قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1143|ئىنكاس: 11

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: نىكولاي لوباچەۋسكي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 03:56:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: نىكولاي لوباچەۋسكي

تاشپولات روزى


         لاباچىۋەسكى(Lobachevsky) بولسا 1792-يېلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيەنىڭ نوۋگورود دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1856-يېلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ئۇ 7 ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ، تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازانغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزمات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، 1811-يېلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالىدۇ. ئۇ 1816-يېلى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلۈپ، 20 يىلدەك قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمىدۇر.
        ئۇ 1829-يېلى، قازان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ژۇرنىلىدا ئەۋكلىد(Euclid) بولمىغان گېومېتېريە دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەۋكلىد گېومېتېريىسىدىكى پەرەزلەرنى(postulate) ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئۇ ھازىر غەيرىي ئەۋكلىد گېومېتېريىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
       ئەۋكلىد گېومېتېريە دېگىنىمىز بىز ھازىرغىچە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆگىنىپ كەلگەن گېومېتېريىلەرنى دەيمىز. مەسىلەن، تەكشىلىكتە، “3 بۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىسى 180 گرادۇس” ياكى “بىر سىزىق ئۈستىدە ياتمىغان خالىغان بىر نۇقتىدىن بۇ سىزىققا پەقەت بىرلا پارالىل سىزىقنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ” ياكى “پارالىل سىزىقلار مەڭگۈ كېسىشمەيدۇ” دېگەنلەردىن ئىبارەت.
      لاباچىۋەسكى يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەرنى مىسال ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەۋكلىد بولمىغان بوشلۇق يەنە ئەگرىلىك يۈز ياكى بوشلۇقنىڭ ئەگرلىگى قاتارلىق چۈشەنچىلەرنى راۋاجلاندۇرىدۇ. مەسىلەن “بىر تۈزسىزىق ئۈستىدە ياتمىغان خالىغان بىر نۇقتا ئارقىلىق بۇ سىزىققا پارالىل بولغان سىزىقنى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ” ياكى “ئەگىر يۈز ئۈستىدىكى 3 بۇلۇڭلارنىڭ يىغىندىكى 180 گرادۇستىن كىچىك بۆلىشى ياكى چوڭ بۆلىشى مۇمكىن” دېگەنلەردىن ئىبارەت.
      1854-يىلىغۇ كەلگەندە، گېرمانىيەنىڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى بەرنھارد رىمان، لوباچەسكي بىلەن خانگارىان ماتېماتىكا ئالىمى جونوس بولياىنىڭ ئەۋكلىد بولمىغان گېومېتېريىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقىدۇ. يەنى رىمان گېومېتېريىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ. ئېينىشتېيننىڭ بۇ يەردە قوللانغىنى بوشلۇقنىڭ ئەگىرلىگى يەنى ھەپوربولالىق(Hyperbolic) گېومېتېريە.

la3.jpg
la1.jpg
la2.jpg

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 06:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 07:20  

تېمىڭىزغا رەھمەت تاشپولات مۇئەللىم.
بۇ تېما شەكىل نەزەريىسىنىڭ زامان،ماكان ئىدىيىسى  ۋەمىنىڭ نىمە ئۈچۈن تولا دومبا يېيىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.چۈنكى شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماكانى(زامان ھەققىدە ئايرىم توختىلىمەن) نىيوتۇنچە تۇز،ئۇزلۇكسىز ،مۇتلەق ۋە جىم بولغان   ماكان.مىنىڭ مانا مۇشۇنداق ماكاننى تاللىشىم ئېينىشتېيىنگە قارشى چىققانلىق ،ھەددىدىن ئاشقانلق،دەپ قارىلىپ،گۇيا مۇقەددەس بىر«دىن»دىن يۇز ئۆرۆگۆچى ، «بىدئەت»بىلەن شۇغۇللانغۇچىغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم.
مەيلى ئېۋكىلىت ياكى لوباچىۋېىسكى ،رىمان قاتارلىقلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ئەمگىگى ئالدى بىلەن ماتىماتىكىلىق ئەمگەك ۋە قورال ئىدى.تەبىئەت دۇنياسى ئۆستىدە فىزىكىلىق تەكشۆرۈش ئىلىپ بارغاندا،تەبىئەتنى بىلىشتە بۇ قوراللارنىڭ قايسىنى تاللاش تاللىغۇچىنىڭ تەبىئەت قارىشى ،ئىھتىياجى تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.بۇ خىل تاللاشنىڭ توغرا خاتالىغى بولسا كۆزۆتۆش ۋە تەجىربە نەتىجىلىرىنىڭ قوللاش - قولىماسلىغى تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.بەزىلەر مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئىدىيەلەرنىڭ ئۇزى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىرىغا دىققەت قىلمايلا،مىنىڭ نىيوتۇن ،ئېۋكىلىد بوشلوغىنى تاللىغانلىغانلىغىمنىڭ ئۇزىنىلا كەچۈرگۆسىز"گۇناھ"،زاماندىن كىيىن قالغانلىق،ھەددىدىن ئاشقانلىق،دەپ قارىۋىلىشتى.ئۇنداقلارنىڭ نەزىرىدە ئەمدى نىيوتۇن،ئىۋكىلىت بوشلۇغى ۋە گىئومىتىرىيىسى ئىشلىتىلىش كۈچىدىن ۋ ە "مودا"دىن قالغاندەك قىلاتتى.ھالبۇكى مەن ئوبىكتىپ دۇنيانى ھەقىقى قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلەشتە قايسى قورال ئەسقاتسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىۋىرىش كىرەك،دەپ قارايتىم.
مەن بۇ تېما ئاستىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماكان قارىشىغا ئالاقىدار بەزى ماتىرياللارنى ۋە ئىنكاسلىرىمنى  يوللىماقچى ،ۋاقتىڭىز يار بەرسە كۇرۇپ باقارسىز.تورداشلارمۇ ئاساسلىرىمدا مەسىلە بارلىغىنى بايقىسا ئوتتۇرىغا قويسا.

ھۆرمەت بىلەن:قاسىم سىدىق

2013.9.15
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 07:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-15 07:30  


قاسىم سىدىق


تەبىئەت ۋاكوئۇمغا ئۆچ
                  - ئارىستوتىل.

ھەركەت ۋاكۇئۇمغا ئامراق.
                               - خاتىرەمدىن.

بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم توغرىسىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق ئىككى پاكىت مەۋجۇت: (1) ئالەم قۇپقۇرۇق ئەمەس، (2) ئالەم قۇپقۇرۇق دىيەرلىك. بۇ پاكىتلارنى چۇشۇنۇش بولسا ئاساسى فىزىكىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
                                                                         - ئانتونى. رې

ئاق قەغەز مودىلى __ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدىيەلەرنى ئوبرازلىق چۈشەندۇرۇش زۆرۇرىيىتىدىن تۇرغۇزۇلغان قورال بولۇپ، ھازىر جەمىئى 3 پارچە رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن1990-يىلى تۇرغۇزۇلغان سۇرەتلەر بىلەن ھازىرقى سۇرەتلەرنىڭ رەت تەرتىۋىدە پەرىق بار. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب 3 پارچە سۇرەت دەسلەپتىلا بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويولغان ئەمەس، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايمۇقۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەن2009-يىلى چوڭچىڭ ئونىۋىرسىتىتى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا سۆزلەنگەن __"فىزىكىلىق شەكىل ئۈقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۇرلىگى ۋە تەخىرسىزلىگى"ماۋزۇلۇق ماقالەمدىكى① رەت تەرتىپنى ئاساس قىلىشنى ئەسكەرتىمەن. بۇ تەرتىپ تۆۋەندىكىچە:
22


يەنە رەسىم تۈرغۇزۇش توغرا كەلسە ئەلۋەتتە ئەمدى 4-رەسىم بولۇپ تىزىلىدۇ. ئىلگىركى رەسىملەرگە ئالاقىدار چۈشەندۇرۇشلەر شۇ رەسىملەر قىستۇرۇلغان ماقالىلار بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغاچقا، ئوقۇرمەنلەرگە بەك چوڭ ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرمەس دەپ ئويلايمەن.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئاق قەغەز مودىلى دەرۋەقە "فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى"نىڭ تۈپ ئىدىيىلىرىنى  بىر قەدەر ئاممىباب چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۇر بولغان بەكمۇ ئاددىي قورال، بۇ نەزەرىيەگە تەنقىد ۋە گۇمانى پۇزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەرگە نىسىبەتەن ئىيتقاندىمۇ بۇ مۇدىل ئاتلاپ ئۆتۇشكە بولمايدىغان، ئەكىسچە ھە دېگەندىلا دۇچ كىلىدىغان سوئال بەلگىلىرىدىن ئىبارەت.  مىنىڭ بۇ مودىلنى تۇرغۇزۇشتىكى تەپەككۈر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:
"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دىكى ئانا ئۈقۈم «فىزىكىلىق شەكىل» بولۇپ، ئاق قەغەز مودېلى 1-رەسىمدىكى A چەمبەر دەل شۇ فىزىكىلىق شەكىلنىڭ ئابىستىراكىت مودېلى، بۇ ئۈقۈمنىڭ تۈرغۇزۇلىشىدىكى لوگىكىلىق ئىدىيە شۇكى، ھەرقانداق ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە) فىزىكىلىق شەكىلدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى، ئىنسانىيەت ھازىرغىچە شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددىنى بايقىغىنى يوق. مەيلى ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمىنتارزەررىچە) ۋە ياكى بىر پۈتۈن "فىزىكىلىق ئالەم" بولسۇن ئوخشاشلا"فىزىكىلىق شەكىل" دىن ئايرىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكىسىدا بۇنداق ئۈقۈم مەۋجۈت ئەمەس. مېنىڭ غايەم يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى شەكىللەنگەن.
ئارقا كۆرۇنۇش _ "فىزىكىلىق شەكىل"ئۇقۇمىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ  "ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە بولمىغان فىزكىلىق شەكىل مەۋجۇت ئەمەس" (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 1-  ئاكسىئومىسى) دېگەن ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى1-،2- رەسىملىرىدە يارقىن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەڭ قولايلىق تەسسەۋۋۇر شۇكى؛ سىزئۆزىڭىزنى "فىزىكىلىق شەكىل" دەپ پەرەز قىلىڭ، سىز ھامان چەكلىك بولۇپ،سىز ھەر قاچان ئۆزىڭىزنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكان بىلەن چىگىرلىنىسىز. ئەگەر B تەكشىلىك بولمىسا سىز ئىپادىلەنمەيسىز.
ياۋرۇپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى بۇ يىل تارقاتقان تۆۋەنىدىكى « ئالەم»نىڭ قىزىل رەڭلىك سۈرىتىنى ئاق قەغەز مودىلى1-رەسىمدىكى A چەمبەرگە، ئۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولغان قاراڭغۇ تەكشىلىكنى ئاق قەغەز مودىلى 1-رەسىمدىكى B تەكشىلىككە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، A ھامان Bنىڭ ئىچىدە ئىپادىلىنىدۇ، Bنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.

ئارقا كۆرنۇش ئۈقۈمى __ مۇقەررەر ھالدا بارلىق ماسسا__ ئىنىرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېنىشتېيىن ئالىمى ۋە ياكى"ئۆلچەملىك ئالەم مودېلى"دىكى "ئالەم" ئىدىيىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى يۇقۇرقى مودىللاردا B تەكشىلىكنىڭ مەۋجۇتلىگى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. "ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دەپ قاراش ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ يادورۇلۇق ئىدىيىسى.ھالبۇكى، ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى" دىكى يوقلۇق (نىيوتۇنچە ماكان _ ھەقىقىي بوشلۇق) ئىدىيىسىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى.
ئاق قەغەز مودېلىدىكى 2-رەسىم ئارقىلىق بىز"يوقلۇق" (نىيوتۇن ماكان – ھەقىقىي بوشلۇق) نىڭ "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى،  تەجىرىبە پەنلىرى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئالەم ھەر قانداق پەيىتتە ماددا (ماسسا_ئېنىرگىيە) ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېيكتىىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى كۆرۇپ يېتەلەيمىز. A چەمبەر (كىۋانىت) ۋە An چەمبەر (كىۋانىت)لارنىڭ ئايرىم –ئايرىم مەۋجۈت بولۇپ تۈرۈشى ئۈچۈن جەزمەن B تەكشىلىك بولىشى كېرەك.باشقىچە ئېيتقاندا B تەكشىلىك پىلانىك بىلەن ئالبىرىت ئېنيشتېننڭ ئايرىم –ئايرىم ئىككى شەخىس بولۇپ تۇرالىشىنىڭ تاشقى شەرتى. مۇبادا، Bتەكشىلىك مەۋجۈت بولمىسا ئەلبەتتە، پىلانىك، ئالبىرىت ئېنيشتېين ۋە ھەرقانداق جانلىق(ئىندىۋىد) بولمىغان، پۈتكۈل ماسسا _ ئېنىرگىيە بىرلا نوقتىغا توپلىنىپ قېلىپ،ئاسمان جىسىملىرى ۋە يۇلتۇزلار سىستىملىرى شەكىللەنمىگەن بولاتتى.



"ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ماكاننىڭ ئۆلچىمى" دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيە مۇئەييەن مەنىدە توغرا، سىز بىر كىرسلوغا كىلىپ ئولتۇردىڭىز دەپ پەرەز قىلايلى، سىز ئولتۇرماستىمۇ كىرسلۇدا سىز ئولتۇرغان چاغدىكى ھەجىمىڭىز بىلەن باراۋەر بولغان بوشلۇق (ماكان) ساقلانغان بولىدۇ. سىزكىرىسلۇدىن يۆتكۇلۇپ كەتسىڭىز ھەرگىز بايا تىلغا ئالغان ماكاننى بىللە ئىلىپ كەتمەيسىز، بەلكى ئۇ يەنىلا ئۆز ئورنىدا قالىدۇ. سىزنىڭ ھەجىمىڭىز ماھىيەتتە سىزقەيەردىلا تۇرماڭ شۇ يەردە ئۆز ھەجىمىڭىز بىلەن بارۋەر بولغان ماكان (يوقلۇق) نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ "ماددا ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. ئەمدى سىز كىرسلۇدىن قوزغۇلۇپ قەيەرگىلابارماڭ، يېتىپ بارغان نوقتىڭىز بىلەن بايامقى كىرىسلۇ ئارىلىقىدىكى مۇساپە يەنىلا ماكان (يوقلۇق) نىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ "ماددا ھەركىتى ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى ئىدىيەنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. بۇ يەردە تەبىر بىرىشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدە "يوقلۇق"(ماكان) ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، بىر پۈتۈنلۇكتە چەكسىز دەپ قارىلىدۇ.  يەنى ئىككى ماددىي نوقتا قارىمۇ –قارشى يۆنىلىشتە بىر-بىرىدىن قانچىكى يۈقىرى تىزلىك بىلەن بىر-بىرىدىن يىراقلاشىسۇن.ئۇلارنىڭ ئارلىقى ھامان چەكلىك بولۇپ، چەكسىز ماكاننى مەڭگۈ قاپلاپ بولالمايدۇ .ھالبۇكى، ئېينىشتېيىن ۋەكىللىگىدىكى نۆۋەتتىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق پەقەت A چەمبەرنى ئېتىراپ قىلىپ Bتەكشىلىكنىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. يەنى بۇ تەلىماتلارنىڭ"ماكان" ئۈقۈمى بىلەن "ماددا" ئۈقۈمىنىڭ ئىنىق پەرقى يوق.يەنى ئېينىشتېيىن ماكاننى ئۈلۈكسىز "مەيدان" ، ماددىنىڭ يەنە بىرخىل ھالىتى دەپ چۇشەندۈرىدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش "ماددا" بىلەن"ماكان" ئوتتۇرىسىدىكى پىرنسىپال پەرقىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئېنيشتېيىننىڭ"ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس" دەپ قارايدىغان بۇنداق ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يېلتىزىنى  ئارىستۇتىلدىن ئىزدەپ تىپشقا بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان «قورقۇنۇچلۇق سىمېتېرىيلىك» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئانتونى. رې ئۆز كىتابىدا «بىز ھازىر نىمە ئۈچۈن ئالەمنىڭ قۇپقۇرۇق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى، cp غا خىلاپلىقنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق» دەپ يازغان بولۇپ، بۇخىل نوقتىنەزەر ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس»دېگەن نوقتىنەزەرلىرى بىلەن رۇشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، فىزىكىدىكى "زىچلىق"ئۇقۇمى "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈگى ئىكەنلىگىنى بىۋاستە ئىسپاتلايدۇ. چۇنكى"زىچلىق" ئۇقۇمىدا تىلغا ئېلىنغان "بىرلىك ھەجىم"-نىيوتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ كونكىرىت ھەجىمى بولۇپ، مۇبادا بۇنداق ھەقىقىي بوشلۇق بولمىسا "زىچلىق" ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. سىز "زىچلىق ئۇقۇمى" بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟بۇ مۇمكىن ئەمەس!
"زىچلىق"ئۇقۇمى مۇقەررەر ھالدا "كىرىتىك زىچلىق" پەرىزىگە ئېلىپ كېلدۇ. چوڭ پارتىلاش ئالەم مودىلىدا تىلغا ئېلىنغان "غەيرىي نۇقتا" ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيە يىغىلغان ئىنتايىن بىر كىچىك نۇقتا ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە مەلۇم. دەل مۇشۇ "غەيرىي نۇقتا"مۇ يەنىلا ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق)نىڭ ئارلاش گەۋدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇتلەق مەنىدە ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.  پەقەت ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلىمنىتار زەررىچە)لەر ۋە ئۇلارنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارلىرىنىڭ يىغىندىسىلا ھەقىقىي مەنىدىكى كىرىتك زىچلىققا يەتكەن ساپ ماددا دەپ قاراشقا بولىدۇ. مانا بۇ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى "مۇتلەق ھەجىم"ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى. ساقلىنىش قانۇنلىرى جۈمىلىدىن ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى بۇنداق پەرەز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.
يۇقىرىقى ئاساسلار تەبئىي ھالدا ئالەمدىكى پۈتكۈل ماسسا-ئېنىرگىيەنىڭ ساپ ھەجىمىنىڭ بىر تۇراقلىق مىقدار بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى تولىمۇ كىچىك بولىدۇ دېگەن پەرەزگە ئېلىپ كېلىدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، بۇنداق پەرەز "كرىتىك زىچلىق" ئىدىيىسىگىمۇ، "غەيرىي نۇقتا"ئىدىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن. بىز"غەيرىي نۇقتا"نى نۇقۇل نەزەرىيىۋي ھېسابلاشنىڭ مەھسۇلى، تەجىرىبە ئاساسىي يوق دەپ قارىغاندىمۇ، ئاتوم يادىرۇسىنىڭ زىچلىقى (نىتىرون يۇلتۇز زىچلىقى)تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە پايدىلنىش سېستىمىسى بولۇپ قالىدۇ.

يۇقارقى نۇقتىنەزەرلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا نەتىجىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى بولمايدۇ دېگەن يەكۇنگە ئېرىشىش. ماھىيەتتە بۇنداق قاراشنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشى ئەسلامۇمكىن ئەمەس. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، "يوقلۇق" (نىيۇتۇن ماكانى-ھەقىقىي بوشلۇق)نى قايتا ئېلىپ كىرمەي تۇرۇپ، يۇقۇرقى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگىلى ۋە ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقىنى زىددىيەتتىن خالىي قىلغىلى بولمايدۇ.
بارلىق كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە نەتىجىلىرى"ماكان ماددا ھەركىتىنىڭ تاشقى شەرتى" دېگەن ئىدىيەگە ئېلىپ كېلىدۇ."ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس"دېگەن ئىدىيە بۇ خىل تەشەببۇس ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش كېرەك. "ماكان-ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى" دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە مەيلى ماكرو ياكى مىكرو دۇنيا بولسۇن ھەرئىككى دۇنيا ئۈچۈن ھەر قاچان ئۇرۇنلۇق بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزنى تەرەپلىرى ئىككى مېتىردىن بولغان تۆت كۋادرات مىتىرلىق بىر ئۆينىڭ ئىچىدە دەپ پەرەز قىلىڭ،سىزنى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سەككىز مېتىر تۈز سىزىقلىق ھەركەت قىلىڭ دېسە بۇ تەلەپنى ئۇرۇندىيالمايسىز. (لىكىن ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتتىن سەككىز مېتىر ئەمەس 8000كېلومىتىر مۇساپىنى تاماملىشىڭىز تامامەن مۇمكىن) ھەمدە شۇنىڭدەك ئەگەر سىز ئۆز گەۋدىڭىز ئاران سىغىدىغان بىر قىسىلچاققا قىسىلىپ قالدىڭىز دەيلى بۇ ھالدا سىز بىر سانتېمىتىر سىزىقلىق ھەركەت قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۆز ئورنىڭىزدا(ئوقىڭىزدا) ئايلىنالمايسىز. بۇ تەشەببۇسلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ پۈتكۈل كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە پاكىتىمىزغا ئۇيغۇن.

سىز بايامقى كىرسلودا ئولتۇرۋاتقان ۋاقتىڭىزدا دەل سىز ئولتۇرغان بىر ئورۇنغا ھەجىمى سىز بىلەن باپباراۋەر بولغان يەنە بىرئادەممۇ ئولتۇرالمايدۇ. بۇ خىل تەپەككۈر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ماكاننىڭ(يوقلۇق-نىيۇتونچە بوشلۇق) ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، زىچلىق ۋە "كرىتك زىچلىق"ئىدىيىلىرگە مۇقەرەر ئېلىپ بارىدۇ.
"كىرىتىك زىچلىق" ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە- ئېيىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ بىر قانچە خىل تەپەككۈر يوللىرى ئىچىدىكى بىر تەپەككۈر يولى.(ئەلۋەتتە بىر دانە ئېيىن ئىچىگە يەنە بىر دانە ئېيىننى قاچىلغىلى بولمايدۇ).ئەمدى مۇشۇ ئېيىن (ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە)نىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان"قىسىلچاققا قىسىلىپ قالغان ئادەم"نىڭ تەقدىرىگە يولۇقسا ئوخشاشلا ئۇنىڭ سىزىقلىق ۋە بولۇڭلۇق ھەركىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، بىز يۇقىرىقىلاردىن ھەركەت قىلىدىغان ماددىنىڭ (ماسسا-ئېنىرگىيە) گىئومىتىريىلىك ھەجىمىدىن ھالقىغان يوقلۇق(ماكان –نىيوتۇنچە ھەقىقي بوشلۇق) بولمىسا ھەركەتنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. ئارستوتىل ئوتتۇرغا قويۇپ، ئېينىشتىيىن قايتا كۆتۈرۈپ چىققان"ھەقىقي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن بۇ ئىدىيە ئىنسانىيەت تەپەككۈر غەزىنىسىدىكى ئاسار-ئەتىقەدىنلا ئىبارەت، خالاس!.
"ئاق قەغەز مودىلى"نىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى ئەلۋەتتە بۇ سەرلەۋھە ئاستىدىلا ئاياقلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئونۋېرسال ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇمكىن بولسا داۋاملىق توختىلىمەن.

                                                                     2010-يىلى 10-ئاي








量子
百科名片





7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 5216
توردىكى ۋاقتى: 562
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 09:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇباچىۋىسكى ، رىيمان ، مىنكۇۋىسكى .....قاتارلىق ئالىملارنىڭ گىئومىتىرىيەگە قوشقان توھپىلىرى بولمىغان بولسا ، ئېينىشتىيىننىڭ ئۇڭۇشلۇق ھالدا دىنامىكا مەسلىلىرىنى گىئومىتىرىيەلەشتۇرۇپ ، نىسبىيلىك نەزەرىيەسىنى بۇلۇپمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەس بۇلاتتى .
بىر قىسىم كىشىلىرىمىزىنىڭ ئوبىكتىپ رىئاللىق بولغان غەيرى ئىۋكىلىد گىئومىتىرىيىسىنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىغى كىشىنى تۇلىمۇ ئۇمىتسىزلەندۇرىدۇ .
شۇنداق كىشىلەرگە ئىككى ئولچەملىك بوشلۇقتىكى پىرۇيىكسىيىسى ئىۋكىلىد گىئومىتىرىيىسىدىكى ئىچكى بۇلۇڭىنىڭ يىغىندىسى 180 گىرادۇس بولغان  ئۇچبۇلۇڭ بولغان شار سىرتى ۋە شار ئىچىدىكى ئۇچبۇلۇڭنىڭ بۇلۇڭىنى ئولچەپ بېقىڭلار دىگۇم كىلىدۇ.......
تاشپۇلاتكا ، تىمىڭىزغا كوپ رەھمەت.

7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 5216
توردىكى ۋاقتى: 562
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 09:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭمۇ ھەممە پەن ساھەسىدىن لۇباچىۋىسكىدەك يىتۇك ئالىملارنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تىلەيمەن.

16

تېما

9

دوست

4763

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 09:24:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست گىپىمنى قىلسام ،مۇشۇ مۇنبەردىن ،جۈملىدىن سۆيۇملۈك قىرىنداشلىرىمىز،مىللىتىمىز ،ۋەتىنىمىزدىن شۇنداق پەخىرلىنىۋاتىمەن...راست ،تا ھازىرغىچە كۆزۈمگە ئەڭ چىرايلىق كۆرۈندىغان نەرسە پەقەت ئۇيغۇر تىلىكەن ،پاساھەتلىك ھەم گۈزەل ئۇيغۇر تىلىمكەن....مۇشۇن تىمىنى يوللىغان ھەم مۇشۇنىڭدەك تەتقىقات تىمىلىرى ئۈچۈن ئىزدەنگەن تىرىشچانلىرىمىزغا ئاپىرىن....

2

تېما

0

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13256
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 420
تۆھپە : 619
توردىكى ۋاقتى: 383
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 11:25:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا مۇنبەرنى ھەقىقى  مەنىدىن بېيىتتىڭىز....نۇقۇل ئەدەبى يازمىلاربىلەن،شېئىر،قوشاققىلا كۆنۈپ كەتكەن ھەم مەجبۇرى كۆندۈرۈلگەن بۇئاددى كاللىمىز ھەم ئىدىيمىزغا زور يېڭىلىق ئېلىپ كەلدىڭىز.....سىزگە مىليۇن ئۇيغۇردىن ئالى ئىھتىرام يوللايمەن.....تەبىئى پەن بىلىملىرىنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئۇقۇپ چۈشۈنۈشنىڭ نەقەدەر ھوزۇرلۇقلىقىنى ھىس قىلماقتىمەن.....ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!!!

0

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21912
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 14:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت تاشپولات ئاكا:
موشۇنداق تەبئىي پەن بىلىملىرىگە ئائىت ماقالىلەرنىڭ مۇنبەردە تېخىمۇ زور سالماقنى ئىگەللىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.
  كىم دەيدۇ «ئۇيغۇر تەبئىي پەنگە قىززىقمايدۇ» دەپ، كىم دەيدۇ بىزنى «ھېسسىي مىللەت» دەپ... ؟ مانا موشۇنداق ئېلىم - پەن تېمىلىرى بىلەن كۆپ ئۇچىرىشىش پۇرسىتى بولسا ئاندىن قىززىققۇچىلار، ئىزدەنگۈچىلەر كۆپىيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )