قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 882|ئىنكاس: 9

«ئى»تاۋۇشى توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

3

دوست

3906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18570
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1226
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 16:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       تولۇق ئوتتۇرادا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا،تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە  نەچچىلىگەن ئەدىب،شائىر،ئۆلىمىالىرىمىز توغرۇلۇق بىلىم ئالغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا نىمىشقا ھازىر سورىماقچى بولغان مەسىلە كاللامدا ئايان بولمىغىيدى دەپ نەچچە دېسەممۇ بىكا.شۇ سەۋەب،توردىكى ئەقىل ساھىبى قېرىنداشلىرىمنىڭ قولىدىن كىلىشىچە، تۆۋەندە دېيىلمەكچى بولغان مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ توغرىسنى يەتكۈزۈشىنى سورايمەن.
     1.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەدىب-شائىرلىرىمىزنىڭ نام-شەرىفى  كەينىگە بىردىن "ئى" سوزۇق تاۋۇشى قېتىپ قوللىنىلىپتۇ.مىسال: ئەلشىر نەۋائى،ئابدۇرېھىم نىزارى،فارابى،ھىرقىتى،موللا زەلىلى،نۆبىتى،رابغۇزى...دېگەندەك.بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى شۇ كىشىنىڭ ئەمەل -مەنسەب دەرىجىسىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى...؟
    2.بەزى ئەدىب-ئالىملار نىڭ نام-شەرىفى كەينىگە يەر ئاتالغۇلىرىدىن كىينلا  ئوخشاشلا "ئى"سوزۇق تاۋۇشى قېتىپ قوللىنىلغان.مىسال:مەھمۇد قەشقەرى،قىدىرخان يەركەندى،موللا مۇسا سايرامى،ئەھمەد شاھ قارقاشى،خوتەنى ..دېگەندەك .بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى شۇ شەخىسنىڭ شۇ يەرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغانمۇ؟ياكى...؟
   3.بۇلاردىن سىرت بەزى ئىسلام پىشىۋالىرىنىڭ نام-شەرىفى كەينىگىمۇ ئوخشاشلا "ئى"تاۋۇشى قوللىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.مىسال:ئىمام غەززالى،بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى،ئەبۇئەئلا مەۋدۇدى،مۇھەممەد تارتۇسى،سەفىييۇررەھمان مۇبارەك فورى،دارىمى،نەسائى،تىرمىزى،بۇخارى...دېگەندەك.بۇيەردىكى "ئى"سوزۇق تاۋۇشى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ئاندىن قۇشۇلغانمۇ ياكى ئەسلىدىنمۇ ئۆز تىلىدا شۇنداق ئاتالغانمۇ؟بۇ يەردىكى "ئى"سوزۇق تاۋۇشىنىڭ رولى نېمە؟

*
*مەنبە :ئۆزۈم

uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

19

تېما

2

دوست

3256

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11954
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 885
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 18:23:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئى تاۋۇشى ئەرەبچە ي  تاۋۇشىدىن كېلىپ چىققان بۇ(ي)يائ    ھەرپى ئەرەبچىدە يايى نىسبەت دېيىلىدۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك شۇ كىشىنىڭ يۇرتىنى كۆرسىتىدۇ

11

تېما

2

دوست

4879

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1284
توردىكى ۋاقتى: 308
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 18:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىنى سوراپ ياخشى قىلدىڭىز. بۇمۇ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈر بولغان تىل مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. مۇنبىرىمىزدە ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئۇقۇمۇشلۇق قېرىنداشلىرىمىز بار. چوقۇم قانائەتلىنەتلىك جاۋابلارنى بېرىدۇ،بېرەلەيدۇ. مەن ھازىرچە كىچىككىنە چۈشەنچىنى مۇقەددىمە قىلاي:
   بۇ يەردىكى «ئى» تىلىمىزدىكى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسىملارنىڭ ئۈچىنچى شەخس (تەۋەلىك) قوشۇمچىسى بولۇپ، بۇ قوشۇمچە ئۇلىنىپ كەلگەن ئىسىملار شۇ شەيئىنىڭ قايسى شەخسكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ ئىسىمنىڭ شۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
   مەسىلەن:
    دەپتەر+ئى=دەپتەرى ( بۇ ئۇنىڭ دەپتىرى )
    كۆز +ئى= كۆزى (ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ )

    بۇ مىساللاردا « دەپتەت، كۆز»دېگەن ھېچقانداق شەخسكە تەۋە بولمىغان سۆزلەر تەرەۋىلىك قوشۇمچىسى « ئى »نىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ئۈچىنچى شەخسكە تەۋە بولۇپ كەتكەن.
    نەۋا (ياكى ناۋا )+ئى=نەۋائى ( ناۋا قىلغۇچى )
   مەن مۇشۇنچىلىك توختىلاي. قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

   
uyghuray

1

تېما

0

دوست

37

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   12.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19561
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 18:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى «ى» بولسا ئەرەپچە ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىسى بۇلۇپ، ئۇيغۇرتىلىدىكى «-لىق، -لىك» قوشۇمچىلىرى بىلەن تەڭداش كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «-لىق، -لىك » قوشۇمچىلىرىنىڭ سۆزلەر بىلەن كەلگەندە ئاڭلىتىدىغان مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.مەلۇم بىر كەسىپنى بىلدۈرىدۇ
مەسىلەن : قاسساپلىق، ئاشپەزلىك
2.شۇخىل ئۆسۈملۈك ۋە جىسىم كۆپ جاينى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: قوغۇنلۇق، قۇملۇق، شېغىللىق
3.شۇخىل ئادەمگە خاس خۇسۇسىيەتنى بىلدۈرىدۇ
ئانىلىق، بالىلىق، ياشلىق، يىگىتلىك
4.شۇ شەيئى ئۈچۈن كېرەكلىك ياكى شۇنىڭغا ئاتالغان نەرسىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن: كۈنلۈك، تويلۇق، ھېيتلىق
5.شۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئادەمنى بىلدۈرىدۇ
مەسىلەن: قەشقەرلىك، تۇرپانلىق، ئافرىقىلىق
6.شۇ شەيئىنىڭ بارلىقىنى ياكى كۆپلىكىنى ئىپادىلەيدۇ
قوراللىق، بىلىملىك، سۇلۇق
7.شۇ شەيئىگە خاس خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ
ماركىسىزملىق، گرامماتىكىلىق
8.ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسىيەتنى بىلدۈرىدۇ
يازلىق، قىشلىق، چۈشلۈك، ئەتىگەنلىك
9.شۇ ھادىسىنى پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ
كۈلكىلىك، تەسىرلىك، قايغۇلۇق
10.مەمۇرىي رايون دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ
ئۆلكىلىك، ۋىلايەتلىك، رايونلۇق
11.شۇ ئۇلاغنى مىنىش ياكى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇش بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئالاھىدىلىكنى بىلدۈرىدۇ
ئاتلىق، ئېشەكلىك، ماشىنىلىق، ھارۋىلىق


مەسىلەن بۇخارى دېگىنىمۇ  بۇخارىلىق دېگەندەك

3

تېما

0

دوست

751

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21564
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 19:12:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىلۋالدىم  قىرىنداشلارعا تەشەككۉر

3

تېما

2

دوست

979

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18003
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-6 19:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )