3 ئەسردىن ئارتۇق ھۈكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار خانلىقى ئۇرخۇن دەريا ۋادىسدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر ياغما قەبلسى تەرپىدىن قۇرۇلغان مەشھۇر خانلىق بولوپ قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقىتە ئاقسۇدىن غەربتە ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىردىن جەنۇپتا قاراقۇرۇم تاغلىرغىچە بولغان كەڭ رايۇنلارنى باشقۇرغان. بۇ خانلىق دەۋرىدە ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىپ ئىسلام مەدەنىيتى رامكسىنى شەكىللەندۈرىگەن. قاراخانىلار خانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخىدا ناھايتى مۇھىم.
بىلگە كۆل قادىرخان ياغما قەبلىسنىڭ باشلىقى بولوپ، 840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن تالاس ۋە سىر دەريا بۇيلىرىغا كۈچۈپ كەلگەن. سامانىيلار خانلىقى بىلەن جەڭ قىلىپ نۇسرەت قازانغان. كىيىن بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ خانلىقىنى تىكلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي كۆل بىلگە قادىرغان ۋاپات بولغان. بۇ توغىرسىدا ئېنىق مەلومات يوق.
قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 2-خاقانى بولوپ ئاتىسنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. كىيىن سامانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانى تەرپىدىن مەغلوپ قىلىنغان. 914-يىلى بازىر ئارسىلانغان بالاساغۇندا ۋاپات بولغان.
ئاكىسى بازىر ئارسىلانغان ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەر شەھرىدە خانلىق تەختكە چىققان. 915-يىلدىن 932-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان. 932-يىلى قائىدە بۇيچە قانۇنلۇق تەخىتتە ئولتۇردىغان بازىر ئارىسلانخاننىڭ ئوغلى ساتۇق تىككن تەختتە ئولتۇرالمىغانلىقتىن تاغسى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان.
ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقى ئىچىدە تۇنجى بولوپ ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان. 933-يىلدىن 955-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلگەن. ئىسلام دىنى ئوموملاشتۇرغان. 955-يىلى ئاتۇشتا ۋاپات بولغان.
ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى. 956-يىلدىن 992-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. ئىسلام دىنىنى كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇنلاشتۇرغان. قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى قاتارلىق بۇدىست ھاكىميىتىگە قارشى جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان. ئىسلامنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان. 992-يىلى قەشقەر شەھرىدە ۋاپات بولغان.
مۇسا تىككنىڭ ئىنسىى، سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئوغلى . 993-يىلدىن 998-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. پايتەختنى قەشقەردىن بالاساغۇنغا يۆتكىگەن. 998-يىلى يول ئۈستىدە ۋاپات بولغان.
مۇسا تىككنىڭ نەۋرىسى، سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئوغلى . 999-يىلدىن 1018-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. 1008-يىلى ئۇدۇننى ئىسلامشتۇرغان. 1018-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
تۇغانخاننىڭ ئىنسىى. 1019-يىلدىن 1024-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. 1024-يىلى تەختىنى يۈسۈپ قادىرخانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۆلگەن ۋاىتى ئېنىق ئەمەس.
قاراخانىيلار خانلىقدىكى باتۇر، ئىستداتلىق كىشى. ھارون بۇغراخاننىڭ ئوغلى. 1025-يىلدىن 1032-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. ئۇدۇننى قايتىدىن ئىسلامشتۇرغان باشقۇرشىنى بىۋاستە كۈچەيتكەن، ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى تىنجتقان. 1032-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ چوڭ ئوغلى. 1033-يىلدىن 1056-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. پايتەختنى قەشقەردىن بالاساغۇنغا يۆتكىگەن. 1056-يىلى سۇلايمان ئارسىلانخان ئىنىسى مۇھەممەد بىنى يۈسۈپ بىلەن بولغان جەڭدە ئەسىرىگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلىگەن.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ 2- ئوغلى، سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئىنسىى . 1056-يىلدىن 1058-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان.15 ئايدىن كىيىن تەختىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە ( مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسىغا ) ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۆلگەن ۋاىتى ئېنىق ئەمەس.
مۇھەممەد بىننى يۈسۈپنىڭ يەنە بىر ئوغلى. 1058-ئانسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوردىدا سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ئاتىسى، ئاكىسى ۋە ئىسنىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ خاقانلىق تەختىنى تارتىۋالغان. 1058-يىلدىن 98-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. يەنە ئاسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بارىسغان شەھرىگە ھۇجۇم قىلغاندا بۇ شەھەرنىڭ ھۈكۈمرانى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
ئىبراھىم بىننى مۇھەممەدنىڭ تاغىسى. 1059-يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختتدە ئولتۇرغان. پايتەختىنى بالاساغۇندىن قەشقەرگە يۆتكىگەن. 1074-يىلى مەھمۇد بىننى يۈسۈپ ۋاپات بولغان.
مەھمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ ئوغلى. 1074-يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان. ئىككى ئايدىن خانلىق ھەسەن بىننى سۇلايمان تەرپىدىن تارتىۋىلىنغان.
مەھمۇد بىننى يۈسۈپنىڭ جىيەنى. 1075-يىلدىن 1102-يىلغچە تەختتە ئولتۇرغان. باتۇر ھەم پاراسەتلىك كىشى. تەڭىرتاغنىڭ شىمالىنى بۇيسۇندۇرۇپ ئىسلام دىننى كېڭەيتكەن. 1102-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
ھەسەن بىننى سۇلايماننىڭ ئوغلى، 1129-يىلدىن 1128-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. ئىجىتمائىي ئىگىلىنى تىز راۋاجلاندۇرغان. 1128-يىلى ۋاپات بولغان.
ئەھمەد بىننى ھەسەننىڭ ئوغلى، 1129-يىلدىن 1158-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. قىتانلارغا بېقىنىپ قالغان. 1158-يىلى ئىبراھىم بىننى ئەھمەد ۋاپات بولغان.
ئىبراھىم بىننى ھەسەننىڭ ئوغلى، 1159-يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. قىتانلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئاسارتىدىن قۇتولوپ چىققان. كىيىنكى ئىش ئىزلىرى توغىرسىدا مەلومات يوق.
مۇھەممەد بىننى ئىبراھىمنىڭ نەۋرىسى، 1204-يىلدىن 1211-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك كۆپلىگەن زىمىنلارنى ئىگەللىۋالغان. 1211-يىلى مۇھەممەد بىنى يۈسۈپ يەرلىك ئاقسۆڭەك تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خانلىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى خانى. 1211-يىلى خاقانلىق تەختىگە چىققان. مۇھەممەد بىننى يۈسۈپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق ئەمەس. كىيىن نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك تەرپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئەسىر ھۈكۈم سۈرگەن خاراخانىيلار خانلىقىدا 20 خاقان تەختتە ئولتۇرغان. بۇ ىاقانلارنىڭ ئىش پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش بىر پۈتۈن تارىخنى تەتقىت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
چاغاتاي خانلىقى ئالمالىق( ھازىرقى قورغاس) شەھرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جڭۇغار ئويمانلقىنىڭ غەربى، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي، يەتتۇسۇ رايۇنى، ماۋائۇننەھىر، خۇراسان، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى، ئاففانىستاننىڭ غەربى قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسردىن ئارتۇق ھۈكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق. مەزكۇر خانلق چىڭگزخاننىڭ ئىككنجى ئوغلى چاغاتاي خانغا سۇيرۇغال قىلىپ بەرگەن زىمىندا قۇرۇلغاچقا سۇيرۇغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان. چوڭ ئۇيغۇرلىششقا قاراپ يۈزلەنگەن.
تۇنجى خاقانى چاغاتاي- خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. 1227-يىلدىن 1241-يىلغىچە خانلىق تەختىدا ئولتۇرغان. چىڭگىزخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۆزىگە سۇيرۇغال قىلىنغان زىمىنغا ھۈكۈمرانلىق قىلىغان. ئۆمۈرنىڭ ئاخرىدا ھاراق شاراپقا خۇمار بولوپ 1241-يىلى ۋاپات بولغان.
2- خاقانى قارا ھېلاكۇ- چاغاتاينىڭ نەۋرىسى، يەنى چاغاتاينىڭ 2-ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى. چاغاتاي ئۆلگەندىن كىيىن موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگىداينىڭ تەكىتلىشى بىلەن خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1241-يىلدىن 1246-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قاراھېلاكۇ 1246-يىلى موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى كۈيۈكخاننىڭ پىلانلىشى بىلەن تەختىن چۈشكەن. ئورنىغا يېسۇمۆڭكۈ تەختىكە چىققان.
3- خاقانى يېسمۇمۆڭكۇ- موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى كۈيۈكخان تەرپىدىن خانلىق تەختىكە چىققان. چاغاتاينىڭ 5-ئوغلى. 1246-يىلدىن 1252-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ھاراق شاراپقا ئامراق ھېرسمەن بولغان. 1252-يىلى موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى كۈيۈكخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئورنىغا مۆڭكۈ تەختىكە چىققان شۇنىڭ بىلەن يېسۇمۆڭكۇمۇ تەختىن چۈشكەن.
4- خاقانى قارا ھېلاكۇ- چاغاتاينىڭ نەۋرىسى، يەنى چاغاتاينىڭ 2-ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى. 1252-يىلى موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى مۆڭكخان تەرپىدىن خانلىق تەختىكە چىققان. تەختىكە ئولتۇرۇش ئۈچۈن قىپچاق ئۇلۇسدىن ئالمالىق شەھرىگە ماڭغاندا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.
5- خاقانى ئورقىنا- قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى. موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى مۆڭكخاننىڭ تەينىلىشى بىلەن تەرپىدىن خانلىق تەختىكە چىققان. 1252-يىلدىن 1260-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1260-يىلى موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى مۆڭكخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ خانىش ئارغۇ ئۇرقىنالى ئالمالىق شەھرىدن قوغلاپ چىقىرىلغان.
6- خاقانى ئارغۇ- موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى تەرپىدىن خانلىق تەختىكە چىققان. 1260-يىلدىن 1266-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. كىيىن قۇبلايغا تەسىم بولغان. 1266-يىلى ئالمالىق شەھرىدە ۋاپات بولغان.
7- خاقانى مۇبارەكشاھ- قارا ھىلاكۇنىڭ ئوغلى. 1266-يىلى موڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى قۇبلاينىڭ قوللىشى تەرپىدىن خانلىق تەختىكە چىققان. چاغاتاي ئەۋلادلىردىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرىگەن خان. ئىسلام دىنىغا كىرىگەنلىك سەۋەبىدىن موڭغۇللارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. چاغاتاينىڭ ئەۋرىسى، مامۇكەينىڭ نەۋرىسى بۇراق ئىككى ئايدىن كىيىن مۇبارەكشاھنى تەختتىن چۈشۈرگەن.
8- خاقانى بۇراق- چاغاتاينىڭ ئەۋرىسى، مامۇكەينىڭ نەۋرىسى 1266-يىلدىن 1270-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. شۇ يىلى قايدۇ تەرپدىىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلىگەن.
9- خاقانى نىكباي- چاغاتاينىڭ نەۋرىسى، سارباننىڭ چوڭ ئوغلى. بۇراق ئۆلگەندىن كىيىن خانلىق تەختىكە چىققان. 1270-يىلدىن 1272-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قايدۇغا قارشى جەڭ قىلغان. 1272-يىلى قايدۇ تەرپدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
10- خاقانى دۇۋا- بۇراقنىڭ ئوغلى. بۇراق ئۆلگەندىن كىيىن خانلىق تەختىكە چىققان. 1272-يىلى قايدۇ تەرپىدىن خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قايدۇ بىلەن بىرلەشمە جەڭ قىلغان. قايدۇ ئۆلگەندىن كىيىن يۈن سۇلالىسى خانى تېمۇرغا ئەل بولغان. 1306-يىلىغچە خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ كىيىن ھەسرەت بىلەن كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
1
1- خاقانى كۈنجۈك- دۇۋانىڭ ئوغلى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كىيىن خانلىق تەختىكە چىققان. 1306-يىلدىن 1308-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئىجىتمائىي ئىگىلكنى ئەسلىگە كەلتۈرىگەن. شامان دىندىن ۋاز كىچىك ئىسلام دىنىغا كىرىگەن. بۇ ھال موڭغۇللارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ چاغاتاينىڭ 2-ئوغلى مامۇكەي سېستىمسىىدىكى تالقۇ تەرپىدىن تەختىن چۈشكەن.
12- خاقانى تالقۇ- چاغاتاينىڭ 2-ئوغلى مامۇكەي قان سېستمىسدىن. 1308-يىلدىن 13092-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. دىن جەھەتتە ئىسلاملىشش، تىل جەھەتتىن تۈرۈكلىشش، تۇرمۇش جەھەتتىن مۇقىم بولوشقا قارشى چىققان. 1309-يىلى بىر قېتىملىق زىياپەتتە كەبەك تەرپدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
13- خاقانى كەبەك- دۇۋانىڭ ئوغلى. چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە ئاقسۆڭەكلارنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىكە چىققان. تەختكە چىقىپ ئۇزۇق ئۆتمەي ئاكىسى ئىسەن بۇقا تەرپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
14- خاقانى ئېسەن بۇقا- دۇۋانىڭ چوڭ ئوغلى.ئىنىسنىڭ ئورنىغا خانلىق تەختىكە چىققان. 1309-يىلدىن 1318-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. كونىلىقىنى ياقلاپ يېڭىلىقىنى قانلىق باستۇرغان. 1318-يىلى ۋااپت بولغان.
15- خاقانى كەبەك- ئىسەن بۇقىنىڭ ئىنىسى. ئىسەن بۇقا ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئورنىغا خانلىق تەختىكە چىققان. 1318-يىلدىن 1326-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئىگلكنى راۋاجلاندۇرغان، سودا سېتىقىنى گۈللەندۈرىگەن، موڭغول جەمئيتنىڭ يېڭى بىر تارىخى دەۋرىگە قەدەم قۇيۇشى ئۈچۈن زور شەرت شارائىتلارنى يارتىپ بەرگەن. 1326-يىلى ۋاپات بولغان.
16- خاقانى تارماشىرى – كەبەكنىڭ 3-ئىنىسى. كەبەك ئۆلگەندىن كىيىن خانلىق تەختىكە چىققان. مۇبارەكشاھ ۋە بۇراقتىن كىيىنلا ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلغان تەرىقپەرۋەر، ئىتىداتلىق كىشى. موڭغوللارنىڭ چوڭ ئىسلاملىشش، تۈرۈكلىششنى ئىشقا ئاشۇرغان. 1334-يىلدىن 1334-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1334-يىلى ئاقسۈڭەك چىگىنىش تەرپدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
17- خاقانى چىنگىش- تارماشىرنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى، ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى. 1334-يىلدىن 1338-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. كونلىقىنى ياقلىغۇچىلار تەرپدىن تاغىسنى ئۆلتۈرۈپ خانلىقىنى تارتىۋالغان. كونىلىقىنى ياقلىغان. شۇ سەۋەپ بىر تۇغقان ئىنىسى يەسۇن تىمۇر تەرپدىن 1338-يىلى ئۆلتۈرۈلىگەن.
18- خاقانى يەسۈن تېمۇر- چىنگىشنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى. ئىنسىنى قوللىغان ئۆز ئانسىنىڭ ئەمچىگىنى كىسۋەتكەن. شۇندىن كىيىن چاغاتاي خانلىقى چەك چىكىدىن بۈلۈنۈشكە يۈزلەنگەن. لىكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ كىيىنكى ئىش ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس.
19- خاقانى ئېمىل خۇجا - تارماشىرنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى. 1326-يىلدىن 1346-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. تىنىچلىقىنى گۈللىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 1346-يىلى ئېمىل خۇجا ئاقسۇدا ۋاپات بولغان.
20- خاقانى تۇغلۇق تېمۇر- ئېمىل خۇجىنىڭ. 1348-يىلدىن 1363-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. كېڭەيمچىلىك قىلغان، تاجاۋۇزچىلۇق قىلغان. 1363-يىلى ۋاپات بولغان.
21- خاقانى ئېلياس خۇجا – تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى. 1363-يىلدىن 1365-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قەشقەردە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان قەمەردىدىن تەرپدىن 1365-يىلى قەشقەردە ئۆلتۈرۈلىگەن.
22- خاقانى خىزىر خۇجا – تۇغلۇق تېمۇرنىڭ ئەك كىچىك ئوغلى. 1387-يىلدىن 1405-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. خانلىق گۈللەنگەن، تىنىچ ئاسايىشلىق ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. 1405-يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
23- خاقانى شەمئىي جاھان – خىز خۇجىنىڭ چوڭ ئوغلى. 1405-يىلدىن 1408-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. مىڭ سۇلالىسى بىلەن دوستلۇقىنى كۈچەيتكەن. 1408-يىلى ئۆز ئەجلى بىلەن ۋاپات بولغان.
24- خاقانى مۇھەممەد – شەمئىي جاھاننىڭ ئىنىسى. 1408-يىلدىن 1415-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قاتتىق قوللوق ھالدا ئىسلام دىنى يولغا قويغان. 1415-يىلى ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
2
5- خاقانى شىر مۇھەممەد – مۇھەممەدنىڭ ئوغلى. 1405-يىلى ئاتىسنىڭ خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. بىر نەچچە ئايدىن كىيىن تەختىن چۈشكەن. كىيىنكى ئىش ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس.
2
6- خاقانى نەقشى جاھان – شەمئىي جاھاننىڭ ئوغلىى. 1415-يىلدىن 1418-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1418-يىلى خىزىر خۇجىنىڭ نەۋرىسى شىرئەلىنىڭ ئوغلى ئوۋەيىس تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
27- خاقانى ئۇۋەيىس – ئەمىر تېمۇر كۆرەگاننىڭ ئوغلى. 1418-يىلدىن 1428-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. بىر مەزگىل تىنىچ ئاسايىشلىق شەكىللەنگەن. 1428-يىلى ئۇرۇشتا قول ئاستىدىكلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
28- خاقانى ئېسەن بۇقا – ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى. 1429-يىلدىن 1462-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قاتتىق قوللوق زالىملىق قىلغان پارچىلنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1462-يىلى ئاقسۇدا ۋاپات بولغان.
29
- خاقانى دوسىت مۇھەممەد – ئىسەن بۇقانىڭ ئوغلى. 1462-يىلدىن 1469-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1469-يىلى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.
30- خاقانى كىپەك سۇلتان – دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى. 1469-يىلدىن 1472-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1472-يىلى تەختىن چۈشۈرۈلىگەن.
31- خاقانى ئەھمەد – يۇنۇسخاننىڭ 2- ئوغلى. 1472-يىلدىن 1502-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1502-يىلى ئاقسۇدا ۋاپات بولغان.
32- خاقانى مەنسۇر – ئەھمەدنىڭ ئوغلى. 1502-يىلدىن 1543-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1543-يىلى ئابدۇرەشتىخان تەرپدىن ئۆلتۈرۈلىگەن.
33
- خاقانى شاھ سۇلتان – مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى. 1543-يىلدىن 1565-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1565-يىلى موڭغول ئويراتلىرنىڭ ھۇجۇم قىلشىدا ئوق تىگىپ ئۆلگەن.
34- خاقانى سۇلتان مەسئۇد – شاھ سۇلتان بىلەن مۇناسىۋىتى ئېنىق ئەمەس. شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كىيىن 1565-يىلدىن 1570-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1570-يىلى ئابدلكەرىمخاننىڭ نەزەربەنتى بولغان.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق ھۈكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقىدا 34 خاقان تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خاقانلارنىڭ ئىش پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش بىر پۈتۈن تارىخنى تەتقىت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
يەكەن خانلىقى خانلىقى 16-ئەسرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلادى تەرپىدىن قۇرۇلغان خانلىق. بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇرن دەۋىر.
تۇنجى خان سۇلتان سەئدخان- خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى، شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3-ئوغلى. 1490-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514-يىلى يەكەندە رەسمى خانلىقىنى قۇرغان. 1514-يىلدىن 1533-يىلغىچە خانلىق تەختىدا ئولتۇرغان. زىمىن كېڭەيگەن، خەلق تىنىچ ئاسايىشلىققا ئىرشكەن. 1533-يىلى 47 يېشىدا لاداققا قارشى غازات ئۇرشىدا ۋاپات بولغان.
2
- خان سۇلتان ئابدۇرەشىدخان- سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى. 1533-يىلدىن 1559-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. مەدەنىيەت سەنئەتنى گۈللەندۈرىگەن. 1559-يىلى خوتەننى تەكشۈرۈش جەريانىدا سۇيقەستكە ئۇچۇراپ ۋاپات بولغان.
3- خان ئابدۇلكەرىمخان- سۇلتان ئابدۇرەشدخاننىڭ 2-ئوغلى. يەكەن خانلىقىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۈكۈم سۈرگەن. 1559-يىلدىن 1591-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. مەدەنىيەت سەنئەتنى گۈللەندۈرىگەن. 1591-يىلى ئوردىدىكى توپلاڭ سەۋەبىدىن بارچۇقتا ئۆلتۈرۈلىگەن.
4- خان مۇھەممەدخان – ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى. 1591-يىلدىن 1609-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. خانلىق ئىچىدە ئىچكى نىزا كۆپەيگەن، زاۋالىققا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان. 1609-يىلى مۇھەممەدخان ۋاپات بولغان.
5
- خان ئەھمەدخان- مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى. 1609-يىلدىن 1618-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. 1618-يىلى بارچقتا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا توپىلاڭچى ئەمىرلەر تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىگەن.
6- خان ئابدۇللەتىپخان- ئەھمەدخاننىڭ 2-ئوغلى. 1618-يىلدىن 1630-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن، ئاتىسنى قەستلىگەنلەرنى يۇقاتقان. يەكەن خانلىقنىڭ بىر مەزگىللىك گۈللىنىش مەنزىسسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 1630-يىلى 26 يېشىدا ۋاپات بولغان.
7- خان سۇلتان ئەھمەدخان- ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى. تۈمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى. 1630-يىلىدىن 1638-يىلغىچە تەختىكە چىققان. 1638-يىلى ئابدۇللاخاننىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن قېچىپ كەتكەن.
8- خان سۇلتان مەھمۇدخان- سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئىنىسى. ئاكىسى ئەھمەدخان بىلەن كۆپ يىل ئۇرۇش قىلغان، بۈلۈنگەن، نەتىجىدە ئاخرى ئاكىسى ئەھمەدخاننىڭ قوللوغىچىلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىگەن. يىل سانى ئېنىق ئەمەس.
9-خان ئابدۇللاخان- سۇلتان ئابدۇرەشدخاننىڭ نەۋرىسى، ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئوغلى. 1635-يىلدىن 1667-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. بىر مەزگىللىك بۈلۈنمىچىلكىنى تىنجىتقان، ئاسايىشلىقىنى شەكىللەندۈرىگەن. دىنى مەزھەپلەرنىڭ كۈچييىپ كىتشىنى، ئاق تاغلىق خۇجىلارنىڭ ھاكىميەتكە ئارلىشۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامالسىز ھاكىميەتنى ئوغلىغا تاشلاپ بىرىپ ھەج سەپىرىگە ماڭغاندا ئوغلى يولۋاسخان تەرپىدىن 1667-يىلى ئۆلتۈرۈلىگەن.
10-خان يولۋاسخان- ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى. ئاق تاغلىق خۇجىلارنىڭ قوللىشى بىلەن 1667-يىلدىن 1670-يىلغىچە خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. قارا تاغلىقلارنى پاجئەلىك ھالدا باستۇرغان. 1670-يىلى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلىگەن.
11-خان ئابدۇللەتىپخان- يولۋاسخاننىڭ ئوغلى. 1670-يىلى خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختىنى ئىسمايىلخان تارتىۋالغان.
12-خان ئىسمايىلخان- ئابدۇلەتىپنىڭ ئوغلى، ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى. قارا تاغلىقلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 1670-يىلى خانلىق تەخىتتدە ئولتۇرغان. ئاردىن ئۇزۇن قەشقەردىكى يولۋاسخاننىڭ ئوغوللىرنى ئۆلتۈرگەن. ئاق تاغلىقلارنى قاتتىق باستۇرغان. ئاپپاق خۇجىنى قەشقەردىن سۈرگۈن قىلغان. ئاپپاق خۇجا شىزاڭغا بىرىپ دالاي لاماغا يالۋۇرغان لاما دىنىغا بەيئەت قىلغان. 1680-يىلى غالدان تاشقى قەھەتتىن ئاپئاق خۇجا ئىچكى جەھەتىن ماسلىشىپ يەكەننى ئىشغال قىلغان، ئىسمايىل خان ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرنى ئىلغا سۈرگۈن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقى مۇنقەرىز بولغان.
شۇنداق قىلىپ ئىككى ئەسىرگە يىقىن ھۈكۈم سۈرگەن، مەدەنىيەت گۈللەنگەن يەكەن خانلىقىدا 12 خاقان تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خاقانلارنىڭ ئىش پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش بىر پۈتۈن تارىخنى تەتقىت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پايدىلانغان ئاساسلىق مەنبەلەر:
ھاجى نۇر ھاجى:يەكەن خانلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى،1984-يىل نەشىرى
نۇرۇللا مۆمىن يۇلغۇن:غەربى يۇرت تارىخىمىزدىكى خاقانلار،2001-يىل نەشىرى.
ۋىي لياڭتاۋ:يەكەن خانلقى تارىخىدىن ئومۇمى بايان ،شىنجاڭ خەل نەشىرىياتى، 1998-يىل نەشىرى
ئەنۋەر بايتۇر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991-يىل نەشرى
ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1994-يىل نەشرى
ئەسكەرتىش: ھەرقايسى مەنبەلەردىكى كۆز-قاراشلار (بولۇپمۇ يىلنامە جەھەتتە)دا پەرق بەك چوڭ بولۇپ، خۇددى ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن <قاراخانىيلار خانلىقى ھەققىدە 36خىل كۆزقاراش>نى رەتلەپ توپلاپ چىققاندەك،بۇلارنى ئەينى دەۋىر رىئاللىقى ۋە باشقا مەنبەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ بىرمۇ-بىر سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلشقا توغرا كىلىدىكەن.مەن ئۇيغۇر يېزىقىدا چىققان يۇقارقى مەنبەلەرنى ئامال قىلىپ سىلىشتۇرۇپ،ئاندىن يېزىپ باقتىم.شۇڭا بۇ ھەرگىز مۇكەممەل ئەمەس. مۇمكىن بولسا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بېقىش نېيتىم بار -ئەلۋەتتە.
شۇڭا تورداشلارنىڭ ھېسى تۇيغۇ بىلەن ئىنكاس يېزىشتىن خالىي بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.