- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2050
- نادىر
- 0
- يازما
- 185
ئۆسۈش
  1.67%
|
قوشۇمچە.......
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرىشى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدىن بولغان، جۇڭگونىڭ ناھايىتى تىزلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى دۆلەتكە ئايلىنىشىدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ئامېرىكىنىڭ پىلانى ۋە دۇنيا مىقياسىدا پۇسەت يارىتىپ بېرىشى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرىشى ئامېرىكا سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن، جۇڭگونىمۇ ۋەيران قىلىۋىتەلەيدۇ.
ئامېرىنىڭ مالىيە كىرزىسىگە پېتىپ قالغانلىقى جۇڭگودا خېلى زور دەرىجىدە ئەكىس تەسىر كۆرسەتتى، جۇڭگو ئامېىركا قەرز كىرىزىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ۋە شۇنداقلا ۋاشىنگىتوننىڭ دۇنياۋى مەئسۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئارقىسىغا بىر خىل ئەنسىرەش يوشۇرۇنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق كىتىۋىرىدىغان بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىم چىكىنىپ، بازار قايتىدىن كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان قالايمىقانچىلىق ئىچىگە چۈشۈپ قالىدۇ.
ئەگەر دۇنيا پۇل زاپىسى دۆلىتى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەيدىغان بولسا، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى زادى قانداق بولا؟ جۇڭگونى ئەنسىرىتىدىغان ئىككىنچى ئەھۋال شۇكى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا بوغۇلغان قەرزىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىدۇ.
تېخىمۇ زور تەھدىت يەنىلا ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كىلىدۇ: ئامېرىكا ناھايىتى زور ئاساسقا ئىگە بولغان كۆپ خىل ئۆلچەم قوللىنىدىغان كاپالەت قىلغۇچى دۆلەتتىن، ئۆزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان «كىچىك گوروھ» قا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆزى تۈزۈپ چىققان ئەركىن تەرتىپتىن چىكىنىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ خىل تەرتىپ غەربى ياۋرۇپانىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە شۇنداقلا سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن قىلىپ چىققان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادى كىلىشىملەر كۈچىنى يوقۇتۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ئامېرىكا بۇرۇن ئويلىمىغان، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن دۆلەتلەر، مەسىلەن جۇڭگو دېگەندەك دۆلەتلەر ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن مەنپەتلىنەتتى. بۇنداق ئەھۋال جۇڭگونىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆز كەلگۈسىنى مۆلچەرلىيەلمەسلىك ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
باشقا بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باش كۆتۈرىشى ئارقىسىدا، ئامېرىكا مەنپەتى ۋە تەمىنلەيدىغان پۈتۈن دۇنيا ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. ئۇندىن باشقا يەنە بارغانسىرى كۈچىيىپ كەلگۈسىدە ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان ۋە رىقابەتلىشىدىغان دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھازىر ئۇرۇشتىن كېيىنكى كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسىتىنى ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە مەنپەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا مەنپەتلىنىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىپ تۇرالايدۇ، كەلگۈسىدىكى كۆپ قىسىم خەلقئارالىق سودىلارنى چەتكە چىقىرىپ قويالايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى قەرز كىرزىسى ۋە فىدىراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى زادى قانچىلىق داۋاملاشسۇن، جۇڭگونىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققىياتى يەنىلا خەلقئارا ساھەسىدە ئادىل بولغان رىقابەت مەيدانىغا چۈشۈش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بىراق ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بولمىسا، كۆپ قۇتۇپلۇق تۈزۈم ئاستىدا ئۆزىگە تايىنىپ پۇت دەسسەپ تۇرۇش ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە يەر شارىلىشىش ھالىتىمۇ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەركىن تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەتلەنگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان جۇڭگو يەر شارىلىشىش ھالىتى تەھدىتكە ئۇچرىغان شارائىتتا ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالىدۇ. |
|