قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3665|ئىنكاس: 34

بۇخىل مىۋىلەرنى يىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

206

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21666
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 11:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھەرلىك›› مېۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەكتىن ئارتۇق خىمىيىلىك دورىلارنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھتىد ئېلىپ كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر سودىگەرلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ رايىغا قاراپ زەھەرلىك يىمەكلىكلەرنى ياساپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ مېۋە تاللىماي، ساختىلىق قىلىپ زەھەر ئىشلەپ چىقىرىش قىلمىشىغا خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ‹‹زەھەرلىك›› مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەي بولۇش جەريانىدا نورمىدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش، قىزارتىش، كۆپتۈرۈش دورىلىرى ئىشلىتىلگەن ياكى ساقلاش جەريانىدا ھەددىن زىيادە كۆپ مىقتاردا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى رىئاكتىۋ ئىشلىتىلگەن، ھەتتا سېتىش جەريانىدىمۇ رەڭلىگۈچ ئىشلىتىلگەن، موم سۈرۈلگەن، ئاقارتىپ رەڭ بېرىلگەن بولۇپ، ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھتىد ئېلىپ كېلىدىغان ئىجتىمائىي زىيانداش بولۇپ قالغان.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، زەھەرلىك مېۋىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى بولسائىستىمالچىلارنىڭ دائىم سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ مېۋە تاللىشى ئىكەن. ئىستىمالچىلار نېمىنى ياقتۇرسا، سودىگەرلەرمۇ شۇنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىز يوغان، رەڭلىرى ئېسل مېۋىلەرنى ياقتۇرساق، ئەلۋەتتە بىزنىڭ رايىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرىدىغانلار چىقىدۇ-دە. ئەگەر ئىستىمالچىلار بۇ خىل مەسىلە كۆرۈلگەن مېۋىلەرنىڭ سېتىۋالمىسا، ئۇنداقتا ساختىلىق قىلىپ زەھەر ئىشلەپ چىقىرىش قىلمىشىمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىمەكلىك بېخەتەرلىك ئۇچۇر تورى ئالاھىدە 12 تۈرلۈك دائىم ئىستىمال قىلىنىدىغان ‹‹مەسىلە بار›› مېۋىلەرنىڭ جامائەتكە ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ مېۋە تاللىماسلىقىنى، ساختىلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە بازار ھازىرلاپ بەرمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
تاۋۇز: كۆپتۈرگۈچى دورا ئارقىلىق يوغىنىتىلىدۇ. پىشىشنى تېزلىتىش دورىسى، چوڭايتىش دورىسى ۋە زەھىرى ئۆتكۈر دېھقانچىلىق دورىلىرىنى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن تاۋۇزنىڭ شاپىقىدىكى سىزىقچىلار رەتسىزكېلىدۇ، پىچقاندىن كېين گۆشى يېڭى، ئۇرۇقلىرى ئاق رەڭلىك بولىدۇ، غەيرىي پۇراق بولمايدۇ.
مانگو:ئۆچۈرۈلمىگەن ھاكقا كۆمۈپ ساغارتىش. توڭ مانگونى ئۆچۈرۈلمىگەن ھاكقا كۆمۈپ ساغارتقاندا، مانگونىڭ سىرتقى پوستى ئالتۇندەك ساپسېرىق كۆرىنىدۇ، ئەمما يىگەندە مانگو تەمى بولمايدۇ. مانگودىمۇ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رىئاكتىۋىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىش مەسىلىسى مەۋجۈت.
نەشپۈت: ئۆستۈرۈش دورىسى نەشپۈتنى بالدۇر پىشۇرىدۇ. نەشپۈتكە چوڭايتىش دورىسى، ئۆستۈرۈش دورىسى ئىشلىتىپ بالدۇر پىشۇرىدۇ، ئاندىن ئاقارتىش پاراشۇكى، رەڭلىگۈچ ئىشلىتىپ نەشپۈتنى ئاقارتىپ رەڭ بېرىدۇ. بۇ باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن نەشپۈت سۇسىز، بەتتام كېلىدۇ، بەزىدە غەيرىي پۇراق ۋە سېسىق پۇراق كېلىدۇ. بۇ خىل زەھەرلەنگەن شاپتۇلنىڭ ساقلاش مۇددىتى قىسقا بولۇپ، ئاسان سېسىپ كېتىدۇ.
ھالۋابىدىت: ئېچتىقۇ بىلەن پىشۇرۇشنى تېزلىتىش. ئېچىتقۇ ياكى پىشىشنى تېزلىتىش دورىسى ئارقىلىق ھالۋابىدىتنى تېز پىشۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلغاندا ھالۋابىدىتنىڭ تاتلىق تەمى سۇسلاپ كېتىدۇ. بەزى كىشىلەر خام ھالۋابىدىتنىڭ بېغىشىغا ئېتېفون تېمىتىپ قويغاندا ھالۋابىدىتنى قىزارتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل خىمىيىلىك دورىلارنىڭ ھەممىسنىڭ قالدۇقى بار بولۇپ، ھالۋابىدىتنى زەھەرلىك مېۋىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
بانان: ئاممىياك سۈيى ئارقىلىق پىشىشنى تېزلىتىش. ئاممىياك سۈيى ياكى گۈڭگۈرت ئىككى ئوكسىد ئارقىلىق تېز پىشۇرۇلغان باناننىڭ سىرتقى پوستى ساپسېرىق بولۇپ، تولىمۇ چىرايلىق كۆرىنىدۇ، ئەمما گۆشى قاتتىق، بەتتام كېلىدۇ. گۈڭگۈرت ئىككى ئوكسىد بولسا ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا زىيان ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈزۈم: ئېتىلېن بىلەن ئۈزۈمنى قىزارتىش. توڭ ئۈزۈمنى سۇيۇقلىتىلغان ئېتېفون سۇيۇقلىقىغا بىر-ئىككى كۈن چىلاپ قويغاندا، ئۈزۈمنىڭ رەڭگى قېنىق بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈمنىڭ رەڭگى تەكشى ئەمەس، شېكەر مىقدارى ئاز، سۇسىز، بەتتام كېلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
شاپتۇل: سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان لىمون كىسلاتاسى بىلەن شاپتۇلنى چىلاپ قويغاندا، شاپتۇلنىڭ رەڭگى قىزىل چىقىدۇ، ئاسان سېسىپ كەتمەيدۇ. بۇ خىل خىمىيىلىك ماددىنىڭ قالدۇقى نېرۋا سېستىمسىغا زىيان ئېلىپ كېلىپ، سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش خارەكتېرىدىكى كېسەللىكلەرنى، ھەتتا راك كېلىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېرىم پىشقان چۈرۈك شاپتۇلغا زەمچە، تاتلىقلاشتۇرغۇچ، ئىسپىرت قاتارلىقلارنى قوشقاندا، شاپتۇلنى تېخمۇ تەملىك قىلغىلى بولىدۇ. زەمچىنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى ئاليۇمىن سۇلغات بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا سۆڭەك ئۆسۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دېۋەڭلىك، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاجىزلاش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىق كۆپ خىل مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاق شاپتۇل گۈڭگۈرتتە ئىسلاندۇرۇش ئارقىلىق پىشۇرىلىدىغان بولۇپ، تەركىۋىدە گۈڭگۈرت ئىككى ئوكسىد قالدۇقى بار.
لىجى: سۇلغات كىسلاتاسىغا چىلاپ رەڭ ئۆزگەرتىش. سۇلغات كىسلاتاسىغا چىلاش ياكى ئېتېفون سۇيۇقلىقىنى پۈركۈش ئارقىلىق لىجىنىڭ رەڭگىنى كىشىنى جەلپ قىلدىغان ئوچۇق قىزىل رەڭگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ، ئەمما ئاسان سېستىۋېتىدۇ. بۇ خىل سۇيۇقلىقلارنىڭ كىسلاتالىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قول تېرىسى چۈشۈش، ئاغزى قاپىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىش بىلەن بىرگە، ئۈچەي-ئاشقازاننى كۆيدۈرۋېتىدۇ. بەزى مېۋە سودىگەرلىرى يەنە گۈڭگۈرت بىلەن ئىسلايدۇ. گۈڭگۈرت ئىككى ئوكسىدنىڭ كۆز، بوغۇزغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، باشنى قايدۇرۇپ، قورساق ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گۈڭگۈرت ئىككى ئوكسىد يەنە راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
لۇڭيەن:سۇلفات كىسلاتاسى پۈركۈش ياكى كىسلاتالىق سۇيۇقلۇققا چىلاپ ئارقىلىق لۇڭيەن مېۋىسىنىڭ رەڭگىنى كۆركەملەشتۈرگىلى بولىدۇ. سۇلفات كىسلاتاسىنىڭ چىرىتىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاسان زۇكام، ئىچى سۈرۈش ۋە قاتتىق زۇكام قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاپېلسىن: ئاپېلسىن تىپىدىكى مېۋىلەرنى ساقلاش جەريانىدا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى رىئاكتىۋنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىدۇ، سېتىش جەريانىدا رەڭلىگۈچ بىلەن كۆركەملەشتۈرىدۇ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان پاراففىن بىلەن پارقىرىتىدۇ. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان پاراففىن ئارىلاشما ماددىسى ئىچىدە سىنىك، سىماب، مىشياك قاتارلىق ئېغىر مېتاللار بار بولۇپ، مېۋىنىڭ گۆشىگە سىڭىپ كىرىدۇ، ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالما: چوڭايتقۇچى دورا بىلەن يوغىنىتىپ، قىزارتقۇچ بىلەن قىزارتىپ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى رىئاكتىۋ بىلەن يېڭى ساقلايدۇ. چوڭايتقۇچى دورا، قىزارتقۇچ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچ رىئاكتىۋلارنى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەتكەندە جېگەرگە زىيانلىق. پارچە ساتقۇچى مېۋە سودىگەرلىرى يەنە ئالمىنىڭ ئۈستىگە سانائەتتتە ئىشلىتىلىدىغان پاراففىن سۈرۈپ، ئالمىنىڭ سۇ مىقدارىنى ساقلاپ، مېۋىنىڭ رەڭگىنى كۆركەم قىلىدۇ. بۇنداق ئالمىلارنى كۆرگەن كىشىنىڭ سېتىۋالغۇسى كېلىدۇ.


مەنبە:نۇرتورى

0

تېما

0

دوست

1804

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10786
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 408
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 21:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىمەكلىككە ساقتىلىق قىلىدىغان ئىتلارنى كېسىۋەتسە ئېتىۋەتسە پىچىۋەتسە دەيمەن، ئۇ پەسكەشلەر نىمىشقا خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغاندۇ ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

4622

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1356
توردىكى ۋاقتى: 276
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 21:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا  جاجىسىنى بەرسۇن .دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل قىلمىش بۇ .

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4234
توردىكى ۋاقتى: 1192
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 22:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇخەق مۇشۇ يەيدىغانغىمۇ بولسا ساختىلىق قىلمىسا بولمامدۇ ....
بەلكىم ئاشۇنى قىلىۋاتقانلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆزلىرىمۇ بىلىپ بىلمەي يەيدىغاندۇ....
ئەمدى مىۋەنىمۇ خاتىرجەم يېيەلمەيدىغان بوپتىمىز-دە....

5

تېما

2

دوست

2091

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 22:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە يەيمىز؟

5

تېما

2

دوست

1761

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16511
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 23:11:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوڭىدىمۇ چوشدىمۇ  پۇلنى ئويلايدىغانلار ھەممىنى قىلىدۇ......

2

تېما

4

دوست

6625

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1271
توردىكى ۋاقتى: 408
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 23:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە يەيمىز؟ (ئۇمۇن)

ـــــ
زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش تەس.



......................................
بىز تەبىئەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس. گۆشىمىز، قېنىمىز ۋە كاللىمىز بىلەن تەبىئەت دۇنياسىغا تەئەللۇقمىز، تەبىئەت دۇنياسىدا ياشايمىز؛ بىز باشقا مەخلۇقلاردىن كۈچلۈك بولغانلىقىمىز، تەبىئەت قانۇىيەتلىرىنى بىلەلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنالايدىغانلىقمىز ئۈچۈنلا تەبىەت دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلالايمىز....
(بىز) تەبىئەت دۇنياسىغا ئىستىلاچىلار باشقا مىللەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك ھۆكۈمرانلىق قىلالمايمىز... (بىز) تەبىئەت دۇنياسى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىلىرىمىزگە ئارتۇقچە مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. مۇشۇنداق ھەربىر غەلىبىمىز ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسى بىزدىن ئۆچ ئالىدۇ.   (كۈتكەن نەتىجىلەرمۇ، كۈتۈلمىگەن ئاقىبەتلەرمۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولۇپ تۇرماقتا-م)  ــــــــ  ئۈزۈندە.  

50

تېما

0

دوست

4151

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 163
تۆھپە : 1204
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 00:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنلا ئۈزىمزنىڭ بېغىدىكى ئالما نەشپۈت گازىر پۇرچاق تاۋۇزقۇغۇن .ئۈزۇم شاپتۇل ئىشەنچىلىككەن دە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )