قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4493|ئىنكاس: 24

ماۋزېدۇڭ بىلەن جۇئىنلەينىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

11

دوست

863

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21851
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 17:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزېدۇڭ بىلەن جۇئېنلەينىڭ ئۆمۈرنىڭ ئاخىردىكى ئىشلىرىدىن تەرمىلەر

جاڭ يۇفېڭ
ھېيت مۆمىن تەرجىمسى

8888000.jpg


      بۇندىن 12 يىل بۇرۇنقى ئەجدىھا يىلىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغاندى. ئۇ يىللاردا كىشلەر ئارسىدا جۇئېنلەي، ماۋزېدۇڭدىن  ئىبارەت غايەت زور ئىككى يۇلتۇزنىڭ ساقىپ چۈشكەنلىكى توغرىسدا خىلمۇ -خىل خەۋەرلەر تارقالغاندى.ئەينى ۋاقىتتا جۇڭنەنخەيدىكى ئىشلار قاتتق سىر تۇتۇلغانلىقتىن، نۇرغۇن ئىشلار سىرلىق تۈس ئالغانىدى.مەن جاينىڭ ‹‹ تارىخ-‹تېپىشماق› نىڭ ماكانى بولماسلىقى كېرەك›› دېگەن ماقالىسنى ئوقۇپ،بەزى تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.
      بۈگۈن ‹‹ يەن، خۇاڭ ئەۋلادلىرى›› ژورنىلنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن،رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ ئۆمىرنىڭ ئاخىرقى يىللىردىكى بەزى ئەھۋاللىرىنى ئەينەن بىلىۋېلشىمىزغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كىسەل ۋاقتىدىكى بەزى ئەھۋاللىرىنى يېزىپ چىقتىم.
   
        ماۋزېدۇڭنىڭ ئاخىرقى ئۆمىردىكى سالامەتلىك ئەھۋالى
      1971-يىلى. ئۇ چاغلاردا كىشلەر بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا گېزىت،ھۆججەت ۋە كىنۇ-تېلېۋزىزرلاردىن ماۋزېدۇڭنىڭ سۆزلىرىنى ۋە سىياسى پائالىيەتلىرىنى كۆرەتتى ۋە ئاڭلايتتى. ئۇلاردا ئۆتكەنكى ئىشلارنىڭ ئازلا بىر كۆرۈنۈشى ياكى ماۋجۇشىنىڭ بىر قانچە ئېغىز سۆزى ياكى بىرەر جۈملە سۆزى ياكى بولمىسا بىر قانچە ئون يىل بۇرۇنقى مەلۇم سۆزلىرىنىڭ ئۈزۈندىسى ‹‹ ئەڭ ئالىي يوليۇرۇق›› دېيلەتتى.
      گېزىت -ژورناللار، كىتابلار ۋە ھەرخىل تەشۋىقات-خەۋەرلەردە،ئومۇمەن خەت بارلىكى جايلارنىڭ ھەممىسدە ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ماۋجۇشى‹‹ ئىلاھ›› لاشتۇرۇپ قويۇلغاندى.  لېكىن دائىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇپ تۇردىغانلار ياكى ئۇنىڭ يىنىدا ئىشلەيدىغانلار بولسا بۇنداق‹‹ ئىلاھلاشتۇرۇلغان›› ئوبىرازنى كۆرەلمەيتى.
    چۈنكى ئۇ رېئال تۇرمۇشتا يەنىلا ئادەم ، بەلكى ياشانغان ئادەم ئىدى. بۇچاغلاردا ئۇ 77 ياشتا بولۇپ، كىشلەرنىڭ نەزىردىكىدەك ئۇنچىۋىلا جۇشقۇن بولماستىن،بەلكى چاچلىرى ئاقىرىپ، خېلى بەكلا قېرلىق يەتكەن كىشى ئىدى.
    ئاتىمىزنىڭ چىرايى ئىلگىركىدەك ‹‹ يۈزلىرىدىن نۇر يىغىپ تۇردىغان ھالەتتە ئەمەس، ياداڭغۇ ئىدى.ئەمما ئۇنىڭ ئىرادە ۋە ئىشەنچىسى يەنىلا كۈچلۈك،كاللىسى ساز بولۇپ،كىشلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇرۇنقىدەك يۇمۇرلۇق ۋە قىزىق گەپلەرنى قىلاتتى. ئۇ پارتىينىڭ رەئىسى،ھەربىي ئىشلار كومىتېىنىڭ رەئىسى،مەمىلكەتلىك سىياسىي  مەسلھەت كىڭىشنىڭ پەخىرى رەئىسى بولغاچقا،كىشلەر ئادەتتە ئۇنى ‹‹رەئىس›› دەپ ئاتاپ  ئادەتلىنپ قالغاندى.ئۇ ئۆمىرنىڭ ئا ئاخىرقى يىللىرىدا مەركەزنىڭ خىزمەتلىرى توغىرىلق كۆپلىگەن تەستىقلارنى يازغان.پىكىر،نۇتۇق ۋە سۆھبەتلەرنى بايان قىلغاندى.ئۇ، تولا چاغلادا بىر مۇنچە پىشقەدەم يولداشلار ياكى دوستلار بىلەن تارىخ،ئەدەبىيات،شېئىر،ئەلنەغمە ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بولغان نۇرغۇن مەسلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئىلىپ باراتتى. ئۇنىڭ مۇل ئىجتمائى ئەمەلىيتى ئۇنى تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت شادلىقىدىن بەھرىمان بولدۇ.لېكىن ئۇ دائىم دېگۈدەك بىئارەم بولۇپ كېتەتتى.كىشلەر قانداقتۇر ئۇنىڭغا ‹‹ مەڭگۈ ئۇزۇن ئۆمۈر›› تىلىسمۇ ئەمما تەبىئەت قانۇنىيتىنىڭ تەرەقىياتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايتى.
        ئۇنىڭمۇ ئادەتتىكى ياشانغان كىشلەرگە ئوخشاش قېرىلىقتىن بولدىغان تۈرلۈك كىسەللىكلەرنىڭ ئازابىغا تاقابىل تۇرشى قىيىن ئىدى ئىدى. دۆلىتمىز رەھبەرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى،ئادەتتە ئىنتايىن مەخپى تۇتۇلاتتى. ماۋجۇشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تىخمۇ مەخپىي بولۇپ ئادەتتە ئىنتايىن كىچىك دائىردىكى كىشلەر لا ئادەتتە  ئىنتايىن كىچىك دائىردىكى كىشلەرلا ماۋجۇشىنىڭ كېسەلنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكنى بىلدىغانلار تېخىمۇ ئاز ئىدى. سۈنئىي ھالدا كۆككە كۆتۈرۈش،مەدىيە ئوقۇش رېئاللىقتىن قاچۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ماۋجۇشىنى ۋە مەركەزنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلۋاتقان جۇئېنلەي زۇڭلىنى تولمۇ بىزار قىلۋەتكەندى.
      1971-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ماۋجۇشىنىڭ  كېلسى بەلكى خېلى ئېغىر دەرىجىدىكى قېرلىق كېسلى قوزغالدى. ئۇيىلى دەسلەپتە زۇكام نەپەس يولى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،شۇنىڭ بىلەن ،ماۋجۇشى كېچە-كۈندۈز قېيىقىپ يۆتىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ كىسلى بارغانسىرى ئېغىرلىشپ ،زادى ياخشلىنالمدى.كېيىن دوختۇرلار تەكشۈرۈپ ئۆپكە چوڭ قانتى ۋاسپالنىيسى دەپ دېئاگنوز قويدى.بۇكېسەلگە گىرپتار بولغانلار چارچىماسلىقى ۋە تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك ئىدى.ئەمما رەئىس بۇنىڭ ئەكىسچە تاماكىنى تاشلىيالمايتتى.خىزمەتتىن تىخمۇ ئايرىلالمايتتى،مەن ئۆز كۆززۈم بىلەن   كۆرمىگەن بولسام رەئىسنىڭ كىشنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە خىزمەت ئشلەش روھغا ئىشەنمىگەن بولاتتم.
        رەئىس بەزىدە ئۆز كۆز قارشىدا چىڭ تۇرۋالاتتى ھەم بەكمۇ تەرسا ئىدى.بۇ ئىش ئۇنىڭ داۋالنىشىدا ناھايتى گەۋدىلىك ئىپادىلنەتتى.ئۇ،بەزىدە دورنىڭ شىپالىق رولغا ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمەيتتى.دوختۇرلار بەزىدە ئۇنىڭغا پايدىلىق تەكلىپلەرنى بەرسە،ئۇ ‹‹دوختۇرلارنىڭ گېپىنىڭ30 پىرسەنتىگە،ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 50 پىرسەنتىگە ئىشنىشكە بولدۇ›› دەيتى. ئۇ ،ئادەمنڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى بولسىلا،كىسەلگە تاقابىل تۇرغىلى بولدۇ دەپ قارايتتى.دەرۋەقە،تەن ساغلام بولغان ۋاقىتتا  ئۇششاق كىسەلگە تاقابىل تۇرغىلى بولدۇ، ئەمما ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئورگانىزىملارنىڭ ھەممىسنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەچكەئاشۇ چارە بىلەن كېسەلگە تاقابىل تۇرىمىەن دېسە بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ كىسلى ئۇزاققا سوزۇلۇپ ئېغىرلىشىپ كىتىپ،تولمۇ ئازابلىنىپ ۋە قىيلىنىپ كىتىپ باراتتى. يۆتەلنىڭ دەستىدىن كارۋاتتا ياتالماي،كېچە-كۈندۈزلەپ كىرېسلودا ئولتۇراتتى.ئۇچاغدا مەن ۋە سىېستىرالار باشلىقى يولداش ۋۇشۇيجۇن كېچە-كۈندۈزلەپ ئۇنىڭ كىسلىگە قارايتتۇق.
      رەئىسنى داۋالايدىغان دوختۇر-سېستىرالارنىڭ خىزمىتىگە مەركەزدىن ۋاڭ دوڭشېڭ،جاڭ ياۋسى يولداشلار ئورۇنلاشتۇرغاندى.جۇزۇڭلى داۋالاش ئەھۋالىنى دائىم سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى.رەئىسنىڭ كېسلى دوختۇر-سېستىرالارنىڭ جان كۆيدۈرۈپ داۋلىشى ۋە رەئىسنىڭ ئاكتىپ ماسلىششى ئارقىسىدا،خىلى ياخشلىنىشقا قاراپ ماڭدى.

داۋامى بار                                                                                           

‹‹ئەدەبىي تەرجىملەر›› دىن ئېلىندى    باغداش تورغىلا خاس روخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

ma.jpg
ma.jpg
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ئوغۇز قاغان پۇشتىمەن،بوۋامدەك

3

تېما

2

دوست

512

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:01:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزېدوڭ رەسىمىدىن بىر نېچچىسى بار ئىدى،قېنى مەرھەممەت!

ماۋزېدوڭ1

ماۋزېدوڭ1

ماۋزېدوڭ2

ماۋزېدوڭ2

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

5732

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1748
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى رەھبەر چىرىكلەشمىگەن ،پارا ئالمىغان ئىدى.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 21:47:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ چاپاننىڭ يانچۇقىغا، ئەمما بەش كىلوگراملىقتىن ئىككى خالتا ئۇن پاتىدۇ جۇمۇ

0

تېما

0

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5739
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 103
تۆھپە : 153
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 22:42:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-30 21:47
ئاۋۇ چاپاننىڭ يانچۇقىغا، ئەمما بەش كىلوگراملىقتىن ئىك ...

كىم لايىھىلىگە چاپان بولغىيتى ئاشۇ

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 22:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەئىسىمىز بەك جىق ئىشلارنى قىپتىكەن ،كىيىنكىلەر ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئىشلارنى قىلىۋىتىدىغان چىراي
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )