كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا قەيسەر مىجىت
ئىلاۋە: مەن مەزكۈر ماقالىنى تەخمىنەن 6 يىل ئىلگىرى يىزىپ "بىلىۋال" تورىدا ئىلان قىلغان، ئەمما "باغداش" تىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنمىغان ئىدىم. ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيان دىققەت قىلسام، بۇنى قايتا ئىلان قىلىشنىڭ زۆرۈرۈىيىتي تۇغۇلغاندەك قىلدى، شۇڭا بۈگۈن يوللاپ قويدۇم.
15-مايدىن بۇيان دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تىرە ھۈجەيرىسىدىن ھامىلە غول ھۈجەيرىسى پەيدا قىلغانلىق تىخنىكىسىنى بەس-بەس بىلەن خەۋەر قىلىپ ئۇنى بۇ ساھەدە بىر بۆسۈش ياراتتى دەپ تەرىپلاۋاتىدۇ. ياخشىنى كىم يىنىغا تارتمايدۇ؟ قارسىام، ئامىرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق CNN تىلىۋىزەيىسىنىڭ تور بىتىدە بىر ئورۇس خانىم، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنى تەبرىكلەپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىملىگىنى خاتا بىلىپ، رەھمەتنى باشقىلارغا بىرىۋىتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن توردا ئۇ خانىمغا مۇنداق يازدىم:
باگادىنوۈا خانىم، سىزنىڭ تەبرىكىڭىزگە تەشەككۈر، ئەمما مەن سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قارىتا بىر مۇھىم تۈزۈتۈش بىرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇردۇر. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ سىڭلىسى مايا - يەنى ئۇيغۇرچىدا مايسەم دەيمىز، ئىنتايىن تالاتنتلىق ئالىم بولۇپ ئۇ ماسساچۇست تىخنىكا ئىنستىتوتىنىڭ قارمىغىدىكى ۋايتخەد تەتقىقات ئىنستىتوتىدا غول ھۈجەيرە تەجىربىخانىسىنىڭ يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. مەن ئاكا -سىڭىل ئىككەيلەننى ياخشى تونۇيمەن ھەم ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىمەن!. ئۆز نۆۋىتىدە مەن بۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالى تەتقىقات ئورنىدا ئۆز تەتقىقاتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىلىپ بىرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئۇلارنىڭ يىڭى دۆلىتى -ئامىرىكىغا مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن. بۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىغىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن!
بۇ سۆزۈمنى ياخشى كۆردۈق دەپ بەلگە ئۇرغانلار باركەن، دىمەك نەدە بولايلى، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق نەرسىنى ياخشى قوغدىمىساق بولمايدۇ، كۆپچىلىك!
تۈنۈگۈن قارىسام، بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆز خەۋىرىدە ئۇنى قازاقىساندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر دەپ يىزىپتۇ.
مىنىڭچە شۆھرەت ئەپەندىم بۇ يىل بىلەن 5 يىلنىڭ ئارىلىغىدا مىدىتسىنا ئىلمى بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ! بۇنىڭ ئىھتىماللىغى چوڭ!
****************************************************************************************************
2007 – يىلى 14- نويابىر كۈنى كنن، ببك، "بىرلەشمە خەۋەرلەر" "نەۋ يورك ۋاقتى"، "بوستون يەر شارى" قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق خەۋەرنى بەس-بەس بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلىشتى: "ئالىملار كلونلانغان مايمۇن تۇخۇمىدىن تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىگە ئېرىشتى".خۇددى ياغقا ئوت كەتكەندەك بۇ خەۋەرگە "ئوت كەتتى". دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى چوڭ-كىچىك تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە تېز سئۈرئەتتە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىشتى. قىزىق يېرى شۇكى، مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل 6-ئايدا ئاۋىسترالىيىدە ئېچىلغان "سيدنەي يىغىنىدا" ئېلان قىلىنغاندا ھازىرقىدەك دىققەتكە سازاۋەر بولمىغانىدى.
13-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان دۇنيادا نوپۇزى كۈچلۈك بولغان گېزىت - "مۇستەقىللىق" بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ خەۋەر بېرىپ دۇنيا مىقياسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك قىزىقىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە پىلتىگە ئوت يېقىش رولىنى ئوينىدى. 14-نويابىر كۈنى - دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەم يېڭى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان "تەبىئەت" جۇرنىلىدا بۇ ماقالە رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوخشاش بولغان بىر خىل پەن تەتقىقات نەتىجىسىگە نىسبەتەن تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساختا ئاخبارات ۋە يالغان تەشۋىقاتنىڭ ئۆزلىرىگە قانچىلىك سەتچىلىك ئېلىپ كېلىدىغىنىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار "غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى" نەتىجىلىرىگە تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. سەۋەبى 2004-يىلى دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سېلىپ، پۈتۈن كورىيە خەلقى ۋە دۆلىتىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ ھەمدە دۇنيانىڭ دىققىتى ۋە قىزىقىشىنى ئۆزىگە تارتىپ بولۇپ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن "كلون تەتقىقاتى"دا ئىشلەتكەن رەڭۋازلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئۆز قەۋمىنى خىجالەتچىلىك پاتقىقىغا تىقىپ، دۇنيا خەلقىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويۇپ خۇددى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك ئىناۋىتى يەرگە ئۇرۇلۇپ، شەرمەندىلەرچە "تۇتۇلۇپ قالغان" جەنۇبىي كورىيەلىك "ساختا ئالىم" -- ھۋاڭ ۋوئو-سۇك ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىدە. شۇڭا ئۇلار ئاۋىسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داۋىد كرام قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملار مەزكۇر تەتقىقاتتا قوللانغان ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قايتىدىن تەجرىبە قىلىپ، ئۇنىڭ راستلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىنلا، بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشتە بەيگىگە چۈشۈشكەن. شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە يۈز بەرگەن باھا ۋە مۇنازىرىلەر ھەر خىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ نەتىجىگە تۇتقان ئىنكاسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلىمۇ ۋە چۈشىنىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ. پەن-تېخنىكا نەشر ئەپكارلىرىدىن تارتىپ ئاممىۋىي ئىنتېرنېت بلوگلىرىگىچە، ھەر خىل ئوخشىمىغان دىنىي ئېقىدىدىكى كىشىلەردىن تارتىپ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىگىچە، كىشىلەر "ھەيران قېلىش، قايىل بولۇش، قوللاش، گۇمانلىنىش، ۋەھىمە ۋە قارشى تۇرۇش" تىن ئىبارەت ھەر خىل پىسخىك ھالەتلەردە تۇرۇپ سايراپ كېتىشتى.
نېمىشقا؟ كلونلانغان مايمۇن تۇخۇمىدىن تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشىش --- جانلىقلارنى، جۈملىدىن ئىنسانلارنىمۇ كلونلاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
جانلىقلارنى تەبىئى يول بىلەن ئەمەس، بەلكى سۈنئىي يەنى تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كۆپەيتىشكە --- دۇنيا مىقياسىدا دىنچىلار ۋە ئەخلاقشۇناسلار قارشى. لېكىن كلون تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىنىلىشنى قوللايدىغانلارمۇ خېلى بار. ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشى ئاساسەن مۇنداق ئىككى سەۋەبتىن بولىدۇ: بىرى، كېسەل بولۇپ ئۆلۈش، يەنە بىرى، ھەر خىل ھادىسە ۋە سەۋەبلەر (قاتناش ھادىسىسى، ئۇرۇش ۋە تەبىئىي ئاپەت دېگەندەك) تۈپەيلىدىن ئۆلۈش.
كىشىلەرگە ئايانكى، ساغلام ھالەتتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە نىسبەتەن ئىنسانلاردىكى ئارزۇ چەكسىزدۇر. بۇ خىل ئارزۇنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئادەملەردە بايقالغان ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە، بولۇپمۇ "ساقايتقىلى بولمايدۇ" دەپ قارالغان كېسەللىكلەرگە قارىتا "داۋا" تېپىش كېرەك.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "غول ھۈجەيرە" تەتقىقاتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مانا مۇشۇ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇمۇ بىر يۈگرەش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ. سەۋەب-نەتىجىلىك بۇ دۇنيادا، بۇ ئىشنىڭمۇ ئاخىرقى پەللىسى بار. بىراق، كىم ئاشۇ پەللىگە تېز سۈرئەتتە يېتىپ بارالايدۇ؟
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان "كلونلاش تەتقىقاتى"دىكى نەتىجە --- پەن تەتقىقات ساھەسىدە يارىتىلغان دۇنيا خاراكتىرلىك رېكورت بولۇپ، بۇ بۆسۈشنىڭ مېدىتسىنادا چەكسىز قوللىنىش ئىستىقبالى بار. شۇ سەۋەبلىك بۇ پەللىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغۇچىنى قايىللىق بىلەن تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. "غول ھۈجەيرە" --- ئادەم بەدىنىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئەزا ۋە توقۇلمىنىڭ مەنبەسى. ئالىملارنىڭ "غول ھۈجەيرە" نى تەتقىق قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب - ئادەملەرنىڭ كېسەل بولۇشىدىكى بىئولوگىيىلىك سەۋەبلەرنى چۈشىنىش ھەمدە ئەجەللىك كېسەللىكلەرگە داۋا تېپىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، جىگىرى كاردىن چىققان مەلۇم بىمارنى داۋالىمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى ئۇنىنغا ساق جىگەر كۆچۈرۈش. ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ جىگىرىنى بۇلاپ ياكى سېتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە قەتلى قىلىنىۋاتقان سىياسى جىنايەتچىلەرنىڭ جىگىرىنى ئېلىۋېلىپ ئۇنى بىمارغا كۆچۈرگەن تەقدىردىمۇ، بىمارنىڭ بەدىنى ئۇ جىگەرنى يەكلىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشى تەسەۋۋۇر - جىگەرنى شۇ بىمارنىڭ ئۆزىدىن تىرىلدۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنىڭ تېرىسىدىن كىچىككىنە بىر پارچە كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىن جىگەر ئۆستۈرۈپ ئاندىن بۇ جىگەرنى مەزكۇر بىمارنىڭ زەئىپ جىگىرىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈشتۇر. بۇ قېتىمقى يېڭىلىق - بىمارنىڭ كېسەل تۈرىگە ئاساسەن ئۇنىڭ گېنىگە ماس كېلىدىغان شۇ سەۋەبتىن بەدىنى رەت قىلمايدىغان "غول ھۈجەيرە"گە كلونلاش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. بىراق، بۇ ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئادەمدىن ئۆزىگە ئوخشاش ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھەتتا ن-ئىنچى ئادەملەرنى پەيدا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ناۋادا شۇنداق بولسا، "سادىر پالۋانغا ئوخشاش مەرت، پالۋان ئەزىمەتلەر" كۆپەيسىغۇ ياخشى، دەيدۇ ئۇيغۇرلار، ئەمما "ستالىن"غا ئوخشاش قانخور ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستىلار كۆپەيسە، ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بالانىڭ كەلگىنى شۇ-دە" دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق. لېكىن، "سادىر پالۋانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇشى ، ئۇنىڭغا مەھر -مۇھەببەت ئاتا قىلىشى كېرەكقۇ؟ - دېيىشىدۇ ئەخلاقشۇناسلار. "قانخور بولسىمۇ ستالىننى ئىلاھ يارىتىشى كىرەك!" دەپ چۇقان سالىدۇ دىنچىلار. "بۇنداق تەتقىقاتنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بىلەن قوللىمايمەن" دەيدۇ دىنچىلار ئىچىدە ئاساسى كۈچلۈك پرەزىدەنت ئۆزىنىڭ نوپۇزىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ. "خۇددى پايانسىز ئۇپۇققا ئوخشاش چەكسىز پۇرسەتلەر يېتىپ كەلمەكتە" دەپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىدۇ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئويىدا بىئو-تېخھنىكىغا مەبلەغ سالغۇچىلار.
ئۇلار ئۆز مۇنازىرىسىنى قىلىشىۋەرسۇن.
مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز!
ئۇلار بىر ئېغىزدىن دەيدۇ:
بىزنىڭ شۆھرەت كاتتا ئىش قىپتۇ، ياپىر!
ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى سەزمەكتە كۈچلۈك پەخر! خوش، "تۇتسا سېپى بار، ئاتىسا ئېتى بار" مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگۈچى، نۆۋەتتە پۈتۈن ئالەمنىڭ كۆزى تىكىلگەن ئالىم، شۆھرەت مۇتەللىپ - ئۇيغۇر ئاتلىق خەلقنىڭ ساپ پۇشتىدىندۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى تونۇتتى ۋە ئۆزى كېلىپ چىققان خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ يادىغا سالدى. بىز - ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنياۋى نەتىجىسىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭدىن پەخىر ھېس قىلىۋاتقىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆرسىتىپ ياشاپ كەلگەن قازاقىستان ئالمۇتا ۋە ئۇنىڭدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى -ئۇيغۇر مەھەللىسى "ئاۋات" تا ياشاۋاتقان مۇزەپپەر ئاكا ۋە جەننەتخان ھەدىگە ئالىي ھۆرمەت ۋە سەمىمىي تەبرىكىمىزنى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىكمىز!. ئۇلارنىڭ يەنە بىر پەرزەنتى - شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى مايسەم خانىممۇ (ھازىر ماسساچۇسېتس تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا غول ھۈجەيرە تەتقىقات خىزمىتى ئىشلەيدۇ) غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل يازدا بۇلار بىلەن بىر نەچچە رەت كۆرۈشتۈم، شۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئاتىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا ئۇقۇمۇشلۇق، پاراڭخۇمار، چىقىشقاق ئادەم، ئانىسى جەننەتخان ھەدە خۇشخۇي، مۇلايىم كەلگەن ئايال ئىكەن. ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە سوۋېت پارچىلانغان مەزگىلدە ئاكا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن موسكۋادا تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە - مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يەرىدە ياشىمىسۇن، دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ئاتا -ئانىلىرىدەك گۈزەل ۋە مېھرىبان قەلبگە ئىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاز تېپىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئۆز پەرزەنتلىرىگە مىسلىسىز مېھر-مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان خەلقنىڭ كەلگۈسىنىڭ ھامان پارلاق بولىدىغانلىقىغا يەنە بىر رەت ئىشەندىم. بىر ئادەم ئۈچۈن ۋە خەلق ئۈچۈن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىر تۈرلۈك ئىش بار، سەن ئۆز ۋۇجۇدۇڭ، ساپ، سەمىمىي نىيىتىڭ، ئەمگىكىڭ ۋە ئىرادەڭ ئارقىلىق تەسر قىلىپ، ئۇ ئىشىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيسەن، يەنى نەتىجىسىنى كونترول قىلالايسەن. يەنە بىر تۈرلۈك ئىشلار، سەن ئىشلارنى ھەر قانچە قىلساڭمۇ ئۆزگەرتەلمەيسەن، سېنىڭ ئىرادەڭگە باقمايدۇ-دە، سەن ئۇنى ئىلاھنىڭ ھۆكۈمىگە قويىسەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر بىرىمىز قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى قولىمىزنىڭ ئۇچىدا قىلماي، تېيىزلىقتىن قۇتۇلۇپ چوڭقۇر ئويلاپ، كۆپرەك تەر ئاققۇزۇشۇمىز لازىم. ئەگەر كىمدە-كىم ئىشلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمىنى تۇتالمايدىكەن، ئاجىزلىقنىڭ ئۇنىنغا رودۇپايدەك چاپلاشقىنى چاپلاشقان. ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى - ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە ئىلغار پەن-تېخنىكىغا تايىنىشتۇر. بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن شۇنداق، بىر شەخس ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق! ئۇيغۇر پەرزەنتى - شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ياراتقان نەتىجىسى ئارقىلىق - "ئۇيغۇرلار" ناخشا-ئۇسسۇلغىلا ماھىر، ئەمما ئاجىز مىللەت" دەپ قارايدىغانلارنىڭ يادىغا بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلار قىلالمىغان، قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايدىغان مول تەپەككۇر ۋە ئىجادى قابىلىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى سېلىپ قويدى، ئەلۋەتتە. قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، روسىيەدە ئالىي بىلىم ئېلىپ، ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئالەمشۇمۇل زەپەر قۇچقان ئۇيغۇر ئالىمى - شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن شانلىق بىر ئۈلگە ۋە ئىجابىي دەرسلىك.
|