«تارىم مۇمىيالىرى» دۇنيادىكى بۈيۈك يۈز سىر قاتارىغا
كىرگۈزۈلدى
ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتوندىن چىقىدىغان «ناتىئونال گېئوگرافىك» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «بۈيۈك يۈز سىر نامايان قىلىندى» ناملىق مەخسۇس سانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى جەسەتلەر يەنى تارىم مۇمىيالىرىمۇ ئورۇن ئالغان.ژۇرنالنىڭ 14-بېتىدە يەنى بۈيۈك يۈز سىرنىڭ تۆتىنچىسىدە «تارىم مۇمىيالىرى كىملەر؟» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىدە تارىم مۇمىيالىرى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئارخېئولوگلار ھەيران قالارلىق يېڭى بايقاش دوكلاتىنى خەۋەر قىلدى. جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلىك تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىدىن ئارخېئولوگلار، تاشقى قىياپىتى ياۋروپا تىپىدىكى جەسەتلەرنى بايقىغان. جەسەتلەر تارىم دەرياسىنىڭ ۋادىسىغا يېقىن ئەتراپقا كۆمۈلگەن. مۇمىيالارنىڭ بويى ئۇزۇن، چاچلىرى سۇس سېرىق، قوڭۇر رەڭلىك، غەربلىكلەرنىڭ قىياپىتىدە بولۇپ،4000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئىدى. كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان جەسەت يۇڭ توقۇلما بىلەن يۆگەلگەن، بېشىغا قالپاق كىرگۈزۈلگەن، قالپاقنىڭ يېنىغا قۇش پېيى قىستۇرۇلغان.بۇ جەسەت گويا ئالپىس تېغىغا چىققۇچى تاغ تەنھەرىكەتچىسىگە ئوخشايدۇ. ماقالىدە د ن ئا يەنى گېن ئانالىزچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
گېن ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە كىچىك دەريا ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ قىياپىتى راستىنىلا غەربلىكلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئەسلى ياۋروپالىقلار بىلەن لىبېرىيەلىكلەرنىڭ ئارىلاشما نەسلىدىن بولۇشى ئېھتىمال. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىسپاتلىساق شەرقىي ياۋروپالىقلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگىچە ھىندى- ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان تۇخارلاردىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى سوئاللار يەنىلا ئېشىپ قالدى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،تارىم خەلقىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە تاۋاپ قىلغىلى كەلگەنلىكى ھازىرغىچە نامەلۇم. ماقالىدە يەنە ئىككى پارچە رەڭلىك رەسىم كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بىرى كۆمۈلگەن مۇمىيا، يەنە بىرى بولسا تارىم ئويمانلىقىدىكى نىيە ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نىيە خارابىسى قەبرىستانلىقىدۇر. ژۇرنالدا يەنە «چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى نەدە»؟ «نوئاھ ئەلەيھۇسالامنىڭ كېمىسى ئارارات تېغىغا كۆمۈلگەنمۇ؟» دېگەندەك سىرلىق ۋەقەلەر ۋە ئىنسانلار توغرىسىدا جەمئىي يۈز پارچە ماقالە بېرىلگەن. بىز مەزكۇر ژۇرنالدا بېرىلگەن تارىم ئويمانلىقىدىكى تارىم دەرياسى ئەتراپىدىن تېپىلغان جەسەت ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، ماقالىدە كۆرسىتىلگەن جەسەتنى كروران گۈزىلىنىڭ جەسىتى دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز. سەۋەبى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئارخېئولوگىيە ئالىمى، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندىم ئۆزىنىڭ 1993-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلغان «قەدىمكى كروران گۈزىلى قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش جەريانى» ناملىق مەشھۇر تەتقىقات ماقالىسىدە بۇ ھەقتە تولۇق ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق بايان قىلغان:
-بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان «كروران گۈزىلى»نىڭ قەبرىسى 1980-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان.بۇ قەدىمكى قەبرە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى (يەنى لوپنۇر كۆلىگە قويۇلىدىغان ئېقىمى) بىلەن تىمەن دەرياسىنىڭ قولتۇقى (ئۈچ بۇرجەك ۋادىسى) غا توغرا كېلىدىغان بىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نىسپىي ئېگىزلىكى 7-8 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېگىزلىككە جايلاشقان قەدىمكى قەبرە قېزىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئابيومى تۆۋەندىكىدەك بولغان: لەھەت سوقىچاق تۆت چاسا قېزىلغان بولۇپ،چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا،ئۇزۇنلۇقى 1.74 مېتىر،كەڭلىكى 0.7.لەھەت ئىچىگە بىر ئايال يەنى (كروران گۈزىلى) نىڭ جەسىتى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان پېتى دەپنە قىلىنغان. يۈزىگە كەندىر چىۋىقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن ناھايىتى قېلىن ۋە زىچ قىلىپ قاتۇرۇلغان بىر خىل ئالاھىدە ياپقۇ يېپىلغان. ئايالنىڭ بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق قالپاق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قالپاقنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان. ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك يۇڭ يىپتىن قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما يۆگەلگەن.پۇتىغا بۇغا تېرىسىدىن تىكىلگەن پوپۇچ كىرگۈزۈلگەن.ئايالنىڭ ئېڭىكى سەل ئۇچلۇق، كۆزلىرى يوغان ۋە چوڭقۇر، قاش-كىرپىكلىرى ئۇزۇن ۋە قويۇق، بۇرنى قاڭشارلىق ۋە ئىنچىكە، كالپۇكى نېپىز، چاچلىرى سۇس قوڭۇر بولۇپ مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئانالىز قىلىپ، جەسەتنىڭ 3800 يىل بۇرۇنقى جەسەتلىكىنى بېكىتتى. شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ 40-45 ياشلار ئەتراپىدا،بويى ئېگىزلىكى 152 سانتىمېتىر،قۇرۇپ قالغان جەسەتنىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 10.7 كىلوگرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇندىن باشقا ئاناتومىيىلىك كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ قان تىپى ئو بولۇپ چىققان. ئارخېئولوگىيە ئالىمى، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە نىيە خارابىلىكى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ،ئۇ،بۇ ھەقتە مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن:نىيە ناھىيىسىدىكى قەدىمكى نىيە خارابىسى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان 2000 يىل بۇرۇنقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇ جەسەتلەر بىلەن بىللە كۆرگەزمە قىلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىر قوزغىدى. ئۇندىن باشقا ياپونىيە تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، سېئىشۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان،«دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە»ناملىق كىتابقا «يىپەك يولىدىكى كروران، قۇمغا كۆمۈلگەن پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا كروران گۈزىلى كىرگۈزۈلگەن. ياپونىيەلىك يىپەك يولى تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى نورىكو خانىم، ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كروران گۈزىلى» كۆرگەزمىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
-مەن 1992-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە فۇكۇئوكادا ئۆتكۈزۈلگەن كروران گۈزىلى كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپالىقلار بىلەن ئوخشاش چىراي شەكىلدە ئىكەنلىكى تولىمۇ ھەيران بولغان ئىدىم.
|