قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1884|ئىنكاس: 21

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

0

دوست

2222

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 288
تۆھپە : 508
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 16:46:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                           ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە
-        مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80يىللىقىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.


            تۈركلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر.ئۇلار دۇنيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.《‹تۈرك› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە قارىتا ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار.بىر خىل قاراشتىكىلەر تۈركلەر قەدىمدىن ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) نىڭ كۈنگەي تەرىپىدە ياشىغان،ئالتۇنتاغنىڭ شەكلى ‹تۈركە› (دوبۇلغا،قەدىمكى دەۋىردىكى ئەسكەرلەرنىڭ باش كىيىمى) گە ئوخشايدىغان بولۇپ،تۈركلەر مۇشۇ نام بىلەن ‹تۈرك› دەپ ئاتالغان دەپ قارايدۇ،خەنزۇچە قەدىمكى كىتابلاردا كۆپرەك مۇشۇ خىل قاراش ياقلىنىدۇ؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ‹تۈرك› دىگەن سۆز ‹قۇدىرەتلىك›،‹قەيسەر›،‹ئىجادجان›،‹پىشقان›،‹گۈللەنگەن› دىگەن مەنىلەردە دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراشنى ياقلىغۇچىلار كۆپىرەك تىلشۇناسلاردۇر.يېقىنقى يىللاردىن بىرى يەنە ‹تۈرك› پەقەتلا بىر سىياسىي نام،ھېچقانداق مىللەت مەنىسىگە ئىگە ئەمەس،دەيدىغان يەنە بىر خىل قاراش مەيدانغا كەلدى.》【1】
            بۇ ماقالىدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈرك قارىشى بىلەن ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى سىلىشتۇرما قىلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزدە تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقات باشقا ئەللەردىن كىيىن باشلانغان.ئازادلىقتىن كىيىن سىن جوڭمىيەن،ماچاڭشۇ قاتارلىقلار قىسقىچە تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارغان.80-يىللاردىن كىيىن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما كۆز-قاراشلار قېلىپلىشىپ قالغان.كىچىك جەھەتتىكى پەرقلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تەتقىقاتتا زور ئۆزگىرىش بولمىغان.تەتقىقاتچىلار ئاساسەن خەنزۇچە قەدىمكى مەنبەلەرگە تايانغان بولۇپ،ئارخىئولوگىيلىك پاكىتلار ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى بويىچە تەتقىقات ناھايىتى ئاز بولغان.
       ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》(تۇران تارىخى) دا نۇقتىلىق ئەكىس ئېتىدۇ.تۆۋەندە بىر قانچە خىل قاراشلار نۇقتىلىق سېلىشتۇرۇلىدۇ.

1.تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

           دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق تەتقىقاتچىلار خەنزۇچە مەنبەلەردە ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسەن،تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى دىڭلىڭلار،قاڭقىللار (تېلېلار) دەپ قارايدۇ.ھەم بۇ قارىشىنى مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق تېخىمۇ دەلىللەيدۇ.【2】مۇسۇلمان تارىخچىلار قالدۇرغان يازمىلاردا بولسا《تۈرك-يافەس ئوغلى تۇر》دۇر دەپ قارىلىدۇ.《شەجەرەئىي تۈرك》،《تارىخى ھەمىدىي》قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدۇر.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا:《مەركىزى ئاسىيادا نۇرغۇن تارىخى قىسمەتلەر چۆكمىگە ئايلاندى.ئەمما مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى مىللىيەتلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تارىخى ياراتقاندىن كېيىن،ئۇ ئاق جىنسلىق ئارى①-ساك خەلقلىرى بىلەن،ساكلارنى ئاساس قىلىپ،قىسمەن موڭغۇلوئىد (سېرىق جىنىس) خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت سەھنىسى بولۇپ كەلدى.مېنىڭچە،مەركىزى ئاسىيا تۈركىي قوۋملىرىدىن ئىبارەت ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى ئاساسىي ئېتنوگېنىز جەھەتتىن يەنىلا مەركىزى ئاسىيا ئاندرونوپ-ئارى،سىكىتاي-ساكلاردىن ئىبارەت بىرلەمچى ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت.بۇ ئىككى خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مەركىزى ئاسىيا ئاق جىنىس ئىنسان تۈركۈمىنىڭ مىلادىىدىن ئىلگىرىكى 6-7مىڭىنچى يىللاردىن مىڭىنچى يىللارغىچە ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مىلادىىدىن كىيىنكى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىنىكى تۈركىي ئەۋلادلىرىغا بولغان مۇناسىۋىيتى دىيىش مۇمكىن.بۇ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى ئىنسان تۈركۈمىنىڭ قىسمەن قوۋىملىرىدىكى پارالىلل زامانداشلىققا قاراپ،ئۇلارنى پۈتۈنلەي تارىخى مەنبەداشلىق ئالاقىسى بولمىغان باشقا-باشقا ئىككى خەلق قىلىپ قويۇش تارىخى چىنلىققا زىتتۇر.بۇ يېقىنقىي بىر قانچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مەركىزى ئاسىيانىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەركىزى ئاسىياسىي،تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا ماكانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تۈركىي خەلقلەر ھەقىقىي ئېتنولوگىيلىك مۇجەسسەم گەۋدىسىگە ھەممىدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئاق جىنىسلىق ئەجدادلىرى بولغان ئارى-ساكلارنى (جۈملىدىن دىڭلىڭ،ئۇجىيە،توخار ۋە سوغدىلارنى) ئۆزلەشتۈرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەۋلادى-ۋارىيانتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىدىن ئىبارەت》【3】دەپ خۇلاسىلەيدۇ.ئالىمچە،ئارىئان-ساكلار《ئاۋېستا》دا كۆرسىتىلگەن،تۇران ئېلىدە ياشايدىغان  جەڭگىۋار تۇرلار بولۇپ،بۇ كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن《يافەسنىڭ ئوغلى تۇر》بىلەن زىت ئەمەس.

2.تۈرك ئىبارىسنى چۈشىنىش

            ئىلىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئىبارىسىنى چۈشىنىشتە،مىلادىيە 552-يىلى ئىلىك ئارسىلان تۇمانخان تەرىپىدىن ھازىرقى موڭغۇل-تاتار دالاسىدا قۇرۇلغان كۆكتۈرك خانلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ.2009-يىلى نەشىر قىلىنغان،شۈ لىلىي(徐黎丽) باش بولۇپ تۈزگەن《تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى تەتقىقاتى》(突厥人变迁史研究) ناملىق كىتابتىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن.【4】ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا،تۈرك ئىبارىسنى ئۈچ قاتلام-ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە پەرقلەندۇرۇش لازىم،دەپ قارايدۇ.《بىرىنچى،‹تۈرك› ئىبارىسىنى ھازىرقى زامان تۈركلوگلىرى ئۇرقۇن ئابىدىللىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىكى ‹تۈرك›،‹تۈركىي› ئىبارىسى مەسىلىسى.ماھىيەتتە بۇ تىل،مەدەنىيەت،تارىخى قانداشلىق ۋە نومۇس-ئىپتىخار ئورتاق چەمبىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت.ئىككىنچى،‹كۆكتۈرك› خانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە كىرىپ كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلەشكەن ھاكىمىيەت شەكلى.بۇ ھاكىمىيەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇنجى خانلىقى ئەمەس،ئەلۋەتتە.ھونلارمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى.ھونلاردىن ئىلگىرىمۇ بىر قەدەر كىچىكىرەك ‹دىڭلىڭ ئېلى›،‹خۇجىيە ئېلى›،‹ئاراغول ئېلى› (中山国)،‹كۇيفاڭ›،‹تۇفاڭ› قاتارلىق ھاكىمىيەت ۋە قورغان-قەلئە ھاكىمىيەتلىرى بولغان.بۇنىڭدىن باشقا،ھونلار بىلەن كۆكتۈرك خانلىقى پۈتۈن تۇران زونىلىرىدا ياشايدىغان ئۈچ چەمبەر  (شىمالىي،غەربىي،شەرقىي تۇران) تۈركىي قەبىلىلەرنى تامامەن بىرلەشتۈرۇپ بولالىغانمۇ-يوق،بۇ تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە.ھونلار راسا كۈچەيگەندە،بىر قىسىم توخارلار كۇشان ئىمپىريىسى قۇرغان بولسا،كۆكتۈرك خانلىقى غەربىي،شەرقىي خانلىقلارغا بۆلۈنگەندىمۇ كاۋكاز-دېنىپىر ئارىلىغا،شەرقىي ياۋرۇپاغا كەتكەن ھون-ئاۋار تۈركلىرىنى باشقۇرمىغانىدى.ئۈچىنچى،ئەڭ قەدىمكى تۇرانىيلارنى-ئاندرونوپ ساكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.ئۇلار ھون خانلىقىدىن ئىلگىرى ‹دى›،‹زەي›،‹تۇفاڭ› (土方)،‹جىن› (禁,真 )،‹جۇلى› (株离)،‹لىن لى› (林离) ناملىرىدا،جۈملىدىن ‹تۇران› نامىدا ئەپراسىياپ ھاكىمىىتى شەكلىدە ساقلانغان.ئەپراسىياپ (ئالىپ ئەرتۇڭا،فرانزاسىيان) نامى ‹تۇر› نامى بىلەن ‹ئاۋېستا› دا ئۇچىرايدۇ.يەنە ئۇ ئىران شاھى كەيخۇسراۋ بىلەن ئەپراسىياپ جەڭلىرى سۈپىتىدە خەلق ئارسىدا كەڭ ساقلانغان ۋە ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسىنىڭ ‹شاھنامە› سىگە ئاساس سالغان.بىز خوتەندە ساقلانغان ۋە شۇەنزاڭنىڭ ‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋىرىدە غەربكە ساياھەت› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن پىلە قۇرتىنىڭ ‹شەرقىي تۇ ئېلى›(东土国 )دىن كەلتۈرۈلگەنلىكى رىۋايىتى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭدىكى ‹تۇر› (مەسلەن:‹پالۋانتۇر› قاتارلىق ئىگىز تۆپىلىك ياكى ئىستېھكام،قاراۋۇل تۇرلىرى) ناملىرىنىڭ كەڭ قوللىنىلشى،بىزگە ‹تۇر›،‹تۈرك›،‹تۇران› مەنىلىرىنى ئەسلىتىدۇ.بەلكى قەدىمكى ‹تۇرانىيلار› شەھەر-قەلئەلىرى ‹تۇر› ئىبارىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتالسا كىرەك.》【5】
            ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بويىچە تەتقىق قىلىش قارىشى،ئىنسانىيەت مەنبەسىنىڭ بىردەكلىكى قارىشى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەر تارىخ قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ تۈرك چۈشەنچىسىنى تارىخى نۇقتىدىن مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:《1)تۈركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۆزگەرگەن-موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيلىك شەكلىدىن ئىبارەت؛2)تۈركلەر ئىرق تىپى جەھەتتە موڭغولوئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان-ساكلارغا،شەرقىي جەنۇنىي ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يىقىن تۇرىدۇ؛3)تۈركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۈتكۈل تۇران-مەركىزى ئاسىيا،سېرىق دەريانىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا،يەنى شىمالىي،غەربىي ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛4)ھونلار تۈركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت؛5)موڭغولوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمكى تۈركىي قەبىللەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس.تۈركلەشكەن موڭغولوئىدلار بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرقىي تەرەپتە) كۆپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرىغانلىقىنى،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەربىي تەرەپتە) ئازراق ۋە ۋاستىلىق ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرىمىز؛6)قەدىمكى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋرۇپا جىنىسىنى نىسپىي ساقلىغان ھالدا تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛7)ئەڭ قەدىمكى ئاندرونوپ-قاراسۇق-تاكار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى (خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسىي ھاياتىدا،تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.》【6】

3.تۈرك ئۆزگىرىش تارىخى قارشى

             دۆلىتىمىزدىكى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار تۈرك ئۆزگىرىش تارىخىنى ئوبىكتىپ باھالايدۇ.ئۇلارنىڭ پىكىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولسا،شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن،ھەر قايسى قەبىلىلەر ئوخشىمىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى،تارىختىكى تۈركلەرگە سىلىشتۇرغاندا،زىمىن،تىل،ئىگلىك شەكلى،ئۆرپ-ئادەت،جىسمانىي ئالاھىدىلىك ھەتتا دىننى ئېتىقادتا ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىش بولدى،تارىخ ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن،بۇنىڭدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ،مىللەتنىڭ ئۆزگرىشى مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلشى ۋە مەۋجۇدلىقىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى،دەپ قارايدۇ.【7】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ مەسىلىگە كەڭ دائىرىدىن باھا بېرىدىغان بولۇپ،تارىخى مۇقەررەلىك نۇقتىسىدىنلا تەھلىل قىلمايدۇ.بىر قاتار سىياسىي،ئىجتىمائىي ۋە جوغراپىيىلىك سەۋەپلەرنى نەزەرگە ئالىدۇ.ئۇنىڭچە،《تۈركىي خەلقلەر ھازىرقى زامان بىر پۇتۇن (بىر گەۋدە) مىللىتى بولۇپ چىقمىدى.بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئىچكى پارچىلىنىشى،تولا يۆتكىلىشى،شۇنداقلا قاراخانىيلار زامانىدا ‹تۈرك› ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ،‹تۈرك تىلى› (تۈركىي تىل ئەمەس) شەكىللەندۇرۇش ھەركىتىنىڭ قىدان (قارا خىتاي)،چىڭگىزخان،جۇڭغارلار تەرىپىدىن بىر قانچە قىتىملىق پارچىلىنىپ كېتىشى،ئوغۇز سالجۇقلىرىنىڭ كۆچۈشى قاتارلىقلار سەۋەب بولدى.》【8】ئۇ يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچكى ئىتىتىپاقسىزلىقى،ئۆز بىشىمچىلىقى،روھى جەھەتتىكى مەنىۋىي ئاجىزلىقلىرىنى تەكىتلەپ:《تارىخ پات-پات مەركىزى ئاسىيادا بىرەر مىللەتنى ئاساس قىلغان پارچە ھاكىمىيەتچىلىكنىڭ يۈز بېرىپ كەلگەنلىكىنى،بۇ پارچە ھاكىمىيەت ئاقساقاللىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ گۈركىرەشكەنلىكلىرى بىلەن،ئۇلارنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنى ئارقا تېرەك قىلىش،ئۇلاردىن مەلىكە ئىلىپ قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ساقلاش،ئۇلارنىڭ بەرگەن ئۇنۋانلىرىنى ياكى نەسەپ ناملىرىنى ئۆزىگە تىل تۇمار قىلېۋىلىش خاھىشىنىڭ بىللە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇردى.خوتەن خانلىرىنىڭ ‹لى› فامىلىسىنى،قاراخانىيلار ئىلىك خانلىرىنىڭ ‹تاۋغاچ› نامىنى،بابۇرىيلار ئىمپېرىيىسى پادىشاھلىرى ۋە سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ‹موغۇل› نامىنى قوللىنىشى ئەنە شۇ ھەم پارچە مۇستەقىل ھاكىمىيەتچىلىك ھەم بېقىندى روھىيەت زىددىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى.ئوتتۇرا ئاسىيا،قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سوۋىت روسىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنكى روھىي ھودۇقۇشلىرىدىمۇ بۇ ھادىسە تەكرارلاندى.》【9】دەيدۇ.
            

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۈرك قارىشى ئۇنىڭ مىللەت ۋە قىممەت قارشىغا ئاساسلانغان بولۇپ،بىر پۈتۈن تارىخ قارىشىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت.ئەلۋەتتە،بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
                                           2013-يىلى 17-ئىيۇل،قورغاس.
نەقىل مەنبەلىرى
1ليۇ شىگەن:《تۈرك قاغانلىقى تارىخى》(ئەخمەتجان مۆمىن تەرجىمە قىلغان)،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى 1-بەت.
【2】لىن گەن:《تۈرك تارىخى》(يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى نەشىرى.
徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。
3ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى مۇقەدىمە 10-11-بەتلەر.
ئارى①-گرىكچە كۆپلۇك مەنىسىدە 《ئارىيان》دەپ ئاتىلىدۇ.
【4】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,5،4页,民族出版社,2009。
【5】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 114-115-بەتلەر.
【6】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 124-125-بەتلەر.
【7】徐黎丽主编:《突厥人变迁史研究》,1页,民族出版社,2009。
【8】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى 125-بەت.
【9】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»(تۇران تارىخى) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى552-بەت.
ئاپتور: ئېلشاد رەخىم衣力夏提·热黑木江  (قورغاس ناھىيەسىدىن)
يانفون:15276338094
پوچتا نومىرى:835200

1

تېما

2

دوست

563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5496
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 23:48:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sandal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-24 14:26  

ئۇرخۇن خاندانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ بىرىدە تۈركلەرنىڭ ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان «توققۇز ئوغۇزلارئۆز خەلقىم ئىدى»دىگەن پۈتۈك بار،ئالىملار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك قاراش دەپ قارايدۇ.چۈنكى ئوغۇزلار قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىچىدىكى بىر تارماق ئىكەن.مەھمۇت قەشقىرى تۈركى تىللار دىۋانىدا«ئالىكساندىر ماكودىنىستكى ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرك چەۋەندازلىرى ئۇنىڭغا قارشى ئات سېلىپ چىقتى...ئۇلار ئات ئۈستىدە ئوقيانى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەيىنگىمۇ شۇنداق ئاتاتتى»دەپ بايان قىلغان. ئويلاپ باقايلى ئالىكساندىر ماكودونىسكى ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشسا ئۇيغۇر چەۋەندازلىرى ئات سېلىپ چقماي نىمە ئۈچن تۈرك چەۋەندازلىرى ئات سېلىپ چىقىدۇ،بۇ يەردە مەھمۇت قەشقىرى تۈرك بىلەن ئۇيغۇرنى ئالماشتۇرۇپ قويغانمۇ؟ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!  تۈرك ۋە دۆلىتىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلغان ئاتاقلىق ئالىم لىن گەن ئۆزىنىڭ تۈرك تارىخى دىگەن ئەسىرىدە«ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرۈكلەر بىر مىللەت دىگەن قاراشنى دادىل ئوتتۇرغا قويغان،   تۈرك تارىخى،   ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى  بارلىق خەنزۇچە ماتىرياللاردا  تۈرك،ئۇيغۇرنىڭ  ئىتنىك مەنبەسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا ئوخشاشلا«دىڭلىڭ»»«تىلى»دىگەن ناملار تىلغا ئېلىنىدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن.ەزى تارىخى مەنبەلەردە ئۇيغۇرلارنى جۇڭگو تۈركلىرى دەپ ھەتتا ئىلىدىكى تارانچىلارنىمۇ تارانچى تۈركلىرى دەپ ئاتىغانلىق ھەرگىز ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.


قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 3360
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 23:48:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭدۇرگەن ئەجىرىڭىزگە كوپ رەھمەت ، بىلىۋالدىم.

13

تېما

6

دوست

1621

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-21 23:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

تارىخ يەڭگۈچىلە

0

تېما

0

دوست

321

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13516
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 83
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 03:21:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ بىز ئۈچۈن ساۋاق بولسا، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئەينەك بولىدۇ.

0

تېما

2

دوست

4028

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16890
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1176
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 06:38:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر

1

تېما

0

دوست

1573

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14533
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 10:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
''تۈرك'' سۆزىنىڭ مەنىسى  جاھاننىڭ تۈۋرىكى دىگەن  مەنىدە.ئۇنى باشقىچە تەھلىل قىلىشنىڭ  قىلچە ئەھمىيىتى يوق.

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22072
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 12:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏بۇ باغداشنىڭ باشقۇرغۈچىلىرى يوقمۇ،،ياكى بۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ناچارمۇ؟تۈنۈگۈن تىمىدىن بىرنى يوللىسام ھازىرغىچە تەستىقلىمىدى،،،سىلەرمۇ تىمىنى ئېگىسىگە قاراپ تەستىقلەمسىلەر..ھىچ بىلمىدىم...!!!ياكى باغداش پۈتۈنلەي چوڭ ئەربابلارنىڭ مۇنازىرە قىلىدىغان مۇنبىرىمۇ...؟؟؟؟؟؟؟باشقۇرغۇچى قېنى بىر چۈشەنچە بېرىڭە...؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

502

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11969
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 18:24:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت،

0

تېما

0

دوست

303

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21809
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 19:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن، كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدۇق
بىز ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى ياخشى كۆرمىز،تۈركلەرمۇ ئۆزبەككە قارغاندا بىز ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆردىكەن،تۈركلەرنىڭ تارىخىنى چۈشىنىپ قويساق ياخشى..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )