قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1088|ئىنكاس: 1

بوۋاق قىزىغاندا ۋە باشقا كۈتۈشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

458

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18576
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 18:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       بالا قىززىپ قالغاندا ئەڭ ئاۋال تىرىشىپ قىزىتمىنى ياندۇرىمىز، مەسلەن،لۈڭگىنى يۆلدەپ دىگەندەك. زادى ئۈنۈم بەرمىسە ئاندىن قىزىتماياندۇرۇش دورىسى ئشلىتىكىدەنمىز. بۇ يەردە پاراسىتىمول PARACETAMOLدايدىغان دورا پەللەك ئارقىلىق كىرگۈزۈلۈپ داۋالىنىدۇ.
       بوۋاقنىڭ كېسىلىگە قارىتا دۇنيادا ئەڭ سەزگۈر بولىدىغىنى ئانا بولغاچقا بالىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىينىلىۋاتقانلىغا ئانا ئۆز تەبىئىتى بىلەن توغرا  قارار چىقىرالايدۇ، شۇڭا ئانىلار بالىنى دوختۇرغا ئاپىرايلى دىسە چوقۇم ئاپىرىش كېرەككەن، گەرچە ئانانىڭ قارارى بەزىدەخاتا بولۇپ قالغاندىمۇ ھەرگىز ئانىنىڭ سەزگۈسىگۈ سەل قارىماسلىق كېرەك،ئاناكۆپىنچە ھاللاردا  بىرىنچى تـوغرا دىئاگونۇز قويغۇچى بولىدىكەن.  داۋالاش باشقا گەپ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ھەددىدىن زىيادەچارچاپ كەتمەسلىكە كېرەك، بولمىسا تەبىئى سەزگۈسىنىڭ نورمال ھۆكۈم قىلىشىغا تەسىريېتىدۇ، شۇڭا ئانا چوقۇم ئارام ئىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
      تولا ئەنسىزئانىلار ئاساسلىغا ئۆزىنى كۈتۈشنى بىلمەي ياكى ياردەم بېرىدىغان ئادەمگە ئشەنچ قىلالمىغانلىقنىن ۋە ياخشى ئۇخلىمىغانلىقتىن ئەنسىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقنى10 كۈندىن كېيىن كەچلىكى ئاستا-ئاستا ئىمىتمەسلىكى ،بىر ئايلىق بولغاندا پۈتۈنلەي ئىمىتمەسلىككە تىرىشىش لازىمكەن. بەزىدەبوۋاق كېچىلىكى بىر ئىككى قېتىم ياكى ئۇندىن ئارتۇق ئويغىنىپ يىغلايدۇ.ئانا بۇ يىغىنىڭ ئاغرىق سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىگەھۆكۈم قىلالىسا بالىنىى ئون مىنوتتىن ئون بەش مىنوت ئەتراپىدا يىغلاشقا قويۇپ بېرىش يەنى ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماسلىغا كېرەك. (بۇ ناھايىتى تەس ئەمما ئۈنۈمى ياخشى)،شۇڭا بالا يىغلىغاندا ئۇنى ئايرىم ئۆيگە يالغۇز قويۇپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغاندا ئاتا-ئانا ئاستا كىرىپ ئۇخلاش كېرەك.
          دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش: مەن ئوغلۇمنى ئون ئايلىق بولغاندا يۇرتقا ئاپارغان ئىدىم، ئانامنىڭ ئۆيىدە مەن بىلەن يېتىپ پەقەت ئۇخلىتالماي ياكى بەك تولا يىغلاپ ئۇخلايدىغان بولغاچ ئۇنى بىر ئۆيگەئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ (چوقۇم مامۇق ياستۇق ياكى يوتقانلارنى بوۋاقتىن يىراقتۇتۇش ،چۈنكى بۇلار بىلەن يۈز-كۆزى پۈركۈنۇپ قالىدۇ. ئەديال ياپسا بولىدۇ، لىكىن بىلىدىن باشلاپ تۆۋەنگە (كىندىك ۋە قوساق) ياپىمىز، قولى ،بىلىكى سوغاقنىن توڭلىمايدىكەن.توك چاتىدىغان تۆشۈكلەرنى توسۇپ قويدۇم.چۈنكى بوۋاقلار ئالتە ئايدىن كېيىنلا قولىنى ئشقا سالىدۇ) ،ئۈينىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇپ ئون مىنوتتىن كېيىن تەكشۈرگىلى كىرەي دىسەم ئىشىك ئېچىلمىدى، ئاچقۇچ بىلەنمۇ ئېچىلمىدى، بشىمدىن تۈتۈن چىقىپ ئىشىك ئاچىدىغان شىركەتكە تەل قىلىپ ئاچقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۆي بىزىگەنلەر سالغان قۇلۇپ مانا مۇشۇنداق سۈپەتسىز بولۇپ ياپسا تاقىلىپ قالىدىغان،تاقىلىپ قالسا ئاچقۇچ ئسشلىمەيدىغان بولۇپ نورمال ئىش ئىكەن بۇ يەردە.شۇڭا مەن كېيىن ئشىككە لۈڭگە قىستۇرۇپ قويدۇم.
  بوۋاق بىر ياشقا كىرگىچە تۇخۇم ،ھەسەل بېرىلمەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

694

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22012
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 12:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك ئاسان ، قىلماق تەسدە ، ئاتا-ئانىلار بالنىڭ يىغىسىغا پەقەت چىدىمايدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )