- تىزىملاتقان
- 2013-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1851
- نادىر
- 0
- يازما
- 198
ئۆسۈش
85.1%
|
بىزدە قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيدىغان ماقال بار ، بۇ دىگەنلىك ، ھەممە ئىشنى شۇ ئىشنىڭ ئەھلى قىلسۇن دىگەنلىك .
ئاخشام ئۇرۇمچى تىلىۋىزىيىسى كورسەتكەن ،زىيالىلاريۇرتى ، گۇزەل ماكان ئىلىدا ئوتكۇزۇلەن "ئايەم شاتلىقى" سەن ئەت فىروگىراممىسىنى كورۇپ ئىككى كەلىمە قوشۇمچە قىلماي تۇرالمىدىم . سەنئەت نومۇرلىرى بولسا يىڭىلق كوپ ،يەرلىك پۇراق كۇچلۇك ، تۇرمۇشقا ،خەلققە ،ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشقان ،دەۋىر ئالاھىدىلىگى گۋدىلەندۇرۇلگەن بۇلۇپ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ . كوڭلىمىزدىكى گەپنى ئېيتساق ،ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئەمەس ئىلى خەلقىنىڭ ئوزىگە بىر چوڭقۇر مەنانى يۇشۇرغان ھەربىر ئېغىز چاقچىقىمۇ كولىمىز دە كۇچلۇك سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ . بىزنى بىر ھەقىقەت ئۇستىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلەيدۇ . ئۇلارنىڭ قىلغان ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرى خەلقىمىزگە ئولگە بۇلالايدۇ ؛
سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش ،سەنئەتتىن بىر ھەقىقەت ئىزدەش ،ئۇنىڭدىن ئوزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش بىزنىڭ باشقىلاردىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئالاھىدىلىكلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇلۇغلىرىمىزنى ھورمەتلەش ، ئۇلارنىڭ ھەمگىكىنى قەدىرلەش ھەم بۇ ئادەتنى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزۇش ،شۇ ئارقىلق ئەژداتنى ئەۋلاتقا ئۇلاش بىزنىڭ مىللى خاسلىققىمىز . مانا بۇنى غۇلجا شەھەرلىك گوھەرزىمىن ئوي-مۇلۇك تەققىيات شىركىتى ، ئەمەلىيەتتە كورسىتىپ ھەممىمىزنى ھاياجانغا سالدى . يەنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شئر يىتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان ئۇستاز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىگە سەھنىدە مۇكاپات بېرىش ، ئوتكەن يىلى 150تىن ئارتۇق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنى ،
بۇيىل 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئالى مەكتەبكە يولغا سېلىشى ، كىلەر يىلى 700ئوقۇغۇچىنى يولغا سېلىشنى پىلانلىشى بىزنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇردۇ . ئەلۋەتتە بىز ھەقىقەتەنمۇ بەك ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ،ئەخمەققە ئوخشايدىغان ، قوشنىمىز ئويىمىزنى قۇرۇقداپ قويۇپ بىر سىقىم گازىر بەرسە شۇنىڭغا ھاياجانلىنىپ ئومۇر بۇيى رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىدىغان ئاق كوڭۇل مىللەت . ئەمما بۇقېتىمقىسى ئۇنداق ئەمەس . يېقىنقى يىللاردىن بېرى رايۇنىمىزدا نۇرغۇن كارخانا -شىركەتلەر قۇرۇلدى ، نوۋەتتە ئۇرۇمچى شەھەرنىڭ ئوزىدىلا تىزىمغا ئېلىنغان كارخانا 3تۇمەندىن ئاشىدۇ . ئۇلار يىلىغا نۇرغۇن بايلىققنى خورتۇپ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە مىللى كارخانىلار ناھايتى ئاز . ئۇلارنىڭ ئاتالمىش سالغان مەبلىغىگە قاراپ باقساق %90مەبلەغ دىيارىمىزدىكى بانكىلاردىن قەرز ئېلىنغان ،قالغىنىنى ھوكۇمەت تۇلۇقلىما بەرگەن ،دىمەك ئۇلار قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن . ئۇلارنىڭ ئېلىۋاتقان پايدىسى بىلەن جەمئىيەتكە قايتۇرۋاتقان جاۋابىغا ، قىلىۋاتقان ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاريدىغان بولساق بىز پەقەت ھاياجانلىنالمايمىز . شۇڭا گوھەر زىمىن شىركىنىتىڭ قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە 21مىلىيۇن يۇەندىن ئارتۇق پۇلنى خەيرى -ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەنكىنى بىزنى ھەقىقى ھاياجانغا سالىدۇ .
بىز غەرىپلىكلەرگە قارايدىغان بولساق بايلار ئاساسەن تاپقان پۇللىرىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن ، شۇڭا ئۇلار بارغانچە كۇچەيگەن . دىمەك ،بېىخلنىڭ بېغى كوكەرگەن ئەمەس ، تەقدىم قىلىش ئېرىشىش دىمەكتۇر . بىز جەمئىيەتكە كارخاناقۇرۇشنىڭ مەنىىسىنى بىلدۇرۇپ قويغان غۇلجا شەھەرلىك گوھەر زىمىن ئوي-مۇلۇك شىركىتىنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت تىلەيمىز ،ھەم مۇشۇنداق ياخشى كارخانىنىڭ تىجارىتىنى پۇتۇن دىيارىمىزغا كىڭەيتىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . دىمەك قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن .
|
|