- تىزىملاتقان
- 2012-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4143
- نادىر
- 2
- يازما
- 60
ئۆسۈش
71.43%
|
لنېننى داۋالىغان ئۇيغۇر تېۋىپ ئىمىنھاجىم يىڭىجان توغرىسىدا
1920-يىل باھارنىڭ بىر سەھىرى،ئەنجان شەھرىدىكى بىر رەستىدە جىنازىنى چۆرىدەپ نەچچە ئون كىشى مۇسىبەت قايغۇسىدا كىتىۋاتاتتى.
رەستىنىڭ چىتىدە تۇرغان 35 ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى ھازىدارنى چەتكە تارتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا:
-جەسەتنى تىرىكمىكىن دەپ قالدىم-دەپ پىچىرلىدى.
-نىمە دىدىلە؟-ھازىدار ھاڭۋىقىپ قالدى.
بۈگۈنچە كۆممەي تۇرسىلا.
ھازىدارنىڭ كاللىسدا «بۇ كىشىنىڭ ئىيتقانلىرى راسىت بولغىيدى،ئىلاھىم» دىگەن ئۈمىد ئاقار يۇلتۇزدەك چاقناپ ئۆتتى،ئۇ جىنازا كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقانلارنى ئارقىغا يىنىشقا بۇيرىدى.بۇ تاسادىبىلىقتىن جامائەت:
-بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟
شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟
ئاتام كۆرمىگەن،ئانام ئاڭلىمىغان گەپكەنغۇ بۇ دىيىشىپ ،قايناۋاتقان قازاندەك غۇلغۇلا قىلىشتى.ۋە جەسەت ئىگىسىنىڭ رايىنى قايتۇرغۇسى كەلمەي بىر-بىرلەپ تارقاپ كىتىشتى.«ئۆلگۈچى»نىڭ ئىككى ئىنىسىدىن باشقا ھىچكىمنىڭ جىنازا بار ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.ھازىدار پىشىن نامىزىدىن قايتىپ جىنازا بار ئۆيگە
كىرىپ ئىككى ئوغلىغا «بىرەر تىرىكلىك ئالامىتى بارمۇ» دىگەن مەنىدە تىكىلدى.ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئۈمىتسىز كۆزلىرىگە قاراپ مەيۈسلىنىپ ؛
-نامىزىنى چىقىرۋەتسەك بوپتىكەن،بىر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپتىمەن-دەپ پىچىرلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ئىنىسى :
-ئاكا ئاڭلىدىڭمۇ؟جىنازىدا شەپە بار-دىدى،ئاكا-ئۇكىلار ئالدىراپ يوپۇقنى ئاچتى،«جەسەت»قوللىرىنى كىپەنلىكتىن چىقىرىشقا ئۇرنىۋاتاتتى.ئىڭىكى يىشىلگەن«جەسەت» ئۇھ دەپ تىندى،ۋە كۆزىنى ئىچىپ ئۇكىللىرىغا قارىدى......
مىليۇن ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرىرسىدە كۆرىلىدىغان بۇ ئاجايىپ ئەھۋالدىن ھەش-پەش دىگۈچە پۈتۈن ئەنجان خەلىقى خەۋەر تاپتى.
ئىمىن ئاخۇن قاراقاش شەھەر ئىچىدىكى گۈزە مەھەلسىدە ئولتۇرۇشلۇق تىۋىپ كىشى بولۇپ1919-يىلى ھەج قىلىشنى نىيەت باغلاپ ئۆزى بىلەن 4 كىشى ئاتلىق سەپەرگە چىققان ئىدى.قونالغۇلاردا يولۇچىلارنىڭ ياكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالاش زۆرۆرۈيتى بىلەن كۆپ ھاللاردا ھەمرالىرىنى ساقلىتىپ قويدى.ھەر كۈنى ئۇنى ساقلاۋىرىشتىن زىرىككەن ھەمرالىرى ئۇنى تاشلاپ يولغا راۋان بولۇشتى.يالغۇز قالغان ئىمىن ئاخۇن بىمارلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىدىمۇ ياكى سەپەرنى يالغۇز داۋاملاشتۇرۇشتىن ئەنسىرىدىمۇ ئىشقىلىپ يۇرتمۇ-يۇرىت كىزىپ كىسەل داۋالاپ ئەنجانغا كىلىپ قالغاندى.كىشىلەر ئۇنى مۇساپىر تىۋىپ دەپ ئاتىشاتتى.
كىشىلەر ئۇنى ئورىۋىلىپ قار-يامغۇردەك سوئاللارنى ياغدۇرۋەتتى:
-ئۆزلىرى ئەۋلىيادەكلا كىشى ئىكەنلىغۇ؟
-قەيەرلىك ئۆزلىرى؟
-رەھىمقۇلنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىلە؟
مۇساپىر تىۋىپ:تىرىك ئادەم جەسەتتىن يەڭگىل كىلىدۇ،جىنازا كۆتۈرگەنلەرنىڭ بىلى ئىگىلمەي ماڭغىنىدىن تىرىك كىشىنى جىنازىغا سىلىپ مىڭىپتۇ،دەپ ئويلاپ قالدىم.ئۆلۈكتەك تىنىغى توختاپ كىتىدىغان،بىر نەچچە سائەت ھەتتا بىر ،ئىككى كۈندىن كىيىن ئەسلىگە كىلىدىغان كېسەللەرمۇ مىڭىدىن بىرى ئۇچرايدۇ-دىدى.مۇساپىر تىۋىپنىڭ ئابرويى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ «ئەۋلىيا تىۋىپ»قا ئايلاندى.ئۇ ئوبلاسىت باشلىقلىرىنىڭ كۆپ ئۆتمەي ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئەتىۋارلاپ كىسەل كۆرسىتىشىگە ئىرىشتى.ئۇنىڭ تەرىپى قۇلاقتىن-قۇلاققا يىتىپ سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ تۇنجى 1-نومۇرلۇق رەھبىرى لېنىننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.لېنىنىڭ تەلۋى بىلەن ئۆزبىكىستان رەھبەرلىرى ئۇنى ئايرۇپىلان بىلەن موسكىۋاغا،كىرىمل سارىيىغا ئەۋەتتى.لېنىن ئۇنىڭدىن:
-ھەر بىر ئىشتا جىددىلىشىپ بىئارام بولۇپ كىتىمەن،ئىغىر-بىسىق بولۇشنى خالايتىم،بۇنىڭغا دورا بارمۇ؟-دەپ سورىدى.
ئىمىن ئاخۇن:
-بۇ كىسەللگىمۇ دورا بار-دىدى ۋە لېنىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ ئۆزى ئىلىپ يۈرگەن ھايۋانات سۆڭەكلىرى،ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى ۋە موسكىۋادىكى ئوت-چۆپ يوپۇرماقلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ مەجۇنات دورىلارنى ۋە شەربەتلەرنى ياساپ بەردى.مەخسۇس لىنىنغا قارايدىغان دوختۇرلار بۇ دورىلارنى ئانالىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن لېنىنىڭ ئىچىشىگە بەردى.بىر ھەپتىدىن كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ پەرۋاسىز،ئىغىر-بىسىق بولۇپ قالغانلىغىنى سەزدى.دۆلەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئەسلىدىكى كەسكىن،جىددى مىجەزىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بۇ دورىلارنى ئىچىشتىن ۋاز كەچتى.لېنىن تىۋىپقا ئەتىۋارلىق سوۋغاتلارنى بەردى ھەم ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن مەككە مەدىنىگە يولغا سىلىپ قويۇشنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلدى.
ئىمىن ئاخۇن ھەج قىلىپ قايتىش سەپىرىدە ئىران،ھىندىستان،تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلىپ قەشقەرگە كەلگىچە سەككىز يىل ئۆتتى.بىر سارايۋەننىڭ كىسىلىنى داۋالاش سەۋەبى بىلەن قەشقەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى.بىر كۈنى قەشقەردە ئىككى قاراقاشلىق سودىگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىپ خوتۇن-باللىرىغا،قىرىنداشلىرىغا دۇئايى-سالام ھەم پۇل ئامانەت قىلدى.سەككىز يىلدىن بىرى ھىچبىر ئۇچۇر خەۋەر بولمىغانلىقتىن ئۆيدىكىلىرى ئۇنى ئۆلدىگە چىقىرۋىتىپ ئولتۇرۇشقاندى،سودىگەرلەردىن خەت خالتا،ۋە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى ياشىرىپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ يولىغا قارايدىغان بولدى.بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن جامائەت بامدات نامىزىدىن تارقىغاندا ئىمىن ھاجىىم ئۆيىگە كىردى.باللىرى،تۇغقانلىرى،خۇلۇم خوشنىلىرى ئىمىن ھاجىم بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى.مەھەلىنىڭ ئىمامى:
-ئۆزلىرىنى ھايات ئەمەسمىكىن دەپ ئويلىۋىدۇق،خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىدار كۆرۈشتۇق.يىڭى جانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن-دىدى.شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر ئۇنى«ئىمىن ھاجىم يىڭىجان» دەپ ئاتايدىغان بولدى.كىيىن ئىمىنھاجىم خوتەندىكى «ئىسلام ھۆكۈمىتى»گە ئەسكەر بولۇپ 1933-يىلى يىڭىسادىكى جەڭدە قازا قىلدى.
(ئىمىنھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان 1944-يىلى سۆزلەپ بەرگەن)
مەنبە:يىڭى قاشتىشى ژۇرنىلى. ئەسلى ئاپتۇرى مەمتىمىن قۇربان. |
|