قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7277|ئىنكاس: 77

يالقۇن روزى ھېچنىمە دېمەيدىغاندەك قىلىدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

48

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20485
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 07:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-26 22:24  

يالقۇن روزى نېمە دەيدۇ؟ھېچنىمە دىمەيدىغاندەك قىلىدۇ
لوپ ناھىيلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن :ئوبۇلقاسىم كېرەم
يېقىندا «باغداش »مۇنبىرىدە پەيزىۋات ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى توختىنىڭ « يالقۇن روزىغا ئوچۇق خەت »ناملىق يازمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ يازما تۇرداشلارنىڭ بىر مەيدان بەس-مۇنازىرىسى قوزغاپ ،يالقۇن روزى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان ئىنكاس ۋە كۆز-قاراشلار پەيدا بولدى.شۇنداقلا تور ئەدەبىياتىدىكى دە-تالاش ۋە تىللىشىشنىڭ يەنە بىر «رىكورتى»نى ياراتتى.
ئىلگىرىمۇ يالقۇن روزى ھەققىدە تور يۈزىدە بىرقانچە قېتىملىق بەس-مۇنازىرىلەر بولغان بولسىمۇ،ئەمما بۇقېتىمقى مۇنازىرىدە مۇنازىرە ئوبىكتى يالقۇن روزى ئەسەرلىرىدىن تارتىپ ئونىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىگىچە چېتىلىپ يالقۇن روزىنىڭ ھەممە قىلغان-ئەتكەنلىرى بىردىن-بىرلەپ تارتىپ چىقىرىلىپ  «چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ» يالقۇن روزىنىڭ كىشى بىلىدىغانلىكى ئىش ھەرىكەتلىرى ئاشكارا قىلىنغانغا قەدەر داۋاملىشىپ ،ئاخىرىدا بۇ مۇنازىرە يالقۇن روزىدىن ھالقىپ،ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا تىللىشىشقا، ئاخىرىدا بېرىپ ئىشەككە بېرىپ تاقاشقاندەك قىلىدۇ.مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئەڭ ئاخىرى بېرىپ قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
مەن بۇ مۇنازىرىنىڭ دەسلەپكى كۈنلەردىكى قىزغىن كەيپىياتىدىن خەۋەردار بولساممۇ لېكىن ئاخىرىنى كۈرۈشكە پۇرسەت بولمىغان ئىدى .تۈنۈگۈن  كەچتە بۇ تىمىغا چۈشكەن   كىيىنكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم.كۆرگەنسىرى ئىچىم ئاچچىق بولۇپ پىكىرلىرىم چىگىلىشىپ كەتتى .راستىنى ئېيىتسام كىيىنكى ئىنكاسلارنى كۆرگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم .چۈنكى مۇشۇنداق بىمەنە تالىشىشتىن  قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى ؟ ھەرئىككى تەرەپ نىمىگە ئېرىشمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ھېچكىمگە ئايان ئەمەس ئىدى.
يازما ئىگىسى بەس-مۇنازىرە تازا قىيامىغا يەتكەندە خۇددى بۇ بىمەنە مۇنازىرىنى قوزغىغانلىقىدىن شەرەپ ۋە ئىناۋەت تاپماقچى بولغاندەك ئەسلىدىكى ھەقىقى ئىسىم زاتىنى ئۈچۈرۈپ تاشلاپ ئۆزىگە « توقماق»دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپ ئىككى تەرەپنى توقماقلاشتۇرماقچى بولغاندەك ئۆزگىرش ياساپ« مەۋھۇم »سالاھىيەت سۈپىتىدە بىر چەتتە تاماشا كۆرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇنازىرىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان، مۇنبەر ئەھلىنى ئىككى تامغا بۆلىۋەتكەن،نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىلھام ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى جانلاندۇرىۋەتكەن ئەسلى ئەسەرنى قايتا كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ قايسى تەرەپكە مايىل ئىكەنلىكىمنى دەڭسەپ  باقماقچى بولدۇم .چۈنكى شۇنچە داغدۇغىلىق مۇنازىرە بولىۋاتسا ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ مۇئەييەن مەيدانى ۋە كۆز-قارىشىنى ئىپادىلىمەسلىكنىڭ ئۆزى  يالقۇن روزى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئارقىلىق ئەۋلادلارنى ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان ،مىللىي كىملىكى ۋە ئەنئەنىسىنى قوغدايدىغان لاياقەتلىك ئۇيغۇر پەرزەنتى قىلىپ تەربىيەلەشنى ئۆز ئۈستىمگە ئالغان ماڭا  ئوخشاش ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن سەل مەسئۇلىيەتسىزلىكتەك تۇيۇلدى .ئەگەرئاشۇنداق نۇرغۇن يىتەرسىزلىكى   ۋە ئادىمىيلىك خىسلىتى يوق بىر ئادەم تۈزۈپ چىققان دەرىسلەرنى پۈتكۈل ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلىسەك ئۇچاغدا بۇ بالىلار كەلگۈسىدە نېمە بولۇپ چىقىدۇ-ھە!
چۇقۇم ئوقۇش كېرەك دەپ ئويلىدىم .چۈنكى بۇنداق بولغاندا شۇنچىۋىلا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان بۇ« كاتتا  خەت»تىكى « دۇردانىلەر»دىن بەھىر ئېلىپ بۇندىن كىيىن يالقۇن روزى ئەسەرلىرىگە سۇغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىدىيەۋىي ئاساسىنى سالغىلى بولاتتى.
شۇنداق ئىستەك بىلەن  باش بەتكە قايتىپ قارىسام يازما تىمىسىنىڭ ئاستىدىكى قەلەم ئىگىسنىڭ ئەسلىدىكى پەيزىۋات ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى توختى دېگەن ئىسىمنىڭ « توقماق»قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم .
مەن ئەسلىدە خاتا كۆردۈممۇ ياكى ھازىر خاتا كۆرىۋاتامدىمەن دەپ دەسلەپتە چۈشۈرىۋالغان نۇسخىسىنى سېلىشتۇرسام ھەر ئىككلىسىنى خاتا كۆرمەپتىمەن .
توۋا،بۇ نېمە ئىش ؟ مەن تېخى 20نەچچە يىللىق ئەدەبىي ئوبروزچىلىق تارىخىغا ئىگە بىر ئادەمگە ئەسلى ئىسىم –زاتى بىلەن  يۈرەكلىك ھالداتەنقىدى پىكىر يۈرگۈزەلىگەن خېلى جىگىرى بار،ئەدەبىي تەنقىد ئىلمىدە خېلى دىتى بار،ئۆزىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگەن  كەسىپدېشىمىز باركەن دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا قايىللىقىم قوزغالغان ئىدى.كىم بىلسۇن بۇ « يۈرەكلىك كەسىپدىشىم » يازمىسى ئېلان قېلىنىپ بىر نەچچە كۈن ئۈتە-ئۆتمەيلا « توقماق» قا ئايلىنىپ قالغىنىنى !؟
ئەسلىدىكى ئابدۇۋەلى توختى نېمىشقا بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىردىنلا « توقماق »قا ئايلىنىپ قالغاندۇ ؟
تارىختا بولسۇن ياكى ھازىرقى زاماندا بولسۇن مەن تېخى بىرەر يازغۇچى ياكى قەلەمكەشنىڭ « توقماق»دەپ تەخەللۇس قويغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغاچقا بۇسۆزنىڭ يەنە باشقىچە مەنىسى بارمىدۇ دەپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىگە قارىسام بۇ لۇغەتتە  « توقماق»دېگەن سۆزگە:«① ئى. نەرسىلەرنى ئۇرۇپ پارچىلاش، قېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر ئۇچى تومپاي ياغاچ: - ھۇررا! ھۇررا!... – مىلتىق، نەيزە، توقماق، گۈرجەك، جوتۇ كۆتۈرگەن كىشىلەر توۋلىغان پېتى تۈرمىگە باستۇرۇپ كىردى. ② ئى. كۆچمە. زەربە، تاياق: توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار (ماقال). ③ ئى. قاڭالتىرچىلار ۋە ھارۋا جابدۇقلىرىنى ياسىغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ياغاچ بازغان. ④ مىق. كۆچمە. باغلام، تىزىق: بىر توقماق پۇل مۇنداق تەبىر بىرىلگەن ئىكەن .
شۇنىڭ بىلەن مەندە  ئابدۇۋەلى توختى مۇشۇ يازمىسى ئارقىلىق يالقۇن روزىنى «توقماق»لىماقچى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم دە يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا باشلىدىم .ئوقۇغانسىرى ئابدۇۋەلى توختىنىڭ بۇ يازمىسىدا ئاساسلىق تەنقىد ۋە باھالاش ئېلىپ بارغىنى:« ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىنى مەيلى قانداق يول بىلەن بولسۇن ئۇرۇنسىز كەمسىتىشكە،  كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، ئاپتۇرنىڭ پەزىلىتىگە، دۇنيا قارىشىغا باھا بېرىشكە، ‹چېقىۋېلىش›قا بولمايدۇ». دېگەن پىكىرگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بايقاپ ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى،ئابدۇۋېلى توختىنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ يالقۇن روزىنى «توقماقلاش»ئەمەسلىكىنى  ھېس قىلدىم .
ئەمىسە ،ئۇ نىمىشقا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسىم فامىلىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندۇ ؟
كونكىرىت سالاھىيەت بىلەن ئۆزى تەرىپىدىن ئېيتىلغان بىر باھانى مەۋھۇم شەخىسكە ئارتىپ قويۇپ بۇ مۇنازىرىدىن تىكىۋەتمەكچىمۇ ؟
ئەسلىدە ئابدۇۋېلى توختى ئۆزىنىڭ بۇ يازمىسىنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن  ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئىستىتىك زوق بىرىش ئۈچۈنلا يېزىلغان بەدىئىي ئەسەر ئەمەس بەلكى كونكىرىت پاكىت ۋە دەلىللەر ئاساسىدا يېزىلىدىغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى بولغان تەنقىد خاراكتىرىدىكى  ئەسەر  ئىكەنلىكىنى ،شەخسنىڭ ئۆزىگە يېزىلغان مۇشۇنداق « ئۇچۇق خەت»لەرنىڭ مەۋھۇم شەخىس تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى كونكىرىت شەخىسنىڭ پىكرى سۈپىتىدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولغاچقا ،ھەمدە دېگەن گىپىگە ئىگە بولىدىغان ئىسىل پەزىلىتى بولغاچقا، دەسلەپتە ئۆز ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ،كىيىن نىمىشقا مەۋھۇم شەخىسكە ئايلىنىپ قالدى؟
ئىنىقكى،ئابدۇۋېلى توختى بۇ يازمىنى يېزىپ بولۇپ ئۆزى يازمىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ئويلاپ بېقىشقا ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكتىن يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلارنى ئابدۇۋېلى توختىدىن ئىبارەت بىر زىيالى،ئوقۇتقۇچى بولغان كونكىرىت شەخىس نامىدىن نامەلۇم بىر شەخىسكە ئارتىپ قويغان .
بۇنى ئەمدى قانداق چۈشىنىش ئابدۇۋېلى توختىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش .
قىزىقارلىقى يىرى شۇكى ،ئۆز ئىسمىنى ئۈچۈرىۋېتىپ ھەيۋەتلىك ئاڭلانسۇن دىدىمۇ ياكى مۇشۇ يازمام بىلەن دەرىجەم ئۆستى دەپ قارىدىمۇ« توقماق»دېگەن تەخەللۇسنى قويىۋېلىپ«مەن يالقۇن روزى ئوبزورلىرىنى توقماقلايدىغان توقماق » دېگەن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ،قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان غايىۋىي شەخىسكە ئايلانماقچى بولغان.
ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ « غايىۋىي توقماق » نۇرغۇن لوگىكىلىق خاتالىقلار،ئىلمىي ئاساس ۋە پاكىتلىرىنىڭ يىتەرسىزلىكى، يۈزەكىلىكى بىلەن  يازغان بۇ يازمىسىدا « شەخىسكە ھۇجۇم قىلماسلىق» شۇئارىنىڭ ئەكسىچە شەخىسكە ھوجۇم قېلىشقا ئۆزى ئوت يېقىپ ئوقۇرمەنلەرنى جىدەلگە سېلىپ قويۇپ ،شۇلار ئارقىلىق يالقۇن روزىنى«توقماقلاش»مەقسىتىگەۋە ئوقۇرمەنلەرنى بىر-بىرىگە « توقماقلاتقۇزۇش»مەقسىتىگە  يەتكەن .  
بەلكىم يۇقۇرقى نوقتىلارنى باشقا ئوقۇرمەنلەرمۇ ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن ۋە ياكى ھېس قىلمىغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
مېنىڭ ئابدۇۋېلى توختىنىڭ بۇ يازمىسى  ھەققىدە «خەت» يازغانلىقىمنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئابدۇۋېلى توختىنىڭ يالقۇن روزىغا ئوچۇق خەت يازغانلىقىنى ئەيىپلەش،يالقۇن روزىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خاتا قىلدى دىيىش ئەمەس . ئابدۇۋېلى توختىمۇ  بىر زىيالىي ۋە يالقۇن روزى ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن يالقۇن روزىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى  ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە قانداق ئىپادىلەش ئۆزىنىڭ ئىشى.
مېنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى مۇشۇ بىر يازما سەۋەبىدىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىككى تام بولۇپ بىر-بىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنى،دۈشمەنلىشىۋاتقانلىقى،بىر-بىرىنى ئەڭ قەبىھ تىللار بىلەن تىللاپ ،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز رەسۋالاشتۇرىۋاتقىنى ھەمدە ئابدۇۋېلى توختىنىڭ بىردىنلا ئۆزىنىڭ سالاھىيتىدىن،كىملىكىدىن چەتنەپ  ،ئۆزىنىڭ گىپىگە ئۆزى ئىگە بولالمىغانلىقى ،بىھۇدە دە-تالاشقا سورۇن ھازىرلاپ ،چاكىنا مۇنازىرىگە سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنى  بولدى .
كىمنىڭ كۆز قارىشى توغرا،كىمنىڭ خاتالىقى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ،پىكىرلەرگە سۇغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ،ھەقىقى مۇنازىرىدىن تۇلىمۇ يىراق بولغان بۇنداق دە-تالاشنى قانداقمۇ مۇنازىرە دېگىلى بولسۇن ؟!
بۇ مۇنازىرلەرنى ئەقلى كۆز بىلەن كۆزەتكەندە بۇ ھەرگىزمۇ مۇنازىرە ئەمەس،بەلكى بىر-بىرىنى تىللاپ يەر-بىلەن يەكسان قىلىپ ،ھېچنىمىگە ئىرىشەلمەي ،يا بىرتەرەپنىڭ پىكرىگە يەنە بىر تەرەپ قايىل بولماي تارقىلىپ كەتكەن جەڭگە –جىدەلدىن نىمە پەرقى بار .
ئەسلىدە يالقۇن روزىغا يېزىلغان بۇ «ئوچۇق خەت» يالقۇن روزىغا قارىتىپ يېزىلغان بولغاندىكىن ھېچ بولمىغاندا يالقۇن روزى ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ «خەت»كە جاۋاب بەرگەن بولسا بۇنداق ئورۇنسىز دە-تالاشمۇ چىقماس بولار ئىدى .
ئەمما يازما ئىگىسىنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە  يالقۇن روزى بۇ تىمىنى كۆرۈشكە چۇلىسى تەگمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ جاۋاب بىرىشنى خالىمىدىمۇ،ئىشقىلىپ قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى.بۇ ئىش ئادەمگە خۇددى«ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر»دىگەندەك تۇيغۇ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ «خەت»نىڭ خاراكتىرى«يالقۇن روزىغا ئوچۇق خەت»تىن «يالقۇن روزىغا بىر نېمە دېگۈسى بارلارغا خەت» ئايلىنىپ ،يالقۇن روزى ھەققىدە ھەرنېمە دېگۈسى بارلارنى كەڭ-كۇشادە «بازار»بىلەن تەمىنلەپ،بەزىلەر يالقۇن روزى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا پۇخادىن چىققۇدەك پىكىر يۈرگۈزۈپ ،ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە يالقۇن روزىدىن ئىبارەت بۇ شەخىسنىڭ بولۇپ قالغانلىقىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىققانلىقىغا بولغان ئېچىنىش ۋە غەزەپ –نەپرىتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئىنچىكە ۋە تولۇق ئىپادىلىۋېلىش مەقسىتىگە يەتكەن بولسا  ،بەزىلەر يالقۇن روزىغا ۋەئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلەپ ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ ھېچكىم ھېچكىمگە بوي سۇنۇشنى خالىماي ،يالقۇن روزى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دە-تالاش پەيدا قىلىپ،ئىتتىپاقلىقنى بۇزغان «چوڭ گۇناھكار»غا ئايلاندى.
ئەپسۇس،مۇشۇ جەرياندا بۇ «چوڭ گۇناكار»نى تارتىپ چىقارغان داۋاگەرنىڭ «ئوچۇق خېتى»دىكى پىكىر-قاراشلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقى،ئىلمىي ئاساسلىرىنىڭ يىتەرلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى دەڭسەپ كۆرۈش بولمىدى.ھەتتا بۇ دە-تالاش يالقۇن روزىنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ئەسەرلىرىنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇپ،بەزى تەھلىلچىلەر ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مۇنوپۇل قىلىش سۈيىقەستى باردېگەن «قالپاق»مۇ كىرگۈزۈلمەكچى بولدى..
ئىشىقىلىپ «ئوچۇق خەت»تە تىلغا ئېلىنغان يىتەرسىزلىكلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن يالقۇن روزىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدتىن باشقا ساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ «خاتالىق»لىرى ئالدىدا ھېچنىمگە ئەرزىمىدى.
ئەڭ مۇھىمى ئونىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئەسەت سۇلايمان قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى توپلاپ نەشىر قىلدۇرغانلىقىدەك ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرىنىڭ كەينىگە «شەخسى مەنپەئەت»ئۇقۇمى قوشۇپ قويۇلدى.
ئۇنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن ساپ ئۇيغۇر مەدەنىيتى،ئۇيغۇر ئەنئەنىسى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەركەز قىلغان «قوش تىل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكى»نىڭ قىممىتىمۇ ئۇنىڭ «گۇناھ»لىرىنى ياپالمىدى.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىي ھەققىدىكى ئىلمىي ئەسەرلىرى(مەسىلەن: ئاكا-ئۇكا مۇسابايىفلار ھەققىدىكى ماقالىلىرى،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تارىخىغا ئائىت ماقالىرى،ئۇيغۇر يېقىنقى زامان جەددىتچىلىك ھەركىتى ھەققىدىكى ماقالىرى ۋە بۇئىسلام جەددىتچىلىك ھەرىكىتى توغرىسىدا تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشىر قىلغان"<بۆگۈنكى زامان ئىسلام-ئەرەپ پەلسەپىسى> كىتابلىرىمۇ ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالدى .
بېقىلمىدى.
ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەر ياخشى نىيەت بىلەن سۇنغان «كۈندە بىردەم پەلسەپە ئوقۇيلى»دېگەن تەرجىمە كىتابىمۇ ھازىرغىچە مەتبۇئات يۈزىدە بىرەر كۇپلىت شېئىرمۇ يېزىپ باقمىغان بەزى باھا«مۇتەخەسس»لىرىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئەختەم ئۆمەرنىڭ«ئۇيغۇر بولماق تەس،ھەممىدىن ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى بولماق تەس»دېگەن گىپىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەندەك بولدى.چۈنكى بەزى تورداشلارنىڭ نەزىرىدە يالقۇن روزى ئۆزلىرىگە ئوخشاش  زىيالىيلىق سالاھىيەتتىن تۇلىمۇ يىراقتا قالغان ئىدى.مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئولارنىڭ «ئەمگىكى»ئالدىدا يالقۇن روزىنىڭ ئەمگىكى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيتتى.
مۇنازىرە جەريانىدا كۆپلىگەن تورداشلاردا  بىز نىمىنى تالىشىۋاتىمىز؟«ئوچۇق خەت »ھەققىدىمۇ ياكى يالقۇن روزى ھەققىدىمۇ ؟بۇ تالىلىشىشنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەر تۇلىمۇ ئاز بولدى.
شۇڭا،مەنمۇ بۇ يازما ھەققىدە ئۈزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دىدىم .پىكىرلىرىمدە خاتالىق ۋە يىتەرسىزلىكلەر بولسا تەنقىدى پىكىرلەرنى ئىسمىمنى ئۆزگەرتمەستىن قۇبۇل قىلىمەن .
بايا دېگىنىمىزدەك ئابدۇۋېلى توختىنىڭ يالقۇن روزىغا يازغان «ئوچۇق خەت » نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يالقۇن روزىنىڭ ئۆز ئوبزورلىرىدا يازغۇچى ئەدىپلەرنى كەمسىتكەنلىكىگە قارشى تورۇش،يازغۇچى-ئەدىپلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قېلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش، ھەمدە يالقۇن روزىنىڭ سەمىگە   ئاپتۇرلارنىڭ پەزىلىتىگە، دۇنيا قارىشىغا باھا بېرىشكە، «چېقىۋېلىش» قا بولمايدىغانلىقىنى سېلىپ قويۇشنى،شۇنداقلا  ئۇنىڭ « چۇسا مىجەزلىك»خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ لازىملىقىنى  چۆرىدىگەن ھالدا يالقۇن روزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاپ بىرىشىنى كۆزلەپ  يېزىلغان.
يالقۇن روزىنىڭ يۇقۇرىقى يىتەرسىزلىكلىرىگە ئاساس سۈپىتىدە،ئۇنىڭ ئوبزورلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ ،يالقۇن روزىنى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قائىدىلىرىنى پۇختىراق ئىگەللەپ «دۇمبالاش»بىلەنلا بولۇپ كەتمەي،ئەسەرگە بەدئىيلىك، ئىستىتىكا، پەلسەپە، لوگىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ئادىللىق بىلەن باھا بېرىپ ئەدەبي تەنقىدچىلىكنى «سەنئەتكە بولغان ساپ مۇھەببەت» بىلەن تېخىمۇ جانلىق ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدىغان خالىس نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خوش،ئۇنداقتا ياخشى نىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراش ئاپتۇرنىڭ كۆزلىگىنىدەك يالقۇن روزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەندۈرۈپ قويىشىدىن ئىبارەت ياخشى نەتىجە،ھېچ بولمىغاندا كۆپ قىسىم ئىنكاس ئىگىلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشنىڭ  ئۈستىگە نېمىشقا ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىش ھادىسىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
ئەمەلىيەتتە ،يۇقىرقى يازمىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ساقلانغان .
ئابدۇۋېلى توختى بۇ يازمىدا يالقۇن روزىنى باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە باھا بىرىش، شەخسىنىڭ ئىززەت –ھۆرمىتىگە چېقىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ بۇ گىپىنىڭ تەتۇرىسىچە يالقۇن روزىنى ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان«قېنى ئازىراقلا تاتلىق» كىشلەرنى پۇراپ تاپسىلاچاقىدىغان «چۇسا»غا،ھولمىس>>. ئوخشىتىپ يالقۇن روزىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى«خاتالىقلار»غا ئىلمىي،دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا رەددىيە بەرمەي ،ئەسەردىن ھالقىپ يالقۇن روزىنىڭ شەخسىيتىگە ،ئىدىيسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىمۇ ئادەمگە  باھا بېرىشتىن ساقلىنالمىغان .
ئاپتۇر ئۆز يازمىسىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:« ئەدەبي تەنقىد ئىلمىدە تەنقىدچى ئەسەر ئۈستىدە قانداق مۇلاھىزە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ،بۇ مۇلاھىزە مەلۇم نەزىرىيەنىڭ يىتەكچىلكى  ئاستىدا ئىسپاتلىق ھەم جانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمما ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىنى مەيلى قانداق يول بىلەن بولسۇن ئۇرۇنسىز كەمسىتىشكە،  كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، ئاپتۇرنىڭ پەزىلىتىگە، دۇنيا قارىشىغا باھا بېرىشكە، «چېقىۋېلىش»قا بولمايدۇ. بۇ ئەدەبي تەنقىدچىلىكتە ھەممە بىلدىغان ئاددىي ساۋات.ئەجىبا سىز مۇشۇنچىلىك ئاددىي ساۋاتنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ياكى «تەنقىدنى كالتەك دەپ قارايدىغانلار»غا ئوخشاش «دۇمبالاش»بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ تەرەپكە دىققەت قىلالمىغانسىزمۇ؟»دىيىش ئارقىلىق يالقۇن روزىنىڭ باشقا يازغۇچىلارنى كەمسىتكەنلىكىگە،«چېقىۋالغان»لىغا رەددىيە بىرىپ ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ ئەسەر ئۈستىدە قانداق مۇلاھىزە ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى،ئەلۋەتتە ،بۇ تەنقىدنىڭ مەلۇم نەزىرىيەنىڭ يىتەكچىلكى  ئاستىدا ئىسپاتلىق ھەم جانلىق ئېلىپ بېرىلسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى بولىدۇ.بىراق ئۆزى نېمىشقا يالقۇن روزىنىڭ يازغۇچىلارنى كەمسىتكەن ئاشۇنداق ئەسەرلىرىگەقارىتا  ئۇۋال بولغان شۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل ۋە دەلىل كەلتۈرۈپ شۇ يازغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يالقۇن روزى كۆرسەتكەن «خاتالىق»لارنى مۇناسىپ ئاساسلارئارقىلىق توغرىلاپ يالقۇن روزىنىڭ بۇ «دۇمباللاش»لىرىغا رەددىيە بەرمەيدۇ ؟بۇنداق بولغاندا بۇ تىما ئىگىسىنىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەنقىد روھىغىمۇ ئۇيغۇن بولاتتى.يالقۇن روزىمۇ قايىل بولغان بولاتتى.كەڭ ئوقۇرمەنلەرمۇ گاڭگىراپ قالمىغان بولاتتى.
تېخىمۇ بىمەنە يىرى يازما ئىگىسى يەنە تېخى يالقۇن روزىنى باشقىلارنى «دومباللاش»بىلەنلا بولۇپ كەتتى دەپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭمۇ «توقماق»قا ئايلىنىپ يالقۇن روزىنىنىڭ ئەسەرلىرىگە  قارىتا لوگىكىلىك،ئەقلىيلىكبىلەن  تەنقىد يۈرگۈزمەي ،ھېسسىي نوقتىدىن چىقىپ يالقۇن روزىدىن ئىبارەت شەخسنى «توقماقلاۋاتقان»لىقنى ئۇنتۇپ قالغان.
يازما ئىگىسى ئۆز يازمىسىدا ئەدەبىي تەنقىدتە ئەسەرگە باھا بېرىشكە بولىدىغانلىقى بىراق،يازغۇچىنىڭ  ئاپتۇرنىڭ پەزىلىتىگە، دۇنيا قارىشىغا باھا بىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى  بىلمەيدىغانلىقىدىن ۋايسايدۇ .`
ئەگەر ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيتى يازما ئىگىسنىڭ قارىشى بويىچە بولىدىغان بولسا ،ئەدەبىي ئەسەر بىلەن يازغۇچىنىڭ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ئايرىم نەرسە ،بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق دېگەن مەنا كىلىپ چىقىدۇ .مۇنداق بولغاندا   ئەدەبىي تەنقىد ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى بولغان ئەدەبىيات نەزىريەسى بىلەن زىتلىشىپ قالمامدۇ ؟
باشقا نەزىريەۋىي ئاساسلارنى  قويۇپ تۇرۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن  ئىلگىرىكى تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىنىڭ1-قىسمىدىكى  «باش تېما ۋە تېما »دېگەن قىسىمغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بۇ ھەقتىكى تۆۋەندىكىدەك بايانلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ .
«باش تېما دېگىنىمىز :ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ھەل قېلىنغان پىكىر ياكى مەركىزى مەسىلە ئەسەرنىڭ باش تېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيىتقاندا،شۇ ئەدەبىي ئەسەر ئارقىلىق يازغۇچىلارنىڭ كىتابخانلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسىتى ئەسەرنىڭ باش تېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىدە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش جەريانىدا ،مۇقەررەر يۇسۇندا ئۆزىنىڭ مەيدانى،كۆزقارىشى،خاھىشى،پۇزىتسىيسى ۋە ئىدىيەۋىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ»
دېمەك،يۇقىرقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،ئەدەبىي ئەسەرلەر يازغۇچىنىڭ دۇنياقارىشى ،ئىدىيسى ۋە تۇرمۇشنى كۆزىتىش سەۋىيسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .شۇنداق ئىكەن ئەدەبىي ئەسەرگە قارىتا تەنقىد ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئەدەبىي ئەسەر  بىلەن يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشىنى قانداقمۇ ئايرىۋېتىپ تەھلىل قىلىغىلى بولسۇن ؟
ئۇستاز ئابدۇقادىرجالالىدىن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيتى »ژورنىلىنىڭ2010يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلغان «چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىد قاتماللىقى»دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەدەبىي تەنقىد ھە دېسىلا ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ تۇرىۋالماسلىقى،ئەسەرنى بەدىئىي خۇسۇسىيەتكە ئېگە قىلغان ئامىللارغىمۇ نەزەر ئاغدۇرىشى،ئەسەرنىڭ ئىچكى قىسمى ھەققىدىكى مۇھاكىمە بىلەن ئەسەرنىڭ سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ،مەدەنىي سىياسى ئامىللار ھەققىدىكى مۇھاكىمىنى باغلاپ ،بىر پۈتۈنلۈككە ئېرىشتۈرىشى لازىم .ئەدەبىي تەنقىد يەنە يازغۇچىنىڭ سۇبىكتىپ دۇنياسىغۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ ،مەنىۋىي ساپاسىغىمۇ دىياگنۇز قويۇشنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك»دەيدۇ .
مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا يالقۇن روزىنىڭ ئەسەرلەرگە باھا بېرىش بىلەن بىرگە شۇ ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مەنىۋىي ساپاسىغا باھا بىرىشىنى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قانۇنىيتىگە خىلاپ دېيىش كېرەكمۇ ؟
يازما ئىگىسى تىلغا ئالغان  يالقۇن روزىنىڭ قايسى«ھۇجۇمچى»سۆزلىرى شۇ يازغۇچىلارنىڭ مەنىۋىي ساپاسى ۋە دۇنياقارىشىغا باھا بېرىشتىن ھالقىپ شەخسىيتىگە بېرىپ چېتىلغان؟
ئەگەر چېتىلغان دېگەن تەقدىردىمۇ يازما ئىگىسى ئاشۇ ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل ۋە ئاساسلارنى كەلتۈرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قارىشىغا ئاساسەن شۇ ئاپتۇرلارنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتەلىگەن بولسا شۇ يازغۇچىلارمۇ «ئاقلانغان»،ئۆزى دېگەندەك باشقىلارنىڭ شەخسىيتىگە ھوجۇم قىلىشتىن ساقلانغان بولاتتى.
دېمەك،يازما ئىگىسى بۇ يەردە بىر تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ۋە ئۇنىڭ ماھىيتى ھەققىدىكى بىلىمسىزلىكنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە يا يالقۇن روزى تەرىپىدىن ئۇۋال قىلىنغان يازغۇچىلارغا ياخشى بۇلالمىغان يا ئۆزىنىڭ پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان .ئەكسىچە،بىرقىسىم ساددا ئۇقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن .
يازما ئىگىسى يالقۇن روزىنى ھەممە بىلىدىغان ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئادەتتىكى ساۋاتلىرىنىمۇ بىلمىدى، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن تەنقىد ئەخلاقىغا خىلاپ ھالدا ئەسەرنى، پىرسۇناژنى، يازغۇچىنى بىر زەنجىرگە باغلىۋېلىپ، ئاپتۇرلارنىڭ «دەككە»سىنى بىرىپ، سەنئەتكە سەنئەتكاردەك نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلماي، سەنئەتكە سەنئەتكارنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىق ، كۆرەلمەسلىك، مەنمەنچىلىك تالىشىش قاتارلىق ئىللەتلەردىن خالى بۇلالمايۋاتقان ئۇيغۇر جەميتىدىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇشۇنىمىزدا خېلى زور داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قاراپ يازمىنى ئوقۇغان كىشىگە  يالقۇن روزىغا ئەدەبىي تەنقىد ئىلمىدىن ساۋات بەرمەكچى بولغان ۋە يالقۇن روزىنىڭ ئوبزور يېزىش ئۇسلۇبىغا ۋە قارىشىغا يىتەكچىلىك قىلماقچى بولغاندەك تۇيغۇ بەرگەن .
يازما ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە يالقۇن روزى ئەڭ ئەقەللىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قائىدىلىرىنى بىلمەيدىكەن .ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ 10نەچچە يىلدىن بىرى ئوبزور يېزىپ ئەسەر ئىلان قىلىپ يۈرگىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن بىر ھاقارەت بولمامدۇ؟
ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا يالقۇن روزىنىڭ تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ  ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇقۇپ تۇرغان ھەم شۇنىڭ ئىلھامى بىلەن بەزى تەنقىد ماقالىلىرىنى(ئىجتىمائىي مەسلە توغرىسىدىكى)يېزىپ، ئازىراق ئۈنۈممۇ ھاسىل قىلغان «توقماق»ئەپەندى قانداق قىلىپ يالقۇن روزىدەك ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ساۋاتلىرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ ئونىڭدىن ئىلھام ئالالىدى؟
ئەجەبا ئۇ بۇ يەردە يالقۇن روزى ئەسەرلىرىدىكى«خاتالىق»لاردىن ئىلھام ئالدىمۇ؟
ئەقەللىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قائىدىلىرىنى بىلمىگەن يالقۇن روزى قانداق قىلىپ زور كۆپ سانلىق ئوقۇرمەننىڭ نەزىرىدىكى «ئوبروزچى»غا ئايلىنالىدى ؟قانداق قىلىپ يازما ئىگىسى تەرىپلىگەنگە ئوخشاش ئۆتكۈر تەنقىد بىلەن تاۋلىنىۋاتقان ھارماس قەلەم ئىگىسى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى، جۈملىدىن كەمچىللىكلەرنى تۈزىتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارىي قىلدۇرۇپ، تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ، «ھەقىقى مەنىدىكى ‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى›غا»ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ، ئادىللىق بىلەن ھەق يولدا تۇرغان  ئۆتكۈر تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلىنالىدى؟قانداق قىلىپ يازما ئىگىسىلا ئەمەس باشقا ئوقۇرمەنلەرمۇ  ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان قەلەمكەشكە ئايلىنالىدى؟
گەپنىڭ بېشىغا كەلسەك،يازما ئىگىسى يالقۇن روزىنىڭ سەنئەتكە سەنئەتكارنى باغلاپ تەھلىل قىلىدىغان قارىشغا قارشى تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا،بۇ ھەقتىكى نەزىريەۋىي بىلىملەرنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇپ ئادەتتىكى ساۋاتلارغا قاراپ باقايلى:
بىر ياغاچچىغاباھا بىرىشتە  ئۇ ياغاچچىغا ئۇ ياسىغان ئۆي  بىلەن بىرلەشتۈرۈپ باھا بىرەمدۇق ياكى ئايرىپ باھا بىرەمدۇق ؟ئەگەر مىسال كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە بۇنداق مىساللار تۇلىمۇ كۆپ .ھەرقانداق سەنئەت ئەسىرىگە شۇ سەنئەتكارنىڭ ئىدىيسى ۋە دۇنيا قارىشى سىڭمىسە ئۇ ئەسەرنى قانداقمۇ سەنئەت دېگىلى بولسۇن؟شۇنداق بولغان ئىكەن ئەسەرنىڭ ياخشى-يامانلىقىنىڭ يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە تۇرمۇش قارىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا  نېمە بىلەن مۇناسىۋىتى بار؟
ئەگەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىدكى ئولۇغلۇق ۋە جەڭگىۋارلىقنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا قارىشى،شەخسىيتىدىن ئىزدىمىسەك قەيەردىن ئىزدەش كېرەك ؟  
دىمەك،يازما ئىگىسى بۇ يازمىنى يېزىش جەريانىدا ئەدەبىي تەنقىد ئىلمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ،ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ئەدەبىيات نەزىريەسى ۋە ئەمەلىيتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ،شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەدەبىياتتا تۇتىۋاتقان ئورنى ھەققىدە ئەستايىدىل ئىزدەنمەي تۇرۇپلا بۇ يازمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىنىڭ بۇجەھەتتىكى بىلىمىنىڭ تۇلىمۇ يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرغان .
ئۇنداقتا،ئەدەبىي تەنقىد دېگەن نىمە؟ تەنقىد ئەسلى ئەرەبچە «نقد» دىن كېلىپ چىققان «تنقيد» سۆزنىڭ ئۆزلەشكىنى بولۇپ، تەكشۈرۈش، تاللاش دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ. يۇنانچە kiritika «ھۆكۈم قىلىش، باھا بېرىش سەنئىتى»دېگەن سۆزلەرگە تەڭ مەنىدە قوللىنىلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد - ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي  قىسمى، بەدىئىي ئەسەرلەرنى باھالاش، تەھلىل قىلىش ۋە شەرھلەش يۈزىسىدىن يېزىلغان ئەدەبىي تەقرىزلەرنى، ئىلمىي ماقالىلەرنى، قىسقا ئوبزورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇ يەردە باشقا نەقىللەرنى كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا يەنىلا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيتى »ژورنىلىنىڭ2010يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلغان «چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىد قاتماللىقى»دېگەن ئەسىرىدىكى ئەدەبى تەنقىدكە بەرگەن تەبىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كۇپايە دەپ قارايمەن.
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن :«ئەدەبىي تەنقىد دېگىنىمىز يېزىقچىلىق،ئەسەر،كىتاب ئوقۇش ۋە بۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى شارائىت،سۇبىكتنىڭ(ئاپتۇرنىڭ)ساپاسى،ساپا ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقات ۋە باھالاش پائالىيتىدىن ئىبارەت» دەپ قارايدۇ.
يۇقىرقى تەبىردىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان باھالاش ۋە تەنقىد ھەرگىزمۇ ئاپتۇردىن مۇستەسناسىز بولمايدۇ .شۇنداق بولغان ئىكەن ئەسەرنىڭ ئۆزىدە كۆرۈلگەن مەسىلەرنى يازغۇچىدىن ئىزدىمەي قەيەردىن ئىزدەش كېرەك ؟
يالقۇن روزىمۇ بۇ ھەقتە «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن»دېگەن ماقالىسىدە:«ئەدەبىي ئوبزور-يازغۇچى شائىرلارنى ماھارەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقى،مەنىۋىيەت،پىكىرۋە بىلىم جەھەتتىكى نامراتلىقى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىپ ،ئۆزلىرىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشنى ئۆگىتىدىغان پەن»دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمەلىيەتتە،يالقۇن روزىنىڭ مۇشۇنداق تەنقىد ئۇسلۇبىنى تەنقىد قىلغان  يازما ئىگىسى  ئاخىرىدا « ھوجۇمچى»سۆزلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلالىغان،تەنقىدكە قەيسەرلىك  مەرھۇم يازغۇچى زۆردىن سابىرۋە ئەخەت تۇردىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق  يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرىنىڭ ئىجابى تەرىپىنى،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەسەرگە تىزلانغۇدەك بولىدىغان تەرىپىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
«ئوچۇق خەت»تەيازما ئىگىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا يالقۇن روزىغا:« سىز ئوچۇق –ئاشكارا ھاقارەت قىلغان ئەشۇ ئاپتۇرلار سىزنىڭ تەنبىھلىرىڭىزنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى بىر يۈكسىلىشنى پەيدا قىلالىدىمۇ؟»دەپ سۇراققا تارتىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ  يالقۇن روزى «ھۇجۇم »قىلغان شۇ يازغۇچىلارنىڭ ئاشۇ ئەسەرلىرىىڭ شۇ دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسىلىش پەيدا قىلالمىغان دەيدىغان مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى يالقۇن روزى ۋە ئاشۇ بىرنەچچە يازغۇچىنىڭ ئەمگىكىگىلا باغلىق دەپ قاراشتەك پىكرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يازما ئىگىسى بۇ «ئوچۇق خەت»ىدەيەنە چۈشىنىش قىيىن ،لوگىكىلىك خاتالىقى ئېغىر،ئىلمىيلىكتىن تۇلىمۇ يىراق،ھېسسىي تۈسى كۈچلۈك بولغان:« سىز ئىزچىل ھالدا دىققەت قىلماي كېلۋاتقان(مېنىڭچە)ئىنتايىن ئادەتتىكى، ئەمما تۇلىمۇ مۇھىم بىر خاتالىقنى(مېنىڭچە)ھېس قىلدىم.»دېگەن مۇجمەل جۈملە شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى  ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ .بۇئارقىلىق يالقۇن روزى ئوبزورلىرىدىكى باشقىلارغا«ھۇجۇم»قىلمىشى ھەققىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ،پاكىتقا ئاساسەن گەپ قىلمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ئەسەر يازىدىغانلارغا يات بولغان ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.ھەمدە بۇ گىپىنىڭ بىمەنە مۇنازىرىگە «ئوت»تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ.شۇنداقلا؛« ئەمما، سىز مەيلى قانچە چۈشەنچە بىلەن ئۈزىڭىزنىڭ توغرا نىيەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاڭ، كىشلەر سىزنى ئۇنداق قىلدى دەپ قارىمىدى ھەم قارىمايدۇ، ئەلۋەتتە.»دەپ ئۆزىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىپ ھەممەيلەننى يالقۇن روزىغا قارشى تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
ئۇندىن باشقا يازما ئىگىسىنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى يالقۇن روزىنىڭ«ئۇيغۇر ئەدەبىياتدىكى پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ دەككىسىنى بىرىپ، ئۇلارنى «چېقۋېلىش»مەقستىگە يەتكەندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلماي، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇلۇپمۇ بۈگۈنكى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا غەرىب ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن يېڭىدىن پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان يېڭى ئۇسلۇبتا ئەسەر يېزىپ، ئەمدىلەتىن ئىزدىنىپ، يول تېپىشقا ھەركەت قىلىۋاتقان ياش يازغۇچىلارغا «ئالىيىپ قاراش»قىمۇ ئۈلگۈرگەن»لىكى بولۇپ ئۇ بۇ ھەقتە يالقۇن روزىنىڭ نېمىشقا پەرھات تۇرسۇنغا شۇنداق سەلبى باھالارنى بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازى بولغان،
مېنىڭچە،يازما ئىگىسى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى»ناملىق رومانى ۋە «مەسىھ چۈلى»قاتارلىق ئەسەرلىرىنى،بولۇپمۇ يۇقۇرقى ئەسەرلىرىدىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيلەر ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ بېقىشقا ئۈلگۈرمەي بۇ يازمىنى يازغان بولسا بۇ ئەسەرلەر بىلەن يالقۇن روزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوبزورلىرىنى كۆرۈپ بېقىشقا(پەقەت پەرھات تۇرسۇننى تىللىغان يىرىنىلا كۆرمەي) تەۋسىيە قىلىش ئەڭ كۇپايە.
ئەگەر بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ بولۇپ يازغان بولسا مەن يەنىلا «توقماق»قا يەنىلا يالقۇن روزىنىڭ«مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن »دېگەن ئەسىرىنى ،ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  «چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىد قاتماللىقى»دېگەن ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن.
يازما ئىگىسى ئەڭ مۇھىمى يالقۇن روزىنىڭ پەرھات تۇرسۇننىڭ«تۇزكور»لىقى، «ۋىجدانسىز ئادەم»لىكى، «شاپتۇل داموللا»لىقى، «نۇمۇسسىز»لىقى، ‹ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىز»لىقى،«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سالمان راشىد»لىقى،«چۈشكۈنلىكنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلىدىغان يازغۇچى»لىقىنى  كىمنىڭ ئورنىدا ،كىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ،نېمىنى قوغداش ئۈچۈن دەۋاتلىقىنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈپ باققاندىلا، يالقۇن روزىنىڭ پەرھات تۇرسۇننى «تىللىغانلىق»ىنىڭ زىيىنى بىلەن پەرھات تۇرسۇننىڭ شۇ ئەسەرلىرىگە ھېچنىمە دېمەسلىكنىڭ زىيىنىنى
سېلىشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرمۇ ياكى ئىتىقاد ۋە دۇنيا قارىشىمىزنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرمۇ ؟دېگەن سۇئالدا « توقماق »ئەپەندى ئەلۋەتتە كىيىنكىسىنى تاللايدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمدى يالقۇن روزىنىڭ پەرھات تۇرسۇننى «ئۆز پېرسۇناژلىرىنى نۇمۇسسىزلاچە مەدھىيلىگەن»لىكى، «بايانلىرى ئادەمنىڭ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ»،«چاكنا رۇھىي ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈككە ئىگە»،«ناجىنىس»،«ئەخلاق ۋە ئىدراكنى تەرىك ئىتىدىغان، پەقەت سەزگۈ ۋە شەھۋانىيلىقلارنى تەرغىپ قىلىدىغان چۈپۈرەندە يازغۇچى»دەپ تىللىغانلىقىغا كەلسەك
ماھىيەتتە،يالقۇن روزىمۇ بۇ جەھەتتە  ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ تىل ئىشلىتىشتە ئاشۇرىۋەتكەن بولسىمۇ  لېكىن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىدىكى يالىڭاچ تەسۋىرلەردىن ئېشىپ كەتمىگەن.

پەرھات تۇرسۇن شۇ ئەسەرلىرىدە بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنى ،بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ ئىچكى سىمۋولىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىتىقاد ،ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرمەي بەلكى غەرپنىڭ ئۆزلىرىگە خاس بولغان كۆز قارىشىى ئاساسىدا ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقانلىقتىن شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە ئەدەبىياتقا تەۋە بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇرئەدەبىياتىغا تەۋە بولالماي،ئەكسىنچە يالقۇن روزى دېگەندەك ئەسەرگە ئايلىنىپ قېلىپ بۇ ئىدىيە ۋە تەسەۋۋۇرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئەسەر ئىگىسىمۇ تەبىئىي ھالدا شۇنداق يازغۇچىغا ئايلانغان بىراق شۇنداق ئادەمگە ئايلانمىغان.
«ئوچۇق خەت»تە يازما ئىگىسى يەنە يالقۇن روزىنى « بىزنىڭ يازغۇچىللىرىمىز سىز ھېلى كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ، ھىلى ماختاپ كۆڭلىنى ئالدىغان كىچىك بالمىدى؟ »دەپ ئەيىپلەپ ئۆزىنىڭ شۇ يازغۇچىلارغا ياخشىچاقلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسىمۇ،ئەكسىچەئۆزىمۇ يالقۇن ر وزىنى كىچىك بالىغا ئوخشاش ھېلى ماختاپ،ھېلى رەنجىتىپ ئالداشتىن ساقلىنالمىغان.
بۇ گەپتىن يازما ئىگىسنىڭ چۈشەنچىسىدە ئەدەبىي تەنقىددە بىر يازغۇچىنى تەنقىد قىلغان ئىكەنسىز ،داۋاملىق تەنقىد قىلىشىڭىز كېرەك،بىر يازغۇچىنى ماختىغان ئىكەنسىز داۋاملىق ماختىشىڭىز كېرەك ،ھەرگىز بىردەم ماختاپ،بىردەم تەنقىدلەشكە بولمايدۇ دېگەن پىكىرنى قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى،مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ياخشى چىققاندا ماختىسا،ئەسىرى ياخشى چىقمىسا تەنقىدلىسە بولىدىغانلىقىغا قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس.
ئومۇمەن بۇ «ئۇچۇق خەت»تە يازما ئىگىسىنىڭ يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرىدىكى ماختاشنىڭ كەملىكى،تەنقىدنىڭ كۆپلىكىگە قارىتا،يالقۇن روزىنى ئازراق تەنقىدلەشكە ،كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ماختاشقا ئۈندىگەن .
ئەمما،بىز ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگىمىزدە شۇ مىللەت تارىخىدىكى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن مەزگىلىنىڭ شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭمۇ ۋايىغا يەتكەن دەۋىر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
مەسىلەن .داڭلىق تەنقىدچى مۇھەممەت پۇلات ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەنقىچلىككە كىرىشىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ ،بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ يېقىنچى زامان رۇس تەنقىدچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى،بولۇپمۇ تېخى 10ئەسىردە ئاندىن يېزىق قوللىنىشقا باشلىغان روسلارنىڭ قانداق قىلىپ قىسقىغىنە تارىختا ئەدەبىيات جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى شۇ دەۋىر روس ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدىن دەپ كۆرسىتىدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك جۇڭگۇ يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بۇ ئەدەبىياتنىڭ جۇڭگۇ خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئىجابى تەسىرىنى لۇشۇندىن ۋەكىللىكىدىكى بىر قاتار تەنقىدچىلەرنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
شۇنداق،ئەمدى بىز يالقۇن روزىنىڭ تەنقىد خاراكتىرىدىكى ئەدەبىي ئوبزورلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق تەنقىد ئوبىكتلىرىنىڭ كۈپىنچە ھاللاردا پروزا ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .ئەمەلىيەتتە بۇ شۇ دەۋىر پروزىچىلىقىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان .
چۈنكى 90-يىللاردىن كىيىن ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ،بولۇپمۇ رومانچىلىقى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ كۆپ ئىلگىرىشلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ،بىراق ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن يۇقىرقى ماقالىسىدە تىلغا ئالغىنىدەك «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوزاق ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن مىللىي خاسلىق،مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەدەبىيات پىرىنسىپلىرى،ئۇسلۇبلار ۋە ئىستىتىك قىممەت قاراشلىرى ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى.شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمە ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىشتەك ۋەزىيەت كىلىپ چىقتى».
ئەلۋەتتە،ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بۇخىل ئۆزگىرىشنى بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلغان بولسىمۇ ،بىراق كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەر بۇنى ھېس قىلالمىدى.چۈنكى«ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى پەلسەپىۋىي ئىدىيەۋە غايە يۈكسەكلىكىدىن خېلىلا يىراق بولغان ۋەقەخانلىق تىپىدىكى ھېكايە رومانلارغا مايىلراق بولغاچقا شۇ خىل رومانلار كۆپرەك نەشىر قىلىندى»ئەلۋەتتە ،بۇخىل شارائىت تەنقىدى روھقا باي بولغان ئەدەبىي تەنقىدقا تەقەززا بولدى.
چۈنكى ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ مۇناسىۋېتىدىن قارىغاندائەدەبىي ژانىرلار ئىچىدە  كۆپ سانلىق كىشىلەر قىزىقىدىغان تۈرنىڭ بىرى پروزا.
شۇنداقلا مىللەتنىڭ قىياپىتىنى ئەڭ كەڭ،ئەڭ تەپسىلى ۋە كونكىرىت  ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان،كىشىلەر ئىدىيسىگىمۇ ئەڭ تىز تەسىر قىلالايدىغىنىمۇ  پروزابولغاچقا يالقۇن روزى بۇ نوقتىدا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيىتقاندەك«ئەدەبىيات مىللىي روھنىڭ ئىپادىسى،مىللەتنىڭ ئىچكى ھاياتىنىڭ سىمۋولى ،مىللەتنىڭ قىياپىتى بولالىشى كېرەك»دېگەن پىرىنسىپنى ئۆزىگە مىزان قىلغان.
يالقۇن روزىمۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن»دېگەن ماقالىسىدە «راستنى ئېيىتسام ،ئوبزورچىلىقتا كۆپ ھاللاردا تەنقىدلەشكە مايىلمەن.مېنىڭچە تەنقىد-تەنقىدى روھقا باي قەلىبنىڭ ئىنكاسى.تەنقىدى روھ مەسئۇلىيەتچان ،پىرىنسىپچىل پۇزىتسىينى ۋە مۇستەقىل ئىجادىي تەپەككۇر ئادىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان قىممەتلىك ئامىل.تەنقىدى روھنىڭ كەمچىل بولىشى ھەقىقەت ئىزدەيدىغان روھنىڭ كەمچىل بولىشىدىن دېرەك بىرىدۇ ».دىيىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى تەنقىدى روھنىڭ كىلىش مەنبەسى ئۈستىدە ئىنكاس قايتۇرغان.
پروزىغا بولغان بۇ خىل تەنىقىدى روھ باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا ناھايىتى بورۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇندىن يۈز ئىلگىرى جۇڭگۇدىكى يېڭىلىق كۈچۈش تەرەپدارلىرىنىڭ ۋەكىلى لىياڭچىچاۋ ئۆزىنىڭ «پروزا ۋە ئاۋامنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى »ناملىق ماقالىسىدە «جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز،چۇقۇم ئاۋۋال پروزىنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك » .يەنى « يىڭىچە ئەخلاقنى تەشەببۇش قىلىدىكەنمىز شۇنىڭغا ماس پروزا ،يېڭىچە ئىتىقادنى تەشەببۇس قىلىدىكەنمىز ،شۇنىڭغا ماس پروزا .يېڭىچە كىشىلىك پەزىلەت ۋە يېڭىچە خاراكتىرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ يېڭىچە پروزا كېرەك .بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى پروزىنىڭ كۈچى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ چوڭ ،ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپىگە چېتىلغان» دەپ يازغان ئىكەن لىياڭچىچاۋنىڭ قارىشىچە ،پروزا ئەسەرلىرى ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك ، جەلپ قىلارلىق ۋە قىزىقارلىق بولغاچقا بۇ ژانىرنى ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئوقۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .،شۇڭا بىر جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرى قانداق پروزا ئەسىرىنى ئوقۇسا ،شۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىغان .
ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە بار پروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان بولغاچقا جۇڭگۇ جەمئىيتىنىڭمۇ مەسىلە بار بىر جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس .بۇ جەمئىيەتنى نۇقساندىن خالىي قىلىش ئۈچۈن ئاۋال پروزا ئەسەرلىرىنى نۇقساندىن خالى قىلىش كېرەك دەپ قارىغان .
شۇڭا،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يالقۇن روزىلا باھالاش ئېلىپ بارسا بولىدىغان.باشقىلار باھالاش ئېلىپ بارسا بولمايدىغان ساھە ئەمەس .ئەگەر بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇ مەلۇم ئەسەر ھەققىدە توغرا تەنقىد ۋە باھا ئېلىپ بارالمىغان بولسا بىز ئېلىپ بارساقمۇ بولىدۇ.ئەگەر ئۇ تەنقىدكە لايىق بولمىغان ئەسەرنى تەنقىدلىگەن بولسا ئىلمىي پاكىتلىق ھالدا ئۇنىڭ تەنقىدلىرىگە رەددىيە بىرەلىسەك بۇ ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قائىدىسىگە تۇلىمۇ ئۇيغۇن .بۇنداق بولغاندا يالقۇن روزىمۇ ئۆز خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنالايدۇ.ئوقۇرمەنلەرمۇ تەنقىدلىرىمىزگە قايىل بولىدۇ .شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى بار-يوقلىقى ئۈستىدە سورالغاندا«چېپىۋاتقان ئات مۈدۈرۈپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ،ئېغىلدا جىم تۇرغان ئاتلا مۈدۈرۈپ كەتمەيدۇ».دەپ ئۆزىنىڭ مۈدۈرۈپ كىتىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى ،لېكىن قورقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جىم تۇرىدىغان ئات بولۇشنى خالىمايدۇ.
خۇلاسە كالام، يالقۇن روزى ئوبزورلىرىدىكى تەنقىدى روھنى ئۇنىڭ شەخسىيتىدىكى«چۇسا مىجەزلىك»كە باغلىماي  مىللەت ۋە خەلققە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق نوقتىسىدا چۈشەنگەندە،ئۇنىڭ بىرقىسىم يازغۇچىلىرىمىزغا قىلغان تەنقىدلىرىنىڭ پايدىسىنى ھازىر كۈرەلمىگەن بولساق  كىيىن كۈرەلەرمىز.
ئاخرىدا مەرھۇم دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا قىلغان:«ئۈزەڭ بىر خالا سېلىپ بېقىپ،ئاندىن ئۆي سالغۇچىنى باھالا! »دېگەن سۆزى بىلەن سۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي.

0

تېما

1

دوست

1162

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16809
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 22:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرىمۇ ئۇيان-بۇيانغا ئېگىلىپ ئۆسىدۇ، ئۇنى ۋاقتىدا چاتاپ، تۈزەشۈرمىگەندە يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

182

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20570
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن.

0

تېما

0

دوست

519

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8615
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى ئۆزىنى ‹‹تاكامۇل›› سانايدىغان بالىلار دائىم بىر-بىرىنى سۆكۈپ، ئارقىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشىپ، ئۆز-ئارا چۆكۈرىشەتتى.

5

تېما

1

دوست

1310

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umudwar520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-27 00:04  

مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ،بۇرچنى ئۇنۇتماسلىقى ،مەڭگۈ ئوقۇتقۇچى دىگەن بۇ بۈيۈك نامغا يۈز كىلەلىشى كىرەك .سىز قوش تىرناققا بەك ئامراق ئوخشايسىز ،چۈنكى قوش تىرناقمۇ «توقماق »نىڭ بىر خىل ئىلىمىيلاشتۇرۇلغان ھالدا ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرشىغۇ دەيمەن .بىرنى قوللاش ،بىرنى چەتكە قېقىش .........!بۇ ئىشلارنىڭ مۇئەللىملەر ئارسىدا ئەۋىج ئېلىشقا باشلىغانلىقىدىن ئىنتايىن «سۈيۈندىم »
بۇنىدىن كىيىن مائارىپ ژۇرنىلىدا ئەسەرلىرىڭىزنى  كۆپلەپ ئۇچىرتالايدىغانلىقىمغا تۇلۇق ئىشەندىم .ئىجادىيەتكە يەنىمۇ بىر قەدەم مۇۋەپىققيەتلىك ھالدا يېقىنلاشقانلىقىڭىزغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن .

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

11

تېما

4

دوست

5720

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1670
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق گەپ يورغىلىتىپ بىر-بىرسىنى سېسىتىپ قىلغان ئاتالمىش تەنقىد ئوبزورلارنى ئۇقۇسىڭىز باش-ئاخىرى يوق، ئېنىق نىشانى يوق، ئەخلاقسىزلىققا تولغان، سۆز قوراشتۇرۇپ رەڭگارەڭ جۈملىلەر بىلەن كۆزىڭىزنى چاقنىتىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدىغان نەرسىلەر.
بەزىلەر مۇشۇنداق تېتىقسىزلىقنى ئەھميىتى زور، ئۇنداق تەرەققىياتقا تۈرتكە بۇلىدۇ ، بۇنى ئىلگىرى سۇرىدۇ دىيىشىپ كىتىدىكەن. مىنىڭچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ ، ئىككى مەدداھ يۈز تاپىدۇ خالاس. بۇ خۇددى ئېغىزى ئىتتىك ، گەپكە يامان ئىككى يامان خۇتۇن ئەدىب دىگەن قالپاقنى كىيىۋېلىپ كوچىدا تىل ئۇرىشى قىلغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى، نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقى ئۇقۇغانسىرى غۇۋالىشىدۇ .
مۇشۇنداق مەدداھلار مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى نىمە دەۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان ئىنقىلاپچىلاردىن پەرق قىلمايدۇ. سۆزلەپ ھارغاندا جىم بۇلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىرەر نەرسىنى ئۇرۇنلىمايدۇ.
بىزگە لازىمى قۇرۇق گەپ ئەمەس پۇل، بىلىم، ئۇيۇشچانلىق، ئېنىق نىشان. نوبىلغا ئىرىشكىدەك ئوبزور ، دەتالاشمۇ بىرگە قىلچىلىك پايدىسى يوق، بىزگە ھازىر ۋاقىتنى ئەڭ زۆرۇر ئىشلارغا قاراتمقىمىز شەرت

7

تېما

2

دوست

2472

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19376
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:41:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت يەكۈننى چىقىرىپ بېرىپلا .... ئاران قۇتۇلغاندا يەنە نىمىمۇ قىلالا دەيمەن ؟  توغرا خاتاغا ئايرىش شۇنچە زۈرۈرما ... ھەمىمىز كۆڭلىگە ئايان ئىشلارنى يەنە ئەزۋەيلەپسىز ... ھېلى ئاغزى بۇزۇقتىن بىرسى كىرسە ... سەندىن مەن قالامتىم...... بوپتۇلا  ئۇنداقلا كىرىپ يۈرمەسس...

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12337
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-26 23:59:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخرىدا مەرھۇم دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا قىلغان:«ئۈزەڭ بىر خالا سېلىپ بېقىپ،ئاندىن ئۆي سالغۇچىنى باھالا! »دېگەن سۆزى بىلەن سۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي. ،،،،،،،،

بۇ گەپ ماڭا بەك يارىدى،، ياخشى يىزىپسىز،،رەھمەت

2

تېما

1

دوست

1270

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ جايىدا ئايرىپسىز مۇئەللىم ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز يالقۇن رۇزىدەك قابىل ئوبزۇرچىلارغا تولىمۇ مۇھتاج ، ئارىمىزدىن بىرئەمەس ئونلىغان يالقۇن رۇزىلار چىققان بولسىدى ،بىزمۇ نوبىل ئەدەبىياتىنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنلاشقان بۇلاتتۇق ،ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس مۇشۇ بىر يالقۇن رۇزىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكلىرىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ، چۈكۈرۈپ بىر نىمە قىلىۋەتتۇق زادى ،
بۇنچىلىك ئوتيۈرەك ، قابىل ئوبزورچىنىڭ يىتىشىپ چىقمىقى ئاسان گەپ ئەمەس ، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بىراۋلار يامان نىيەت بىلەن گەپ قىلسىمۇ ، قارىسىغىلا ئەگىشىۋەرمەي ، ئەقىل كۆزى بىلەن باھا بىرىشىنى سورايمەن .

2

تېما

1

دوست

1270

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ بىر نەچچەيلەن كىرىپ پېتىقلىۋەتمىسىلا بۇلاتتىمۇ بۇ تېمىنى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )