قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: idikut510

ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

642

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12776
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ھازىر ساقچى بىلەن ئوقۇتقۇچى بولماق ئەڭ ئاسان ،نەتىجىسى :سۈپەت بىريەردە قالدى

0

تېما

1

دوست

642

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12776
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ياخشى ئوقۇغان دوسلۇرۇمدىن ياخشى ئوقۇغانلىرى بانكا،مەمۇرىي  ،شىركەتلەردە ئىشلەۋاتىدۇ . ھىچنىمىنى ئۆگەنمەي چىكەتكەنلىرى ئۇدۇل ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتان بېرىۋاتىدۇ،ئاددىيسى  تولۇقسىزدىكى ئاق چىكىدىكەن دەپ ئاڭلايدىغان بىر ساۋاقدىشىم ساقچى.
بۇ ئىككى كەسىپكە قانچە ئاسان كىرگىلى بولغانسىرى ،ئىككى كەسىپنىڭ ئورنى شۇنچە تۆۋەنلىشىپ ماڭدى.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23452
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە بۆلۈنگەن چاغدا مېنى قوبۇل قىلغىلى بارغان مەسئۇل خادىم «سوت، تەپتىش، ئەدلىيە، تېلىۋىزور ئىستانسىسى، گېزىتخانا، مەكتەپتىن قايسىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ» دېگەندە مەن ئىككىلەنمەي ئوتتۇرا مەكتەپنى تاللىغان، يەنە شۇنداقلا «ئادەم ئاز، شارائىتى ناچار يەرگە بارىمەن» دەپ شىنجياڭ سانائەت ئىنىستىتوتى بىلەن سانجى مائارىپ ئىنىستوتىنى تاللىماي شىمالىي شىنجياڭدىكى بىر كىچىك رايوننى تاللىغان. بۇ چاغدا مېنى دوست-بۇرادەرلىرىم دۆت-كالۋا دەپ ئەيىپلىگەن. لېكىن مەن ئۆزەم سۆيگەن كەسپكە ئېرىشكەنلىكىمدىن ھازىرغىچە خوش، باشقىلار شەرەپلىك دەمدۇ، پەس دەمدۇ پەرۋايىم پەلەك، قانداق باھا بەرگەنلىكىدىنمۇ شۇ باھاچىنىڭ ساپاسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەن ھەرقېتىم جەمئىيەتكە چىققان ئوقۇغۇچىلىرمنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا خوشال-خورام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، «مۇئەللىم، سىز بىزنى چىڭ تۇتمىغان بولسىڭىز، ياخشى تەربىيلىمىگەن بولسىڭىز بىزگە بۇ كۈن نەدە تۇرۇپتۇ» دېگەندەك گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزەمنى ئوغۇزخاندەك، چىڭگىزخاندەك سېزىمەن. گەرچە جەمئىيەت، بەزىبىر باشقا كەسپ ساھىپلىرى...ئوقۇتقۇچىلىققا ئۇنداق، مۇنداق باھا بەرسىمۇ مەن ئانچە خاپىلاپ كەتمەيمەن. چۈنكى بەش بارماق ئەزەلدىن تەڭ ئەمەس ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەڭ بولالمايدۇ. ئوقۇتقۇچى باشقا كەسپكە ئالماشتۇرۇلسا ئىشلىيەلەيدۇ، لېكىن باشقا كەسپ كىشىلىرى  ئوقۇتقۇچىلىققا ئالماشسا ئىشلەپ كېتەلىشى ناتايىن. ئەلۋەتتە ھەممە مەسئۇلىيەت ئوقۇتقۇچىغىلا ئارتىپ قويۇلسىمۇ ئادىللىق بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچى بالا باققۇچى ئەمەس. 8 يىلغىچە ساۋادى چىقمىغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ مېنىڭچە بالىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئا» بىلەن «ب»نىڭ يېزىلىشىنى ئۈگىتىپ باققانلار ئەمەس. شۇڭا ئادەملەرگە، شەيئىلەرگە باھا بەرگەندە يۈرىكىمىزگە قول سېلىپ بېقىپ ھەققانى باھا بېرىشكە تىرىشساق.

0

تېما

0

دوست

790

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 139
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-16
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!
فېليەتون
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:
كەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.
     ئويۇنغا بېرىلسە سېسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى – ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دېگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
     كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا!
     ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟
     18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟
      ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.
     نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.
     ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.
قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟
    سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟
-       تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟
-       مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم....
-       تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟
-       مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.
-       .....
     شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟
     پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟

ئەكبەر

7

تېما

0

دوست

1473

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12786
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 116
تۆھپە : 373
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇشۇ ئۇقۇتقۇچىلىقتىن زىرىكىپ باشقا كەسىپكە ئالمىشىپ چىقىپ كىتىدىغانلار 40-50مىڭ يۇەننىڭ كۆزىگە قارىماي ئالمىشىپ كىتىپ بارىدۇ .
يېزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار شەھەرگە كىلىش ئۈچۈن20-30مىڭ يۇەن تۆلەپ(ئارىيەتكە)كىلىۋاتىدۇ .رەسمىيىتىنى يۆتكەپ كىلىش ئۈچۈن 30مىڭدىن يوقۇرى خەجلەۋاتىدۇ ،ھەي بازار ئىگىلىگى .بۇمۇ رەھبەرلەرنىڭ پۇل تاپىدىغان مۇھىم مەنبىيى بۇلۇپ قالدى .

1

تېما

0

دوست

678

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ يازمىنىڭ ئىگىسى ھەقىقەتەنمۇ لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى ئككەن.ئەمىلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاش تەمىناتى جەمئىيەتنىڭ ئتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن كۆپ ئۈستۈن.خىزمەتكە چىلقىپلا 3000يۈەندىن ئارتۇق مۇئاش ئېلىۋاتقانلارنى كۆرۈۋاتىمىز. دۆلەت مەمۇرلىرىدىن باشقىلار بۇنچىلىك مۇئاش ئېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل مەدىكارلىق قىلىشى كېرەكقۇ؟

1

تېما

1

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12063
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 261
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما ئىگىسىنىڭ دىگەنلىرى ھەقىقەت...
مائارىپ ئۆز ئورنىنى تاپسا ،ئوقۇتقۇچىلار ،تەرەققىيات ۋە تەربىيلەشنىڭ ئەسلى قانۇنىيتى بويىچە ،ماشىنا ئادەمدەك ئەمەس،ھەقىقي ئادەمدەك ئىشلىسە بولاتتى...
يىزىپ بولالماي ساراڭ بۇلۇپ كىتىپ ،ساناتورىيىدە ئۆزىنى كۆرمىسىلا بولاتتىغۇ بىر قىسىملار...

3

تېما

0

دوست

2415

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8104
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 422
تۆھپە : 463
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئالدى بىلەن مۇنبەرگە تىما چىقارغۇچى ھەرگىزمۇ ئۇقۇتقۇچىلىقنى پەس بىلىدىغان ئادەم ئەمەس.ئارتۇقچە قىلىنغان تۆھمەتلەر ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىلىشقا تىگىشلىك.تۆھمەت قىلىش قەبىھ گۇناھ.
  مەن ئۇقۇتقۇچى.ماقالىدا كىنايە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ،تۈزىتىشكە تىگىشلىك دەپ قارالغان مەسىلىنى ئىنكاس قىلماقچى.ئەجىبا ئۇلۇغ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىىمىز ئۈچۈن دەرت تارتساقمۇ ئىچىمىزگە يۇتۇپ كەسپىمىز ئۇلۇغ دەپ تۇرىشىمىز كىرەكمۇ؟سىلەرچە ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ھىسياتلىق  قىلىپ ئېيتىلغان رەھمەت سۆزلىرى بولسىلا بۇلامدۇ؟
مەكتەپ مۇدىرىدىن ناھەق تاياق يەپ ،يەنە تۈرمىگە تاشلانغان ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن،ئۇقۇغۇچىسىغا قاتتىق تەلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن قايتىش يۇلىدا  ئۇقۇغۇچى تەرىپىدىن پىچاق تىقىۋىتىلگەن ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن،بىر يىل جاپالىق  ئىشلەپ يىل ئاخىرىدىكى ئۈنۈم مائاشى ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان  ئۇقۇتقۇچىلار ئۈچۈن، باشلىقلارنىڭ ئۇرۇنسىز تەلەپلىرىگە ماقۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەت مەكتەپلەرگە يۆتكىۋىتىلگەن مىھنەتكەشلىرىمىز ئۈچۈن،بالىسى قاتتىق ئاغرىپ قېلىپمۇ رۇخسەت سۇرالمىغان ئانا بولغۇچى ئۇقۇتقۇچى ئۈچۈن ،يەنە ئاللىقانداق كۈزىمىز كۈرۈپ ،قۇلىقىمىز ئاڭلاپ تۇرىۋاتقان ئۇقۇتقۇچى كۈندە ئۇچراۋاتقان خورلۇقلار ،ناھەقچىلىقلار ئۈچۈن پەقەت يەنە پەقەت«بۇپەقەت قىسمەن ئەھۋال،سىلەرنىڭ كەسىپ ئۇلۇغ،شەرەپلىك ،چىداڭلار دەپ قويساڭلارلا بۇلامدۇ؟
بەزىلەرنىڭ دىيشىچە زارلىغانلار مەدەنىيەت سەۋىيسى تۈۋەن ،ئۇقۇتقۇچى تەربىيسى ئالمىغان،لاياقەتسىز،ھەتتا شەرەپسىز ئۇقۇتقۇچى ئىكەن.ئۇنداقتا مەنمۇ زارلاپ ئولتۇرماي سىلەرگە بۇ شەرەپنى تەۋسىيە قىلاي: بىزمۇ ۋاز كەچمەيلى ،كىلىڭلار قۇشۇلۇشنى خالايدىغانلار بۇ شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولساق قانداق.
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىنكاستا ئېغىر بېسىق بۇلىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )