قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1113|ئىنكاس: 11

ئىندىئانلار لاگېرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

4781

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1408
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 18:50:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                 ئىندىئانلار لاگېرى
                                                                                 ئاپتورى: ئېرنېسېت ھېمىڭۋاي(ئامېرىكا)
                                                                                      ئوسمانجان مۇھەممەد تەرجىمىسى


            بىر كېمە كۆل بويىغا توختىتىلىپ قويۇلغانىدى، ئىككى ئىندىئان ئۇ يەردە كېمىگە چۈشىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى. نىك ئاتىسى بىلەن كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چىقتى، ئىككى ئىندىئان كېمىنى سۇغا ئىتتىردى، ئۇلارنىڭ بىرى كېمىگە سەكرەپ چىقىپ كېمىنى سۇغا ئىتتىردى، ئۇلارنىڭ بىرى كېمىگە سەكرەپ چىقىپ كېمىنى ھەيدەشكە باشلىدى. جورجى تاغا ئارقىدىكى كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە چىقتى، يەنە بىر ياش ئىندىئان كېمىنى سۇغا ئىتتىرگەندىن كېيىن كېمىگە سەكرەپ چىقىپ پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى.
         ئىككى كېمە قاراڭغۇدا كېتىۋاتاتتى. نىك قويۇق تۇماندا يەنە بىر كېمىنىڭ پالاق ئۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئاۋاز ئالدى تەرەپتىكى يىراق يەردىن كېلىۋاتاتتى. ئىككى ئىندىئان ئالدىراش پالاق ئۇراتتى. نىك كېمىدە ياتتى، ئاتىسى ئۇنى بىلىكى بىلەن قۇچاقلىۋالدى. كۆل يۈزى تولىمۇ سوغۇق ئىدى، ئۇلارنىڭ كېمىسىدىكى ئىندىئان كېمىنى ناھايىتى كۈچەپ ھەيدەۋاتاتتتى. لېكىن يەنە بىر كېمە تۇمابن ئىچىدە ئىزچىل ئالدىدا كېتىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ بارغانسېرى ئۇزاپ كېتىۋاتاتتى.
− بىز نەگە بارىمىز، دادا؟ دەپ سورىدى نىك.
− ئىندىئانلار لاگېرىغا بارىمىز. ئۇ يەردە بىر ئىندىئان ئايال ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ.
− ھە!
          ئۇلار دەريا ئەگمىسىنىڭ قارشى قىرغىقىغا كەلگەندە يەنە بىر كېمىنىڭ دەريا ساھىلىغا كېلىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. جورجى تاغا قاراڭغۇدا سىگارت چېكىۋاتاتتى. ھېلىقى ياش ئىندىئان كېمىنى ساھىلغا تارتىپ چىقاردى. جورجى تاغا سىگارتنى ئىككى ئىندىئانغا بۆلۈپ بەردى. ياش ئىندىئان پانۇس كۆتۈرگىنىچە ئۇلارنى باشلاپ ساھىلدىن ئۈستىگە قاراپ مېڭىپ شەبنەمدە ھۆل بولۇپ كەتكەن ئوتلاقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئورمانلىققا كىرىپ بىر چىغىر يولنى بويلاپ ماڭدى. بۇ چىغىر يول ياغاچ كېسىغان بىر چوڭ يولغا تۇتىشاتتى. بۇ چوڭ يول ئۇدۇل توقايلىق تەرەپكە بېرىپ قايرىلاتتى. ئىككى تەرەپتىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىۋېتىلگەچكە چوڭ يول خېلى يورۇق كۆرۈنەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى ياش ئىندىئان مېڭىشىدىن توختاپ پانۇسنى ئۆچۈردى، ھەممەيلەن چوڭ يولنى بويلاپ مېڭىپ كەتتى.
         ئۇلار بىر ئەگمىدىن ئۆتۈشىگە، بىر ئىت قاۋىغىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى. ئالدى تەرەپتىكى قوۋزاق سويىدىغان ئىندىئاننىڭ لاپىسىدىن چىراغ نۇرى چېچىلىپ تۇراتتى. يەنە بىر نەچچە ئىت ئۇلارغا ئېتىلىپ كەلدى. ئىككى ئىندىئان ئۇ ئىتلارنى لاپاسقا قوغلىۋەتتى. چوڭ يولغا ئەڭ يېقىن لاپاسنىڭ دېرىزىسىدىن چىراغ نۇرى چېچىلاتتى. ياشانغان بىر ئايال پانۇس كۆتۈرگىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى.
         ئۆيدىكى ياغاچ كارىۋاتتا ياش بىر ئىندىئان ئايال ياتاتتى. ئۇ دەل تۇغۇت ئۈستىدە ئىدى. ئىككى كۈننىڭياقى بالا تۇغۇلمايۋاتاتتى. لاگېردىكى ياشانغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئايالغا ياردەملەشتى. جىمى ئەرلەر يولغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى، ئايالنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، سىگارت چېكىشتى. نىك بىلەن ئىككى ئىندىئان نىكنىڭ دادىسى بىلەن جورجى تاغىغا ئەگىشىپ لاپاسقا كىرگەندە، ئايال تولغاق ئازابىدىن قاتتىق ۋارقىراۋاتاتتى. ئايال ئىككى قەۋەت كارىۋاتىڭ ئاستى قەۋىتىدە يوتقانغا يۆگەنگىنىچە ياتاتتى، قارىماققا بەستلىك كۆرۈنەتتى. ئۇ بېشىنى بىر تەرەپكە قىلىۋالغانىدى. كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭ ئېرى ياتاتتى. ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ پۇتىنى پالتا كېسىۋېتىپ ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇ سىگارت چېكىۋاتقاچقا ئۆي ئىچى دۈتكە تولۇپ كەتكەنىدى.
       نىكنىڭ دادىسى بىرەيلەننى ئوچاقتا سۇ ئىسسىتىشقا بۇيرۇدى. سۇ ئىسسىۋاتقاندا ئۇ نىكقا:
− بۇ خانىم تۇغماقچى، نىك، دېدى.
− بىلىمەن،-دېدى نىك.
− سەن بىلمەيسەن،-دېدى دادىسى، گېپىمگە قۇلاق سال، ئۇنىڭ ھازىر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جەريانى يەڭگىش دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلماقچى، ئۇمۇ بالىنى تۇغسام دەيدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللىرى بالىنى تۇغۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بايا قاتتىق ۋارقىرىشىدىكى سەۋەب مۇشۇ.
− بىلدىم،-دېدى نىك.
    دەل شۇ ئەسنادا ئۇ ئايال يەنە ۋارقىراپ كەتتى.
− ھەي دادا، سەن ئۇنىڭغا ئازراق دورا بەرسەڭ بولامدۇ؟-دەپ سورىدى نىك،-شۇنداق قىلساڭ ۋارقىراپ كەتمەستى.
− بولمايدۇ، مەن ناركوز دورىسى ئەكەلمىدىم،-دېدى.
    دادىسى،-كېرەك يوق، ئۇ ۋارقىرىسا ۋارقىراۋەرسۇن، مەن ئاڭلىيالمايمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ۋارقىراش-ۋاقىرىماسلىقى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
   ئايالنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئېرى يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ يېتىۋالغان ئىدى.
    ئاشخانىدىكى ئايال دوختۇرغا سۇ ئىسسىدى، دەپ قول ئىشارىسى قىلدى. نىكنىڭ دادىسى ئاشخانىغا كىرىپ، چوڭ چۆگۈندىكى سۇنىڭ يېرىمىنى داسقا قويدى، ئاندىن قولياغلىقنى    يېشىپ ئىچىدىن بىر نەچچە تال نەرسىنى ئېلىپ چۆگۈندىكى سۇغا سالدى.
− بۇلارنى قاينىتايلى،-دېدى ئۇ، ئاندىن لاگېردىن ئېلىپ كەلگەن بىر پارچە سوپۇن بىلەن داستىكى ئىسسىق سۇدا قولىنى يۇدى. نىك دادىسىنىڭ قوللىرىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ، سوپۇنداپ يۇغانلىقىغا قاراپ تۇردى. دادىسى قولىنى تۈجۈپىلەپ يۇغاچ دېدى:
− قارا نىك، قائىدە بويىچە ئالدى بىلەن بالىنىڭ بېشى چىقىدۇ، ئەمما بەزىدە بۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ بېشى ئاۋۋال چىقمىسا ئادەمگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدۇ. مەن بۇ خانىمنى ئوپېراتسىيە قىلىشىم مۇمكىن. بىز بىر ئازدىن كېيىن بىلىمىز.
ئۇ دوختۇر قولىنى پاك-پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايالنى تۇغدۇرۇش ئۈچۈن لاپاسقا كىردى.
− يوتقاننى قايرىۋەت، بولامدۇ جورجى،-دېدى ئۇ،-مەن ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا تەگمەي.
      دوختۇر بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلدى. جورجى تاغا بىلەن ئۈچ ئىندىئان ئەر ئۇ ئايالنى بېسىپ تۇرۇپ مىدىرلاتقۇزمىدى. ئايال جورجى تاغىنىڭ بىلىكىنى چىشلىۋالدى. جورجى تاغا: »ھۇ، ئۆلگۈر ئىندىئان قانجۇقى!« دېدى. جورجى تاغىغا كېمە ھەيدەپ بەرگەن ياش ئىندىئان ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدى. نىك دادىسىغا داسنى تۇتۇپ بەردى، ئوپېراتسىيە بەكمۇ ئۇزاققا سوزۇلدى. نىكنىڭ دادىسى ئاخىر بالىنى ئېلىپ پەپىلەپ قويۇۋىدى، بالا تىن ئېلىشقا باشلىدى. كېيىن ئۇ بالىنى ھېلىقى ياشانغان ئايالغا بەردى.
− قارا نىك، ئوغۇلكەن، دېدى ئۇ،-ھەي پراكتىكانت دوختۇر، قانداق تۇيغۇغا كەلدىڭ؟
− ھەر ھالدا بولىدۇ،-دېدى نىك. ئۇ دادىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي بېشىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالدى.
− مۇشۇ يەردە، ئەمدى بولدى. ئۇ شۇنداق دېگەچ قانداقتۇر بىر نەرسىنى داسقا سالدى.
نىك ئۇنىڭغا قارىمىدى.
− ئەمدى،-دېدى دادىسى. ئوپېراتسىيە قىلىنغان يەرنى تىكىدىغان گەپ. كۆرسەڭمۇ، كۆرمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئىختىيار ئۆزۈڭدە مەن كەسكەن يەرنى تىكىۋېتەي.
نىك قارىمىدى، ئۇنىڭ ھەيرانلىقى ئاللىقاياقلارغا يوقالغان ئىدى.
     ئاتىسى يارا ئېغىزىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى. جورجى تاغا بىلەن ئۈچ ئىندىئان ئەرمۇ ئورنىدىن تۇردى. نىك داسنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.
جورجى تاغا بىلىكىگە قارىدى. ھېلىقى ياش ئىندىئان ئەر نېمىنى ئويلىدىكىن يەنە كۈلۈپ قويدى.
مەن ياراڭغا ئازراق ھىدروگىن پىروكسىد ئېرىتمىسى سۈرتۈپ قوياي، جورجى،-دېدى دوختۇر.
     ئۇ ئىندىئان ئايال تەرەپكە ئېڭىشتى. ئايال ھازىر تىنچلىنىپ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالغانىدى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ئايال بالىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق ئىدى.
      مەن سەھەردە قايتىمەن،-دېدى دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، چۈشتە سېن ئىنگىسدىن سېسترا كېلىدۇ. ئۇ بىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇ تاپتا ئۇ تولىمۇ كۆرەڭ ئىدى، توختىماي سۆزلەيتتى، خۇددى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن پۇتبولچىلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سۆزلەشكەندەك كۈچەپ سۆزلەيتتى.
− بۇ ئوپېراتسىيە ئەھۋالى تېببىي ژۇرنالغا بېسىلسا بولىدۇ جورجى، دېدى ئۇ،-بىر دانە ئەگرى پىچاق بىلەن بالا ئېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىندى، توققۇز ئىنگلىز چىسى ئۇزۇنلۇقىدىكى ئۇچلۇق ئۈچەي يىپ بىلەن يامالدى.
جورجى تاغا تامغا يۆلەنگىنىچە بىلىكىگە قاراپ تۇراتتى.
− ئوھوي، سەن راستتىنلا ئۇلۇغ ئادەمكەنسەن، ھەقىقەتەن قالتىسكەنسەن،-دېدى ئۇ.
− ئەمدى ئاۋۇ مەغرۇر دادىغا قاراڭلار، ئۇلار ھەمىشە مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارنى دەپ بەك ئازابلىنىدۇ،-دېدى دوختۇر،-مېنىڭچە ئۇ بەك تەمكىن ئادەمكەن.
      ئۇ ئىندىئان ئەرنىڭ بېشىغا يۆگىۋالغان ئەديالىنى قايرىۋەتتى ۋە دەرھال قولىنى تارتىۋالدى، ئەديال چۆپ سۈزمە بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاستىنقى كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىگە دەسسەپ تۇرۇپ... بىر قولىدا چىراغنى تۇتقىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە قارىدى. ھېلىقى ئىندىئان چىرايىنى تام تەرەپكە قىلىپ يېتىۋالغانىدى. ئۇنىڭ كىكىردىكىدىن قۇلىقىغىچە كېسىلىپ ئاغزى ئېچىلىپ قالغانىدى. ئىسسىق قان كارىۋاتنى بىر ئالغان، ئۇنىڭ بەدىنى قانغا مىلىنىپ كەتكەنىدى. ياستۇقى سول قولىدا تۇراتتى، ئاغزى ئوچۇق بىر ئۇسترا بىسى ئۈستىگە قارىغان ھالەتتە ئەديالدا تۇراتتى.
− نىكنى لاپاسنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەت جورجى،-دېدى دوختۇر.
     بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. نىك ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى، دادىسى بىر قولىدا چىراغنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولىدا ئۇ ئىندىئاننىڭ بېشىنى بوش ئىتتىردى، شۇ چاغدا نىك ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئەھۋالنى ئېنىق كۆردى.
ئۇلار ياغاچ كېسىدىغان يەرگە بارىدىغان چوڭ يولنى بويلاپ كۆل تەرەپكە كېتىۋاتقاندا تاڭ ئەمدىلا يورىغانىدى.
− نىك، مەن پۇشايمان قىلىپ قالدىم، ئەسلىدە سېنى ئەكەلمىسەم بوپتىكەن،-دېدى دادىسى. ھازىر ئۇنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى خۇشاللىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، مەن بۇلارنى ساڭا كۆرسەتمىسەم بوپتىكەن، چاتاق ئىش قىپتىمەن.
− ئاياللاr تۇغىدىغان چاغدا مۇشۇنداق ئازابلىنامدۇ؟-سورىدى نىك.
− ياق، ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئايرىم ئەھۋال.
− ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندۇ، دادا؟
− مەن بىلمىدىم، نىك. مېنىڭچە ئۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
− نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالامدۇ، دادا؟
− ئۇنداقلار كۆپ ئەمەس، نىك.
− ئاياللارچۇ، ئۇلار كۆپمۇ؟
− ئىنتايىن ئاز.
− زادى بارمۇ-يوق؟
− ھە، بار، بەزى چاغلاردا بار.
− دادا؟
− ھە.
− جورجى تاغام نەگە كەتتى؟
− ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، ھېچ ئىش يوق.
− ئۆلۈش تەسمۇ-ئاسانمۇ؟
− ياق. مېنىڭچە بەك ئاسانمىكىن نىك. بۇنىڭدا ئەھۋالغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
     ئۇلار كېمىگە ئولتۇردى، نىك كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئىدى، دادىسى كېمىگە پالاق ئۇردى. قۇياش توقايلىقتىن كۆتۈرۈلدى. بىر باسس بېلىقى سۇدىن سەكرەپ چىقىۋېدى، سۇ يۈزىدە چەمبىرەك پەيدا بولدى. نىك قولىنى سوزۇپ سۇغا تىقتى، سۇ يۈزىدە دولقۇنسىمان سىزىق پەيدا بولدى. سەھەر خېلى سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما كۆل سۈيى ھەر ھالدا ئىللىق ئىدى.
بۈگۈن ئەتىگەنكى كۆل يۈزىدە، نىك كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى، دادىسى كېمە ھەيدەۋاتاتتى. نىك كەسكىن ھالدا مەن مەڭگۈ ئۆلمەيمەن، دەپ جەزىملەشتۈردى.

(خەنزۇچە «دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ھېكايىكلەر» ناملىق كىتابتىن)

50

تېما

0

دوست

4169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1210
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 14:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى سۈرۇشتۇرسە ئىندىيانلارمۇ تۈرۇك مىلىتدىنكەن تۈرۇك بولغاندىمۇ ئۇيغۇر قەۋىمدىن ئىكەن ئۇلارنىڭ ھازىرقى تىلىمۇ ئۇيغۇرتىلدىن چەتنەپ كەتمەيدىكەن ئامىرىكا قىتەسىنىڭ ھەقىقى خۇجايىنلىرى ھازىرئۆزدۆلتىدە لاگىرقۇرۇپ ياشاۋېتىپتۇدە بىچارىلەر تارىخ نىمە دىگەن رەھىمسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1071

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9371
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 15:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barhanbay0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 14:39
تارىخنى سۈرۇشتۇرسە ئىندىيانلارمۇ تۈرۇك مىلىتدىنكەن ت ...

ئۇلارنى تۈرك قەۋمىدىن ياكى ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايغان ئىسپاتلار قېنى، بولمىسا پاكىتسىز سۆزلىمەيلى.

50

تېما

0

دوست

4169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1210
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 17:42:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pasiban يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 15:42
ئۇلارنى تۈرك قەۋمىدىن ياكى ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىكەنلىكى ...

پاسىبانجان بۇنۇ كۈرۇپ باقسىلا 20-21بەتنى

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4362
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 18:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ ھازىرقى تىلىمۇ ئۇيغۇرتىلدىن چەتنەپ كەتمەيدىكەن


مەن لاتىن ئامرىكىسىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان كىشىلەرمۇ باشقا تىل بىلمىسىمۇ ئۆزلىشىپ كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغان، ئەمما ئۇ ياۋايى ئىندىئانلارنىڭ تىلى بىزگە يىقىن بولسا بۇرۇنلا ئاشكارلىناتتى...

50

تېما

0

دوست

4169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1210
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 18:46
ئۇلارنىڭ ھازىرقى تىلىمۇ ئۇيغۇرتىلدىن چەتنەپ كەتمەيدى ...

سىز تىلىۋۇزۇرداكۆرگەندىن باشقا  ئۆزكۈزىىڭىز بىلەن بىرەرئىندىيان كۈرۇپ باققانمۇ ھەم ئۆزلىشىش ئۇباشقا بەر گەپ سىز1مىليارادتىن ئارتۇق خەنزۇلارنىڭ ئارىسىدانەچچە مىڭ يىل  يۇرۇپمۇ نىمشقا  ئۆزلىشىپ كەتمىدىڭىز ئەمسە

50

تېما

0

دوست

4169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1210
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
barhanbay0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 17:42
پاسىبانجان بۇنۇ كۈرۇپ باقسىلا 20-21بەتنى

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=428832&uk=3676658054 بۇنى كۈرۇپ باقسىلا

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4362
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 23:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 23:45  
barhanbay0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 23:19
سىز تىلىۋۇزۇرداكۆرگەندىن باشقا  ئۆزكۈزىىڭىز بىلەن بى ...

ئارلىشىپ دىمەكچى، خاتا يىزىلىپ قاپتۇ...
سىزنىڭ قەيەردە خەنزولار بىلەن نەچچە مىڭ يىل ياشىغىنىڭىزنى مەن بىلمەيمەن، بىزنىڭ لەمجىنگە خەنزولار كەلگىلى 50 يىلمۇ بولمىدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )