باغداش تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش ئەزالىرى،تورداشلار:
تور بېكىتىمىز قۇرۇلغان بۇيان ،باغداش تورىنى قوللاپ ،ئۆز ئىجادىي ئەسەرلىرى، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتى بولغان تېمىلارنى يوللاپ، باغداش تورىغا شۇنداقلا باغداش مۇنبىرىگەمەزمۇن ۋە شاتلىق بېغىشلاپ كېلىۋاتقان جاپاكەش مۇنبەر ئەزالىرىدىن سەمىمى ئەھۋال سورايمىز، تورىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان دوستلىرىمىزغا ،قوللىغۇچىلىرىمىزغا،ۋە سادىق ئوقۇرمەن،كۆرۆرمەنلىرىمىزگە باغداش نامىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.باغداش مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشنى ئۈمۈد قىلىمىز
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق باغداش يازغۇچىلىرىنى باھالاش،ئۇلارغا يازغۇچىلىق ئۇنۋانى بىرىش،ماددى جەھەتتىن مۇكاپاتلاش، ئۇلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق خەلىقنى ئۇلۇغلۇققا يىتەكلەش،ئۇلارنى تەربىيلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغۇسى،چۈنكى گىزىت -ژۇرناللاردا بىرنەچچە داڭلىق كىشىلا ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلىش شەرىپىگە ئىرىشەلەيدۇ، ھەتتا بەزىدە خىلمۇ-خىل يوللار ئارقىلىق كېرەكسىز،ئەخلەت ئەسەرلىرى بىلەن يازغۇچى ئاتىلىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ،بۇنىڭ ئەكسىچە باغداشتا ئۇنداق بولمايدۇ،ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ رايى،مۇتەخەسسىلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق باھالاپ چىقىلىدۇ ۋە خەلق رايى بويىچە بۇلارنى خەلىققە تونۇشتۇرىدۇ،
بۇنداق ئىھتىماللىقمۇ بار ھىچقانداق ژۇرنالدا ئەسەر ئىلان قىلالمىغان نامسىز مەشھور كىشلىرىمىز باغداش تورىدىكى باھادىر شائىر،باھادىر يازغۇچى بولۇپ باھالىنىپ قالسا ئۇلارنى مەخسوس زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنتۇلغان خەلىق پەرزەنتلىرىنى،ئۇنتۇلغان تالانت ئىگىلىرىنى بايقاپ خەلىققە تونۇشتۇرىمىز،چۈنكى خەلقنىڭ كۆزى ھەممىدىن ئۆتكۈر! قېنى سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تالانتى بىلەن بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىڭ.
ئەسەر تاللاش شەرتلىرى:
1.بىر ئادەم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئەسەر قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ،ئارتۇقى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
2-مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چوقۇم ،باغداش مۇنبىرىنىڭ "مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش "سەھىپىسىگەيوللىنىشى ھەمدە ئاپتۇر ئەسەرنىڭ ئاستىغا "مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە" دەپ ئەسكەرتىش يېزىشى كېرەك.
3-قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەر ئەدەبىيات تۈرىنىڭ ھەرقانداق تۈرى بولسا بولىدۇ،مەسىلەن :ھىكايە،پوۋىست ،شىئىىر ،ئىتوت ،ئۆزى لايھەلىگەن رەسىم،ياكى ئۆزى ئىجات قىلغان يۇمشاق دېتال ، تەرجىمە ماقالە، ئىلمىي ماقالە بولسىمۇبولىدۇ .(ئەسكەرتىش: ئىجادىي رەسىم، فىلىم بولسا مەنبە ھۆججىتى تەكشۈرلىدۇ، ئىجادىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئىمزاسى بولىشى كىرەك،.يۇمشاق دىتال بولسا مەنبە كودى تەكشۈرلىدۇ.ياكى يۇمتالدا مۇئەييەن ئىسپات خاراكتىرلىق ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇڭ.)
4- قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئىملاسى توغرا ،مەزمۇنى ياخشى ،ئىجادى ئەسەر بولۇش تەلەپ قىلىندۇ .
5- باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكى بايقالسا چارە كۆرۈلىدۇ. ھەمدە بۇرۇن يوللانغان، باشقا تورلارغا يوللانغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ ،
6.ئەسەردە تەقلىد خاراكتىر ۋە مەزمون پۇچەكلىگى چەكلىندۇ ،چوقۇم يازغۇچىنىڭ خاس ئۇسلۇبى ۋە خاس دۇنيا قارىشى بولىشى ،ئەسەرنىڭ باش ئاخىرى ماسلاشقان بولىشى كىرەك.
مۇكاپات بويىمى 1-دەرىجە (بىر نەپەر) قۇتلان تېلىفۇنى ، 500 يۈەن نەق پۇل ، بىلقۇت كومپىيوتور ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتالى 2-دەرىجە(ئىككى نەپەر) 300 يۈەن نەق پۇل ، بىلقۇت كومپىيوتور ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتالى 3-دەرىجە(ئىككى نەپەر) 200 يۈەن نەق پۇل ،بىلقۇت كومپىيوتور ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتالى
8. ئەسەر يۇللاش ۋاقتى :2011-يىلى 5 -ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېىين يوللانغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ..
9-پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ. 7–ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇكاپات بۇيۈمى تارقىتىلىپ بېرىلدۇ .ھېچقانداق كىرا،ياكى باشقا ھەقلەر ئېلىنمايدۇ.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن :باغداش تور بېكىتى
ياردەم بەرگەن ئورۇنلار :
قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
<< بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
|