دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا <<ھوقوق تارتىۋېلىش>> نىڭ ئالدى-كەينىدىكى جۇئېنلەي بىلەن چېن يى
داۋۇت ساۋۇت تەرجىمىسى
1949-يىلى 1- ئۆكتەبىر ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش دۆلەت مۇراسىمىدا رەئىس ماۋزېدوڭ تيەنئەنمىن راۋىقىدا تۇرۇپ : <<جۇئېنلەي دۆلەت مەمۇرىي كېڭىشىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ، قۇشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنسۇن>> دەپ تەنتەنە بىلەن جاكارلىدى . شۇنىڭدىن ئىتبارەن ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرىغا ئىگە بولدى .
توققۇز يىلدىن كېيىن ، يەنى ، 1958-يىلى فېۋرالدا ئېچىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ 5-سانلىق يىغىنىدا جۇئىنلەي زۇڭلى ئۆزى قۇشۇمچە ئۆتەپ كەلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىيپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ، مۇئاۋىن ، زۇڭلى چېن يىنى يېڭى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد دىپلوماتىيە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى .
چېن يى جۇئىنلەي قۇشۇمچە ئۆتەپ كەلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىيپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن پارتىيە مەركىزى كومېتېتىدا تاشقى ئىشلار گۇرۇپىسى ، گوۋۇيۈەندە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىدۇ ، چېن يى مەركىزىي تاشقى ئىشلار گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقلىقى بىلەن گوۋۇيۈەن تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەيدۇ ، دەپ قارار چىقاردى . شۇنداق قىلىپ ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىچكى مەمۇرىي خىزمەت ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئادىراش بۇلۇپ كەلگەن جۇئېنلەي زۇڭلى ئاخىرى ناھايتى ياراملىق بىر ياردەمچىگە ئېرىشتى . شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ، جۇئېنلەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك يادروسىدىكىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە تاللىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى .
بۇ ئىلگىرى-كېيىن تەيىنلەنگەن ئىككى دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ بىرسى دۆلەتنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى ، يەنە بىرسى ئۈچ ئارمىيە مارشالى ئىدى . بۇ ئىككىسى ھەم رەھبەر ۋە رەھبەرلىك قىلىنغۇچى ھەم سەبداشلاردىن ئىدى . ئۇلار ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىلنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم جۇڭخۇا ئەزمەتلىرى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن ياۋرۇپاغا بارغان مەزگىللىرىدە باشلانغان . نەچچە ئون يىللىق بوران-چاپقۇن بۇ ئىككى ئىنقىلابچىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئاجايىپ جاسارىتىنى تاۋلاپ يېتىلدۈرۈپلا قالماي ، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي دوستلۇقىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كۈنسېرى كۈچىيىپ بارغان ، چوڭقۇرلاشقان . دەل مۇشۇ ئىككىسى خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت يېڭى ۋەزىيتىنى ئېچىشتەك ئېغىر ۋەزىيپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . 1965-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 49 دۆلەت مەملىكىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان . يېڭى جۇڭگو خەلقئارادا كۈندىن كۈنگە زور ئىززەت - ئابروي تاپقان .
ئەمما ، چېن يى دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇلۇپ توققۇز يىلدىن كېيىن ، مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي بوران بىپايان جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى . يېڭى جۇڭگو تېخى يېڭىلا بەرپا قىلغان دىپلوماتىيە ۋەزىيتى ئېغىر ئېغىر توسالغۇغا ئۇچۇردى . دىپلوماتىيە يۆنىلىشى ۋە سىياسىتىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قالايمىقانلاشتۇرۋېتىلدى . ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ئۆزگىرىشچان بۇ ۋەزىيەت ئالدىدا جۇئېنلەي ۋە چېن يى باشقا ئىنقىلاپچىلارغا ئوخشاشلا غەم-ئەندىشىگە پاتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەچچە ئون يىللىق ئىنقىلابىي كۆرەش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن سوتيالىزىم ئىشلىرىغا بولغان مۇستەھكەم ئىشەنچ ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن قۇرۇپ چىققان خەلق جۇمھۇرىيىتىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى ۋە يۈكسەك مەسئۇليەت تۇيغۇسى بىلەن ، ھايات-ماماتىغا پىسەنت قىلمىغان ھالدا شىددەتلىك كۆرەش قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى . لىن بياۋ جياڭ چىڭ ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قۇترىشى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان ئىنتايىن سول سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى جەسۇرانە قايتا-قايتا كۆرەش ئېلىپ باردى . بۇ جەرياندا ، بۇ ئىككى نەپەر ئىنقىلابىي سەبداش ئارىسىدىكى دوستلۇقمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ ، كۆزنى قاماشتۇردىغان يارقىن نۇرلىرىنى چاچتى .
1966- يىلى باھاردا باشلىنىپ ، بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بۇ سىياسىي بوراندا نەچچە ئون يىلدىن بويان باشتىن - ئاخىرى سىياسىي كۆرەشنىڭ شىددەتلىك قايناملىرىدا باتۇرلارچە ئېلىشىپ كەلگەن جۇئېنلەينىڭمۇ ئىدىيۋى تەييارلىقى بولمىغاچقا ، كۆپ قېتىم پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالدى . <<قىزىل قوغدىغۇچى>> لار ھەرىكىتىدە ئۇ بىر نەچچە نۆۋەت كۆڭلىدىكىنى ئاشكارلاپ <<بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بۇلىشى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن ، بۇنچىلا زور ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ قوزغىتىلشىنى ئويلاپمۇ يەتمەپتىكەنمەن . رەئىسنىڭ يېنىدا يۈرىۋاتقان بىزگە ئوخشاشلار رەئىسنىڭ ئىدىيسىگە ئەڭ يېقىندىن ئەگەشتۇق ، ئۇنى ئەڭ ياخشى ئۆگۈنۈپ ، شۇ بويىچە ئىش قىلدۇق ، دەپ يۈرۈپتۇق ، ئەمدى قارىساق ، يەنىلا ئەگىشىپ ماڭالماپتىمىز . ھە دېسىلا سەپتىن چۈشۈپ قاپتىمىز >> دېدى . دۆلەتنىڭ <<3-نۇمۇرلۇق >> رەھبىرى ، گوۋۇيۇەننىڭ زۇڭلىسى بولغان جۇئېنلەي ئورنى ، خارەكتىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى سەۋەبىدىن ، تۈرلۈك سورۇنلاردا سۆز قىلغىنىدا تەبئىي ھالدا ئېھتىياتچانراق بۇلۇشى كېرەك ئىدى ، ئەلۋەتتە . ئەمما ، ئۇ باشتىن - ئاخىر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە ، سىياسەتكە دىققەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى .
مەسلەن ، <<توپقا تۇتايلى!>> <<پارتلىتايلى!>> <<يوقۇتايلى!>> شۇئارلار ئالامنى بىر ئالغاندا ، جۇئېنلەي بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمىدى ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھە دەپ قۇشۇلىۋەرمىدى ، بەلكى ، پارتىيمىزنىڭ ئىزچىل سىياسىتىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ ، ھەممىدىن گۇمانلىنىشقا ، ھەممىنى يوقۇتۇشقا قارشى تۇردى . ئۇنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلار ۋە ئىسيانچىلارغا نەسىھەت قىلىپ ، ئۇلارنى قايىل قىلىشىدىكى بىر مۇھىم نوقتىئىينەزى شۇكى : مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى 17 يىلدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . كەمچىلىك ، خاتالىقلار ئىككىنچى ئورۇندا ؛ شۇڭا ، ھەممىلا جاي ، ھەممىلا ئورۇندىكىلەرنى <<قارايىپ>> ، <<گېزەندە>> لەر ئۇۋىسى ، ھەممىسىدە <<كاپتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقوقدار>> لار بار ، دېۋىلىشقا بولمايدۇ ، دېگەندىن ئىبارەت بولدى . ئۇ ئېيتقان <<بارلىق خىزمەت>> ئىچىدە تەبئىيكى ، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇ ئۆزى ۋە چېن يى مىنىستىرلىقىنى ئۆتەپ كەلگەن دىپلوماتىيە خىزمىتىمۇ بار ئىدى . ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇئېنلەي تۇنجى قېتىم نوقتا قىلىپ تۇرغان ئورۇن بېيجىڭدىكى مەلۇم چەت تىللىرى ئىنىستىتوتى بولدى ، ئۇ ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېن يىنىڭ دىپلوماتىيە سىستېمىسىدىكى ھەرىكەت ئەھۋالى توغۇرلۇق بەرگەن دوكىلات ئاڭلىدى ، دىپلوماتىيە سىستېمىسىدىكى ھەرىكەتكە ئائىت يوليۇرۇقلانىمۇ دائىم دېگۈدەك چېن يى بىلەن بىرگە ئىمزا قۇيۇپ چۈشۈردى .
يېڭى جۇڭگونىڭ ئىككىنىچى ئەۋلاد دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان مارشال چېن يىنىڭ مىجەزى خۇشخۇي ، ئۇچۇق ئىدى ، ئۇ ئۆمىرىدە شۇنچە يىللارنى لەشكەر باشلاپ جەڭ قىلىپ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، شېئىرىي ئىلھامى جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، پارتىيە ئىچىدىكى ئالىي رەھبەرلەردىن چېن يىلا ماۋزېدوڭنىڭ ئالدىدا تۈزۈت قىلماي ، ئۆزىنى ئەركىن - ئىختىيارى تۇتىدىكەن ، شۇنداقلا ، ماۋزېدوڭنىڭ بىر نەچچە <<شېئىرداش>> لىرىنىڭ بىرى ئىكەن ، كونىلاردا <<تاغ يۆتكىگىلى بولىدۇ ، ئەمما ، مىجەزنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ >> دەيدىغان تەمسىل بار ، ھالبۇكى ، بۇ بىر مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى نۇرغۇن ئادەمنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتكۈزۈپ ئاپتاپ پەرەستەك قىلىۋەتكەن ئىدى ، مانا مەن دېگەنلەرمۇ كۆرىۋاتقىنىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ قىلدىغان بۇلۇپ قالغانىدى . مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۇ قېتىمقى <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> ھەقىقەتەن كىشلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى خەلقى- ئالەم ئالدىدا ئاشكارە قىلىدىغان توۋا ئۇقۇش بولدى . ۋەھالەنكى ، مايىللار ياشايدىغان ، قارشى چىققانلار ئەدىپىنى يەيدىغان ئاشۇنداق <<ئېقىم>> ئالدىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز چېن يى <<زاماننىڭ رايىغا باقماي>> قانداقلىكى سورۇندا بولسۇن ، ئۇسۇرۇندا مەيلى نەچچە ئون ئادەم ياكى نەچچە تۈمەن ئادەم بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر ، ھامان بىر نەچچە ئېغىز كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلىپ يۈرىۋەردى . ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى <<ئىنقىلابىي>> قىزغىنلىقى چېكىگە يەتكەنلەرگە ئانچە-مۇنچە سوغۇق سۇ سەپكەندەك بولدى . 1966 -يىلنىڭ كۈز پەسلىگە كەلگەندە ، پارتىيە ئىچىدىكى يۇقۇرى قاتلامنىڭ قايتا-قايتا قوزغىشى (يەنى ، مايدا ئېچىلغان مەركىزىي سىياسىي بيۇرۇنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ، ئاۋغۇستتا ئېچىلغان 8-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىتىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇمۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ۋە ئۆكتەبىردە ئېچىلغان مەركەزنىڭ خىزمەت يىغىنى ) ئارقىسىدا ، <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> ئاخىرى پۈتۈن مەملىكەتكە يېيىلىپ ، ئالەم مالىمان بولىدىغان پەيىت مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالدى . بۇ چاغدا <<ئىچكى ئەنسىزلىك تاشقى بالا-قازانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ>> غانلىقتەك مۇقەررىرلىكىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن چېن يى سەۋىر - تاقىتىنى يوقاتقان ھالدا تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆز قىلىپ ، پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىچىدە بىرىنچى بۇلۇپ ، <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي>> قوزغالغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك خاتا قىلىقلارنى سۆكتى .
ئەسكەرتىش : باغداشقا خاس . كۆچۈرمەڭ
|