بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 12:55
ئاپتورى: جىم نېۋمەن
نەچچە يۇزلىگەن مىھمانلار تەكلىپ قىلىنغان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمىغا جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر يىگىتنىڭ توساتتىن بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن دەرھاللا توي مۇراسىمىنى ئوتكۇزۇشكە قىستالغاندىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇڭ. ئۆز تەتقىقاتىنىڭ مۇشۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ تىخنىكىلىق بۆسۇش بولۇپ بىكىتىلگەنلىگىنىڭ ئەسلى پەرەز قىلغان ۋاقىتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئىلان قىلىنغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ يىتىپ كىلىشى - نويابىرنىڭ بىر سوغۇق ئەتىگىنىدە ئەمدىلا ئويغانغان ئورىگون ساقلىق ۋە پەن ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۆھرەت مۇتەللىپنى دەل ھىلىقى تويى بولماقچى بولغان يىگىتنىڭ ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىھتىمال سىز ھازىر ئۇنىڭ تىرە ھۇجەيرىسىنى تۇنجى قىتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلە ھۇجەيرىسىگە ئايلاندۇرغانلىق تەتقىقاتى بىلەن تونۇش بولۇپ بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ خەۋەر -14- نويابىر تارقىلىپ، نەچچە سائەتنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئوت كەتتى. ئورىگون مەملىكەتلىك سۇت ئەمگۇچى جانلقىلار تەتقىقات مەرگىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شوھرەت مۇتەللىپ تۇيۇقسىزلا ,BBC, CNN، نىۋ يورك ۋاقتى گىزىتى، بۇگۇنكى ئامىرىكا، CBS خەۋەرلىرى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مۇھىم تىلىۋىزىيە ۋە گىزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كىلىۋاتقان تىلىپونلىرىنى ئىلىشقا باشلىدى. ئۇ تىلىپوننى قويۇپ تۇرۇشىغا، ئۇنىڭ تىلىپونى يەنە ئارقا ئارقىدىن سايراشقا باشلىدى. مۇشۇ ئىشلار يۈز بىرىۋاتقاندا، يەرلىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ بۆسۈشنىڭ يىتەكچىسى بولغان ئالىم بىلەن سۆزلىشىۋىلىسى ئۇچۇن مۇخبىرلارنى كۇتۇۋىلىش يىغىنى ھاپىلا-شاپىلا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇخبىرلار نازۇك بولغان كىچىك ھۈجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۇرۇلگەن بۇ چوڭ مۇۋەپپىقىيەت ھەققىدىكى فىلىمگە ئىرىشتى. ئۇنداقتا، شۆھرەت مۇتەللىپ قانداقسىگە خەۋەر ئىلان قىلىنغان بۇ پەيت-بۇ ۋاقىتتىن نىمىگە شۇنچە ھەيران قالدى؟
ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئەسلىدە، نويابىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا "تەبىئەت" جورنىلىدا ئىلان قىلىنماقچى ئىدى . نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئىلمى جورناللار نىڭ ئۇچۇرلارنىڭ بۇرۇن تارقىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قاتتىق تۈزۈمىنىڭ ۋە بۇ تۈزۈمنى بۇزغان مۇخبىرلارنى جازالايدىغان سىياسەتلىرىنىڭ بارلىغىنى بىلىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ تەتقىقات ھەققىدىكى خەۋەر مۇددەتتىن بۇرۇن ساقىپ چىقىپ تاراشقا باشلىدى. 14-نويابىردىكى تۇيۇقسىز ئىلان قىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئەنگىلىيەدىكى بىر گىزىت بۇ بۆسۇش ھەققىدە غۇۋا قىلىپ ئۇچۇر بەرگەن ئىدى. شۇندىن كىيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە باشقا گىزىتلەرمۇ خەۋەر بىرىشكە باشلىدى. خۇددى قار يىغىپ مۇز تاغ بولدى دىگەندەك، بۇ ھەقتە دۇنياغا ئوچۇق خەۋەر بەرمەي ئامال بولمىدى. ئاخىر تەبىئەت جورنىلى تاقەت قىلىپ بولالمىدى ۋە شۆھرەت مۇتەللىپتىن پۇتۇن ھىكايىنى دۇنياغا تەپسىلى سۆزلەپ بىرىشنى سورىدى. تەبىئەت جورنىلى ۋە ئۇنىۋىرسىتىت ۋەكىللىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا خەۋەر بەردى، ھەش
-پەش دىگۈچە ئۇنىڭغا مۇخبىرلارنىڭ تىلىپونلىرى ۋە ئىلخەتلىرى يىغىپ كەتتى.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قىلىشنىڭمۇ ئوزىگە چۇشلۇق قىزىقارلىق دەقىقىلىرى بار: مەسىلەن، يەر شارىدىكى پەن تىخنىكا ئىشلىرى بويىچە نوپۇزلۇق مۇخبىرلار بىلەن تىلىپوندا سۆزلىشىش،سۆزلىشىش،NBC, ۋە CBS قاتارلىق داڭلىق تىلىۋىزىيە ئىستانسلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە يەنە تۈن يىرىمىدىن ئاشقاندىمۇ سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق تارقىتىلدىغان قاناللارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش... چۇنكى بۇ قاناللار ئامىرىكىنىڭ شەرقى قىرغىغىدا ياشايدىغان خەلققە شۇ كۈنى تاڭ سەھەردە ئالىمنىڭ ئۆزىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى تۇنجى بولۇپ تارقىتىشنى تالىشاتتى. شۇندىن كىيىن بۇ ھەقتە 700 دىن ئارتۇق خەۋەر يىزىلدى ياكى تىلىۋىزوردا تارقىتىلدى. بۇ بۆسۇش - ۋىسكانسىن ۋە ياپونىيەدە ئىلىپ بىرىلغان ئادەمگە ئائىت تەتقىقاتلار دەۋر جورنىلى تەرىپىدىن بۇ يىل قولغا كەلتۈرۈلگەن بىرىنجى دەرىجىلىك پەن-تىخنىكىدىكى بۆسۇش دەپ قارالدى. تەبىئەت جورنىلى بۇ تەقىقات نەتىجىسىنى ئون مۇھىم بوسۇشنىڭ قاتارىغا تىزدى.
بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەشكە تەكلىپ قىلىنغان شۆھرەت مۇتەللىپ مۇنداق دىدى: پەننىڭ خاراكتىرى شۇنداق بولىدۇ. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز -جامائەت ئۇچۇندۇر، چۇنكى جامائەت بىزنى قوللايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. خىزمەتتىكى مەسۇليەتچانلىق دىگەن مانا مۇشۇ!
|