بۇ<<ئاغچا ئايلام ئويۇنى>> ئەمەس
مەركەز يىقىندا ئىستل تۈزىتىش توغرىسدا<<سەككىزتۈرلۈك بەلگىلمە>>نى يولغا قويغاندىن كىيىن جايلار بۇنىڭغا دەرھال ئاتلىنىپ،ئىستىل تۈزىتىشتەكۆرنەرلىك نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈردى،بىراق كىشلەر يەنىلا بۇنىڭ بىر مەزگىللىك شامال بولۇپ قېلىشىدىن ،شامال تېزلا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتگە قايتىشدىن ئەنسىرىدى.
بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ئاساسى بار،ئەلۋەتتە.چۈنكى ئىلگىرى قىسمەن جايلار ۋە ئىدارە-ئورۇنلاردا ئىستىل مەسلىسى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ئىزچىل تەكىتلىنىپ تۇرسىمۇ،بۇ ھەر يىلى تىلغا ئېلنىپ بىسلىپ قالدىغان،ئۇيان ئايلىنىپ،بۇيان ئايلىنىپ،ئاخىر ئۆزجايىغا قايىپ كېلدىغان بولغاچقا،كىشلەر ئىستىل تۈزتىشنى كىچىك بالىلارنىڭ<<ئاغچا ئايلام ئو يۇنى>> غا ئوخشاتقان.
<< ئاغچا ئايلام ئويۇنى>> كىچىك بالىلارنىڭ چوڭلارنى دوراپ ئوينايدىغان ئويۇنى بولۇپ،بالىلار بۇ ئويۇننى ئويناش جەرياندا تۈرلۈك رول ئالىدۇ.بالىلارنىڭ بۇ ئويۇننى پەقەتلا ئويۇن،خالاس،بىراق ھازىر قىسمەن جاي ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئىستىل تۈزتىشى بالىلارنىڭ<< ئاغچا ئايلام ئويۇنى>> پۇرىقىغا ئىگە. تۇيۇقسىز ئامېرىكنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى فېرمان ئېيتقان بىر ھېكايە يادىمغا يېتىپ قالدى: ئىككنچى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلدە ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى تاقىم ئاراللارنى ئالمىشىش بېكىتى قىلغان.يەرلىك قەبلىلە كىشلىرى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنڭ نائوشنىكتاقاپ،ئايرۇپلانلارنىڭ ئۇچۇش_ قونۇشىغا قوماندانلىق قىلۋاتقانلىقنى كۆرۈپ،ئاشۇلارغا ئوخشاش قىلغاندىلا ئايرۇپلان ياسغلى بولدۇ،دەپ قارالغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئارالدا ئايرۇپلان. دىدارنى كۆرگىلى بولمىغان. يەرلىك ئايرۇپلان ياساش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش قۇلقىغا بىر نېملەرنى تاقاپ،قولدىكى ياغاچ پارچىسنى ئاغزىغا تۇتۇپ ۋارقىراپ يۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇھەركىتى بالىلارنىڭ<<ئاغچا ئايلام ئويۇنى>>غا ئوخشاپ قالدۇ.ئۇلارنىڭ بۇھەقتە ساۋاتى كەم بولغاچقا،قىلغانلىرنى توغرا چۈشىنىشكە بولدۇ، ئەمما ئىستىل تۈزتىش ھەركىتنى بۇنىڭغا ئوخشىتىشقا بولمايدۇ. قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلماسلىق،ماقالنى ئۇزۇن يېزىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق،سەپەرگە چىققان ۋە سەپەردىن قايتقانلارنى ھەشەم بىلەن كۈتۋالماسلىق،يىغىن زالنى گۈل دەستىلەر بىلەن بېزىمەسلىك،پىلاكات ئاسماسلىق،ۋەھاكازالار بىلەن ئستىل تۈزتىش ھەركىتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.بۇنداق ئويناشقا،كۆز بويامچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ،چوقۇم ئەستايدىل ھەقىقىي بولۇش،ئادەمنىڭ ئالدىدىمۇ،كەينىدىمۇ بىرخىل بولۇش،يۇقىرنىڭ سىياستىگە تۆەننىڭ تەدبىرى بىلەن تاقابىل تۇرۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.
<<شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزتى>>دىن ئېلندى
|