قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4319|ئىنكاس: 15

دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىكى چوڭ خەنزۇچىلىقنى يوقىتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

427

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7733
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 15:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimjs تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-7 15:51  

دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىكى جۇڭگو كومنىستىك پارتىيسىنىڭ چوڭ خەنزۇچىلىقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى

بۇ ماقالە«پارتىيە تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىلى 4-سانىدىن ئېلىنغان.ئاپتورى چىن جىنلوڭ،لى جۈەن،ئەسلى تىمىسى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى چوڭ خەنزۇچىلىقنى يوقىتىش توغرىسىدا


چوڭ خەنزۇچىلىق – چوڭ مىللەتچىلىكنىڭ دۆلتىمىزدىكى بىر خىل ئىپادىلىنىشى ،كەمسىتىش،چەتكە قېقىش،ھەتتا كونتىرول قىلىش، ئازسانلىق مىللەتلەرنى بېسش قاتارلىق مىللەتچىلىكتۇر. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، جۇڭگو كومنىستىك پارتىيسى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش،جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،چوڭ خەنزۇچىلىقنى تەنقىدلەش توغرىسىدا ھەقىقىي،ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ،چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ تەسىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان.

1. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ ئىپادىسى ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبى

دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر قىسىم كادىرلار ۋە ئامما تونۇش ۋە مىللەتلەر مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلغان ۋاقىتتا،چوڭ خەنزۇچىلىق داۋاملىق ھالدا بىلىپ-بىلمەي ئىپادىلىنىپ چىققان.كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا،چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكى بىرقانچەجەھەتلەردىن كۆرۈلىدۇ.

1- ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئازسانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ھەتتا ئازسانلىق مىلللەتلەرنى ھاقارەت قىلىش. ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئىتقادى،ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقى بولىدۇ.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا،جۇئىنلەي «ئادەم سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولۇشى كېرەك.ئالدى بىلەن خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىتقادى،تىلى،ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.ئەمما، دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلللەردە، بىر قىسىم رايونلاردايەنىلا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئىتقادى،ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىل-يېزىقى قاتارلىقلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ھەتتا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندەقىلىش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. مەسلەن: ئازساندىكى يولداشلار ئازسانلىق مىللەتلەردىكى دىنىي ئەقىدىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكى،مىللەتچانلىقى، خەلقئارالىقى قاتارلىقلارنى چۈشەنمىگەنلىكتىن،پەقەت بىرنەچچە قېتىم دىنغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارسىلابۇلارنىڭ دىنىي ئىتقادىنى سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان ھەتتا يەر ئىسلاھاتى دىننى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ،يەر ئىسلاھاتى جەريانىدا دىنغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.يەنە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىم ناھىيلىرىدەبىرقىسىم خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئۆزىنىڭ تىلىداسۆزلەشكە يول قويمىغان،يەنە بىر يېزىسدا يەرئىسلاھاتى جەريانىدا خەنزۇ كادىرلارمىياۋزۇ مىللىتىدىكى ئاياللارغا چېچىنى كېسىۋىتىشكە،خەنزۇچە كىيىم كىيىشكەمەجبۇرلىغان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىم ناھىيلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەريۈز بەرگەن.خۇنەن،ئەنخۇي قاتارلىق خەنزۇلار كۆپرەك رايونلاردا بىر قىسىم خەنزۇكادىرلار خۇيزۇلارنىڭ چوشقا گۆشى يېمىگەنلىكىنى «قالاق،ئارقىدا قالغان» دەپ كەمسىتكەن.بىرقانچە مىللىي تىل-يېزىقى بار ئاپتونوم رايونلاردامىللىي يېزىقنى ھۆكۈمەت تىلى ئورنىدا قوللانمىغان بولۇپ،مىللىي يېزىق ئاپتونومىيلىك ئورگانلاردا چەكلىمە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان.بىر قىسىم رايونلار ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قەرز بېجىرگەن ۋاقىتتا،شۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئاز تارقاتقان،ئاز قەرزبىجىرگەن ھەتتا تارقاتمىغان. مەركەزدىن ئازسانلىق مىللەتلەرگە چۈشۈرگەن مەخسۇس مەبلەغنى خالىغانچە ئىشلىتىۋالغان،توڭلىتىپ قويغان.

2- ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزئالدىغا ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ھوقۇقى بولۇشنى ئىتراپ قىلمىغان بولۇپ،ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى پەقەت «ۋەزىپىسى بار،ئەمەلىي ھوقۇقى يوق» بولۇپ قالغان.ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بىر قىسىم رايونلار ھەقىقىي تۈردە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىغان.بەزى ئاپتونومىيلىك ئورۇنلاردىكى خەنزۇ كادىرلار ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ئىشەنمىگەن،ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىمىگەن،يۈرەكلىك ھالدائازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئۆستۈرمىگەن ھەتتا ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى كەمسىتىش خاھىشىلىرى ساقلانغان.بىرقىسم ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خەنزۇ كادىرلار ئىش بېجىرگەندەئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمەيلا ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىپ،ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى چەتكە قاققان.ئۆزۋاقتىدا مودا بولغان«ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆينىڭ چوڭى بولۇپ،خەنزۇلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇش»نەزەرىيسى كونكىرت ھالدا خەنزۇ كادىرلارنىڭ «ئۆزى ئىش بىجىرىپ، باشقىلارنى ئالدىغاچىقىرىپ قويۇش» مەسلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.يولداش ماۋزىدۇڭ كەسكىن ھالدا «بەزى رايونلاردا ئازسانلىق مىللەتتىن رەئىس،خەنزۇلار رەئىسكە كاتىپ بولغان بولسىمۇ،نەتىجىدە كاتىپ ھەقىقىي تۈردە ھاكىمىيەت تۇتقان،ئازسانلىق مىللەتتىكى رەئىس بولسا، پەقەت بىر شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان،ئازسانلىق مىللەتلەر ئەمەل  تۇتقان،خەنزۇلار ھوقۇق تۇتقان» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.بىرقىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام  كادىرلىرىدا بۇيرۇقۋازلىق ئېغىر.

3- ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنى رايون ئالاھىدىلىكىگە قارىماستىن،خەنزۇ رايونلىرىنىڭ تەجرىبە،ئاماللىرىنى شۇ پېتىچە ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن.1950-يىلى جۇئىنلەي بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنىدا « بىز ئازسانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن خەنزۇ رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسى ئوخشاش بولىدۇ دەپ تەلەپ قىلماسلىقىمىزكېرەك.ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ بەزى ساھەلەردىكى قالاقلىق ئەھۋالىنى ئېتراپ قىلىشىمىز، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.بەزى سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا،ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستايولغا قويۇش،ھەممىنى بىرتاياقتا ھەيدىمەسلىكىمىز كېرەك» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇيىلى6-ئايدا جۇئىنلەي جىڭۋۇيۈەن (ئۆز ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەن)نىڭ 37-قېتىملىق يىغىنداغەربىي شىمالنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋاقىتتا يەنە «ئازسانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن خەنزۇ رايونلىرىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ.ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خەنزۇ رايونلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.گەرچە مەركەز ئۈچنى چەكلەپ،بەشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ،ئەمما بىر قىسىم كادىرلار ئېھتىياتچانلىق،مۇقىم ئىلگىرلەش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ،ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆزۋاقتىدىكى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي،بەزى رايونلاردا بىر قىسىم ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان،خەنزۇ رايونلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى شۇ پېتىچە قوللانغان،ھەتتايېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان خەنزۇ رايونلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى باقمىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قوللانغان.يەنە بەزى رايونلاردا بىرئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەلۇم بىر خىل ئۇسۇلىنى ئۇنىڭغا ئەمەلىي ئەھۋالى پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان باشقا بىر ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا قوللانغان.

4- ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ  مەدەنىي مىراسلىرىغا سەل قارىغان. ئازسانلىق مىللەت مەدەنىي مىراسلىرى جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم تەركبىي قىسىمى،بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن زور.ئەمما بىر قىسىم خەنزۇلاردىن بولغان مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ئازسانلىق مەدەنىيەت سەنئىتىنى جانسىز،قالاق دەپ قاراپ،ئۇلارنى توپلاشقا ۋە رەتلەشكە سەل قارىغان،ئازسانلىق مىللەت مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ھېسابلاشماي،ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە «پىششىقلاپ ئىشلەپ،يۇقىرى كۆتۈرۈپ» ،ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىۋەتكەن.ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سەنئىتى بىر قىسىم خەنزۇ كادىرلارتەرىپىدىن«خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلغانلىق» ياكى «ئەكىس تەسىرى بار» دەپ قارىلىپ،پەرۋاسىز قارالغان ياكى چەكلەنگەن.نەتىجىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيەتلىرى ياخشى بولغان تەرەققىيات مۇھىتىغائېرىشەلمىگەن، ھەتتا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم يولداشلار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا 5000 يىللىق مەدەنىيەتنى تەرغىپ قىلغان.ليۇ شاۋچى بۇنىڭغاقارىتا «ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا بىزنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيتىمىز بار دەپ تەرغىپ قىلىش خاتا،ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل چوڭ خەنزۇچىلىق» دەپ قارىغان.

5- ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالستىك قۇرۇلۇشتىكى رولىغا سەل قارالغان.گەرچە ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %6تىنى ئېگەللىسىمۇ،ئەممائولتۇراقلاشقان يەرمەيدانى پۈتۈن مەملىكەت يەرمەيدانىنىڭ %50—60 تىنى ئېگەللەيدۇ،بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلاردا مول بولغان سانائەت خام ئەشياسى بار.بىزنىڭ دەۋاتقان «زىمىنىمىز كەڭ،بايلىق مول،نوپۇس كۆپ» ئەمەلىيەتتە«خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپ»،«ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ زىمىنى كەڭ،بايلىقى مول».بىر قىسىم يولداشلارنىڭ « ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە ئاكتىپ قاتنىششى بولمىغان تەقدىردىمۇ،پەقەت خەنزۇلارغا تايىنىپلا كۈچلۈك بولغان دۆلەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ » دەيدىغان بۇنداق كۆزقاراش ئەمەلىيەتتەيەنىلا چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشى.ليۇشاۋچى ئېنىق قىلىپ «ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى ئوينىغان مۇھىم رولىغا سەل قاراش تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا يەنىلا چوڭ خەنزۇچىلىق » دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.

داۋامى بار

2

تېما

4

دوست

6780

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 18:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما  ‹پارتىيە تارىخى دەرسى›دىن ‹ئارىيە› ئىكەن.

رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ ‹ئون چوڭ مۇناسىۋەت توغرىسىدا›ناملىق ماقالىسى بولىدىغان (تاللانما ئەسەرلەرنىڭ 5-تومىدىغۇ دەيمەن). شۇ ماقالىدا چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش، يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ھەم بۇنداق قىلىشنىڭ (ئىستىراتىگىيىلىك) ئەھمىيىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىلگەن.

بىراق، ھازىرقى كۈنلەردە بۇ ھەقتىكى گەپلەر  يېرىم-يارتىراق تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بەلكىم زۆرۈرىيىتى سەل ئازايغان بولسا كېرەك.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

7

دوست

2824

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10872
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 22:34:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ماقاللەردە  دىيلىشچە تىلىمزغا  سىڭىپ  كىرگەن  نۇرغۇن خەنچە  سۆزلەر ئەمەليەتتە چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ  تەسىردىن  بولغان ئىكەن،،،،مۇشۇلارنى  بىلمەستە  دائىم بىزدىن  بۇرۇن  ياشغان ئىلىم ئەھللرنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكە كۆڭلۇمدە  ئازراق  نارازى  ئىدىم،كىيىن  بارا-بارا  بىلدغانلىرمنىڭ  كۆپىيشىگە ئەگىشىپ  ئۆزۇمنىڭ  تولمۇ گۆدەكلەرچە  خىيال  قىلغانلىقمدىن  پۇشايمان  يىدىم

0

تېما

5

دوست

1074

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21654
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 01:30:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمىز

0

تېما

0

دوست

558

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22354
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 01:53:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4

تېما

3

دوست

6525

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1675
توردىكى ۋاقتى: 409
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 11:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇ قېتىمقى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئىسلاھاتقا قاراپ باقايلى. ياخشىلىنىش بولۇشى مۈمكىن.

0

تېما

0

دوست

1016

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15516
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 17:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇ قېتىمقى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئىسلاھاتقا قاراپ باقايلى. ياخشىلىنىش بولۇشى مۈمكىن                                                                                                       يىقىندا جوڭگۇ رەھبەرلىرى پارتېيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ‹‹ 9-نومۇرلۇق ھۆججەت›› تارقىتىپ 7 خىل غەرىب قىممەت قارشىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشقا چاقىرىق قىلغان. 1-ئاساسى قانۇنلۇق دېموكراتىيە، 2-ئىنسانى ھوقۇقنىڭ ئومۇملاشقان قىممەت قارشى، 3-مېدىيەلەرنىڭ مۇستەققىللىقى، 4-ئاۋامنىڭ قاتنىشىشى، 5-ئەدىليە مۇستەققىللىقى، 6- يىڭى ئەركىن بازار، 7- جوڭگۇ كومپارتېيەسىنىڭ ئۆتمۈشىنى تەنقىد قىلىش، قاتارلىقلار ئېكەن.    بۇ ھۆججەت  ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى پارتىيەنىڭ كۆرسەتمىسىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ.

0

تېما

0

دوست

1016

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15516
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 18:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇ قېتىمقى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ئىسلاھاتقا قاراپ باقايلى. ياخشىلىنىش بولۇشى مۈمكىن                                                                                                      جوڭگۇ رەھبەرلىرى پرتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ‹‹ 9-نومۇرلۇق ھۆججەت ››تارقىتىپ 7 خىل غەرب قىممەت قارشىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتىشقا چاقىرق قىلغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )