قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2592|ئىنكاس: 12

دېھقان پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى سەرگۈزەشتىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

7805

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1229
توردىكى ۋاقتى: 1373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-28 20:34:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار، ئاتا-ئانىلار، دوستلار ۋە ئۇكا سىڭىللار:
           ياخشىمۇسىلەر! مەن سىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇغان «دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتىلىرى» دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولىمەن. بۇ ماقالەم 2009 يىلى 4-3-ئايلاردا مەرھۇم توربەتلەرگە يوللانغان بولۇپ، ئاشۇ ۋاقىتىنىڭ ئۆزىدىلا كۆرۈلۈش سانى نەچچە ئونمىڭدىن، ئىنكاس سانى بىر نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. كېينىچە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەرىپەت بلوگىغا، تۇرسۇنجاننىڭ جېك بلوگىنغا كۆچۈرلۈپ چاپلانغانىدى... تور بەت ئىشلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېين باغداش تورىدا يەنە ئېلان قىلغان ئىدىم. بۇ مۇنبەردىمۇ ھازىر يەنە كۆرۈلۈش سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. توردىن ئىزلەپ باقسام، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تور بەتلەرگىمۇ چاپلىنىپتۇ. ھەتتا كۆكنۇر تىبابەت تور بېكىتىدىمۇ ئورۇن ئەپتۇ. ئاددىغىنا سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا كۆرۈلۈش سانى نەچچە يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇنبەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇ يەردە مېنىڭ مەقسىتىم كۆرۈلۈش سانى بىلەن مەغرورلىنىش ئەمەس، بەلكى كىچىكنىنە ھايات كارتىنامنىڭ باشىقىلارغا زور ئىلھام بولغانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئوقۇتقۇچىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئاشۇ يىلى مېنىڭ يېزامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى 40% گە يېتىپتۇ.  ماگستىرلىق ئۇقۇيدىغان ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان قىزغىنلىق ئېشىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يېزىدىمۇ نەچچىلىگەن ئۇكا سىڭىللىرىم ھازىر چەتئەللەردە ئوقۇۋاتىدۇ. بەلكىم مەن ئاشۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەندەك بولدۇم.  مەن يەنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى، ئوقىغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشىنى بەكمۇ ئارزو قىلىمەن. شۇڭا مەن ھاياتىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى يولغان دوكتورلۇق ئوقۇشتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.

بۇرۇنقى ئەسەرنىڭ ئادرىسى:


./read.php?tid=1917
                 ئاللاھ مۇشۇ ماقالام ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇكا-سىڭىللىرىمغا، دوسىتلىرىمغا ئىلھام بېرىشنى مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.
ئاپتور دوكتور بۇرھان سېتىدىن...



burhan1.jpg


ئاپتور ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە (سۈرەت باغداش تورى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى )      


مەن ماقالەمنى ئۆزەمنىڭ بىر خەلىقئارالىق شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقمنى، ئايالىمنىڭ بولسا خەلىقئارا ئىسلام ئۇننۋېرستىتىدا ماگىستىرلىق ئۇقۇشقا كىرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغان ئىدىم. بۇ 2009 -يىلى 1-2 ئاي مەزگىللەر ئىدى. ئايالىم ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى، مەن بولسام،  ئاشۇ شىركەتتە ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتىم. لېكىن مېنىڭ يەنىمۇ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزويۇم بار ئىدى. ئىشلەپ يۈرۈپ ئىككى ئۇنىۋېرستىقا دوكتورلۇققا ئىلتىماس قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم.   
        2009-يىلى 4-ئايدا يۈز بەرگەن بىر ئىش مېنى بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش ئويىغا ئېلىپ باردى. (بۇ ۋاقىتتا  مەن بۇ شىركەتنىڭ جوڭگودىكى تارماق شىركەتلىرىگە مەسئول خادىملىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ئىدىم). شۇڭا جوڭگودىكى تارماق شىركەتلىرىگە كاماندۇروپكىغا توغرا كەلدى. ئىككى مالاي مۇسۇلمان ، مېنىڭ مالايسىيالىق خەنزو باشلىقىم ۋە مەن تۆتىمىز شەندۇڭنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىگە كاماندۇروپكىغا چىققتۇق. بىزگە ياتاق-تاماق ھەەمە نەرسە شەندۇڭدىكى ساھىپخانلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ! كەچلىكى باھانە كۆرسىتىپ كەچلىك زىيەپەتكە بارمىدىم. ئايالىم سېلىپ بەرگەن نان بىلەن شۇ ئاخشامنى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنىغۇ باھانە كۆرسەتتم. ئەتىسى بۇ باھانە ئاقمايدۇ-دە ! ئامال يوق چۈشلۈك تاماققا بىللە باردۇق، مەن قۇسقىم ئاشمىدى دەپ يالغان ئېيتىپ خۇاسىڭ مېغزىنى يەپ ئولتۇردۇم، لېكن مۇشۇ نەرسىمۇ ئاران گېلىمدىن ئۆتىۋاتاتتى... كەچلىكى بۇ ئىشلار تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە چىقتى. مېنىڭ ئاۋۇ نومۇس قىلمايدىغان مالاي مۇسۇلغان خىزمەتدىشىم ئالدىغا كەلگىنىنى يەپ ، ئالدىغا كەلگەن رومكىنى  كۆتۈرۋاتاتتى. مېنىڭ ئۇنداق قلىشىم (ئاللاھ ساقلىسۇن) مۇمكىن ئەمەستە.. ھازىر خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالساممۇ ئۇ نېجىسىنى مەن ئېغزىمغا ئالمايمەن-دە.. ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇمشىنىمۇ ئۆزەمگە چوڭ ھاقارەت دەپ ھىسابلىدىم.  خەنزو باشلىقىم مېنى سىرتقا ئەچىقىپ، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.. ئاۋۇ خىزمەتدىشڭىمۇ مۇسۇلمان، سەنمۇ مۇسۇلمان.... ئۇ قىلسا، سەن قىلمىساڭ قانداق بولىدۇ. سەن بۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭنى ئۆگىنشىڭ كېرەك،، بولمىسا خىزمىتىڭغا تەسىر يېتىدۇ دەپمۇ ئۈلگەردى.... لېكىن مېنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسلامغا بولغان ئېنىقلىمىسنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى پەش قىلىپ، ياتاققا قاراپ چاپتىم.
            مەن ئۆز-ئۆزەمگە پىچىرلاشقا باشلىدىم:   ؟ ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بۇ يولنى تاللىغان بولسام بۇ يەرگە چىقمىغان بولاتتىم، بۇ مېنىڭ تاللاش يولۇم ئەمەس.... ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئاتامغا تىلفۇن قىلىپمۇ ئۈلگەردىم... ئاتامنىڭ مەدىتى مېنىڭ چەكسىز خوشاللىققا چۈمدۈردى. ئاتام ماڭا: «بالام سېنىڭ رىزقىڭ ئۇ شىركەتتىن كەلمەيدۇ.. ئاللاھتىن كېلىدۇ...  ئۇنداق قىلسا، ئۇ شىركەتتىن چىقىپ كەتسەڭمۇ كەت»..... ئاتا-ئانا بىزگە مەڭگۈ مەدەتكار ئىكەن... ئاتامنىڭ بۇ گېپى بىلەن كۆڭلۈم ئارام تاپقاندەك بولدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈنى ئايالىم تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ئۆتكۈزۋەتتم. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم. لېكىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھىچ-نەرسە بولمىغاندەك، بۇرۇنقىدەكلا تىرىشىپ ئىشلىدىم. ئېلىۋاتقان مۇئاشىمنى ھالال يول بىلەن تېپىشىم كېرەكتە.
      2009 -يىلى 5 - ئاي بولغاندا، ئايالىم بولسا بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى تۈگەتتى. مانا مۇشۇ پەيتتە، ئاللاھتائالا بىزنى بىر قىز پەرزەنت بىلەن مۇكاپاتلىدى.  مەن ئۇنىڭغا شەھىدە دەپ ئات قويدۇم. بۇ مۇكاپات ئايالىمنىڭ تەتىل مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئەمدى مەن چوقۇم ئەرلىك ۋە دادىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشىم كېرەك ئىدى.
          2009-يىلى 6-ئاي بولغاندا مەن ئىككى ئىلتىماس قىلغان مالايا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ماركىچىلىق كەسپىدىن ۋە مالايسىيا مەركىزى بانكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېسىتىنىڭ ئىسلام پۇل-مۇئامىلىسى كەسپىدىن دوكتورلۇق ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ ئىشلار مېنىڭ بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش قەدىمىمنى تىزلەتتى. لېكىن مەن شىركەتتىن چىقىۋېلىشتىن ئاۋال ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ھەل قلىشىم كېرەك ئىدى ھەمدە ئىككىدىن بىر مەكتەپنى تاللىشىم كېرەك ئىدى.   مەن ئەلۋەتتە ئىسلام پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى تاللايمەن دە !
          نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىدىم؟

       بىز مۇسۇلمانلار چوقۇم ئىسلام كۆرسەتكەن يول بىلەن ياشىشىمىز كېرەك. بىز ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشىمىز كېرەك. ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن بىز مالىيە يولىمىزنى ھالالدىن تېپىشىمىز كېرەك. بۇ تۈپكى مەقسەت ئىدى. يەنە كېلىپ ئىقتىسادى كىرزس سەۋەبىدىن مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەر بىردەكلا بۇ مالىيە تۈزۈمىگە قىزىققان ئىدى. دۆلىتىمىزمۇ نىڭشىيا بانكىسىنىڭ مۇشۇ مالىيە شەكلنى يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئاللاھ خالىسا، ئاستا-ئاستا بىزنىڭ دىيارىمىزگىمۇ يېتىپ بارىىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدىم ( دىگەندەك ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى بۇ يولدا ئىزدىنىۋېتىپتۇ). ئەگەر ئاشۇ كۈنلەر كېلىپ قالسا، مەنمۇ دىيارىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە بولسىمۇ ئازراق كۈچ چىقىرمەنغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. يەنە كېلىپ مەقسىتمنىڭ پۇل تېپىشلا ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە كېلىپ  ئىلىم ئېلىشنىڭ بىز مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىلاھى بۇيرۇق ئىكەنلىكنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئۇقۇپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، خىزمەت تاپالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. بىزنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا چەكسىز بوسۇنىمەن دەپ تەۋەككۇل قىلدىم.  
           ئۇنداقتا  يانچۇق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىم؟؟   
         شۇنىڭ بىلەن ئىسلام پۇل مۇئامىلە كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاللىۋالدىم. ئوقۇش 9-ئايدا باشلىناتتى،يەنە بىر نەچچە ئاي بولغاچقا، خىزمىتىمنى قىلغاچ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلىشنى باشلىۋەتتم. خىزمەت داۋام قىلماقتا...كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە....
         مانا 9 -ئايمۇ يېتىپ كەلدى، ئۇقۇشمۇ باشلاندى، بۇ مەكتەپ ئوقۇشنى ئامىرىكا ئوقۇش سىستىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىز ئالدى بىلەن 14 پەن ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئومومى پەنلەردىن ئۇنىۋېرسال ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دىتىرتاتسىيە ماقالىسى يېزىلاتتى. بۇ 14 پەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانكى شەرىئەتتىن ساۋادى بولمىغانلارنى شەرىئەت ئىلمى بىلەن، ئىقتىساد ئىلمىدىن تونۇشى بولىغانلارنى ئىقتىساد ئىلمى بىلەن تەلىم بېرەتتى، شۇنداق بولغاندا شەرىئەتتىن خەۋىرى بولۇپ، ئىقتىساددىن خەۋىرى يوق؛ ئىقتىسادتىن خەۋىرى بار لېكىن شەرىئەتتىن خەۋىرى يوق بولۇشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرەتتى. مۇشۇ 14 پەننى بىر يېرىم ئىچىدە تۈگىتىپ، يەنە يېرىم يىلىدا ئۇنىۋېسال ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، قېلىپ قالغان يەنە بىر يىلىدا ماقالەمنى چوقۇم تۈگىتىشكە كىرىشتىم. لېكىن بۇ ۋاقىتتا تېخى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەل بولمىغان ئىدى. مەن ئىلتىماس قىلغان ئورۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار چوقۇم مېنىڭ 1-مەۋسۈملۈك نەتىجەمگە قارارمىش ئەگەر نەتىجەم ياخشى چىقسا، ئاندىن بېرەرمىش.  شۇڭا مەن كەچلىك ۋە شەمبىلىك دەرسلەرنى ئېلىپ ، خىزمىتىمنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ تۇردۇم.  ئوقۇنغانسرى مۇشۇ كەسىپكە بولغان مۇھەببىتىم ئېشىپ باردى.. ئەس يادىم ئاشۇ شىركەتتىن بالدۇرداق قايتىپ چىقىپ ئوقۇشۇمغا پۈتۈن زېھنىمنى قارىتىش ئىدى...
       شىركەتنىڭ يىللىق باھالاش ئىشلىرى (ئادەتتە بىر 6-ئايدىن يەنە بىر 6-ئايغىچە بولغان ئارلىقنى بىر يىللىق ئىشلەش ۋاقتى دەپ قارايدۇ) ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ئىدى. بۇ ئىشلارمۇ ئاخىرلىشىپ، بەختىمگە يارىشا، قىلغان ئەجرىمگە چۇشلۇق 4 ئايلىق يىللىق مۇكاپات پۇلى كەلگەنىدى ۋە مۇئاشىممۇ ئۆستۈرلۈپ بېرىلگەن ئىدى. شىركەتىنىڭ ئوتتۇرىچە مۇكاپات پۇلى ئاران 2 ئايلا ئىدى.  بۇمۇ ئاللاھنىڭ مېنىڭ ئائىلەمگە ئاتا قىلغان رىزقى ئىدى. مەن ئەمدى شىركەتتىن ئارلىش پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇنداق قىلىپ ئىستىپا خېتىدىن بېرنى يېزپ، شىركەتكە تاپشۇردۇم.ئۇلار مېنىڭ يەنە 3 ئاي ئىشلەپ بېرىشىمنى سورىدى.لېكىن مەن پەقەت يەنە كۆپ بولغاندا بىر ئاي ئىشلەپ بېرەلەيدىغانلىقنى ئېيىتىپ، يەنە بىر ئاي ئىشلەپ بېىشكەماقۇل بولدۇم..   
       مېنىڭ مۇنۇ قىلغان بىر ئىشىم، ئىشخانە خادىملىرىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردى. مەن بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچكە، بەزىدە شىركەتنىڭ قەغەزلىرىنى ئۆزەمنىڭ ئوقۇشىغىمۇ ئىشلىتىپ قالاتتىم، بۇ پىرىنسىپ بويىچە توغرا ئەمەس ئىدى.. ھەتتا مېنىڭ ياشاش پىرىنسىپىمغۇ ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن بىر قانچە بولاقلىق قەغەز سېتىۋېلىپ، ئىشىخانە باشقۇرغۇچى خادىمغا ئەكىرىپ بەردىم... بۇلار مەن شەخسىمەنپەئەتىم ئۈچۈن ئىشلىتىۋالغان قەغەزلەرنىڭ ئورنى بولسۇن دېدىم.. شۇنداق قىلىپ  بۇ شىركەتتىن ئايرىلدىم. ھەتتا مېنىڭ مالىيە مۇدىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھازىر ئائىلەڭ بار، بالاڭ بار،  تۇرمۇشىڭنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىسەن دەپمۇ ئۈلگۈردى. لېكىن مەن بىزنى ياراتقۇچىنىڭ بىزنى ئاش قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
        مانا يەنە پۈتۈن كۈنلىك ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى باشلىدىم. مەن ئەمدى ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خاتىرجەم بىر ئوقۇش تۇرمۇشىغا ئىگە بولىشىم كېرەك ئىدى. ئايالىم بولسا مېنى دەپ يەنە ئۆزىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشىنى قۇربان قىلدى،چۈنكى دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان قىزىمز تېخى كىچىك ئىدى.  شۇنداق ھايات داۋانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۇ بىر مەۋسۈملۈك  ئوقۇشمۇ تۈگىدى.  ئاللاھقا شۇكۈرلەر بولسۇن،،،، نەتىجەم مەن ئويلىغاندىكىدىمۇ ياخشى چىققان ئىدى.ئادەتتە تولۇق نومۇر 4، مېنىڭ نەتىجەم 3.91 چىققان ئىدى،، مۇشۇ تىرىشىشلار ۋە مۇشۇ نەتىجىلەر سەۋەبى بىلەن 40 نەپەر ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىپ (5 نى تاللاپتۇ، پەقەت مەن بىرلا چەتئەللىك ئوقۇغۇچى) مالايسىيا مەركىزى بانكىسىنىڭ 3 يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتىم.بۇ بانكا ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش پۇلىمۇ بېرەتتى. بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى خېلى يوقىرى ھىسابلىناتتى.پۈتۈن ئائىلمنىڭ چىقىمىغا يېتەتتى شۇنداق قىلىپ بىزدىكى ئىقتقساد بېسىمى يوقالدى....
         يەنە بىر تىلغا ئېلىشقا ئەرزىردىغىنى شۇكى، بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا چوقۇم 2 ئادەم كاپالەت بېرىشى كېرەك ئىدى. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېۋېلىپ، ئوقۇمىسام، ياكى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىسام ياكى قانونغا خىلاپلىق قىلىپ قالسام، مۇشۇ بېرلىگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى مۇشۇ 2 كىشى تەرىپىدىن مەسئول بولىشى كېرەك ئىدى. يۇرتتىن ئادەم تاپسام، بۇلارنى بىز قانداق تاپىمىز بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى.. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى مەكتىپىمىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرىغا دىسەم، بۇ دائىم خوشال يۈرىيدىغان، خوشچاقچاق ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئوقۇتقۇچۇم: مەن كاپالەت بېرەيمۇ ؟  مەن سېنىڭ ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن ( بىزگە تەتقىقات مېتودولوگىيەسىدىن دەرس بەرگەن ئىدى) دەپ جاۋاپ قايتۇردى،، مەن بۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم..ئۇنداق يەنە بىرىنى نەدىن تاپىمەن ؟ بۇمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. بۇرۇن بىر شىركەتتە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمغا ئېغىز ئاچقانىدىم، نىمىشقا ماڭا بۇرۇن دىمەيسەن ؟ مەن بولۇپ بەرمەمدىم، مەن سەندىن خاتىرجەم دەپلا كاپالەتنامىغا قول قويۇپ بەردى. بۇ يەردە بۇ ئىككى كىشىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
         مانا 2-مەۋسۇممۇ باشلاندى. قىزىممۇ 7 ئايلىق بولۇپ قالدى. ئايالىممۇ ئوقۇشتىن قېلىپ قالسا بولمايدۇ دە.. مەن ئۇنىڭمۇ جىق بەدەللەرنى تۆلەپ چەتئەلگە چىقىپ، ئائىلە ئايالى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. ئۇمۇ تۆلىگەن بەدىلىگە يارىشا نەتىجە يارىتىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ 7 ئايلىق بولغان قىزىمىزنى ئايالىم ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتىنىڭ يەسلىسىگە ئاپىرىپ بەردۇق. شۇنداق قىلىپ ئايالىم بىر تەرەپتىن ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن  چىڭقى چۈش ۋاقىتلىرىدا قىزىمنىڭ يېنىغا  يۈگەردى، ئوقۇتۇش بىناسى بىلەنمۇ يەسلىنىڭ ئارلىقى خېلى يىراق ئىدى.. ئادەتتە بۇ يولدا پىيادە مېڭىۋاتقان ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى... لېكىن ئانا پەرزەنتى ئۈچۈن ھەەمە ئىشنى قىلىشقا رازى ئىكەن. ئۇ ئىسىسىقىنى ئىسسق، يولنى يىراق  دىمەي، پەرزەنتى ئۈچۈن خېلى جىق قۇربانلىق بەردى.  بۇ يەردە ئۇنى ماختاش ئەمەس ئۇنىڭ ئائىلە ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى يورىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ھەلەكچىلىكلەر ۋە ئوقۇشلار بىلەن بۇ مەۋسىۈممۇ ئۈتۈپ كەتتى. ئايالىممۇ خېلى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن بۇ مەۋسۈمنى ئاخىرلاشتۇردى.  بۇ ۋاقىت 2010-يىلى 5-ئاي مەزگىل ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، يۇرتقا قايتمىغىلى، ئاتا-ئانىمزنى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلەرنى كۆرمىگىلى 2 يىل بوپ قالغان ئىدى. 1 ياشقا تولغان قىزىمىنى ئېلىپ بۇ بىزنى ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرۋاتقان زېمىنغا قاراپ يول ئالدۇق.  2 ئاي ۋاقىتنڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي، ئاتا-ئانا، دوست بۇرادەرلەرنى يوقلاپ بولۇپ،  باھارنىڭ مېۋىلىرىدىن قانغىچە ھوزورلىنىپ، يەنە شۇ داۋام قىلىۋاتقان ئوقۇشنى داۋام قىلىش ئۈچۈن، بۇ يات دۆلەتكە يەنە قايتىپ كەلدۇق. ئايالىمنىڭ دەرسى 7 -ئايدا، مېنىڭ بولسا 9-ئايدا باشلىناتتى.
        مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمگە بىزنىڭ فاكۇلتىت مۇدىرى سىنگاپوردا 3 ھەپتىلىك ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ھەققىدە ئىش بارلىقىنى، مېنىڭ بېرىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بارىدىغانلىقىمنى ھازىرچە باشقا ئىشىمنىڭ يوقلىقىنى پەش قىلدىم. شۇنداق قىلىپ رامزاننىڭ ئالدىدىن باشلاپ، رامزاننىڭ ئوتتۇرىغىچە سىنگاپوردا بولدۇم. بۇ جەرياندا سىنگاپوردىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىگە ئورۇنلاشتىم. بۇ مۇسۇلمان ئانا مېنىڭ جوڭگولىق مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ، ناھايىتى ياخشى كۈتىۋالدى. شۇڭا رامزانمۇ بەك ئېغىر كېلىپ كەتمىدى. ئىشلەش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى،  بۇ شەھەر ناھايىتى پاكىز، مۇھىتى شۇنداق گۈزەل، ئادەملىرى شۇنداق ئالدىراش.شۇنداق تىرىشچان ..كىشىلىرى يوقىرى ئاۋازدا گەپ قىلمايدىكەن.. ئاممىۋى قاتنىشى ناھايىتى راۋان.... كىشى بىلەن كىشىنىڭ كارى يوق، ھىچكىم بىرسىدىن نەدىن كەلدىڭ دەپ سورىمايدىكەن،، دىمەكچىمەنكى، قەتئىيلا چەتئەللىكلەرنى يەكلەش مەۋجۈت ئەمەس ئىكەن... يول سورىسىڭىز، ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتىپ بېرىدىكەن..... ھەەمە مەدەنىيەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىدىكەن....مائارىپقا ئەلۋەتتە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن.....شۇڭا ئالقانچىلىق بۇ زېمىن ئاسىيادىكى 4 چوڭ ئەجدىرھانىڭ بىرى بولغان ئوخشايدۇ.
       بۇ يەردىكى ئىشىم تۈگە-تۈگىمەيلا، مېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، ئازراق بىر سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشىم ھاۋالە قىلىندى.. ئەلۋەتتە، رامزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەككىگە بېرىشنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. ۋىزا ئىشلىرىمۇ ھەل بولۇپ بولدى. شۇنداق قىلىپ، رامزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنىنى ۋە ئاشۇ سودا ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغان چىقتىم. چىگرىغا كەلگەندە، پاسپورتىمنىڭ جوڭگو پاسپورتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مېنى بىر چەتتە ساقلاپ تۇر دېدى. مەن بۇنداق ئادالەتسىزلىككە قاراپ تۇرالمايتتىم. ئەرەبچە ئۆزۈمنىڭ جوڭگولۇق مۇسۇلمان ئىكەنلىكمنى، ھازىر مالايسىيادىن ئوقۇۋاتقانلىقىمنى پەش قىلدىم.  ئۇ مېنىڭ ناھايتى ساددىلارچە ئەرەپچە سۆزلىيەلىگەنلىكىمدىن سۆيۈندى بولغاي، پاسپورتىمغا تامغا ئۇرۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان بۇ زېمىنغا دەسسدىم. ۋاقتىم قىس بولغاچقا، مەدىنە مۇنەۋۋەرنى ۋە مەككىنى زىيارەت قىلىپ، ھەل قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ھەل قىلىپ بولۇپ، روزا ھېتتى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، يەنە ئۇقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم.
         مانا شۇنداق قىلىپ 3-مەۋسۇم ئوقۇشى باشلاندى. مەن بۇ مەۋسۇم چوقۇم ئېلىشقا تىگىشلىك مەجبورى پەنلەرنى ئېلىپ تۇگىتىمەن دەپ بەل باغلىدىم.. شۇنداق قىلسام، ئومومى پەنلەردىن ئېلىنىغان ئۇنىۋېسال ئىمتىھانىغا بالدۇرراق تەييارلىق قىلالايتتم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ ئوقۇشى تەڭ داۋام ئەتمەكتە ئىدى. بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇشمۇ ئاخىرلاشتى. بۇ ۋاقىتتا 11 پەننى ئوقۇپ بولغانىدىم. بۇنىڭ ئىچىدە 8 پەن مەجبورى پەنلەر يەنى كېلىپ ئۇنىۋېرسال ئىمتىھانى بېرىدىغان پەنلەر ئىدى.  
         4-مەۋسۈمگە كەلگەندە يەنە پەقەت 2 پەنلا قالغانىدى. لېكىن مەن مالىيە پەنلىرى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان ئالى ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى"Advanced econometric analysis" دىگەن پەننى قوشۇمچە قىلىپ ئالدىم. بۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ ھەم بۇ پەننى ئالساممۇ نومۇر بېرىلمەيدۇ... مەقسىتىم مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالەم ئۈچۈن ئاساس سېلىشىتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەۋسۈم مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جاپالىق بىر مەۋسۈم بولدى. مەن 3-ئايدا ئېلىنىغان ئۇنىۋېسال ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىم، دىتىرتاتسىيە ماقالام ئۈچۈن ئازراق ئاساس سېلىشىم ۋە ئاۋۇ 2 پەننى لاياقەتلىك تۈگىتىشىم كېرەك ئىدى. ئايالىممۇ شىنجاڭدا ئىلىپ بېرىلۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا ماگىستىرلىق مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسى ئۈچۈن ئىشلىمەكتە ئىدى.
         3-ئايمۇ يېتىپ كەلدى. بىز مالىيە قىسمىدىن 5 پەندىن بۇ پەنلەر بولسا شىركەت مالىيسى، ئىسلام ئىقتىسادى، ئىسلام مالىيسى، ئىسلام بوغالتىرلىقى ۋە تەتقىقات مىتودولوگىيەسى؛ شەرىئەت قىسمىدىن بولسا 3 پەندىن، بۇلار ئۇسولىدىن فىق، مۇئامىلەت فىققىيسى ۋە ئىسلام توختامنامىسىدىن ئىمتىھان بېرەتتۇق. شۇنداق قىلىپ بۇنىڭغا سالاھىتى توشقان 20 دەك ئوقۇغۇچى بۇ ئىمتىھاننى بەردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 8 بالا ئۆتكەنىدى.. ھەتتا شەرىئەت ئوقۇغان بالىلارمۇ شەرىئەت قىسمىدىن ئۆتەلمىگەن ئىدى. بەزىلەر مالىيە قىسمىدىن ئۆتەلمىگەن بولسا، يەنە بەزىلەر شەرىئەت قىسمىدىن ئۆتەلمىگەن ئىدى. ھەتتا بەزىلەر 2 قىسىمدىنلا قالدۇرۇلغان ئىدى.  بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىت دۇنيادىكى بىردىن بىر ئىسلام پۇل-مۇئامىلە  ئۇنىۋېرسىتى بولغاچقا، ئوقۇش سۈپىتىنى ياخشى توتۇش ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپ خېلى يوقىرى ئىدى.  بىرقانچە  ساۋاقدىشىمنى دىتىرتاتسىيە ماقالىسدە كۆچۈرۈمكەشلىك قىلغان دەپ ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختاتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئىمتىھاندىن لايەقەتلىك ئۆتۈپ، كېيىنكى باسقۇچقا يەنى دىتىرتاتسىيە ماقالىسى يېزىش باسقۇچىقا ئۆتتىم.
           ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىم ئۆزى ئەنگىلىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلىقىنى ئەنگىلىيەدە تاماملىغان ۋە كېيىن ئاۋىستىرالىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەرلەردە 40 نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تېگى بېنگاللىق ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ خەلىقئالىق ژورناللاردا 80 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. ھەتتا دۇنيادىكى 10 چوڭ ئىقتىساد ژورنالىرىدىمۇ نۇرغۇن ماقالىلىرى بار. بۇ ئوقۇتقۇچىنى مۇشۇ دەرسنى ئۆتۈپ بېرىش ئۈچۈن مەركىزى بانكىنىڭ يوقىرى مۇئاش بىلەن بۇ ئادەمنى تەكلىپ قىلغانىدى. مۇشۇ مەۋسۈمدە ئۇنىڭ 2 دەرسىنى ئالدىم. بىرسى ئادەتتىكى ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ، يەنە بىرى بولسا ئالىي ئىىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ئىدى.. گەرچە كېيىنكىسى مەن ئۈچۈن قوشۇمچە پەن بولسىمۇ، بىر كۈنمۇ دەرس تاشلىمىدىم. بۇ دەرسىنى تاماملاش ئۈچۈن چوقۇم 2 پارچە تەتقىقات ماقالىسى تاماملاش كېرەك ئىدى. مەندىن تەلەپ قىلمىسىمۇ لېكىن مەن 2 پارچە ماقالە يازىدىغانلىقىمنى بىلدۈردىم ھەم چارەكلىك ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئادەتتىكى ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى دەرسىدىمۇ يەنە بىر پارچە ماقالە يېزىش زۆرۈر ئىدى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئىككى دەرسلىكتىن 3 پارچە ماقالىنى نەچچە ئاي ئىچىدە تاماملىدىم ۋە ئالىي ئىىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى دەرسىنىڭ چارەكلىك ئىمتىھانىغا قاتناشتىم..
          مۇئەللىم ئەڭ ئاخرىدا« سىلەر بىلەمسىلەر؟ كىم ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشتى ؟ كىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى؟
             بۇ بولسا- بۇرھان.. ئۇنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە بولىدۇ.. مەن بۇنداق تىرىشچان ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقمىغان» بۇلار بۇ مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسى ئىدى..  مەن شۇنداق قىلمىسام زادى بولمايتتى..  مەن ئاتا-ئانامنى ئويلىدىم، ئائىلەمنى ئويلىدىم، قىزىمنى ۋە دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يەنە بىر پەرزەنىتنى ئويلىمىسام بولمايتتى.. ئەگەر ئوقۇش كېچىكىپ كەتسە، مېنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى مەنبە ئۈزۈلۈپ قالاتتى،، ھەمدە ئاتا-ئانامنىڭ نەچچە مو يەرگە ئىشلەپ تاپقان پۇلى بىزنىڭ نەچچە ئايلىق تۇرمىشىمىزغا يەتمەيتتى... ئۇلار بېرەلىگەن تەغدىرمىمۇ لېكىن مەن قايسى يۈزۈم بىلەن ئۇلار يىمەي-ئىچمەي تاپقان پۇلنى خىجىل بولماي ئالىمەن ؟ مۇشۇلاردىن ئالغان ئىلھام، مېنىڭ بالدۇر دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىشىمغا تۈرتكە بولدى.
          مۇئەللىم بىلىپ دەپتىكەن، 3 پارچە ماقالىنىڭ بىرى ئوكىسفورد ئۇنىۋېرىستى تەرپىدىن، بىرى قاتاردىكى يەنە بىرى مالايسىيادىكى ئىلمى تەتىقىقات يىغىنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.. مېنىڭ ئەڭ سۆيۈندۈرگىنى ئوكىسفورد ئۇنىۋېسىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ماقالە بولدى.بۇ مېنىڭ ئەمگىكىمنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەردىن ئىتراب قىلىنىشى ئىدى.. مۇشۇ 4 مەۋسۈمدە 14 پەننى تۈگىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ، ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە ئىلمى ماقالەم ئۈچۈن ئاساس سالدم....
          ئۆزۈم ھەر ياقلاردا بولغىنىم بىلەن ئەس يادىم يەنىلا شۇ دىتىرتاتسىيەدە ئىدى.. ئامال بار مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە تۈگىتىۋەتسەم بولاتتى،،، بىر يىل ئىچىدە تۈگىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەم بولمايتتى... شۇنداق قىلىپ قانداق مەسىلە ئۈستىدە ماقالە يېزىش ئۈچۈن ئىزدەندىم.. بىزنىڭ پاكولتىىت مۇدىرىنى ئىزدەپ كىردىم. ئۇ بوستون ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتكۈزگەن مالىيە ئىلمى پىرافىسسورى ئىدى... ئۇ بەك تەلەپچان ۋە مەسئولىيەتچان بولغاچقا «ئۇنىۋېرسىتتىكى مىلتىق» دەپ نامى باردى،،،، ئۇنى بەك قاتتىق قول دىيىشەتتى.. كېيىن مەن ئۇنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىغىنىمدا،باشقىلار ماڭا «ساڭا ئامەت يار بولسۇن، ئۇنىڭ قولىدىن بىر يىلدا قېچىپ قۇتۇلالمايسەن» دېدى..... قېنى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى كۆرەرمەن........
           ئۇ ماڭا مەن ساڭا بىر مەسىلىنى دەپ بەرسەم، ساڭا تەسكە چۈشىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزەڭنىڭ كاللىسىدا بىرەر سان بارمۇ دېدى... مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى بوش ئاۋاز بىلەن « پىرافىسسور، مەن مالىيە كېسەللىكى توغرىسىدا يېزىپ باقسام قانداق بولار؟ غەرپ ۋە شەرىئەت پايچەكلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، قايسىنىڭ بەكرەك يۇقۇملانغانلىقىنى، قايسىنىڭ بەكرەك كۆپخىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى بېرىدىغانلىقنى ئېنىقلاپ چىقسام قانداق بولار؟»... نىمە نىمە، مالىيە كىسەللىكى دەمسەن ؟؟ ياخشى، ياخشى پىكىر، مەن قولايمەن دېدى خوشاللىق بىلەن............ شۇنداق قىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە  دىتىرتاتسىيە لاھىيسى تەييارلاش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتىم..
        مانا بۇ 2011-يىلى 7-ئايلار مەزگىللەر ئىدى. ئايالىممۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئادىدا تۇرغان پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشىدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى تاماملاشنى قارار قىلغانىدى. كۈنلەر مانا مۇشۇنداق جىدديچىلىك !!! رامزانممۇ يېتىپ كەلدى.  مەن چوقۇم ئىلىمى ماقالە لاھىيسىنى مۇشۇ رامزاندا تاماملاشنى قارار قىلدىم. ئەتىتىگەندە مەكتەپكە كەتسەم، ئىپتىھاردىن بۇرۇن قايىتپ كېلەتتىم... ئىشقىلىپ مەن بىر لاھىيەگىلا تەييارلىق قىلماستىن، پۈتۈن دىتىرتاتسىيە ماقالسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم.. باشقىلار پەقەت 10 بەتلىك لاھىيە تەييار قىلىش ئۈچۈن، 10 بەتلىك بىر نەرسە يېزىش ئۈچۈن تىرىشاتتى. لېكىن مەن بولسام ماقالىنىڭ 1-2-3 -بابىغا تەييارلىق قىلغان ئاساستا، 80 نەچچە بەتلىك لاھىيە تەييارلاپ، ئۇنى قىسقاتىپ 10 نەچچە بەت ئەتىراپىدا قىلىپ، لاھىيەنى تاپشۇرۋەتتىم. قالغان قىسمىمۇ مېنىڭ ماقالەم ئۈچۈن خېلى ۋاقىتتى تىجەپ قالاتتى.... بۇ ئامال مېنى نۇرغۇن ئىشنى 2 قېتىم قىلىشتىن توساپ قالدى،. ئادەتتە ماقالىنىڭ جېنى سىزنىڭ قوشقان تۆھپىڭىزدە يەنى سىز كەلتۈرۈپ چىقارغان يەكۈندە بولىدۇ.
        1-باپدا نىمە ئۈچۈن مۇشۇ دىتىرتاتسىيەنى يازماقچى بولغانلىقىڭىز،  يەتمەكچى بولغان نىشان ،  ئەھمىيىتى قاتارلىق مەزمونلار سۆزلىنىدۇ. 2-باپدا ئادەتتە بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئەمگىكى قاراپ چىقىلىدۇ.. ئەگەر سىزنىڭ قىلماقچى بولغان ماقالىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن قىلىنىپ بولغان بولسا، سىز ماقالىنى توختىتىسىز،، چۈنكى سىزنىڭ باشقىلار يېزپ بولغان ماقالىنى قايتا يازسىڭىز سىزنىڭ تۆھپىڭىز بولمايدۇ.... بۇنداق دىگەنلىك سىز دوكتورلۇق ئونۋانىغا ئېرىشەلمەيسىز...
         مېنىڭ ماقالام شەرىئەت ۋە غەرپ پايچەكلىرىنى سېلىشتۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، 2-باپتا مەخسوس ئىسلام پايچەكلىرى ئۈستىدە توختالدىم. 3-باپتا بولسا مەن ئوتتۇرغا قويغان ماقالە سۇئاللىرىغا نەزىرىيە جاۋاپ بېرەلەمدۇ يوق، بۇ ھەقتە ئىزلەندىم. ئەگەر نەزىرىيە جاۋاپ بېرەلىسە، يەنە ماقالىنى توختاتماي ئامال يوق.. نەزىرىيە جاۋاب بېرەلەيدىغان نەرسىنى يەنە تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ،، شۇڭا دوكتورلۇق ئۇنۋانىمۇ بېرىلمەيدۇ..... 4-بابىدا بولسا، بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئەمگىكى قاراپ چىقىلىدۇ. يەنى بۇرۇندىن بار بولغان ئىلمى ئەمگىكى بىلەن سىز يازماقچى بولغان ماقالە ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق قاراپ چىقىلىدۇ.. ئەگەر مۇشۇ بوشلۇق بولسا، مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تەتقىقات داۋاملىشىدۇ... ئەگەر بوشلۇق بولمىسا تەتقىتقات توختىلىدۇ..... ئەگەر بىر بوشلۇقنى تولدۇرمىساق دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلمەيدۇ... مانا مۇشۇنداق بىر باپ يەنە بىر باپنى تەقەززا قىلىدۇ. 5-بابتا بولسا ئىشلەتمەكچى بولغان مىتودولوگىيە سۆزلىنىدۇ.. ئەگەر مىتودولوگىيە بەك كونا بولسىمۇ يەنە تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.. چۈنكى كونا مىتودولوگىيەنى باشقىلار كۆپ ئىشلەتكەن بولىدۇ. شۇڭا كونا مىتودولوگىيەمۇ سىزنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشىڭىز ئۈچۈن توسقۇنلۇق قىلىدۇ.  ھېلقى ئالىي ئىىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى دەرسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت..... بۇ پىرافىسسورۇم دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەتتا مالىيە ئىلمىغا يېڭىدىن سىڭىپ كىرگەن مىتودولوگىيەلەردىن بىزگە تەلىم بەرگەن ئىدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئىشلىرىم ئوڭغا تارتتى........ بۇ 5 باپ ئۈچۈن 70-80% ئەتىراپىدا، لاھىيە تەييارلاش جەريانىدا ئاساس سېلىۋالدىم. 9-ئاي مەزگىلى بولغاندا پاكولتىتت دوكتورلۇق تەستىق رەھبەرلىكىگە لاھىيەمنى تاپشۇردۇم..... بۇلار قاراپ چىقىش ئارقىلىق لاھىيەمنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى ئېيتتى.... بۇ مەۋسۈمدە لاھىيە ئاقلاش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى، چۈنكى قاتناشماقچى بولغان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ بەك ئازلىقىنى ئېيتتى... مۇشۇ لاھىيە بويىچە داۋاملاشتۇرسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە  لاھىيە ئاقلاشنى  كېلەركى مەۋسۈمگە كېچىكتۈردى....رامزاننىڭ بەركىتى بىلەن نۇرغۇن ئىشنى ئالدىغا سېلىۋىلدىم...
         ئايالىممۇ قوش تىللىق مائارىپى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ماقالىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتى،، ئۇنداق بولمىغاندا ئوقۇشى بەك كىچىكىپ كېتەتتى.مەن ئەمدى مىتودولوگىيەگە لازىمىلىق بولغان يۇمشاق دىتالنى ئىزدەشكە باشلىدىم. مۇشۇ يۇمشاق دىتالنى تاپالمىساق، ياكى بولمىسا ئىشلىتىشنى بىلمىسەك، ياكى چىققان نەتىجىنى قانداق ئانالىز قىلىشنى بىلمىسەك يەنىلا تەتقىقات تەتىقىقات بولمايتتى.. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇمشاق دىتالنى تېپىش كېرەك، ئۇنى ئۆگىنىش كېرەك، يەنە كېلىپ چىققان سانلىق مەلۇماتىنى قانداق ئانالىز قىلىشنى بىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دىگەندە 1-2 ئاي ۋاقىت كېتەتتى.. ئىنجىنىرلىق ئىلمىدىن مالىيە ئېقىمىغا ئېقىپ كىرگىلى تېخى ئۇزۇن بولمىغان دولۇنسىمان تەتقىق قىلىش مىتودولوگىيەسى (Wavelet Analysis) مېنىڭ تەققىقات مەقسىتىمگە يېتىشتىكى ئەڭ ماس كەلگەن مىتودولوگىيە ئىدى.  بۇنداق بولغاندا مېنىڭ دوكتورلۇق ئېلىشىم ئاسانغا چۈشەتتى...... شۇڭا بۇ مىتودولوگىيە مۇرەككەپ بولسىمۇ ، مۇشۇ مىتودولوگىيە ئۈستىدە ئىزدەندىم.. تۈركىيەلىك بىر ئىقتقساد ئالىمى مۇ مىتودولوگىيەگە خېلى تۆھپە قوشقانىدى،،، ئۇنىڭ ئىسمى نۇرغۇن ماقالىلەردە نەقىل قىلىنغان ئىدى.... شۇنداق قىلىپ مۇشۇ تۈركىيىلىك ئالىمنىڭ كىتابىنى ئىزدەپ تاپتىم.... بۇ كىتاپ مېنىڭ مىتودولوگىيە قىسمىدا چوڭ ياردەمچى بولدى...


burhan2.jpg


ئاپتورنىڭ ئوماق قىزلىرى شەھىدە ۋە شەرىفە (سۈرەت باغداش تورى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى )


        مانا مۇشۇ كۈنلەردە ئايالىم ماڭا باقمايتتى،،، ياكى مەن ئايالىمغا(ئايالىمنىڭ ئوقۇشىنى تەڭ سۆزلەپ مېڭىشىمدا مەلۇم بىر سەۋەب بار، كېيىن ئۇقۇپ قالىسىلەر).مەن بولسام بىر يىلدا تاماملاش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتىم.ئايالىم بولسا دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بۇۋاقنىڭ تۇغۇلىشىدىن ئاۋال ماقالىسىنى تۈگىتىشنى خالايتتى. ئاللاھ بىزدەك مۇساپىرلارنى نائۈمۈدتە قويمىدى.. قارىمامسىلەر ئايالىم مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىشىنى تاپشۇرۇپ بولۇپ، 2 كۈندىن كېيىن ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان نىمەت 2- پەرزەنتىمىز دۇنياغا كۆز ئاچتى.. بۇ قېتىممۇ ئاللاھ بىزگە يەنە قىز پەرزەنت ئاتا قىلدى.... ئىسمىنى شەرىفە دەپ قويدۇق.ئاللاھتائالا بەندىلىرىنىڭ ئىشىنى مۇشۇنداق ئاسان قىلىدىكەن،، ئەگەر ئىشلار ئاسانغا چۈشمىگەن بولسا، ئاتا-ئانىمىز ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرىمىز بولمىغان بۇ مۇساپىر يۇرتتا قانداقمۇ قىلارتتۇق؟؟
       قىزىمىز تۇغۇلۇپ 20 كۈن بولغاندا، مەن يەنە ئوكىسفورد ئۇنىۋېستىتىغا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئايالىمنىڭ  قوللىشى بىلەن يەنە بېرىشنى قارار قىلدىم... يوقىرىدا دەپ ئېيتقاندەك بىر پارچە ماقالام بۇ ئۇنىۋېرسىت تەرىپىدىن قوبۇل بولىنغان ئىدى.. ئۇ ماڭا« قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بۇ پۇرسەت كېلىدۇ ؟ بۇ دىگەن پۇرسەت،، پۇرسەتنى قەدىرلەيلى، پۇل دىگەننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ،، لېكىن پۇرسەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ » دەپ مەدەت بەردى...  مۇشۇ مەدەتلەر بىلەن يەنە ئەنگىلىيىگە قاراپ يول ئالدىم..

بۇ ھەقتىكى باياننى مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
./read.php?tid=6206


         مۇشۇ پۇرسەتتە تۇركىيەنى بىر زىيارەت قىۋېلىشنى قارار قىلدىم.. بېلەتنى كۇۋالامپۇر دىن لوندونغا، لوندوندىن ئىستانبۇلغا، ئىستانبۇلدىن كۇۋالامپۇرغا ئالدىم ( ئوتتۇرىدا مەدىنە ۋە جىددىدە توختايتتى)،، شۇنداق بولغاندا بېلەت ئەڭ ئارزان توختايتتى... شۇنداق قىلىپ ئەنگىلىيەدىن قايتىش سەپىرىدە تۇركىيەنىمۇ زىيارەت قىلىۋالدىم. تۇركىيە ماڭا ھىچقانداق يات تۇيۇلمىدى.خوددى ئۆزەمنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. شەھەر مەدەنىيىتى ئوخشاش، تىل مەدىنىيىتىمۇ بەك يىراق ئەمەس، يىمەك - ئىچمەك ۋە سودا مەدىنىيىتىمۇ بىزدىن يىراق ئەمەس ئىدى...... يىغىپ ئېيتقاندا مەن ھەممە جەھەتتىن يەكلەشكە ئۇچۇرمىدىم... شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە ھەپتە كۈنلۈك زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مالايسىياغا قايتىپ كەلدىم.
      ئايالى تۇغۇپ ياتسا، دۆلەتمۇ دۆلەت ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، مېنىڭ بۇ يەردە كىچىكىكىنە يەنە بىر ھىكايىنى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ:
        بۇ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. چوڭ قىزىمنى ھەمرا قىلىپ، كۇۋالۇمپۇر شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامچە ناخشىلار فېستىۋالىغا باردۇق. بۇ فېستىۋالغا باشقا دوستلىرىمىزمۇ كەلگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز تونۇمايدىغان، لېكىن ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان ئانا-بالا ئىككەيلەن بار ئىدى. فېستىۋال تۈگىگەندە خېلى كەچ بولۇپ كەتكەنىدى، بۇ ئانا-بالا بىلەن سالاملاشقاچ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزبەكلەردىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. ئۇلارنىڭ قاتنىشى بولمىغاچقا، بىز بىلەن بىللە ماشىندا قايتىدىغان بولدى.  ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقساق، قىزى ئاۋىستىرالىيەدە تۇرمۇشقا چىققان ئىكەن، ئامال بار ئانىسىنى يېنىغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەپتىكەن، لېكىن بۇنىڭغا بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقىنى، مالايسىيادا بىر مەزگىل تۇرۇش لازىم ئىكەن. شۇڭا بۇ قىز ئانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي ئىزدەۋېتىپتىكەن.  قارىمامسىلەر، ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىز بۇ ھاجەتمەن ئانا-بالىغا، بىز بولساق بىز كۆڭلىمىزدىكىدەك بىر ئانىغا ئېرىشىش پۇرستى بوپتىكەن.  شۇڭا مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن، بىزنىڭ ئۆي بەك چوڭ، بىزنىڭ ئۆينى كۆرۈپ بېقىڭلار دېدىم. ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەتىسى ئۆينى كۆرگىلى كەلدى، ۋە تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.  
         شۇنداق قىلىپ 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنى قىزىمنىڭ 2 ياشقا تولغان كۈنىدە بۇ ئانا بىزگە ھەھرا بولغىلى كەلدى. ئاللاھ مۇشۇنداق مۇساپىرلارنىڭ ئىشىنى ئوڭشايدىكەن. بۇ ئانا مالايسىيادا قانونلۇق تۇرۇش ئۈچۈن ۋىزا كېرەك ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم كېرەك ئىدى. بىز بولساق ئالدىراش بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا قىزلىرىمغا ھەمراھ بولغىدەك بىر ئانا لازىم ئىدى..  مۇشۇنداق قىلىپ ئىشلار گۈل-گۈلىگە كېلىپ كەتتى.  مەن بۇ ئانىمزنىڭ بىر مەكتەپتن ئوقۇش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تىرىشتىم. لېكىن ياشىنىپ قالغان بۇ ئانىمىزغا ۋىزا ئېلىش ئاسانغا چۈشمىدى. بىر كۈن ئۇ نەرسە كەم، بىر كۈنى بۇ نەرسە كەم دەپ ۋىزا ئېلىش ئىشلىرى بەك كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.. بۇ ئانىمىزغا تەسەللى بېرىپ تۇردۇق... مەن ئاپاش دەيتتم..... «ئاپاش، ئەنسىرمەڭ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بار، ئاللاھ بىزنى ئاشۇ فېستىۋالدا ئۇچراشتۇردى، ئەگەر بىز بارمىغان بولساق، ياكى سىلەر كەلمىگەن بولساڭلار، بىز ھەرگىز ئۇچۇرشالماستۇق، بۇ ئۇچۇرشىشتا چوقۇم بىر ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش بار» دەپ تەسەللى بېرىپ تۇردۇم.... بۇ ئىشمۇ 7 ئاي بوپ كەتتى،، لېكىن ھەر ئايدا مەكتەپ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىمىز دەپ خەت چىقىرىپ بېرىپ تۇردى.
       مەن مۇشۇ ئەنگىلىيە ۋە تۇركىيە ساياھىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. كېلىپ سورىسام تېخى ۋىزىسىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.... مانا ناماز ئەسىرمۇ بولدى. مەن ناماز ئەسىرگە تۇرۇپ، نامازنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىۋاتسام، تىلفۇن جىرىڭشىدى، دەل شۇنداق، ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل مۇشۇنداق بولىدىكەن،بۇ تىلفۇن دەل ئاشۇ مەكتەپتىن ئىدى ۋە ۋىزىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، ئۆتۈپ بولغان 7 ئاينىڭ ھىسابلانماي، يەنە بىر يىللىق ۋىزىسى چىققانلىقى خوش خەۋىرى ئىدى. خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاپاش بىز بىلەن بىزگە ناھايىتى مۇھىم بولغان كۈنلەرگە شاھىد بولدى.ياقا تۇرتتا ئانىمزنىڭ ئورنىدە قىزلىرىمغا موما بولدى. بىز بولسا ئانىمزنىڭ مۇساپىرلىق كۈنلىرىنىڭ زىرىكىشلىك بىلەن تولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز بالا ئورنىدا بالا بولدۇق.....
      شۇنداق قىلىپ بۇ ئانا بىر يىل ۋاقىتىنى، بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ۋاقىتتىنى بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. ھىساپتا ۋىزىسى بالدۇر چىقمىغانلىقىدىمۇ بىر ئىلاھى ئورۇنلاشتۇتۇش بار ئىكەن. ئەگەر ۋىزىسى بالدۇر چىققان بولسا، 4-ئايدىن يەنە بىر4-ئايغىچە پەقەت بىر يىللا تۇرالايتتى، ئۇنداق ۋىزىسىنى ئۇزارتالماتتى.ئۇزارتالمىسا مالايسىيادا قانونسىز تۇرغان دەپ قارىلىپ ئاۋىستىرالىيە كۆچمەن بولۇپ كېتىش ئىشى سۇغا چىلىشاتتى.لېكىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئانا بىزگە بىر يىل 1 ئايغا يېققىن ھەمراھ بولۇپ، خوشال ھالدا قىزى بىلەن جەم بولۇپ، پات ئارىدا دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان نەۋرىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ چاغدا چوڭ قىزىم 3 ياش، كىچىكى بولسا 7 ئايلىق بولۇپ، ئايالىم ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، جاپالىق  كۈنلەرنى ئاخىرلاشتۇرۋالغان ئىدۇق... ئاللاھنىڭ ياردىمىگە چەكسىز رەھمەتلەر بولسۇن !!!!
        ئەمدى ئوقۇشۇمدىن ئېغىز ئاچاي: ئوكىسفورتتىنمۇ قايتىپ كەلدىم.مەن يەنىلا دىستىرتاتسىيە ماقالەمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. مەن يوقىردا قەيت قىلغاندەك، ئىلىمى ماقالامنىڭ لاھىيەسى قوبۇل قىلىنپ بولغانىدى،، لېكىن فاكۇلتىت مۇدىرى  ماڭا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بەرگەن ئوقۇتقۇچىمنى ئاساسلىق يىتەكچى ۋە ئۆزىنى بولسا قوشۇمچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىشىمنى كۆرسەتمە بەردى. شۇنداق قىلىپ  ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئانالىزى بەرگەن ئوقۇتقۇچىمنى ئاساسلىق يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئىلمى ماقالامنى داۋاملاشتۇردۇم.

ماقالەمنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى بۇنداق ئىدى:
1) غەرپ ۋە ئىسلام پايچەكلىرى ئۇزۇن مۇدەتتلىك بىر -بىرىگە باغلىنىشلىقمۇ يوق؟ ( بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇلاردىكى باغلىنىشلىقنىڭ نەزىرىۋىيلىق باغلىنىش ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش)؛
2) ئەگەر ئۇلار باغلىنىشلىق بولسا، قايسى پايچەك باشلامچىلىق رولنى ئوينايدۇ؟ ( بۇنىڭدىكى مەقسەت قايسى پايچەكنىڭ باشلامچى، قايسىنىڭ ئەگەشكۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش)؛
3) ئەگەر ئۇلار باغلىنىشلىق بولسا، ئۇلاردىكى باغلىنىشلىق ئادەتتكى باغلىنىش ياكى نورمال بولمىغان ئەھۋالدىكى باغلىنىش ( بۇ مالىيە كىسەللىكى سەەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت، قايسى پايچەكلەرنىڭ بەكرەك يۇقۇملانغانلىقنى، قايسىلىرىنىڭ يۇقۇملانغانمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىش، ئەگەر ئىسلام پايچەكلىرى يۇقۇملانمىغان بولسا، ئىسلام پايچەكلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى،  بۇ ماقالامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىدى)؛
4) ئەگەر مالىيە كىسەللىكى كۆرۈلگەن بولسا، ئىسلام پايچەكلىرى خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن  كۆپخىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى بېرەمدۇ يوق ( بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەگەر ئىسلام پايچەكلىرى كۆپخىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى بەرسە، ئىسلام پايچەكلىرىگە خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلب قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى)....
         مانا مۇشۇنداق تەتقىقات مەقسەتلىرى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مەقسەتلەر بىلەن 9 رايوندىكى 9 چوڭ غەرپ پايچېكىنى ۋە 9 ئىسلام پايچېكىنى نۇسخا قىلىپ ئالىدىم. ۋە ئامىرىكا پايچېكىنى كىرزس سەۋەبىدىن كىسەللىك تارقاتقۇچى قالغان 18 پايچەكنى كىسەللىك قوبۇل قىلغۇچى قىلىپ ئالدىم... بۇنىڭ ئىچىدە 5 مۇسۇلمان ئەمەس رايونلار (جوڭگو، تەيۋەن، شىياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى، ياپۇنىيە ۋە كورىيە)،  4 ى بولسا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى (مالايسىيا، ھىندونوسىيە، تۇركىيە ۋە ئەرەپ يېرىم قولتۇقى )  ئىدى. ماقالامنىڭ تېمىسى بولسا:
        « مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردىكى غەرب ۋە ئىسلام پايچەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مالىيە كىسەللىكىنى دولقۇنسىمان ئانالىزى ئۇسولى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىش»
        مۇشۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 5 خىل مىتودولوگىيە ئىشلەتتىم...  مۇشۇ مىتودولوگىيەلەرنى بىر ياندىن ئۆگەنگەچ يەنە بىر تەرپتىن ئىلىمى ماقالەمنى يېزىشنى داۋاملاشتۇردۇم. مەن چوقۇم ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ زامانىۋى مىتودولوگىيەلەرنى ئىشلىتىشىم كېرەك ئىدى بولمىسا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش تەسكە توختايتتى،،،،، ھەتتا نەچچە كىچىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلىۋەتتىم....  تەتقىقات پىلانىم بۇنداق ئىدى:
        2011-يىلى 6-ئايدىن 9 -ئايغىچە: لاھىيە ئۈچۈن ئىشلەش، 9-ئايغىچە لاھىيەنى تاپشۇرۇش، 1-2-3 بابلار ئۈچۈن ئاساس سېلىش، يۇمشاق دىتاللارنى قانداق ئىشلىتىشىنى بىلىش.
      9-ئايدىن 12-ئايغىچە: باشقىلارنىڭ ئىلمى ئەمگىكىگە قاراپ چىقىش، ئىلغار مىتودولوگىيەلەرنى بايقاش ۋە مىتودولوگىيە قىسمىنى يېزىپ چىقىش، شۇنداق قىلىپ 1-2-3 ۋە 4 -بابنى تولۇق تۈگىتىش.
       12-ئايدىن  2012-يىلى 1-ئايغىچە : سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش ۋە يۇمشاق دىتال بىلەن ماقالىنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىش....
       2012-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ چىقىش ، 5 -بابنى تۈگىتىش ئىدى.. ( بۇ ئەڭ تەس ۋە ئەڭ مۇھىم قىسمى ئىدى، پەقەت مۇشۇ قىسمىلا مېنىڭ دوكتورلىققا ئېرىشەلەيدىغان ياكى ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بەلگىلەيدۇ)....
        3-ئايدىن 4 -ئايغىچە بولسا مەن ماقالنى يىغىنچاقلاش... تەتقىقات مەقسىتىگە يەتكەن يەتمىگەنلىكىمىزگە قاراپ چىقىش،، بۇ ئەڭ ئاخىرقى باپ 6-باب ئىدى....
     2012 -يىلى 4-ئاي بىلەن ماقالىنىڭ بىرىنچى نۇسخىسىنى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇش...(ئادەتتە 1-2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ)..  
    6-ئايدىن 7-ئايغىچە قوشۇمچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش ( بۇنىڭغىمۇ 1-2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ)..
      7-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىچىكى باھالىغۇچى ۋە تاشقى باھالىغۇچىغا تاپشۇرۇش ( 2-3 ۋاقىت كېتىدۇ)..
مۇشۇ پىلان بويىچە ماڭسا مەن مەكتەپ پۈتتۈرەلەيتتىم،، بولمىسا يەنە بىر يىل كېچىكىپ كېتەتتى،،، لېكىن مەن كېچىكىپ كېتىشىنى قەتئي خالىمايتتىم....
     ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇ پىلان بويىچە ماڭدى.... ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ماڭا ئاسانلىق بەردى.... مەن 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ( قانچىلىق تىرىشقانلىقىمنى مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئولتۇرماي) ماقالامنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى پۈتكۈزۈپ ئاساسلىق يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇم...... چۈنكى مەن يەنە بىر سەپەر ئۈچۈن يەنى خاۋارد سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولغانىدىم... شۇنداق قلىپ مەن ماقالەمنى تاپشۇرۋېتىپ، خاۋاردتىكى ئىسلام مالىيسى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئاتلاندىم.......
        مانا ئامرىكىدىنمۇ قايتىپ كەلدىم..... ئەمدى ئىلمى ماقالام قانداق بولغاندۇ ؟ يەنە قاندق سىناقلار مېنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟ قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈن ئۈتمەيلا، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمدىن ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم... بۇنىڭ كۆرۈپ، كاللام سىرقىراپ كەتتى،، ھەتتا ئاشۇ كەچ ئۇخلىيالمىدىم..... خەتتە:« سەن يەنە 2 خىل بۇ يىل (2012-يىلى) ئېلان قىلنغان مىتولودولوگىيە ئىشلىتىشڭ كېرەك، سەن ئىشلەتكەن مىتودولوگىيەلەر يىتەرلىك ئەمەس، ئەگەر سەن مۇشۇ 2 خىل مىتودولوگىيەنى ئىشلەتمىسەڭ مەن ماقالەڭگە قاراپ چىقمايمەن.  مەن سېنى ئامرىكىدا كۆڭۈللۈك ئوينىۋالسۇن دەپ، ساياھىتىڭگە دەخىل قىلىشنى خالىمىدىم، شۇڭا مۇشۇ 2 مىتودولوگىيە ئۈستىدە ئىزلەن، ساڭا ئۇتۇقلاپ تىلەپ، ئوقۇتقۇچىڭ مەنسۇر ماسىخ»..........
        مەن بۇ يېڭى مىتودولوگىيەلەر ئۈچۈن نەگە بارىمەن ؟ بۇ مىتودولوگىيەلەرنى لازىم بولغان يۇمشاق دىتالنى نەدىن تاپىمەن ؟  قانداق قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىمەن؟ نەدىكى ۋاقىتتا  ئانالىز قىلىمەن؟  بۇ مىتودولوگىيەلەرنى ئۆزىمۇ بىزگە تەلىم بەرمىگەن ئىدى.... راستىنى دىسەم، بۇ مىتودولوگىيەنى مۇئەللىمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى...  مۇئەللىمگە « مۇئەللىم مەن ئاللىقاچان 5 خىل مىتودولوگىيە ئىشلەتتىم، ئادەتتە باشقا ئوقۇغۇچىلار 1-2 خىل مىتودولوگىيە بىلەنلا ماقالىسىنى پۈتتۈردۇ،، مېنىڭ مىتودولوگىيەلىرىم يىتەرلىك ئەمەسما؟ لاھىيەدىمۇ مەن مۇشۇ 5 خىلنى ئىشلىتىمەن دەپ ئېيتىلغان، » دەپ ۋايساشلىرىم كار قىلمىدى.. ئەگەر سەن خەلىقئارالىق سەۋىيگە يېتىمەن دىسەڭ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشىڭ كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈمىدىنى ئۈزىۋەتكەن ئىدىم....
         ئامال قانچە ؟ پىرافىسسورنىڭ دىگىنى ھىسابتە،،، ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ مىتودولوگىيەلەر ئۈستىدە ئىزلەندىم... مەن ئۈزۈك دولقۇنسىمان ئانالىزى ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەمدى مېنى ئۈزلۈكسىز دولقۇنسىمان ئانالىزى ئىشلەتكىن دەپ تۇرۋالدى.. بۇ ھەقتىكى ماقالىلەر ئەمدىلا تېخى 2012-يىلىدىكى مالىيە-ئىقتىساد ژورناللىرىدا ئېلان قىلنغان ئىدى،،،
      مەن ماقالمنى يېزىپ بولغان بولساممۇ، يوقىردا دەپ ئېيتقاندەك مەن تېخى لاھىيەنى ئاقلىمىغان ئىدىم.. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ماڭا لاھىيە ئاقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، بىز 5 ئوقۇغۇچى لاھىيە ئاقلايدىكەنمىز.. مېنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە يېڭى قوشۇلغان مىتودولوگىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، لاھىيە ئاقلاشتا ھىچ بولمىغاندا مىتودولوگىيە قىسمىنى چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى...... شۇنداق بولغاندا مەن 4 تەتقىقات مەقسىتى، 4 چوڭ تەتقىقات سۇئالى ئۈچۈن 7 خىل مىتودولوگىيەنى ئاقلىشىم كېرەك ئىدى.... بىر ھىندونوسىيەلىك ساۋاقدىشىمنىڭ ياردىمىدە بۇ يېڭى ئىككى مىتودولوگىيەنى ئىشلىتىپ يۇمشاق دىتالدا قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشىنى بىلىۋالدىم،، لېكىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇشۇ چىققان نەتىجىنى قانداق ئانالىز قىلىش مەسىلىسى ئىدى..
    لاھىيە ئاقلاش كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. بىز 5 ئوقۇغۇچى ئىدۇق.. بۇلاردىن ئىككەيلەن ئالدىنقى لاھىيە ئاقلاشتىن قالغانلار ئىدى.  مەن لاھىيە ئاقلاپ بولغاندا چېلىنغان قىزغىن چاۋاق مېنىڭ غەلبەنىڭ سىگنالى ئىدى.... ھەەمە پىرافىسسورلار دىگۈدەك مېنى لاھىيەمگە قوشۇلدى.. لېكىن ھىندىستانلىق ئىقتىسادشۇناش ئوقۇتقۇچۇم مېنىڭدىن ئۆچىنى ئېلىۋاتقان ئىدى ( ئۇ ئىسلام ئىقتىسادى دەرسى بېرەتتى،،، مەن  ئۇنىڭ دەرسىدە بىردىنبىر A ئالغان ئوقۇغۇچىسى ئىدىم.. شۇنىڭدىن ئىتىباراەن ئۇ مېنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللا دەپ تەلەپ قىلغانىدى، لېكىن مەن تەكەللۇپ بىلەن رەت قىلغان ئىدىم)، ئۇ  « سەن مەقسەت قىلغان سۇئاللارغا يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نەزىرىيە جاۋاب بېرەلەمدۇ يوق، بۇنىڭغا قاراپ چىقماپسەن، بۇنىڭغا قاراپ چىقمىساڭ بولمايدۇ،، بۇ ئەڭ مۇھىم قىسمى »دەپ تۇرۋالدى،،، شۇنداق قىلىپ نەزىرىيە قىسمىنى قوشۇش شەرتى بىلەن لاھىيەم قوبۇل قىلىندى...  ھېلىقى 2 ساۋاقدىشىم لاھىيەدىن يەنە 2-قېتىم رەت قىلىۋېتىلگەن ئىدى.....
         شۇنداق قىلىپ مەن يەنە ھېلىقى مىتودولوگىيە قىسمى ئۈچۈن ئىشلىشىم، ۋە تەتقىقات سۇئاللىرىغا نەزىرىيە جاۋابى ئىزدىشىم كېرەك ئىدى ( بۇمۇ مەخسوس بىر باپ ئىدى)،، شۇنداق قىلىپ ماقالام 7 بابقا ئۆزگەردى،،،، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا يېققىندا 14-قېتىملىق مالايسىيا پۇل-مۇئامىلە جەمىيىتنىڭ ئىلمى تەتقىقات يىغىنى بارلىقنى، بۇ يىغىنغا ماقالمنى تاپشۇرشىمنى ئېيتتى...بۇ ۋاقىتقىچە ماقالەمنىڭ كەم جايلىرىنى تولۇقلۇشۇمنى ئېيتتى..... يەنە ماڭا بىر ئاي ۋاقىت بېرىلگەنىدى،،، راستىنى ئېيتسام ، بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن ئۈمۈد ئۈزۋەتكەن ئىدىم...... بۇ ۋاقىتتا ئايالىم مەكتەپ پۈتتۈرش ئىمتىھانىنى لاياقەتلىك ئاياقلاشتۇرۇپ، ماگىستلىق ئوقۇشنى تاماملىغان ئىدى... مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى 10-ئايدا بولاتتى...
       ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئەگەر سەن 6-ئايدىكى پۇل-مۇئامىلە يىغىنىدا نەتىجگە ئېرىشەلىسەڭ، ئىشلىرىڭ ئاسانغا توختايدۇ دەپ شەپە قىلىپ ئېيتتى..... لېكىن ئىلغار مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسى پەقەت بىر ئوقۇغۇچىغىلا بېرىلەتتى... بۇ مۇمكىنمۇ ؟؟؟؟ بۇ كۈنمۇ يېقىنلاشماقتا..... مۇئەللىم ماڭا قانداق نۇتۇق سۆزلەش توغۇرلۇق بەك جىق نەسىھەت قىلدى،،،،، مەن بۇ يىغىندىن 2-3 بۇرۇن قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە قارىسام ئۇنىۋېرسىتى مالايادا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى تۇراتتى،، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسى 10 چوڭ مالىيە-ئىقتىساد ژورلىنىڭ بىرسىدىن قوبۇل قىلنغان ئىدى ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتىدىن كەلگەن مۇشۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەربابى ئىدى... مۇئەللىم بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، بولدى بورھان، ئۈمۈدنى ئۈزەيلى..مەن سېنى بۇ قېتمقى مۇكاپاتنى ئالىدۇ دەپ ئىشەنىچ قىلغان،،، لېكىن ئۇنىڭ ماقالىسى داڭلىق ژورنالدىن قوبۇل بوپتۇ،، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەربابى،،،،،، مەن بولساممۇ ئاشۇ ئوقۇغۇچىغا بېرەتتىم...... ئەمما ئۈمۈدسىزلەنمە،،، نۇتۇقنى ياخشى سۆزلە..... بۇ ئىشلار ماڭا زەربە ئۈستىگە زەربە تۇيۇلدى،، ھەمدە مۇئەللىمنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەنىدى... بولغىنى بولار ؟؟ قانداق قىلىمەن؟ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرەرمەن.....
      شۇنداق قىلىپ ئايال-باللىرىمنى ئېلىپ 6-ئاينىڭ 1-2-3 -كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدىغان بۇ ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندۇق.... بۇ جاي مالايسىيا دۆلەت مەركىزىدىن 5-6 سائەت يىراقلىقتىكى باشقا شەھەردە ئىدى... بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ۋە مالايسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، پۇل-مۇئامىلە خادىملىرى ، ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدقغان كىشىلەر بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشقان ئىلىمى-مۇھاكىمە يىغىنى ئىدى.....
       مەن 1-كۈنى دوكتور ئوقۇغۇچىلار يىغىنىدىكى نۇتۇقۇمنى تۈگەتتم... مەن 2 پارچە ماقالە سۇنغان ئىدىم،، بىر دوكتور ئوقۇغۇچىلار قىسمىغا، يەنە بىر تەتقىقاتچىلار قىسمىغا سۇنۇلغان ئىدى.. يەنە بىرى 2-كۈنى تامام بولدى.... شۇنداق قىلىپ بىز نەتىجىسىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى كۈتتۈق...... ئۆزەمنى دىمىسەممۇ، لېكىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىم ئۈچۈن بۇ «ئىلغار دوكتورلۇق ماقالىسى» شەرىپىگە ئېرىشىشنى بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم... بۇ مىنۇتلارمۇ يىتىپ كەلدى،،،،،، مەن ئاللاھتىن بىر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشنى، ئاشۇ سەھرادىكى ئاتا-ئانام ئۈچۈن، مەندىن ئۈمۈد كۈتىۋاتقان ئۈمۈدلۈك كۆزلەرنى ئۈمۈدسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، قىزلىرىم ئۈچۈن مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا نېسىپ بولۇشىنى تىلىدىم.... شۇنداق بولغاندا مەن ئوقۇتقۇچىمغا يۈز كېلەيتتىم، ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلەيتتىم، ئۈمۈدلۈك كۆزلەرگە يۈز كېلەلەيتتىم.......
          شۇنداق قىلىپ قۇلاقلار تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مۇكاپات ئەھۋالىغا قۇلاق سېلىندى...... نەتىجىسىنى ئېلان قىلغۇچى:« ئەسلىدە دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات پەقەت بىر ئىدى.» ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى،،، مۆجىزە يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بىشارەت كېلىۋاتاتتى « لېكىن قاراپ چقىش ئارقىلىق، بىر ئوقۇغۇچى دۇنياۋى يېڭى مىتودولوگىيەنى ئىسلام مالىيسىگە ئېلىپ كىرگەن، بۇنىڭ تەتقىقات ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، ماقالىسى خەلىقئارا ئۆلچەمگە يەتكەن؛ يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلەتكەن مىتودولوگىيەسى كونا بولسىمۇ لېكىن دۇنيادىكى 7-چوڭ مالىيە-ئىقتىساد ژورنىلى تەرىپىدىن قوبۇل بولغان،،،،،،، شۇڭا بىز قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇكاپاتنى 2 قىلىپ تەسىس قىلدۇق... بۇلارنىڭ بىرى خەلىقئارا پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى - بۇرھان سېتى، يەنە بىرى بولسا مالايا ئۇنىۋېرسىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى»..... مۇكاپات قوبۇل قىلىش مۇنبىرىدە قانداق پەيدا بولدۇم بىلمەيمەن،،،، مۇكاپاتنى ئېلىپ بولۇپ قارىسام، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئورنىدىن تۇرۇپ بوپتۇ... مەن يېنىغا بېرىشىمغا مېنى دەرھال قۇچاقلاپ :« ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەن، مۇبارەك بولسۇن بۇرھان».. خوشاللىق يېشى تۆكۈلدى.... بۇ بىر يىللىق قان -تەرىمنىڭ مۇكاپاتى ئىدى... قوشۇمچە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىممۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مۇبارەكلىدى...... ھېلىقى نوپوزلۇق ئەرباب- ھاۋايى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئاشۇ ئۈستەلدە ئىدى.. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.... ئۇ« سەن بۇ مۇكاپاتقا ئېلىشقا تىگىشلىك، مۇبارەك بولسۇن، تېخمۇ تىرىش» دەپ مۇبارەكلىدى..... ئاتا-ئانامغا دەرھال بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدۈم.. لېكىن ئۇلار بۇ مۇكاپاتنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ لېكىن مەن ئۈچۈن خوش بولدى.... مانا مەن ئەمدى ئائىلەمگە ۋە قىزلىرىمغا يۈز كېلەلەيدىغان بىر ئىشنى قىلغاندەك بولدۇم........
          ئوقۇتقۇچۇم ماڭا« بۇرھان، ئەمدى مەن ساڭا دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرمىسەممۇ، مالايسىيا پۇل-مۇئامىلە جەمىيىتى بېرىپ بولدى.... ئەمدى بۇ خەۋەر پۈتۈن مالايسىيا ئۇنىۋېرسىتلىرىغا پۇر كېتىدۇ... سېنىڭ شەخسى نامىڭ ئەمەس، مەكتەپنىڭ نامى بىلەن.. كىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىسە، پىرافىسسور مەنسۇر ماسىخنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەيدۇ...... سەن ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدىڭ.... مېنىڭ قاتتىق-قوللۇق قىلغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەنگەنسەن... مەن سېنىڭ شۇنداق جىق مىتودولوگىيەلەرنى ھەزىم قىلالايدىغانلىىڭغا ئىشىنىپ ساڭا بېسىم قىلغان، مەن بىلىمەن نەچچە ئاخشاملار ئۇخلىيالمىغىنىڭنى،،، ئەگەر سەن قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى ئوقۇغۇچى بولغان بولساڭ، مەن سېنى زورلىماس ئىدىم،،،،،،، ئەمدى ماقالاڭنى تاپشۇر،،،، مەن ئاۋىستىرالىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ بېرىمەن.... مەن پەقەت 2-3 ھەپتىلا ۋاقىت سەرپ قىلىمەن.. سەن خاتىرجەم بول، بۇ يىل مەكتەپ پۈتكۈزەلەيسەن،،، يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن!!» دەپ يۈرىكىدىكى گەپلەرنى قىلىپ كەتتى........
         شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى ئىلمى تەتقىقات يىغىنى غەلبىلىك ئاخىرلىشپ قايتىپ كەلدۇق. مەن بىر نەچچە كۈن سەرپ قىلىپلا ماقالەمنى تۈزىتىپ بولۇپ 1-قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇم.
          بۇ ۋاقىتتا ئايالىممۇ بارلىق ئوقۇش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ، مەكتەپنى تاماملىغانلىق  ئىسپات خېتىمۇ چىقىپ بولغانىدى... مەن ئۇنىڭغا يەنە داۋاملىق ئوقۇش تەكلىپىنى بەردىم.. لېكىن ئۇ رەت قىلىپ تۇرىۋالدى،« ئەمدى ئوقۇش يىتەرلىك بولار، بىزمۇ ئىشلەيلى، پۇل تېپىپ بىزمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلايلى، قىزلىرىمنى ياخشى تەربىيلەي». مەن ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن، « بۇ يولدا توختاپ قالسىڭىز بولمايدۇ، سىزمۇ بىلىم ئۈچۈن، ئاتا-ئانىدىن، ئىسسىق ئۆيدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن قۇربالىقلارنى بېرىپ، بۇ يەرگە چىققان،،، چوقۇم ئوقۇشىڭىز كېرەك...... مەن ، ئاللاھ خالىسا ياخشى خىزمەتتىن بىرنى تېپىپ ئىشلەيمەن، سىز ئوقۇيسىز، باللارنىمۇ يەسلىگە بېرىمىز... سىز قاراپ بېقىڭ، بىز ياراتمايۋاتقان سۇمالىيەكلىكلەرگە قاراپ بېقىڭ، نېگىرىيەلىكلەرگە قارپ بېقىڭ، بېنگاللىقلارغا قاراپ بېقىڭ،،، ئۇلار نامرات بولىشىغا قارىماي، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئوقۇۋاتىدۇ.. بىزنىڭ  كېنيالىق قوشنا مومايغا قارپ بېقىڭ، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، 2 قىزىنى بۇ يەردە ئوقۇۋاتىدۇ... بىز ئۇلاردىن ئازراق بولسىمۇ ئىلھام ئالايلى».... مېنىڭ مەدەت بېرشىم بىلەن ئۇ ئاخىرى مالايا ئۇنىۋېرسىتى ۋە ئىسلام ئۇنىۋېسىتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىگە دوكتورلۇققا ئىلتماس قىلدى.
        ھەممە ئىشلار شۇنداق جايىدا بولغىنى بىلەن لېكىن  چوڭ قىزىمنىڭ ھەم ئۇيغۇرچىنى، ھەم ئىنگىلىزتىلىنى ، ۋە مالاي تىلىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىشى كىشىنى بىئارام قىلاتتى.. مەن ئۇنى ئۇيغۇر قىلالماسلىقىمدىن بەكرەك ئەندىشە قىلاتتىم.... ئۇيغۇرچە كىنولارنى قويۇپ بەرسەم، كۆرگىسى كەلمەيتتى،، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلارغا بالدۇراراق قايتىشىنى تەۋسىيە قىلدىم، شۇنداق بولغاندا 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان 3 ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ياخشى بولۇپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ ئايالىم 2 قىزىمنى ئېلىپ مەندىن بالدۇر يۇرتقا قايتىپ كەتتى.
      مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلەمدىن بۇنچە ئۇزاق ئايرىلىشىم ئىدى... شۇنداق قىلىپ مەن ماقالەمنىڭ جاۋابىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ يات شەھەردە قالدىم.... كۈنلەر ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە.. ئوقۇتقۇچۇم دىگەندەك ئۇ ئاۋىستىرالىيەگە قايتىشىتىن بۇرۇن  يەنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ماقالامگە قاراپ چىققانلىقىنى ، چوڭ چاتاق يوقلىقى ، پەقەت 1-2 كۈن سەرپ قىلىپلا تۈزىتىپ كېتەلەيدىغانلىقىمنى ئېيتتى... شۇنداق قىلىپ 1-2 كۈندىن كېيىنلا ماقالمنى تۈزىتىپ بولۇپ 2-قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمغا تاپشۇردۇم. 2-قول ئوقۇتقۇچىم ماڭا:« ئەگەر 1-قول ئوقۇتقۇچىڭ قاراپ چىققان بولسا، مېنىڭ چوڭ پىكرىم بولماسلىقى مۇمكىن، 2-3 ھەپتە ساقلىغىن، مەن تىزلا قاراپ چىقىمەن»....... شۇنداق قىلىپ يەنە شۇ زېرىكىشلىك -ساقلاش باشلاندى...  3 ھەپتە بولغاندا بۇ ئوقۇتقۇچىممۇ قاراپ چىققانلىقىنى، چوڭ چاتاق يوقلىقىنى ئېيتتى،،،، «چوقۇم مەن تۈزەتكەن جايلارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ چىق،، ئەگەر تۈزۈتمىگەن بىرەرسىنى بايقاپ قالسام، يۈزۈڭنى قىلماي ماقالاڭنى چۆرىۋېتىمەن، تۈزىتىپ بولۇپ، ماڭا 2 نۇسخا بېسىپ چىقىرىپ، ماڭا تاپشۇرۇپ بەرگىن، مەن بولىدۇ دەپ بولغاندىن كېيىن  بىرنى ئىچكى باھالىغۇچىقغا، يەنە بىرنى تاشقى باھالىغۇچىغا يوللايمەن،، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دىگەندە 1-2 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.. لېكىن ئامال بار، مەن ئۇلارنى بالدۇراراق كۆرۈپ چىقىشقا ئالدىرتىمەن»..... شۇنداق قىلىپ ئۇ تۈزەتكەن جايللارنى بىرمۇ-بىر تۈزىتىپ بولۇپ، 2 نۇسخا قىلىپ، ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بەردىم....
- «شۇنداق تىز ئوڭشاپ بولدۇڭمۇ؟؟»....
-«شۇنداق ئوڭشاپ بولدۇم،،،، رامزان كېلىپ قالدى،، قايتمىغىلى 2 يىلدىن ئېشىپ كەتتى... ئىچىكى ۋە تاشقى باھالىغۇچىلار قاراپ چىققۇچە مەن يۇرتقا بېرىپ كېلەيمىكىن»........
- قايتساڭ بولىدۇ، لېكىن بىز قايتىپ كەل دىگەن ھامان قايتىپ كېلىشنىڭ كېرەك، ئەگەر  بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرىمەن دىسەڭ..
- بولىدۇ، مەن خەۋەر بولسىلا دەرھال قايتىپ كېلىمەن..
       شۇنداق قىلىپ قايتىش تەييەرلىقلىرىنى باشلىۋەتتىم... قايتىدىغانلىقىنى 1-قول ئوقۇتقۇچىمنى ئىلخەت ئارقىلىق خەۋەردار قىلدىم.. ئۇنىڭ ئېلخېتى مېنى تېخمۇ خاتىرجەم قىلدى،، ئىلخەتتە:« بارغىن، بۇرھان ، بېرىپ كەلگىن, ئىككى باھالىغۇچىنىڭ باھالاپ بولىشى ئۈچۈن خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، سېنىڭ دىتىرتاتسىيە ئاقلىشىڭ 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بولىدۇ. ھىچنىمىدىن ئەنسىرمەي بېرپ كەلگەن،،،، رامزاندا ئاتا-ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ كەلگىن، ئاللاھتىن ئىشلىرڭنىڭ ئاسان بولىشىنى تىلىگىن. ماقالەڭدىن قەتئىي ئەنسىرمە، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭغا ۋە مەسئولىيەتچەنلىقىڭغا رەھمەت،.
ياخشى تىلەكلەر تىلەپ: مەنسۇر ماسىخ»....

ئىنگىلىز تىلى نۇسخىسى:

Dear Buerhan,
Since you would have to respond to the two examiners' comments, I think you cannot do the Viva before the mid-September.
You certainly deserve a break and seek your parents' "Doa" during the holy month of Ramadan and please Allah.
So please enjoy your stay with your parents and do not worry about your thesis at all.
Thanks for all your great efforts and commitment.
Best wises

Mansur Masih


         شۇنداق قىلىپ ئەتە رامزان دىگەن كۈنى مېھرى ئىىسىسق شەھەر ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدىم.
  رامزاننى يۇرتتتا تۇتۇپ باقمىغىلى تالاي يىللار بوپتىكەن. بۇ يىل  ئۇلۇغ رامزان روزىسىنى ئاتا-ئانام ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىم ۋە يۇرتداشلىرىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ بوپتۇ.  ھېيتنى يۇرتۇمدا بىر كۈن قىلىپ بولۇپلا يەنە شۇ ئۇقۇش ئۈچۈن ئالدىراپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدۇق.
           بۇ جەرياندا مەن مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن بېرىپ بىر سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم، بۇ مەزگىل تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، ئۇقۇغۇچىلارمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ دىجورنى نۆۋىتى بويىچە ئىشلەۋېتىپتۇ، مەن بارغان كۈنى تەلىيمگە يارىشا، كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بار ئىكەن.. مەن كېلىشتىكى مەقسىتىمنى بىلدۈرگەچ، قىسقىچە تەرجىمھالىمنى سۇندۇم. ئۇ بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، يەنە بىر تەرپتىن قىسقىچە تەرجىىمھالىمغا قاراپ چىقىتى. قارىسام، ئوكىسفورد، خاۋارد ئۇنىۋېسىتى دىگەن جايلارنى قەلەم بىلەن سىزىپ قويدى،دەل مۇشۇ پەيتتە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ گېپى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىدى:« بۇرھان، سەن خاۋارد ۋە ئوكىسفوردلارغا ئۆز يانچۇقىڭدىن پۇل چىقىرىپ باردىڭ، بۇلارنى بىكارغا كەتتى دەپ ئويلىما، چوقۇم بىر كۈنى بۇ ئىشلارنىڭ ھالاۋېتىنى كۆرىسەن». مانا تۇنجى قەدىمىمدىلا بۇ ئەجىرلىرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بۆلۈم باشلىقى تىلفۇننى قولغا ئېلىپ، پۇل-مۇئامىلە ئىنىستوتىنىڭ ئىنىستوتىت باشلىقىغا تىلفۇن ئالدى ۋە خەنزۇۋاندا « بىر ئوقۇغۇچى كەپتۇ، چەتئەلدە ئوقۇپتۇ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى تاماملاش ئالدىدا ئىكەن، ئەھۋال ئىگەللىگىلى كەپتۇ، ئېغىر كۆرمەي بىر كەپ كەتسەڭ بوپتىكەن، خېلى ياخشى ئوقۇپتۇ، مىللى ئوقۇغۇچى ئىكەن»... ئىنونىستىت باشلىقى جىق گەپ قىلمايلا، بىرەر سائەتكىچە ئۆيىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.. بۇ ئاكىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىۋېسىتنىڭ ئەھۋالىدىن بىرەر قۇر خەۋەردار بولدۇم ھەمدە بۇ ئۇنىۋېستىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىسىدىن تەسىرلەندىم. ئىستوتىت باشلىقىمۇ يېتىپ كەلدى،، ئۇ مېنىڭدىن ئۇنى بۇنى سوراپ كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلارغا كەسىپ جەھەتتىلا ئەمەس، ھەمدە تىل جەھەتتىمۇ چوڭ ياردىمىم تىگىدىغانلىقىنى بۆلۈم باشلىقىغا پەش قىلدى، ھەمدە مېنىڭ قاچان قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن پەقەت دىتىرتاتسىيە ئاقلاشنىڭ قالغانلىقى، ئەگەر لايەقەتلىك بولسام، 10-ئاينىڭ ئاخىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى بولىدىغانلىقىمنى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئۇنىۋېرسىت ئالىمىز دەپ كاپالەتلىك قىلسا قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  بۆلۈم باشلىقى ئالىمىز دىسە مېنىڭ باشقا پىكىرىم يوق، بىز مىللى كادىرلارغا مۆھتاغ دەپ ئۈلگۈردى ئىنىستوتىت باشلىقى. بولۈم باشلىقىمۇ ئەگەر پۇل-مۇئامىلە ئىنستوتىغا لازىم بولسا، مېنىڭمۇ پىكرىم يوق دېدى بۇ ئاكىمىز چاقچاق ئارلاش....
         ئۇلار ماڭا ئالدى بىلەن ئۇنۋاننى ئېلىشىمنى ۋە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، يىل ئاخىرىغىچە مەكتەپكە كىرىپ كېتىشىمنى تەۋسىيە قىلدى،،، مەن راستىنى ئېيتسام، بۇ ئاكىمىز بىلەن ئىنىستوتىت باشلىقىنىڭ مېنىڭ كىشىىلىك قەدر-قىممىتىمنى قىلغانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈندۈم... ئىشلىرىمىڭ مۇنداق ئوڭ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن،،، ئۇلارغا رەھمەتلەر ئېيتىپ، خوشلىشىپ قايتىپ كەلدىم. مېنىڭ قېيىن داداممۇ بۇ ئىشتىن بەك مەمنۇن بولدى.
        40 كۈندەك ۋاقىتنى يۇرتتا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇغقان دوست بۇرادەرلەر بىلەن خوشلىشىپ يەنە شۇ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كەلدۇق. بۇ ۋاقىتتا قىزىمىڭ ئۇيغۇر تىلىمۇ بەك ياخشى بولۇپ كەتكەنىدى، يات تىللارنى ئارلاشتۇرماي راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدى،،، بۇ ئىش بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى،،،، ئۇنداق بولمىغاندا مەن قىزىمنى ئۇيغۇرمۇ قىلالمايتتىم، مالايمۇ قىلالماتتىم،،،، ئىككىنىڭ ئوتتۇرىدا قالاتتى،،،،، ئۇنداق بولغاندا مەن چەتئەلگە ئەۋلادلىرىمنى يوقاتقىلى چىققان بولۇپ، چەكسىز مەغلۇب بولاتتىم......... ئايالىممۇ بۇرۇن ئوقۇغان مالايسىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق كەسپىگە دوكتورلۇققا قوبۇل بولغانىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىۋالدى...
        ئەمدىكى گەپنى مېنىڭ ماقالمدىن ئاڭلايلى: تاشىقى باھالىغۇچىنىڭ باھالىشى كېلىپ بوپتۇ.. ئۇنىڭ باھالىشى مېنىلا ئەمەس بارلىق پىرافىسسرلارنى ھەيران قالدۇردى.. ئۇ باھاسى بولسا،« مېنىڭ ھىچقانداق پىكرىم يوق، ماقالىنىڭ بارلىق بابلىرى بىر بىرىگە زىچ باغلاشقان، مەقسەت بىلەن نەتىجىسى بىر-بىرگە ماس كەلگەن، مەن ماقالىغا ياخشى يېزىلغان ماقالە دەپ باھا بېرىمەن»..... ھىچقانداق پىكىر بەرمىگىنىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئىلىمى تەتقىقات يىغىنىدا قاراپ چىققان، مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ماقالىسىگە مەسئول ئىدىم، ئىلغار مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسى دىگەن شەرەپنى مەن تەشەببۇس قىلغان، شۇڭا مەن ئىلغار باھالالغان ماقالىگە يەنە پىكىر بېرىشنىڭ ئورنى يوق....... قاراڭلار، دۇنيادا ئىشلار مۇشۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالىدىكەن،،،،، مېنىڭ تاشقى باھالىغۇچىم بولسا ماڭا ئىلغار مەكتەپ پۈتتۈرۈش شەرىپىنى بەرگەن پىرافىسسور ئىكەن...... ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدۇم.
        ئەمدى شۇ ئىچكى باھالىغۇچىلا قالغان ئىدى،،، ماڭا 2-قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىم ئىچكى باھالىغۇچىنىڭ ئازراق پىكىر بەرگەنلىكىنى، ماقالىدە بەزى مەسىللەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ پىكىرىنى ئېلىپ چىقىشىمنى ئېيتتى. ئىچكى باھالىغۇچى ماڭا « ماقالىدە بىر قانچە جايلار باشقا ماقالىلەرگە ئوخشاپ قاپتۇ. سېنىڭ نەقىل ئېلىشنىڭ توغرا ئەمەس، نەقىل ئېلىش ئۇسولىڭ خاتا» دەپ بىر قانچە جايلارنى كۆرسەتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئېنىقلىما ئىكەنلىكىنى، ئېنىقلىمىنىڭ ئەينەن ئېلىنىدىغانلىقىنى ، ھەم نەقىل ئالغان ماقالىنى ئەسكەرتكەنلىكىمنى دىسەم، ئىشقىلىپ نەقىل ئېلىش ئۇسولىڭ خاتا، سەن بۇ ئېنىقلىمىلارنى كەتەكچە ئىچىگە ئالماپسەن، كاتەكچە ئىچىگە ئېلىپ قويساڭلا بولىدۇ دەپ تۇرىۋالدى.... پىرافىسسور بىلەن يەنە گەپ تالاشقىلى بولمايدۇ -دە،، شۇنداق قىلىپ مەن نەچچە كۈن ئىچىدە تۈزىتىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلىشىپ قايتىپ كەلدىم...
        2 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، 1-قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمدىن ئىلخەت تاپشۇرۋالدىم. خەتتە ئالدىنقى كۈنى مېنىڭ دىتىرتاتسىيە ماقالام ھەققىدە مەكتەپتە يىغىن ئېچىلغانلىقى ماڭا يەنە 2 ھەپتە ۋاقىت بېرىلگەنلىكى، ئەگەر 2 ھەپتە ئىچىدە ئىچىكى باھالىغۇچىنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن جايلارنى تۈزىتىپ بولالمىسام، مېنى يەنە بىر يىل قالدۇرۋېتىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى.. ۋە ئەتىسى ئۇنىڭ دەرسىدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىم تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى. ئۇ نۇقسانلارنى تۈزىتىپ بولۇش ئۈچۈن پەقەت بىر قانچە كۈنلا كېتەتتى،، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۇ كېچىنى قانداق ئۆتكۈزدۈم بىلمەيمەن، ئەتىسى مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم....
         «بۇرھان، سەن بىر قانچە يەردە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ھۆرمەت قىلمىغان بولساڭ، سەن ئەقلىيە ئوغرىسى بولۇپ ھىسابلىنىسەن،، لېكىن مەن سېنىڭ ئۇنداق قىلمىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن،  تۆنۈگۈن يىغىندا بىز 2-قۇل ئوقۇتقۇچىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن تاشقى باھالىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى،، پىكىر بەرمەيدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز،،، بۇ بىزنىڭ يۈزىمىزگە ياخشى ئىدى.. ئەمما ئىكچى باھالىغۇچى بىزنى لاسسىدە قىلىپ قويدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟؟؟»،،،،،،،،،،،،،،،،، «ئەقلىيە ئوغرىسى»،،،،،،،،، كاللام زىڭىلداپ كەتتى،،، بۇ زادى قانداق گەپ؟؟؟ مەن نەقىل قىلغان جاينى ئېنىق ئالغان تۇرسام........ مەن دەرھاللا ئىچكى باھالىغىچىنىڭ دوكلاتىنى مۇئەللىمىگە سۇندۇم... ئۇ بۇ 2-3 جايغا قاراپ چىققاندىن كېيىن:
-  نەقىل ئېلىنغان جاي ئېنىق تۇرمامدۇ.... نىمە قىلىشىڭ كېرەك ئىكەن...
- مېنىڭ بۇ ئېنىقلىمىلارنى كەتەكچە ئىچىگە ئېلىپ قوي دەيدۇ...
- ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى تەرەپتەتۇرسا بولمايدۇ،، بىز دىگەن خىزمەتداش.... ئۇنىڭ خاتا بولسىمۇ بىز ئۇ تەرەپتە تۇرىمىز، ئەگەر بىز ئۇنىكى خاتا دەپ تۇرىۋالساق، خىزمىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ.. ئوقۇغۇچىنىڭ ھامان خاتا بولىدۇ..... سەن ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئىش تۇت،، ھەرگىزمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويما،، سېنى ئۆتكۈزمەي تۇرۋالسا، ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ....... مەن تېخى قانداق چوڭ چاتاقكىن دەپتىمەن،، بۇ ھىچنىمە ئەمەس،،، ئەگەر سېنىڭ مىتودولوگىيەڭدىن، نەتىجەڭدىن چاتاق تاپقان بولسا، ئاندىن چوڭ چاتاق دەيمىز...... قارا-- ئۇ سېنىڭ مىتودولوگىيەڭگە تىگشكىمۇ پېتىنالماپتۇ..... قورقما، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ماقالاڭ ئىلغار بولۇپ باھالاندى، ئەڭ مۇھىم بولغان تاشقى باھالىغۇچى ياخشى باھا بەردى،، مۇشۇلارلا سېنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشىڭ ئۈچۈن كۇپايە... 9-ئاينىڭ 24-كۈنى سېنىڭ دىتىرتاتسىيە ئاقلاش كۈنىڭ بولۇپ بېكىتىلدى،،، شۇ ۋاقىتقىچە ماقالىنى ئىچكى باھالىغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈزىتىپ چىققىن....
      240 نەچچە بەتلىك ماقالىنىڭ 2-3 قۇرى باشقىلارنىكىگە ئوخشاپ قالغانلىقىن سەۋەبى بىلەن ئوقۇشۇم بىر يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدى،،، مانا بۇ چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلمى ماقالىغا قويغان تەلىپى ئىدى.....  
مۇشۇ ئىچ-ئاچچىقلىرى ۋە ئەندىكىشلەر ئىچىدە ھاياتىمدىكى مۇھىم بىر كۈننى يەنە دىتىترتاتسىيە ئاقلاش كۈنىنى كۈتىۋالدىم..... قانداق بولۇپ كېتەر ؟ ئىچكى باھالىغۇچى ئۆتكۈزمەي تۇرىۋىلارمۇ ؟ ئوقۇشۇم بىر يىل كىچىكىپ كىتەرمۇ ؟ شۇنداق قىلىپ 9-ئاينىڭ 24-كۈنى يېتىپ كەلدى. مەن شۇ يەنە نۇرغۇنلىغان خىياللار ئىچىدە مەكتەپكە كېتىپ باراتتىم... جاراڭلىغان تىلفۇن مېنى خىيالدىن ئويغاتتى...بۇ تىلفۇن مەكتەپتىن كەلگەن ئىدى..... دەرھال تىلفۇننى ئالدىم.....
- بۇرھان ئەپەندىم، مەن سېنىڭ ئىچكى باھالىغۇچىڭنىڭ ياردەمچىسى، ئۇ سېنى تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا تاپشۇرمىدى،، مەن نىمىگە ئاساسەن تۈزەتكەن تۈزەتمىگەنلىكىنى ئۇقىمەن دەيدۇ...ئۇ سېنىڭ تۈزەتكەن نۇسخىسىنى بىر نۇسخا تاپشۇرسۇن دەيدۇ..
- مەن تېخى دىتىرتاتسىيە ئاقلاشتىن كېيىن تاپشۇرساملا بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن..
- ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە بىر نۇسخا ئەكىرىپ بەرگىن،،
- بولىدۇ، مەن يولدا كېتىۋاتىمەن،، 1 سائەتكىچە بېسىپ چىقىرىپ، تۈپلەپ ئەكىرىپ بېرەي.....
         بۇ جاھىل ئوقۇتقۇچىمنىڭ تەلىپى بويىچە، بىر نۇسىخا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بەردىم.... بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، « مۇشۇنداق كاتەكچە ئىچىگە ئېلىپ قويساڭلا بولىدىغان... بوپتۇ، بىردەمدىن كېيىن دىتىرتاتسىيە ئاقلاشتا كۆرۈشەيلى.. لېكىن ئىدىيەڭدە تەييارلىق بولسۇن.... مەن سەندىن كۆپخىللاشتۇتۇپ مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا سۇئال سورايمەن».........بىر خىل چۈشىنىكسىزلىك ئىلكىدە ئىشخانىسىدىن ئايرىلدىم.. لېكىن،  ئاللاھ خالىسا، چوقۇم دىتىرتاتسىيەنى ياخشى قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم...
         ئەڭ مۇھىم دەقىقىلەر يېتىپ كەلدى،،،، بۇ دىتىرتاتسىيە ئاقلاش يىغىنىغا 6 پىرافىسسور، يىغىنى كاتىپى ۋە مەن بولۇپ جەمئىي 8 ئادەم يىغىلغانىدى... بۇلار بولسا مېنىڭ 1- ۋە 2- قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىم، ئىچكى باھالىغۇچىم، تاشقى باھالىغۇچىم، يىغىن رەئىسى، ۋە ئىلمى مۇھاكىمە ماقالسى باھالاش گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى ( ئادەتتە بۇ ئەزالار 5 بولۇپ، بۇلار ئىچىدىكى 4 ئەزا مېنىڭ 1- ۋە 2- قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىم، ئىچكى باھالىغۇچىم ۋە يىغىن رەئىسى ئىدى، پەقەت بىرسىلا مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى).... يىغىن رەئىسى سالاملار يوللىغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئاقلاشنى باشلىشىمغائىجازەت بەردى،،،،
مەنمۇ ئۇلارغا سالاملار يوللاپ بولغاندىن كېيىن، ماقالەمنىڭ تېمىسى ۋە ماقالامنىڭ ئومىمى قۇرۇلمىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئاقلاشنى باشلىدىم......
             1-باپنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە ماقالامنىڭ تەتقىقات ئەھمىيىتى، تەتىقىقات مەقسىتى، تەتقىقات سۇئاللىرى،  تەتقىقات تۆھپىسى ۋە بابلار قۇرۇلىشى ھەققىدە ئىكەنلىكى، 2-بابنىڭ بولسا ئىسلام پايچەكلىرى ھەققىدە ئومومى بايان ئىكەنلىكى، 3-بابنىڭ بولسا تەتىقىقات سۇئاللىرىغا نەزىرىيىنىڭ جاۋاپ بېرەلمىگەنلىكى، 4-بابنىڭ بولسا مەن قىلماقچى بولغان تەتقىقاتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قىلىغان بولىسىمۇ، لېكىن مىتىدولوگىيە چەكلىمىسى تۈپەيلى، بۇ تەتقىقات سۇئاللىرىغا سېستىمىلىق جاۋاب بېرىلمىگەنلىكى، شۇڭا مەن 5-بابتا تەتقىقات مەقسىتىگە يېتىشكە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان، ھىچقانداق چەكلىمىسى ۋە قىياس تەلەپ قىلمايدىغان، يېققىندا ئىنجىنىرلىق ئىلمىدىن مالىيە ئىلمىگە ئېقىپ كىرگەن دولقۇنسىمان تەتقىقات ئۇسولى (Wavelet Analysis) قوللانغانلىقىمنى شەرھلەپ ئۆتتۈم. 6-بابنىڭ بولسا تەتىققات نەتىجىسى ۋە ئانالىزى ئىكەنلىكى، تەتقىقات تۆھپەمنىڭ مۇشۇ بابتا ئىكەنلىكى ۋە 7-بابنىڭ بولسا يەكۈن باپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ماكرو جەھەتتىن مەلۇمات بەردىم.....
        ئەمدى ھەر بىر بابنى ئوپراتسىيە قىلىشقا باشلىدىم،، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ماقالە ھەققىدە مىكرو جەھەتتە مەلۇمات بېرىشكە باشلىدىم.  تەتىقىقات ئەھمىيىتى دىگەن تېمىغا كەلگەندە، قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم - دە، ئالدىمدىكى ئالدىنئالا تەييارلىتىلغان دوسكىغا 4 كاتاكچە سىزىپ تەتقىقات ئەھمىيىتىنى بىر تېپىشماق ھالىتىگە ئەكەلدىم،،،،، دىققەت قىلسام، ھەممە پىرافىسسولارنىڭ دىققىتى مەندە ئىدى...
      «  قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار پايچەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ مالىيە كىسەللىكى ياكى نۇرمال باغلىنىشلق ئىكەنلىكىنى پەرەقلەندۈرەلمىگەچكە، ئۇلار پايچەك بازىرىغا مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ..... ھەتتا ئامىرىكىدىكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىمۇ مۇشۇ مالىيە كېسەللىكى سەۋەبلىك مۇقىم پايدا بېرىدىغان زايومغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.. ئۇلارنىڭ زايومدىن ئېرىشكەن پايدا نىسبىتى پۇل پاخاللىق نىسبىتىدىن تۈۋەن بولسىمۇ (ئاخىرقى ھىسابتا ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن پايدىسى مەنپى بولىدۇ) ئامال يوق زايومغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ... ئەگەر بىز پايچەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ مالىيە كېسەللىكى ياكى نورمال باغلىنىش ئىكەنلىكىنى دولقۇنلارغا بۆلۈپ، قايسى دولقۇننىڭ يۇقۇملانغانلىقى، قايسى دولقۇنلارنىڭ يۇقۇملانمىغانلىقىنى (ھەر بىر دولقۇن، مەلۇم ۋاقىتتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ) ئېنىقلاپ چىقالىساق، خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارغا چوڭ ياردەم قىلغان بولىمىز.. شۇنداقلا ئەگەر ئىسلام پايچەكلىرىنىڭ يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقالىساق، ئۇنداقتا ئىسلام پايچەكلىرى نۇرغۇنلىغان مەبلەغنى ئۆزىگە جەلىب قىلالايدۇ...بۇ بولسا بىزنىڭ تۈپكى تەتقىقات مەقسىتىمىز..... مەن ئەڭ ئاخرىدا بۇ تېپىشماق كاتەكچىسىنى تولدۇرۇپ چىقىمەن.... تولدۇرۇپ چىقالىسام، تەتقىقات مەقسىتىگە يەتكەن بولىمەن.. ئەگەر ئەكسىچە بولسا، تەتقىقات مەقسىتىگە يەتمىگەن بولۇپ، ماقالامنىڭ ئىلمى تەتقىقات ئەھمىيىتى بولمايدۇ»....
  مۇشۇ بىر ياخشى باشلىنىش بىلەن ھەممە پىرافىسسورنىڭ دىققىتىنى دوكىلاتىمغا جەلب قىلدىم... ھەر بىر بابنىڭ يېزىلىش مەقسىتى، ئەھمىيىتى، بىر بابنىڭ يەنە بىر باپنى تەقەززا قىلىشى دىگەنلەرنى بىر-بىرلەپ يورىتپ بەردىم..... ئەڭ ئاخىردا ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئانالىز قىسمىنى چۈشەندۈردىم..
        بىرىنچى،  قوللانغان 2 خىل مىتودولوگىيە ئارقىلىق، غەرپ پايچەكلىرى بىلەن ئىسلام پايچەكلىرىنىڭ ئامىرىكا پايچەك بازىرى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.. بولۇپمۇ ئامىرىكا پايچەكلىرى بىلەن غەرب پايچەكلىرى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت بەكمۇ روشەن ۋە مۇرەككەپ.
       ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، يەنە باشقا ئىككى خىل مىتودولوگىيە بىلەن، بۇ باغلىنىشلىققا قايسى پايچەكنىڭ باشلامچى، قايسى پايچەكنىڭ ئەگەشكۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. نەتىجىدە، ئىقتىسادى كىرزس يۈز بېرشتىن بۇرۇن بۇ باغلىنىشنىڭ بەكمۇ روشەن ئەمەسلىكى، ئىقتىسادى كىرزستىن كېيىن بۇ مۇناسىۋەتنىڭ بەكمۇ روشەن بولغانلىقى، ئامىرىكا پايچەك بازىرىنىڭ ھەر قايسى دولقۇنلاردا باشلامچى رول ئوينايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
         ئۈچىنچى، بۇ تەتقىقاتنىڭ جان تومۇرى،،، بىز يەنە 2 خىل مىتودولوگىيە ئارقىلىق، بۇ باغلىنىشنىڭ مالىيە كېسەللىكى ياكى نورمال باغلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق. قىسقا دولقۇنلارنىڭ يوقۇملانغانلىقى،ئۇزۇن دولقۇنلارنىڭ بولسا يۇقىملانمىغانلىقىنى شەرئىي قىلىپ ئۆتتۈم. مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ ياردىمىدە، قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقلەندۈرگەندىن كېيىن، ئەگەر قىسقا دولقۇندا مالىيە كىسەللىكى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇلار قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سالالمايدۇ. ئۇزاق مەزگللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بولسا، بۇ قىسقا مەزگىللىك مالىيە كىسەللىكى بىلەن كارى بولماي مەبلەغ سېلىۋېرىدۇ.. ئەگەر بۇ كېسەللىك ئۇزۇن دولقۇنلاردا يۈز بەرگەن بولسا، قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ كېسەللىك بىلەن كارى بولماي، مەبلەغ سېلىۋېرىدۇ.... ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بولسا، بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك كىسەللىك سەۋەبى مەبلەغ سالالمايدۇ........ دەپ ، ئەگەر مەبلەغ سالالىسا، توغرا بەلگىسى، مەبلەغ سالالمىسا خاتا بەلگىسى ئۇرۇپ  ھېلىقى كاتەكچىنى (تېپىشماقىنى) تولدۇردۇم........ مۇئەللمنىڭ چىرايىدىكى مەمنونىيەت مېنىڭ تېخىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىدى...... يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەپ ئاقلاشنى داۋاملاشتۇردۇم،،،، بۇ قېتىمقى كىرزستا، غەرپ پايچەكلىرى زور دەرىجىدە يۇقۇملانغان ، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىسلام پايچەكلىرى بۇ يۇقۇملىنىشتىن خالى بولغان دەپ، بۇ خالى بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى 5 جەھەتتىن چۈشەندۈردۇم...
        تۆتىنچى،  مالىيە كېسەللىكى سەۋەبلىك، قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كۆپخىلاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىنى بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر مىتودولوگىيە بىلەن ئېنىقلاپ چىقتىم.
       ئەڭ ئاخرىدا تەتقىقاتنىڭ يەكۈنىنى، تەتقىقات سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىلگەن بېرىلمىگەنلىكنى، تەتقىقاتنىڭ بەزى يىتەرلىكسىزلىكلىرىنى يورىتپ بەردىم.............
       ئاقلاشنى تۈگىتىپ بولۇشۇمغىلا، يىغىن رەئىسى « مۇبارەك بولسۇن» دىگەن سۆزى مېنى بەكمۇ ھاياجانغا سالدى.. بۇ مېنىڭ ئاقلىشىمنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىدىغانلىقىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى..... يغىن رەئىسى باشىقلارنىڭ سۇئال سورىشىغا ئىجازەت بەردى... مېنىڭ 1-ۋە 2- قول ئوقۇتقۇچىقىم ئەلۋەتتە سۇئال سورىمايدۇ دە.....
      تاشقى باھالىغۇچىغا ئىجازەت بېرىلدى،،،، تاشقى باھالىغۇچى ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن « مېنىڭ ھىچقانداق پىكرىم يوق، ماقالىنىڭ بارلىق بابلىرى بىر بىرىگە زىچ باغلاشقان، مەقسەت بىلەن نەتىجىسى بىر-بىرگە ماس كەلگەن، مەن ماقالىغا ياخشى يېزىلغان ماقالە دەپ باھا بېرىمەن» دەپ يەنە شۇنى تەكرارلىدى.....  قەلبىم يەنە بىر قېتىم سۆيۈندى..
      ئىچكى باھالىغۇچىقا ئىجازەت بېرىلدى..... « تاشقى باھالىغۇچىنىڭ پىكىر بولمىغاندىكىن، مېنىڭمۇ پىكرىم بولمىسا توغرا بولاتتى،، لېكىن مەن بىر قانچە سۇئال سورىغىم كېلىۋاتىدۇ» دەپ بىر قانچە سۇئاللارنى سورىدى... بۇ سۇئاللارغا تاقابىل تۇرۇش بەكمۇ تەسكە توختاپ كەتمىدى.... ئۇ مېنىڭ ماقالىنى ئۆزى يازدىمۇ، يازغان ماقالىسىنى چۈشەندىمۇ يوق دىگەندەكلا سۇئاللارنى سوراۋاتاتتى..... مەن بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك قان تەر سىڭدۈرگەن ماقالە دائىرىسى ئىچىدە سۇئال سورالسىلا، سورالغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەدىم...
    ئەڭ ئاخىرىدا كومىتىت ئەزاسىغا ئىجازەت بېرىلدى...... بۇمۇ بىر نەچچە خىل سوئاللارنى سوراپ كەتكەنىدى،،، بۇ پىرافىسسور نەزەرىيەشۇناش ئىدى.... نەزىرىيە جەھەتتىن سورىغان بىر سۇئالىغا ئۇنى دىسەم خاتا دەيدۇ، بۇنى دىسەم بېشىنى چايقايدۇ...... ( بۇ ئادەم مۇشۇنداق بولغاچقا، بىرمۇ دوكتۇر ئوقۇغۇچى ئۇنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىمىغان ئىدى.. پەقەت نەزىرىيەلا سۆزلەيتتى). ئەڭ ئاخرىدا2-قول يىتەكچى ئوقۇتقۇچىم ماڭا ياردەم قولىنى سۇندى،،،،« ئۇنداق دەپ ئوقۇغۇچىغا تەتۈر چىرماق سالساق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەقسىتىگە يەتتى... ئەمدى بىز بۇنىڭدىن كۆپرەكنى تەلەپ قىلساق بولمايدۇ...... بۇ ئەمىلىي قوللىنىشچان ئىقتىساد قوراللىرىدىن پايدىلنىپ تەتقىقات مەقسىتىگە يەتتى.. بۇ نەزىرىۋى مالىيە ئەمەس»........... ماڭا بۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ قاتتىق قول بولىسمۇ، لېكىن قىيىن ۋاقىتلاردا بىزنى ئاقلايدىغان روھى مېنى بەكمۇ سۈيۈندۈردى...
يىغىن رەئىسى باشقا سۇئاللار بار-يوقلىقىنى تەكرالاپ ئۆتتى،، ھەممىسى جىم.... ماڭا سىرتقا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى..... ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى قارارنى مۇشۇ مىنۇتلاردا چىقىراتتى، مەن ئاللاھتىن ئىشىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئىلتىجا قىلىپ تۇردۇم........ مۇشۇ مىنۇتتا دۇنيا بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى بولغان ئىرانلىق ئابباس مىراخو مۇئەللمىم چۈشۈپ كەتتى... ئۇ نىمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى...... « مۇبارەك بولسۇن، دوكتور بۇرھان، مەن سېنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقڭغا ئىشىنىمەن، ئاللاھ ساڭا مەدەتكار»..... بۇ تۇنجى قېتىم مېنى «دوكتور» دەپ ئاتىشى ئىدى،،،،،، مۇشۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئاقلاش زالى باردىم.... بۇ ۋاقىتتا يىغىن رەئىسى ئاللىقاچان سىرتقا چىقىپ بولغانىدى.. « مۇبارەك بولسۇن، ئاقلاشتىن لايەقەتلىك ئۆتتىڭىز،،، مېنىڭ يىغىنىم بار ئىدى.. سېنى يەنە ئۇزۇن ساقلىيالمىدىم.. كېينكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكلداشمەن»»»» بۇ يىغىن رەئىسىنىڭ مۇبارەك سۆزى ئىدى..
ئاقلاش زالىغا كىرىىشمگىلا، ھەممىسى بىر-بىرلەپ مېنى تەبرىكلەپ كەتتى..... «مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن» دىگەن سادالار قۇلاق تۈۋىمدە قايتا-قايتا جاراڭلىدى،خوشاللىق ۋە ھاياجان ئارلاش مىنۇتلار ئەۋج ئالدى،، 2-قول ئوقۇتقۇچىم« سەن بۇ يىلقى مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىگە قاتنىشالايسەن، لېكىن بىز سېنى بىكار قالمىسۇن دەپ، ئىچىكى باھالىغۇچىنىڭ بەرگەن تەكلىپى بويىچە، چالا قالغان يەرلەرنى دۈيشەمبە كۈنىگىچە تۈزۈتۈپ بولغىن»......
        «بولىدۇ، بولىدۇ، مەن چوقۇم تۈزىتىمەن»،، ئەمىلىيەتتە مەن ئالدىنقى قېتىمدا شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزىتىپ بولغان ئىدىم.... ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى،، شۇنداق قىلىپ مەن بۈگۈن بىر يىلدىن كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەن كۆچەتنىڭ مېۋىسىنى يىدىم...... بۇ خوشاللىقىمنى سەھرادىكى ئاتا-ئانام بىلەن، دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلاشتىم.. مەن پىلانىم بويىچە ئىش قىلالىدىم... ئۈمۈدلۈك كۆزلەرنى ئۈمۈدسىز قالدۇرمىدىم...
       دىتىرتاسىيە ئاقلاپ بولغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقان تۈرك ئوقۇتقۇچىقىم، مېنىڭ بىر خىل ئوقۇتقۇچىلىق  مېھرى بىلەنلا ئەمەس، باشقىلارنىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ مۇبارەكلەپ كەتتى.... ساڭا دەرس بەرگەن مەۋسۈم مېنىڭ بۇ مەكتەپتىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ مەنىلىك بىر مەۋسۈم بولدى.... ماڭا بېرىلگەن باھامۇ ئاشۇ ئەڭ مەۋسۈمدە ئەڭ ياخشى بولدى.. سېنىڭ مەكتەپتە بەرگەن تەسىرىڭ ياخشى بولدى.. مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن.. مۇبارەك بولسۇن.. بىراۋا.........
      بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىسلام ئىقتىسادى دەرسىنى بەرگەن 80 دىن ھالقىغان پىرافىسسىرىم: بۇرھان، مەن ساڭا دەرس بەرگەن ۋاقتىمدا، سېنىڭ ئۇزاققا بارالايدىغىنىڭغا ئىشەنگەن،، سەن بىر راستچىل، ئاقكۆڭۈل ۋە غەزەپ-نەپرىتىنىڭ ئېنىق ئوقۇغۇچى،،،،، مەن سېنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىڭنىڭ ياخشى بولىشىغا تىلەكداشمەن.... مەن سېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنىڭدىن پەخىرلىنىمەن..
        ئادەمنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان يەنە بىر ئىش يۈز بەردى... مەن دىتىرتاتسىيەنى ئاقلاپ بولۇپ ئەتىسى بىر تىلفۇننى تاپشۇرۇپ ئالدىم...... تىلفۇندا:« ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم، دوكتور بۇرھان، مەن دوكتور ئەشرەف،  ئاڭلىسام دىتىرتاتسىيەنى ئاقلاپ بوپسەن،، مۇبارەك بولسۇن،، ساڭا  مەلۇم بولغىنىدەك مەن ئەفىن ئىسلام بانكىسىدا مەسلىھەتچى،، بۇ بانكا جوڭگودىمۇ تارماق بانكىلارنى ئاچماقچى،، شۇڭا بىزگە جوڭگو بازىرىنى ۋە ئىسلام مالىيسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان بىر ئادەمگە مۆھتاج،، بىز بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالامسەن؟؟»
       مېنىڭ قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى بىلمەيسىلەر،، بۇ ھاياجان بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇكاپات ئۈچۈن ئىدى.... مېنى «دوكتور» دەپ ئاتىغانلىقىدىنمۇ ئۇنىڭدىن سۈيۈندۈم...... چۈنكى مېنىڭ ئىلمى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىنغان ئىدى..
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام دوكتور،،، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.. ئاشۇنداق بولسا، بەكمۇ خوش بولاتتىم.. مەنمۇ ئىسلام بانكا ساھەسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قاتالايتتىم..
- بولىدۇ،، جۈمە كۈنى ئىشخانامغا كەلگىن، قالغىنىنى شۇ ۋاقىتتا دىيىشەيلى.....
ماڭا بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ماڭا كەلگەن زور بىر مۇكاپات ئىدى..... دىتىرتاتسىيە ئاقلاپ بولۇپ، ئەتىسى بۇنداق خەۋەرنى تاپشۇرۋېلىش كىمنى ھاياجانغا سالمايدۇ دەيسىلەر؟!! ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى...
      يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كۇلالۇمپۇر ئۇنىۋېسىتىدىن تىلفۇن كەپتۇ.. دوكتور بۇرھان سېتى، ئاڭلىساق دىتىرتاتسىيەنى ئاقلاپ بوپسەن.. بىزگە بۇ ساھەدە ئوقۇتقۇچى لازىم.. 10-ئاينىڭ 11-كۈنىگە يۈزتۇرانە ئىمتىھانىغا كېلەلەمسەن؟  سېنىڭ مەكتىپىڭدىن سېنى ئالاھىدە تونۇشتۇردى..
      - بولىدۇ،، بولىدۇ، مەن ۋاقتىدا بارىمەن..........  مانا مۇشۇنداق خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق كېلىشكە باشلىدى... ( نىمەتلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلىك، نىمەتلەرگە شۈكرى قىلغانلىق دەپ ئويلايمەن،، شۇڭا ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نىمەتلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم)...
      يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن، بىر قازاقىستانلىق ۋە مالايسىيالىق ئىككى ساۋاقدىشىم، خۇددى دىيىشۋالغاندەكلا، « دوكتور بۇرھان، مالايسىيا تىخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئىقتىساد فاكولتىتى مۇدىرىنىڭ دىيىشىچە، سېنى ئالىدىغان بوپتۇ.. پەقەت سېنىڭ دىتىرتاتسىيە ئاقلىشىڭنى ساقلاۋېتىپتۇ.. خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئۇلارغا دىتىرتاتسىيە ئاقلاپ بولغىنىڭنى مەلۇم قىلدىڭمۇ ؟» دەپ كەتتى ئايرىم ئايرىم ھالدا.... بۇ ئىككى ساۋاقدىشىمىڭ ئىككىسىلا بىر خىل گەپ قىلىۋاتاتتى...
     مەن تىلفۇننى بۇ مۇدىرغا ئالدىم... مۇدىر ماڭا :« سېنىڭ دىتىرتاتسىيە ئاقلاپ بولغانلىقىڭدىن خەۋەر تاپتۇق.. سېنىڭ خىزمەت ئىشىڭنى يوقىرىغا يوللاپ بولدۇم... خوش خەۋەر كۈتكىن»......... مانا بۇ ئىشلار ياراتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىسىز قىلنىڭ تەۋرىمەيدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئىشلاردا ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.....
       ئوقۇتقۇچىلىرىم بولسۇن، ساۋاقداشلىرىم بولسۇن، بەس - بەستە «دوكتور» نامى بىلەن چاقىرىپ كەتتى... مەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان كۈنلەردە گەرچە مەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولمىغان بولساممۇ، باشقىلار مېنىڭ قەدرىمنى قىلىپ، «دوكتور» دەپ ئاتىغان يەردە، خەلقىمنىڭ مېنىڭ قەدرىمنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندىم..... شۇڭا ئاشۇ مەزگىلدە ئازراق بالدۇر بولسىمۇ ، ماقالىنىڭ كەينىگە « دوكتۇر بۇرھان سېتى» دەپ قوشۇپ قويدۇم.. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.....
       2012-يىل 10-ئاي بىز ئۈچۈن بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئاي بولدى.. چەتئەلدىكى 6-7 يىللىق مۇساپىر ھاياتنىڭ ئورمىلىرىنى مۇشۇ ئايدا ئورىۋالدۇق... بۇ بىزنىڭ مول-ھوسۇل ئېيىمىز بولدى،،، ئىشلار مۇشۇنداق توغرا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ توغرا كېلىپ كېلىشلار بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيتتى.
      10-ئاينىڭ 3-كۈنى مېنىڭ 32 ياشقا تولغان كۈنۈم بولدى.. مېنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغىنىمغا 32 يىل بولدى.. 32 باھارنى، 32 يازنى، 32 كۈزنى ۋە 32 قىشنى بېشىمدىن كەچۈردۈم.... قانچىلىغان ئىسسىق -سوغاقلارنى بېشىمدىن كەچۈردۈم بۇ يادىمدا يوق..... 7 ياش ۋاقتىمدا مەكتەپكە بارغان بولسام، 2 يىل ئىشلىگەن ۋاقىتنى چىقىرۋەتكەندە،  ئوقۇشقا بولغان يۈكسەك مۇھەببەت بىلەن 23-24 يىل ئوقۇدۇم....
     10-ئاينىڭ 6-كۈنى قوش خوشاللىق بولدى.. بۇ كۈن ئايالىمنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى ۋە ئەڭ مۇھىمى بولغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى بولغان كۈنى بولدى........ ئۇ ھەم 2 بالىغا ئانا، ھەم ئوقۇغۇچى، ھەم ئائىلە ئايالى بولدى... بۇ يەردە ئۇنى ماختاش ئەمەس، ئۇنىڭ تارتقان جاپالىرىنى يورىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.  مەن قانچىلىگەن كىچىلەرنى قىزلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، قانچىلىغان ۋاقتىنى ئۆي ئىشلىرىغا سەرپ قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن، قايسى ۋاقىتى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەپ، قايسى ۋاقتى بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلغانلىقىمۇ ماڭا ئايدىڭ ئەمەس... قايسى ۋاقتى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغىنىنى ، قايسى ۋاقتى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسىغا ئىشلىگىنىنى بىلمەيمەن،، ماڭا قارىغاندا جىق بەدەل تۆلىدى،،، مېنى قوللىدى.. مېنىڭ ئوقۇشۇمنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئۆزىنىكىنى بولسا ئىككىلەمچى ئورۇنغا قويدى.... قايسىدۇر بىر ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك:
ئىككى بالا + ماگىسترلىق ئوقۇشنى تاماملاش = دوكتورلۇق ئوقۇش بىلەن باراۋار..........
     مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن... مەن چوقۇم ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى  ئاخىرغىچە قوللايمەن.. راستىنى ئېيتسام مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا، مەن ئىككى بالىغا قارىغاچ كومپىيوتور ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن.... ئاپىسى بولسا، دەرسى ئۈچۈن مەكتەپكە كەتكەنىدى.... مانا بۇ كۆرىنىش ئۇنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان كۆرىنىش:
   10-ئاينىڭ 11-كۈنى بولسا، مەن كۇلالۇمپۇر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشتىم... ئۇلار مەن ئۆگەنگەن بىلىمدىن ئەمەس، مېنىڭ ئادىمىيلىكىمدىن ئىمتىھان ئېلىۋاتتى.... ئۇلار مېنىڭ دۇنيا كىشىلىك تۇرمۇشىمنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىدىن ئىمتىھان ئېلىۋاتتى،،،،، ئۇلار مېنىڭ نىمە ئۈچۈن مالايسىياغا كەلگەنلىكىمنى، نىمە ئۈچۈن مالايسىيادا ئوقۇشنى تاللىغانلىقىمنى ، نىمە ئۈچۈن ئىسلام پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى تاللىغانلىقىمنى، راستىنى ئېيتقاندا مەن مۇشۇ يېزىۋاتقان تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىۋاتتى.. مەنمۇ ئۇلارغا ياخشى تەسىر بېرىپ ، يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم...
     10-ئاينىڭ 19-كۈنى بولسا كىچىك قىزىمىزنىڭ بىر ياشقا تولغان كۈنى بولدى... بۇ خوشاللىق كۈنلەرنى بىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى. بۇ كۈندە ئۇ رەسمىي مېڭىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدى....
     10-ئاينىڭ 20-كۈنى بولسا، مېنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بولغان كۈنۈم بولدى... 180 نەچچە نەپەر مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىچىدە ئاران 3 نەپەر دوكتور ئوقۇغۇچى بار ئىدى،،، بىرى بولسا، سۇندانلىق بىر ئايال ئىدى، بۇ ئايالمۇ 3 بالىسىنى ئېلىپ بۇ يىغىن ئۈچۈن كەپتۇ. يەنە بىرى بولسا مالايسىيالىق مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇمۇ ئاتا-ئانىسى، ئائىلىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بۇ كۈنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەپتۇ... يەنە بىرى مەن ئىدىم.. مەنمۇ ئايالىم ۋە بىر قانچە دوستلىرىم بىلەن بۇ كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلدۇق..
مۇراسىم باشلاندى،،  تۇنجى بولۇپ مېنىڭ ئىسمىم چاقىرىلدى:
«بۇرھان سېتى» .. ماقالەمنىڭ تېمىسى ئوقۇپ بولۇنغىچە مەن مۇنبەردە ساقلاپ تۇردۇم... ماقالامنىڭ تېمىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى...چاۋاك سادالىرى ئىچىدە، ھاياجان ئىلكى بىلەن، رەھمەتلەر بىلدۈرۈپ، ئۇنۋاننى تاپشۇرۋالدىم. مانا بۇ شۇ خوشاللىق مىنۇتلاردىن بىر كۆرۈنۈش:

0101.jpg



ئۇنىڭدىن كېيىنلا، 10-ئاينىڭ 26-كۈنى قۇربان ھېيتىمىز بولدى. بۇ ئاي شۇنداق قىلىپ ئاخىرلىشىپ كەتتى..
ئەڭ ئاخىرىدا مەن ماقالەمنى يەكۈنلەپ چىقاي:
         ماڭا چەتئەلگە چىققىلى 6 يېرىم يىل بوپتۇ.... بۇ  جەرياندا 9 ئاي  تىل ئۆگەندىم.. كۈتكۈچى بولدۇم. 2 يىلدا ماگىستىرلىقنى تاماملىدىم، 2 يىل خەلىقئارالىق شىركەتتە ئىجرائىى خادىم بولۇپ ئىشلىدىم. 3 يىلدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى تاماملىدىم. ئائىلىك بولدۇم، 2 پەرزەنىتلىك بولدۇم... قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مەن ۋاقىتنى زايە قىلمىدىم، تۇرمۇشقا يۈكسەك مۇھەببەت باغلاپ، ياراتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشتىم... ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ئانچە-مۇنچە ياردىمىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ئاتا-ئانامنىڭ ياردىمىسز يات بىر يۇرتتا بىلىكىمگە تايىنىپ ئىقتىساد مەسىللىرىنى ھەل قلىپ،  قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەپ ئۇيغۇر دوكتورلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدىم... ئەڭ ئاخىرقى ئارمىنىم بولسا، مۇشۈ ئىگەللىگەن بىلىملىرىمنىڭ پايدىلىق ئىلىم بولۇشىنى، مۇشۇ ئىلىملىرىمنى توغرا يولدا ئىشلىتىشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمەن...
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تاماملاندى..  كۇلالۇمپۇر.

ئەسكەرتىش: گەرچە بۇ كونا ماقالە بولسىمۇ، يەنە قايتا يوللاپ قويدۇم،،، پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.... مۇنبەردىن يوقاپ كېتىپتۇ..


5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 13:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئىسلام پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا قىزىقاتتىم ، مۇمكىن بولسا يازما ئىگىسىنىڭ مۇشۇ تېمىدا ئېنىقراق ، تەپسىلى قىلىپ مۇنبەردە چۈشىنچە بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 14:40:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى بۇرۇنمۇ ئوقىغان ئىدىم ،شۇنداق تەسىرلەنگەن ھەم ئۆزەم توغرىسىدا كۆپ ئويلانغان ئىدىم.
ھازىرقى تەتقىقات ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىنمۇ خەۋەر بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى.
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 15:40:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     50يىللق  ئوقۇش ھاياتىمدا ئوقۇغان ئەڭ تېتىملق  ،قەلبىمنى ئەڭ ھاياجانا سالغان ئوقۇشلۇق بولدى . مەنمۇ شىۇنداق  تىرىشچان  ئوقۇغۇچى ئىدىم ،ئالى مەكتەبتە ئۇقۇتقۇچىمۇ بولغان . ئەمما تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىلەن  ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي مانا مۇشۇنداق ئائىلە باشلىقى بولدۇم ، بۇرھان دوكتۇر ئوزلە زور تىرىشچانلق بىلەن ئەممىنى تەڭ ئېلىپ مىڭىپتىكا ،اللە مەن تىرىشقانلار بىلەن بىللە ،دەپتىكەن ،سىلىدىن بەكمۇ سويۇندۇم ، ھەم ئالى مەكتەبكە قايتا كىرىپ  ئوقۇغۇم كىلىپ كەتتى .
    بۇ تىز يازمىنى ئوقۇپ ،ھازىر يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە چەكسىز غەمگە پاتتىم . چۇنكى ،ھازىر يۇرتىمىزدا بۇلۇپمۇ يېزىلاردا ئاتا- ئانىلار  مەكتەبنى بالىلارغا نان بېرىدۇ بىلىم بەرمەيدۇ ،دەپ بالىلىرىنى مەكتەبكە بەرمەيدىغان بۇلىۋالدى . بۇلارنى سىزنىڭ ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولدى .  
     ھازىر بىزدە تىرىشقانلار   دۇنيا سەۋىيىسىگە يەتتى ، تىرىشمىغانلار بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئىشتان -پايپاق ساتتى . بەلكىم بۇمۇ بىر ئاللەنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدۇ ؟

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 15:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەڭگۇ كونىراپ قالمايدىغان ياخشى تىما ،دوكتۇر بۇرھان ئەپەندى  نوۋەتتى مۇۋاپپەقىيەتلىرى ھەققىدىمۇ  مەلۇمات بەرگەن بولسا بوتىكەن .  

5

تېما

0

دوست

3052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 727
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 16:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىپتۇ، ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىغا تىلەكداشمىز.
مۇمكىن بولسا مۇشۇ ساھەدە قىزىقىدىغان ياشلىرىمىزنى كۆپرەك تەربىيلەشكە كۈچ چىقارسىڭىز...
كۈچى بار ئۇيغۇر كارخانىلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ بىر ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن.

18

تېما

4

دوست

5531

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1708
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 16:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزپسىز ،،،

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4869
توردىكى ۋاقتى: 1412
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 20:22:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئادەمگە كۈچ  قۇۋۋەت بەرگىدەك يازما ئىكەن  -بۇ! مۇمكىن بولسا ئاپتۇرنىڭ ،مائارىپ ئىزدىنىشلىرىتوغرىسىدىكى يازمىللىرنى  توختىماي  بىزگە سۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەنمۇ ئاپتۇرنىڭ يازمىسىدىن مەنپەئەتلەنگەن باغۋەن.بىزنىڭ مائارىپىمىز راستىنلا بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ. راھەت بولمىغان تىل يېزىق ئوقۇتۇشى مائارىپىمىزنى ئاز كەينىگە چىكىنىدۈرمدى. شۇنداق بولسىمۇ ئوقۇتقۇچىلار چىشىنى چىشلەپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە  مۇستەھكەم تۇرىۋاتىدۇ.بىز ئۆزىمىزنىڭ مائارىپىنى ئۆزىمىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،ئىزدىنىشمىز كىرەك.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )