- تىزىملاتقان
- 2012-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3145
- نادىر
- 1
- يازما
- 136
ئۆسۈش
38.17%
|
ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدا 18-قۇرۇلتاي يىغىنى، ھەممىلا يەردە 18-قۇرۇلتاي تەشۋىقاتى...بۇ يىل يېڭى بىر گۇرۇپپا رەھبەرلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا چىقتى. جۈملىدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو ئارزۇسى، بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قەلبىگە ياقتى، خەلق قەلبىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكتى. دېگەندەك، قۇرۇلتايدىن كېيىن تورنىڭ نازارىتى ئاستىدا ( ئۈندىدار، مىكروبىلوگ...) بىر مەھەل تېرىسىگە پاتماي قالغان ئەمەلدارلار تېگىشلىك جازاسىنى تارتتى، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىشتەك قىلمىشلار قاتتىق تېزگىنلىنىپ ھەشەمەتلىك داڭلىق ماشىنىلارنىڭ سودىسى كاساتلاشتى، رېستۇران، قاۋاقلارنىڭ قايناق ھالىتى ئاياغلاشتى، قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان ۋەھشىي ئەمەلدارلار كىرىدىغان تۆشۈك تاپالماي رەسۋالاشتى...بۇ ھالەتنى كۆرگەن خەلقنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىدىغانلىقنىڭ تۇنجى قەدىمى ئوڭۇشلۇق بېسىلغان بولدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاممىسىمۇ توردا پارتىيىلىك كادىرلار ئىستىلى، ئورگان ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلى، پارىخورلۇق...قاتارلىقلارنى مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. بولۇپمۇ مەزكور مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان << ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشنىڭ پۇلى نەگە كەتتى؟>>، << ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش>>،<<شىخەنزە (تاشئېرىق)مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇراجەتنامىسى>>،<< بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى>>،<< قەشقەر ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدە>>،<<جەنۇپتىن كەلگەن خەت>>...تېمىلار جەمئىيتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پاش قىلدى. بىراق، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى تەلمۈرگۈزگەن مەزكور تېمىلارمۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سوغوق مۇئامىلىسىگە ئۇچىراۋاتىدۇ. بەزىلىرى ھەل بولغان بولسىمۇ ، ھەل بولۇش جەريانىدا تېما ئىگىلىرى، ئىشتىراكچىلار نۇرغۇن سورۇقچىلىقلارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ نازارەت قىلىشىغا، بېسىمىغا دۇچار بولدى. نىمە ئۈچۈن؟!
ئەجەبا ئۇلار مەركەزنىڭ تور ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش چاقىرىقىغا قارشى چىقماقچىمۇ؟! بۇنىسى ماڭا غۇۋا...ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان ئوچۇق-ئاشكارە مەخپىيەتلىكلەر ئەتىراپىمىزدا كۈرمىڭ. بەزى پارىخور ئەمەلدارلارنى ھەتتا شۇ شەھەر، ۋىلايەت، يېزا، قىشلاقتىكى يەتتە ياشلىق بالىلارمۇ ئىسمى بىلەن ساناپ بېرەلەيدۇ، ئەممە، ھېچكىم ئۇلارنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. كىشىلىرىمىز شۇقەدەر ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتىكى بۇ بىچارىلەر ئۆيدىكى تېلېفۇن، تېلېۋىزور، كومپىيۇتېر، قولىدىكى ئايفون، يانفون، ئۈندىدارلىرىدىنمۇ خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ نازارەت ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن، ئۆزى سەۋەبلىك ئائىلىسى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچىرىشىدىن قورقىدۇ. خۇددى كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتىراپىڭغا باق، كەچتە گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق. دېگەن ئەقلىيەلەر ئۆزگۈرۈپ ئورتاق پىكىردىكىلەر ئويچان، ئامالسىزلىق نۇرلىرى قاپلىغان، ھەسرەتلىك ، غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن بېقىشىشقا مەجبور بولدى...چۈنكى، كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى ئەمەسمۇ؟!
مۇشۇ كۈنلەردە ، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن << 4 تە چىڭ تۇرۇش >>
(1)جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىگىدە چىڭ تۇرۇش(2)جۇڭگۇچە سوتسيالىستىك تۈزۈمدە چڭ تۇرۇش(3)مىللى ئاپتونۇمىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش(4)مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىدە چىڭ تۇرۇش.
ئۆزگىرەپ، ھازىر، گەپ قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، پاش قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىقتا چىڭ تۇرۇش، باشلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلاشتا چىڭ تۇرۇش...لارغا تەرەققىي قىلىۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ ئادەمگە. ئوقۇتقۇچى مەكتەپنى پاش قىلاي دېسە، خىزمىتىدىن ئايرىلىشتىن قورۇققان، ئوقۇغۇچى مۇئەللىمدىن زارلانسا جازالىنىۋاتقان، دوختۇر دوختۇرخانىنى پاش قىلاي دېسە تېخى بەك زىيان، ساقچى جامائەت خەۋىپسىزلىكىنى پاش قىلىمەن دېسە، چۆل، تاغ-تۇراغا پالانغان، ئورگان خىزمەتچىلىرى ھەقىقەتنى ياقىلىسا، ئىستىلى بۇزۇققا چىقىرىلغان،دېھقان ۋايسسا جان تومۇرى، بىردىن بىر ھاياتلىق مەنبەسى بولغان يەر، سۇيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولغان...زادى قانداق قىلىش كېرەك؟!
مەركەزنىڭ ئادىل سىياسەتلىرى تۆۋەنگە چۈشكىچە نىمىشقا شەكلى ئۆزگىرەپ كېتىدۇ؟! بەزى شەھەر، ۋىلايەت، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىسمەن رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر : -بۆكىنى ئال دېسە، بېشىنى ئېلىشقا تەييار، چاپىنىنى سال دېسە، قىپيالىڭاچ قىلىشقا ئالدىرار...ئەنە ئاشۇنداق بىر قىسىم نادان رەھبەرلەرنىڭ كاساپىتىدىن مەركەزنىڭ باھار ئاپتىپىدەك ئىللىق سادالىرى تۆۋەنگە كېلەلمەيۋاتىدۇ، كەلسىمۇ، پۇراپ قالىدۇ، ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشمەيدۇ. مەركەزدىن كەلگەن غايەت زور سوممىلىق مەبلەغلەرگە قارا قوللار سېلىنسىچۇ؟! بىز ئاددىي پۇقرالار گاس-گاچىدەك قاراپ تۇرۇشقا يارايمىز شۇ...بۇ يىل ياسالغان يول كېلەر يىلدا كېرەكتىن چىقىدۇ، تېخى كۆۋرۈكلەردە بىخارامان مېڭىشتىن ئېشەكلەرمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. جەنۇبى شىنجاڭ دېھقانلىرى قۇلدارلىق تۈزۈمى، جاھالەت دەۋىرلىرىدىن قالغان ھاشار تۈزۈمىدە تېخىچە ياشاۋاتىدۇ، پاش قىلسا، تۈرمىدە يېتىشتىن قورقىدۇ. مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە نۇرغۇن تېمىلار يوللانغان بولسىمۇ، بىر سائەت ۋە ياكى بىرەر كۈنگىچە بۇنداق تېمىلار ئىزدېرەكسىز غايىپ بولىدۇ.
پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي روھىدىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى روھىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل ئىچىدە بىرىنچىدىن، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، بازار تەڭشىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇلۇپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىم يوللىرى قوللاشقا، مەدەت بېرىشكە ئۆزگەرتىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈچەپ ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كاپالەت شارائىتى ياخشىلىنىدۇ. بەشىنچىدىن، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئالتىنچىدىن، جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا مايىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەقىقىي قوغدىلىپ، تىنچ، مۇقىم بولغان ئۇزاق ئەمىنلىك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ...دېمەك، يۇقىرىقى 18-قۇرۇلتاي ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەزمۇنلىرىدىن بىرى دەل خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتۇر. چۈنكى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىلا جەمئىيەتمۇ ئىناقلىققا چۆمىدۇ، مۇقىملىقمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
لېكىن شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يالغۇزلا مەركەزنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھەر بىر ئامما زور ئىشەنچ بىلەن ئالغا قاراپ چامدىشى، روھنى ئازاد قىلىپ، تەڭ ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. شۇندىلا ھەممە ئادەم خۇشال بولىدىغان، خەلق تۇرمۇشىمۇ ھەقىقىي ياخشىلىنىدىغان گۈزەل ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ.18-قۇرۇلتاي بىزگە شۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۇدۇكى، بىز مەركەز بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۆز ھەق، ھوقۇقىمىزنى قوغداش يولىدا ئىشەنىچ بىلەن ئالغا بېسىشىمىز، روھىمىزنى ئازاد قىلىشىمىز، مەركەز بىلەن تەڭ ھەركەت قىلىشىمىز كېرەككەن. بىراق، ئەپسۇس، لېكىن، ئەمما...نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆز ھوقۇقىنى قانۇن بىلەن قوغداشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار يەنىلا ئاجىز خەلقنى ئالداۋاتىدۇ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپ ساھەسى ساختلىق بىلەن ئۆزىنى شۇنچە پەدازلىسىمۇ قارىداپ كەتكەن يۈرىكى كۆرۈنۈپ قالدى. چۈنكى، مېنىڭ شەخسەن پەرىزىمچە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان <<قوش تىل >> مائارىپى چوقۇم ئىلمىيلاشتۇرىلىشى كېرەك. دىيارىمىزدىكى بەزى رايونلار بۇ مائارىپ ئەندىزسىنى پۈتۈنلەي ئەكسىچە ھالەتتە يولغا قويىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتە، ئۈن-تىنسىز قارشىلىق سادالىرى ئاۋۇپ كەتتى. بۇ ئەلۋەتتە، مەركەزنىڭ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى يولغا قويۇش چاقىرىقىغا خىلاپتۇر. نەچچە ۋاقىتنىڭ ئالدىدا بۇ يىللىق مەمورىيلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى تور، مىكروبىلوگ، ئۈندىدارلاردا قىزغىن بەس -مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى، بۇ يەردە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ تورنى نازارەت قىلىۋاتقان ئورۇنلارغا ۋە خەلق ئاممىسغا ئېقى ئاق، قارىسى قارا بولغاندەك ئايان، ئەگەر يۇقىرىقى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنگەندە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەزمۇنلىرىدىن بىرى دەل خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتۇر. چۈنكى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغاندىلا جەمئىيەتمۇ ئىناقلىققا چۆمىدۇ، مۇقىملىقمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. دېگەن نىشانغا ھەقىقى يەتكىلى بولاتتى.
|
|