قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2578|ئىنكاس: 22

ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى - تاشپولات روزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

101

تېما

15

دوست

4546

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 232
تۆھپە : 1464
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 08:55:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
تاشپولات روزى


ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەرقايسى شتاتلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن(يەسلى) 18 ياشقىچە(ئوتتۇرا مەكتەپ 12 يىللىق ئوقۇغۇچى)، ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان 13 يىلنى مەجبۇرى مائارىپ ۋاقتى دەپ بەلگىلىگەن. بالىلارنىڭ قابىلىيىتى قاراپ يەسلىدە قايتا ئوقۇش ياكى سىنىپ ئاتلاشقا يول قويۇلىدۇ.

ئامېرىكانىڭ مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمىنى دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلىمەستىن، مەكتەپ تۇرغان رايونغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر 6 يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3 يىل، ئوتتۇرا مەكتەپ 6 يىل بولىدۇ. يەنى “6، 3، 3” بولىدۇ. بەزى مەكتەپلەر “5، 3، 4” ياكى “6، 6” ياكى “8، 4” بولىدۇ.

ئوقۇش يىلىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەملىك كۈننى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئۆلچەملىك كۈنى بولسا 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپقا ئاجراتقان پۇلنىڭ ئازىيىشى بىلەن يەرلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ئۆلچەملىك كۈن ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

يەسلى تۈزۈمى

كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن باشلاپ يەسلىگە كىرىپ ئوقۇش مەجبۇرى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى كىچىكىدىنلا تەييارلىق يەسلى مەكتەپ(Pre Nursery school) ياكى تەييارلىق يەسلى مەكتەپ(Nursery school) لارغا بېرىدۇ. “Pre Nursery school” بولسا 6 ئايدىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنى، “Nursery school” بولسا 3 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ. بۇ ئىككى يەسلىنىڭ دۆلەتكە قاراشلىقى ياكى شەخسىگە قاراشلىقى بولىدۇ. دۆلەتكە قاراشلىق يەسلىدە ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. كىرىمى تۆۋەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئىككى يەسلىنىڭ سىنىپلىرى مەكتەپكە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ھەپتىسىدە 2 كۈن ياكى ھەپتىسىگە 5 كۈن ياكى چۈشتىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن ئوقۇيدىغان سىنىپلار بولىدۇ.

ئاممىۋى مەكتەپ(Public School)

ئاممىۋى مەكتەپتە ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئېلىنماي دەرس ئۆتىلىدۇ. يەسلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلاردىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىنتامى ئېلىنمايدۇ. مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى مەكتەپ ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ياخشى مەكتەپلەرگە بېرىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان ئويلىرىنى ياخشى مەكتەپلەر ئەتراپىدىن ئالىدۇ. مەكتەپنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى، ئۆلچەملىك زېھنى سىناش (Stanfor 9, Sat  قاتارلىق) ئىنتامنىڭ نەتىجىسى، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېكىنىش ئەھۋالى، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئاجراتقان مائارىپ خىراجىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ

شەخسى مەكتەپ(Private School)

شەخسى مەكتەپلەر ئوقۇش پۇلى بىلەن ئىئانە پۇلى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ. شۇڭا ئاممىۋى ئاسارەتلەر ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆگىنىش پروگراممىسى ھەم تەنھەرىكەت قۇلۇپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ پرىنسىپىنى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاممىۋى مەكتەپلەر بىلەن بولغان يەنە بىر پەرقى، ئەنگىلىس تىلىنى ئانا تىلى قىلمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئەنگىلىسچە ئۆگىنىدىغان سىنىپلارنى ئېچىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ.

شەخسى مەكتەپلەرنىڭ تۇرى ھەرخىل بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا 2 چوڭ تۆرگە بولىنىدۇ. بىرى تەييارلىق مەكتەپ(Preparatory School)، يەنە بىرى دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەكتەپ(Parochial School.(Parochial School دا كىرىش قىيىن بولغان مەكتەپلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.Parochial School  ھەرخىل دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپنى كۆرسەتسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چېركاۋىغا تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل سەنئەت ياكى پەن-تېخنىكىنى ئالاھىدە كەسىپ قىلغان مەكتەپلەر ياكى جىنسىغا قاراپ ئايرىلغان مەكتەپ قاتارلىقلار بولىدۇ.

ئائىلە مەكتىپى(Home School)

كالىفورنىيە شتاتىدا ئائىلە مەكتىپىنى قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى مەكتەپلەر كالىفورنىيە شتاتىدا قانۇنلۇق:

ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى: ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى كالىفورنىيە شتاتى بەلگىلىگەن بالىلارنىڭ ئوقۇش يىلىغا مۇۋاپىق كەلگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. دەرس مەزمۇنى ئاممىۋى ياكى شەخسى مەكتەپلەر قوللانغان دەرسلىكلەر بىلەن ئوخشاش. دەرس ۋاقتى بىر يىلدا ئاز دېگەندە 175 كۈن بولۇشى، كۆنىگە ئەتىگىنى 8 دىن چۈشتىن كېيىن 4 كېچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ ئاز دېگەندە 3 ساەتتى ئىشلىتىلىشى كېرەك.

شەخسى مەكتەپ: ئوي، شەخسى مەكتەپ دەپ قۇرۇلۇپ، شەخسى ۋەدىنامە(Private Affidavit) بىلەن ئۇنۇڭدىن باشقا شتاتنىڭ ئاممىۋى ئوقۇتۇش نازارەتچى(State Superintendent of Public Instruction) قاتارلىق ماتېرىياللار تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلۇقى ئانچە مۇھىم ئەمەس.

مۇستەقىل ئۆگىنىش پروگرامما: ئاممىۋى مەكتەپلەردە ئورنى بولغان ئوي مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرى ئاممىۋى مەكتەپلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق ئۆيدە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى چوقۇم بولۇشى كېرەك.

كەسپى مەكتەپ

ئالاھىدە تېخنىكىنى مەخسۇس ئۆگىنەي دېگەنلەر بۇ مەكتەپنى تاللايدۇ. ئادەتتە بۇ مەكتەپنى “Vocational School” ياكى “Technical School” دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك مەزمۇنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتچان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىدە خىزمەتكە چىقىش ناھايىتى قۇلايلىق. بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ كۆپسانلىقى شەخسى بولىدۇ. ئۇنىڭدا كومپيۇتېر، لايىھە، ھۆسنى تۈزەش، بازار ئىلمى، گۈزەل سەنئەت، سودا، كىنو ئىشلەش، ساياھەتچىلىك، ئەرتىسلىك، مۇزىكا، رەسىمچىلىك، مېھمانخانا باشقۇرغۇچى قاتارلىقلارنى كەسىپ قىلغان كەسىپلەرنى ئۆگىنىدۇ.

2 ياكى 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ

ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرى 2 يىللىق ياكى 4 يىللىق بولىدۇ. ئاممىۋى Public ئىككى پيىللىق ئالى مەكتەپلەرنى “Community College”، شەخسى 2 يىللىق مەكتەپلەرنى”Junior College” دەپ ئاتايدۇ. 2 يىللىق ئالى مەكتەپلەرگە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلار تەيارلىق باكلاۋىرلىق ئۇنۋان A.A (Associate of Arts) نى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار 2 يىللىق ئالى مەكتەپتە ئاساسلىق دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، 4 يىللىق ئالى مەكتەپلەرگە نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئوقۇيدۇ. بۇنداق بۆلىشى 2 يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئەرزان ھەم مەزمۇنى ئاددىي.

كەسپى دەرىسلىرى كۆپ بولغان 4 يىللىق ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپنى “University” ھەم يەككە ئالىي مەكتەپنى “College” دەپ ئاتايدۇ. دەرسلىك مەزمۇنى 2 يىللىق ئالىي مەكتەپلەردىن مۇرەككەپ ھەم دەرسلىكمۇ كۆپ بولىدۇ. تەبىئىي پەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى B.S.(Bachelor of Science) نى ئېلىش ئۈچۈن، ئىزدىمايى پەندە B.S.(Bachelor of Arts)  ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە قاراپ ئوقۇش مەۋسۇمى ئىككى مەۋسۇمSemester،  ئۈچ مەۋسۇم(Trimester)،  تۆت مەۋسۇم(Quarter) دەپ ئايرىلىدۇ.

2 مەۋسۇملۇق ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاي بىلەن 1-ئايدا دەرس باشلايدۇ. قىشلىق تەتىل بىلەن يازلىق تەتىل ئارىلىقىدىمۇ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ نومۇر ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ كوپ.

ئاسپىرانت (Graduate School)

باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغانلار ئوقۇيدىغان بولۇپ، دەرسلىكنىڭ كەسپىلىگى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنى “Graduate School” ياكى “Professional School” دەپ ئاتايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماگىستىرلىق ئۇنۋانى (Master’s Degree) ياكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى(Doctoral Degree)نى ئالىدۇ.


grau1.jpg

0

تېما

0

دوست

1005

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 263
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 17:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياحشى تىمىكەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 2618
توردىكى ۋاقتى: 2216
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 17:59:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    دۇنيادا  مۇكەممەللىك  يوق  لېكىن  ئامىرىكىلىقلار  ھەقىقەتەن  تىرىشىپتۇ  .
  ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەقىقەتەن  ياخشىكەن  .
بىزدىمۇ  دىنغا  ئېتىقات  قىلىدىغان  ئامما  توپلىشىپ  ئولتۇراقلاشقان  رايونلاردا  ، ئېتىقات  قىلىدىغان  دىنىغا  قاراپ  مەتەپ  ياكى  دەرسلىكلەر  تەسىس  قىلىنغان  بولسا  قانونسىز دىنى  پائالىيەت  ۋە  تەشكىلاتلار  بولمىغان  بولاتتى ...

2

تېما

3

دوست

1574

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 407
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 22:16:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 23:38  

ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن خەۋەرلەندۇرگىنىڭىزگە كوپ رەھمەت. بىزنىڭ مۇئارىپ سېستىمىسى قاچان ئادەم رازى بولغىدەك ئىزىغا چۈشەر.

2

تېما

3

دوست

1574

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 407
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 22:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئۆزلىرىگە مەسلىھەت بىەرگۈچىلىگىم بولمىسىمۇ بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلغۇم كىلىپ قالدى. يوللىغان تېمىلىرىنىڭ ماۋزۇسى ئالدىغا TashpolatRozi دىگەن ئىسىملىرىنى قوشۇپ قويغان بولسىلا.چۈنكى بەزىدە ئوخشاش مەۋزۇ بىلەن يوللىنىپ قالىدىغان تېمىلارمۇ بولىدۇ. قىزىقىش سەۋەبىدىن دېققەت قىلمايدىغان، كوپ ئەھمىيىتى يوق دەپ سەل قارىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار  بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئەگەر ماۋزۇ ئالدىغا ئىسىملىرى قوشۇلغاندا باشقا تېمىلاردىن پەرىقلىق بولغاچقا، بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ سەل قارىلىپ ئۆتۇپ كىتىشىدىن ساقلىنىپ قالالايتتۇق.

0

تېما

0

دوست

174

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21738
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 23:25:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aldaroylan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-11 23:26  

بولسا ئامىرىكىدكى بىرەر ساەتلىك ئۆتلگەن دەرسنى يوللغلى بولسا،توردا ئاڭلاپ باقان بولساق.
مەكتەپ تارقاتقان دەرىس ئاڭلاش خاترسىدكى تىلى دىگەن يەرگە ئىنگلىس؛ئورنى :ئامىركا دەپ يىزۋالغان بولساق

OWQENEG OKYASE BOLSA KEYEKNEG

0

تېما

0

دوست

805

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13927
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 14:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oguzhan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 17:59
دۇنيادا  مۇكەممەللىك  يوق  لېكىن  ئامىرىكىلىقلار  ھە ...

راس  دەيسىز ئۇنداق قىلىپ بىرشى مۈمكىن ئەمەس بۇلارنىڭ

23

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 5174
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 14:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەقىقەتەن  ياخشىكەن

0

تېما

0

دوست

2263

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6340
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 18:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim516 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-12 18:10  

بىر دۆلەتنىڭ باشقا تۈزۈلمىلىرى ناچار بىرلا مائارىپ تۈزۈلمىسى ئەۋزەل بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۈت بولمايدۇ،دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمى،ئائىلە تەربىيىسى،مائارىپ تۈزۈلمىسى،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىشىش تۈزۈلمىلىرى ،ئىقتىسات-بايلىق تەقسىمات تۈزۈلمىسى ...دىگەنلەر بىربىرىگە زىچ ماسلاشقان بولىدۇ،دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى مەغلۇپ بولغان تۈزۈلمە،باشقا ئۆزئارا يۆلەنمە ساھەلەردە تەك ئىسلاھات قىلمىسا ھازىرقى ناچار ھالەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس.خۇددى جوڭگونىڭ پۇتبول ئىشلىرىغا ئوخشاش،پۇتبول بىرلەشمىسى ھەرقانچە ئىنجىقلىغان بىلەن يانداشما ساھەلەردە مەسىلەن مائارىپ ،ئىقتىساد،مەدىنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە قوللاش خاراكتىرلىك ئىسلاھاتلار بولمىسا ھىچقانداق ئۈنۈم كۆرۈلمەيدۇ.ئادەتتە ھېس قىلمىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزئارا چەمبەرچەس باغلانغان،بىرسى بىرسىنى يۆلەيدۇ،قوللايدۇ،تولۇقلايدۇ.ھازىرقى ناچار ھالەتكە كىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەن بولسا،بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يەنە شۇنچىلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت كىتىدۇ.يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا خاتا مىڭىپ قالساق توغرا يولغا قايتىش ئۈچۈن خېلى جاپاغا قالىمىز.ئەلۋەتتە تىلغا ئالمىغان بىر مۇھىم ئامىل بار،ئۇ بولسىمۇ پۇخرالارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسى،بۇمۇ ئاچقۇچلۇق ئامىل.

0

تېما

0

دوست

948

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2821
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 71
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 18:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aldaroylan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 23:25
بولسا ئامىرىكىدكى بىرەر ساەتلىك ئۆتلگەن دەرسنى يوللغل ...

بۇ ئامالىڭىز بولۇپ قويغۇدەك جۇمۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )