخولو “ شۇدۇركى، يوقىرىدا ئىيتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى بولغان خوتەن قورغىنى يار گىرۋىكىگە بىنا ئىتىلگەن ئىدى. كەلكۈن مەزگىلىدە سۇنىڭ دولقۇنلىرى يارنى گۇۋۇرۈپ قورغاننى خاراپ ئىتىش ئىھتىمالى بار ئىدى. مانا شۇنداق ئىھتىمال سانالغان زىيانلاردىن قورغاننى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن ياز بويىچە نەچچە مىڭ تارانچى دەريا سۈيىگە تورالغا قويۇپ توساش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بىراق سۇنىڭ قۇۋەتلىك دولقۇنلىرى تورالغۇلارنى بۇزۇپلا تۇراتتى. مۇشۇنداق چاغدا مىسىر خەلقىنىڭ نىلغا قىزلارنى تاشلاپ قۇربان قىلغىنىغا ئوخشاش بىرەر توختاخۇن ۋە تۇرداخۇنلار قۇربان قىلىنىپ كېتەتتى. بۇ “ ۋاڭخولو “ توغرىسىدا دەرتمەن تارانچىلارنىڭ چىقارغان ناخشىلىرىدىن نەمۇنە ئۈچۈن كۆچۈرىمىز:
زالىملارنىڭ تارانچى خەلقىگە قىلغان زۇلۇم ۋە سىتەملىرى زالىملار تەرىپىدىن ھوقۇق ۋە ئازاتلىقى دەپسەندە قىلىنىپ، يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن بوزەك تارانچىلار مۇنداق زۇلۇملارغا چىداپ كەلگەن بولسىمۇ، ئالتىشەھەر خەلقى تىنچ تۇرمىدى، بەلكى قايتا – قايتا قوزغالدى. 1964 – يىلى ئۇچتۇرپاندا قوزغالدى. بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ئەۋرەڭزىب گۇڭغا مانجۇلار تەرىپىدىن ۋاڭلىق دەرىجىسى بىرىلدى. 1826 – يىلى جاھانگىر غوجا قوزغالدى. بۇنى ئىسھاق ھاكىم تۇتۇپ بېرىپ، ۋاڭ دەرىجىسىنى ئالدى. ( 1847 -يىلى ) يەتتىغوجا قوزغالدى، لىكىن بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى مانجۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كىلىندى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم مەشھۇر تەيپىن ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلدى. تەيپىن ئۇرۇشى دېگىنىمىز : چىڭ ھۆكۈمىتى چىن ئۆلكىسىدە ئەپيۇن تېرىش ھەمدە ھايداشنى مەنىي قىلىپ پەرمان چىقارغان ئىدى. بۇ پەرمان چىققاندىن كېيىن چىندا ئەپيۇن باھاسى كۆتىرىلدى. ئىنگىلىزلار مەزكۈر پەرماننى غېنىمەت بىلىپ، چىنغا ناھايتى تولا ئەپيۇن كەلتۈردى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئىنگىلىزلارنى ئەپيۇن بىلەن سودا قىلىشتىن مەنىي قىلدى، لىكىن ئىنگىلىزلار ئۇنىڭغا ئېتىۋار قىلماي، ئەپيۇن سودىسىنى داۋام قىلىۋەردى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئەپيۇن ساتقۇچى ئىنگىلىزلارغا قارشى قەتئىي چارە كۆرۈپ، ئىنگىلىزلارنىڭ ئەپيۇن كەلتۈرگەن پاراخوتلىرىنى ئەپيۇنلىرى بىلەن كۆيدۈردى، شۇ باھانە بىلەن ئىنگىلىزلار بىلەن فىرانسوزلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش چىقاردى. بۇ ئۇرۇشتا چىڭ ھۆكۈمىتى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ( 1856 – 1858 – 1860 ). شۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر باھانە بىلەن ئامرىكا ۋە فىرانسوزلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق يەنە بىر شەرتنامە تۈزدى. ئەجنەبىيلەر بۇ شەرتنامە بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قول – ئاياقلىرىنى باغلاپ، قىمىرلىغۇسىز قىلىپ قويغان ئىدى. لىكىن چىن خەلقى ئەجنەبىيلەرنىڭ مۇنداق شەرتنامىسىغا چىدالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئەجنەبىيلەر بىلەن قىلغان شەرتنامىسىغا قارشى نارازىلىق  ئۆسۈپ، ئەجنەبىيلەرنىڭ مۇداخىلە ۋە كەمسىتىشىدىن قۇتۇلۇش يولىدا قوزغالدى. خەلقنىڭ بۇ قوزغىلىشى يالغۇز ئەجنەبىيلەرگىلا  قارشى بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنى ئۆز قولىغا ئىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇش مۇددىئاسىدا باشلانغان ئىدى… مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئىنگىلىزلار يەنە ئۇرۇش قىلىپ، بېجىنى ئالدى. خان شەھەرنى تاشلاپ قىچىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن چىنلىقلار تاقەت قىلالماسلىق ئېغىر شەرتنامىلەر بىلەن توختام قىلىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قول – ئاياغى دەسلەپكىدىنمۇ مەھكەمرەك باغلاندى. شۇ ئەسنادا روس ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن غۇلجىدا روس كونسولى تۇرىدىغان بولدى. چىىگرىلار ئاجرالدى ( 1855 – يىلى ). مۇشۇنداق ئىختىلال ۋە ماجرالار سەۋەبىدىن چىڭ ھۆكۈمىتى ئىختىلال ۋە چۇۋۇلۇشلار قاپسىغان ۋە بۇ ۋاقىئەلەر ھۆكۈمەتنى ھالدىن تايغۇزغانىدى. دۆلەتنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالى بۇزغۇنلۇققا چۈشۈپ، دۆلەت غەزىنىسى ناھايتى دەرىجىدە قىسىلىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت چەتتىكى ، شۇ جۈملىدىن غۇلجا چىرىكلىرىگە تىگىشلىك ئايلىق تەمىناتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىدى. سانى خېلى نۇرغۇن ئىلى چېرىكلىرىنى بېقىشقا تارانچىلارنىڭ ئۆي بىشىدىن ئېلىندىغان 12 خو بۇغداي كۇپايە قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلارغا يەنە ئۈستىلەپ سېلىقلار سېلىندى. بۇرۇنقىنىڭ ئۈستىگە يەنە يىگىرمە خو قوشۇپ، بارلىقى ئۆي بېشىغا 32 خو سېلىق بەلگىلەندى. بۇنىڭ ئۈستىگە غۇلجا دائىرىسىدىكى چېرىكلەرنىڭ  ئوتۇن – ياغاچ، كۆرپە – تۆشەك، چاي – تۇز، گۆش – ياغ ئوخشاش ئېھتىياجلىق ۋە زۆرۈر سانالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ تۇرۇش يەنە شۇ كەمبەغەل تارانچىلار ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭسىزمۇ ئىقتىسادى قۇللۇقتا ياشاۋاتاتتى. خالزات ھاكىم زامانىسىدىن قالغان قوشۇمچە سېلىقلارنى تۈگىتىشتىن ئاجىز بولغان خەلق ئۈچۈن بۇ يېڭى قوشۇمچە سېلىقلارنى تۆلەش ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر ئىدى. تارانچىلارنى كۆچۈرۈشتىن يەتمىش يىل كېيىن تارانچى دىيارىدا ناھايتى ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولۇپ، خەلق بىر نەچچە يىل مەلۇم سېلىقلارنى تۆلىيەلمىگەن ئىدى. بۇ تۆلەنمىگەن سېلىقلار چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا بىنائەن ھەر يىلى بىرگە بىر ئۆسۈپ تۇراتتى. تارانچىلار كۆچۈرۈلۈپ 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاكىم بولغان خالزات تارانچىلاردىن ئېلىنغان خانلىق ئاشلىقتىن مىليۇن پۇتقا يىقىننى يەپ قويغان ئىدى. تەبئىيكى، بۇلارنى قوشۇمچە سېلىقلار بىلەن تۆلەش يەنە شۇ كەمبەغەل تارانچىلارنىڭ گەدىنىدە ئىدى. بۇ توغرىسىدا خالزات ئەيىبلىنىپ ئورنىدىن چۈشۈرۈلدى، ئورنىغا چارۇق ( شاھرۇق ) ھاكىم بەلگىلەندى. چارۇقتىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرۇسۇل ئىشىكاغا بولۇپ، مەزەمزات خالزاتزادە ھاكىم بولغانىدى. مانا شۇ مەزەمزات زامانىدا بۇرۇندىن قالغان كونا سېلىقلارغا يوقۇرىدا يېزىلغان يىگىرمە خو ( 80 پۇت ) سېلىق قوشۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇرۇندىنلا ئائىلە سائادىتى، بالا – ۋاقا راھىتىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان تارانچى خەلقى بۇ قىتىم ئائىلىلىرىدىن ئاجراپ، سۈيدۈڭ، كۈرە، دودىشاڭ، بىدىشاڭلاردا تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ بېچارىلەرنىڭ ئۆيىدە بىر پارچە كىگىز، بىر يۇتقان، بىر دانە چۈشەك، بىر خو ئۇن بولسىمۇ، ئۆيدىكى مۇھتاج بالا – چاقىلىرىنى ئېتىۋارغا ئالماي، ئۇلارنى قاڭغىر قاخشىتىپ تۇرۇپ تارتىۋالاتتى. بالا – چاقا، بىۋە – چىۋەلەرنىڭ كۆز ياشلىرى زادى ئىلتىپاتقا ئېلىنمايتتى.

( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان “ يورۇق ساھىللار“ ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن.  مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )

7

تېما

2

دوست

363

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19533
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 08:33:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلا  مۇشۇ تارانچى دىگەن نىمە گەپ ...تارانچى دەپ مىللەت بارمۇيا ...تارانچى دىگەن بۇ سۆزنى ئانا يۇرت رۇمانىدىنمۇ جىق ئۇقۇغانتىم ..ئۈرۈمچىدىمۇ تارانچى تەنتەربىيە كىيىملىرىنى توپ پارچە سېتىش  دۇكىنى دەپ كۆرگەنتىم ...ئۇلارنى ئۇيغۇررۇمنىڭ بىرەر قەبىلىسىمىكىن دەي دىسەم بىز قەبىلە تۈزىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى ئۇزۇن زامانلار بۇلدى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7809

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1288
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 09:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق ئش بۇلۇپ كەتتى بۇ بىرىلگەن تىمنىڭ ئاخىرىنى تۇلۇق ئۇقۇغۇلى بولمايۋاتدۇ بولسا مۇشۇنىڭغا دىققەت قلپ خەت ئۇرغان بولساڭلار بىزمۇ تىمنى تۇلۇقى بىلەن ئۇقۇپ ئنكاس يازساق

0

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20010
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 13:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئۇيغۇر ئېلىنى  مانجۇ  ئىستىلاچىلىرى  ھىلىگەرلىك  بىلەن ئىگەللىۋالسا   بەزىبىر ئوغرى  مۈشۈكلەرنىڭ   زېمىن بىزنىڭ  دەپ    دەۋا  قىلىپ  يۈرگەنلىكى  ئادەمنىڭ  ئىدىيسىدىن ئۆتمەيدىكەن  دېسە.

0

تېما

2

دوست

5663

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 15:04:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
watan-qvxi يوللىغان ۋاقتى  2013-5-20 13:33
ئۇيغۇر ئېلىنى  مانجۇ  ئىستىلاچىلىرى  ھىلىگەرلىك  بى ...

0

تېما

2

دوست

2801

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 15:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygurogli0903 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-20 08:33
قىرىنداشلا  مۇشۇ تارانچى دىگەن نىمە گەپ ...تارانچى دەپ م ...

داۋامى باردەكلا ھېس قىلدىم،تارانچى دىگەن سۆز چىڭ دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى گومىنداڭ دەۋرىدە ،تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلىۋېتىش،پارچىلىۋېتىپ ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا  قويغان نامى خالاس.

0

تېما

0

دوست

302

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17423
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 16:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارانچي دىگەنلك تىرىقچى دىگەنلك

26

تېما

13

دوست

5731

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1568
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 23:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى باتتى ............................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )