بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maptun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-29 19:40
1860-يىلى دەيۋاڭ لى شىشىيەن باشچىلىقىدىكى تەيپىڭ ئارمىيسى فۇجىيەن ئەتراپىدا نۇرغۇن قېتىم غەلبە قىلغان بولسىمۇ ، بىراق ئەجنەبىيلەر ئارمىيسى ۋە چىڭ سۇلالىسى ئارمىيسىنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە يەنىلا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. شۇنداق بولسىمۇ تەيپىڭ ئارمىيسىنىڭ يەنە نەچچە تۈمەندىن ئارتۇق قالدۇق ئارمىيسى بار ئىدى. بۇ قوشۇننىڭ داۋاملىق چىڭ سۇلالىسىغا قارشى تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تۆت ئەتراپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئارمىيسى، دېڭىزدا ئەجنەبىيلەرنىڭ زامانىۋى پاراخوتلىرى، بىردىنبىر چىقىش يولى چەتئەلگە چىقىپ < توختاملىق كان ئىشچىسى>بولۇش ئىدى. تەيپىڭ تىيەنگو ئارمىيسىنىڭ ئۈچ تۈمەن قالدۇق ئارمىيسى مۇشۇ يولنى تاللىدى. 1862-يىلى ،بىر تۈمەندىن ئارتۇق تەيپىڭ ئارمىيسىنىڭ قالدۇق ئەسكىرى ئۆزىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئېلىپ جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ پېروغا قۇشلارنىڭ مايىقى ۋە نىترىلىق تۇز كانىغا ئىشچىلىققا كەلدى. كان ئىگىسى دائىم دائىم ئۇلارنى تىللاپ ئۇراتتى، بەرگەن تامىقى چوشقىغا بېرىدىغان تاماق بولۇپ، كۈندە 14سائەت ئىشىلىتەتتى.ھەتتا شۇ جايدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىشىمۇ ئۇلارنىڭكىدىن يېنىك ئىدى. ئۇلار كۆپ قېتىم قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ،لېكىن ھەممە جايدا قورال تۇتقان قارىغۇچىلار بار ئىدى. جوڭگۇغا قېچىپ كېلەي دېسە ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ سۈرۈشتە قىلىپ كاللىسىنى ئېلىشتىن قورقۇپ، ئامالنىڭ يوقىدا چىشىنى چىشلەپ ئۈندىمىدى. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئاغرىپ ئۆلگەن ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلار ناھايتى كۆپ بولدى. 1866-يىلى چىلى بىلەن پېرو، بولىۋىيە ئارىسىدانىترىلىق تۇز تالىشىش ئۇرىشى پارتلىدى. بۇ بىر تۈمەن قالدۇق تەيپىڭ ئارمىيسى ئۈمىدنۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇلار چىلى ئارمىيسىنى ئازاد قىلغۇچىلار دەپ ئويلىدى.1867-يىلى3-ئايدا شۇ جايدا تۇرۇشلۇق تەيپىڭ ئارمىيسى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. كان ئىگىسى شىگېسنى ئۆلتۈردى ھەمدە كاندىكى قورال ياراقلارنى قولغا چۈشۈردى. ئاندىن كېيىن باستۇرۇشقا كەلگەن پېرو ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ 2 نەپەر شاۋشىياۋنى ئۆلتۈرۈپ، 200نەچچە ھىندىئان ياللانما ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن خۇنەنلىك پېڭ دېرۇڭ ۋە گۇاڭدۇڭلۇق چېن يوڭلۇنى رەھبەرلىككە سايلىدى. ئەسلىدىكى تەيپىڭ ئارمىيسى تۈزۈلمىسى بويىچە قوشۇن تۈزۈلمىسىنى رەتلىدى. شۇندىن كېيىن بۇلار بىر ھىندىئان ئەسىرىنى ۋە بىرازىلىيىلىكنى چىلى ئارمىيسىنىڭ قوماندانىنى ئىزدەشكە ئەۋەتتى. ھەمدە ئۇلاردىن چىلى ئارمىيسىغا ياردەم قىلىپ، بولىۋىيەۋە پېرو ئارمىيسى بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىغا خەت ئەۋەتتى. چىلى ئارمىيسىنىڭ شاۋجىياڭ قوماندانى شىراپىسو ناھايتى خۇشال بولۇپ، بۇ چەت مەملىكەتتىن كەلگەن ئارمىينىڭ ئالدىغا ئۆزىنىڭ يېقىننى بۇ قوشۇن تۇرۇشلۇق كانغا ئەۋەتتى. ھەمدە چىلى زوڭتۇڭىنىڭ ئۆز قەلىمىدە يازغان بىر پارچە خېتىنى ئېلىپ باردى. خەتتە بارلىق تەيپىڭ ئارمىيسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلەتاۋاباتلىرىغا چىلى دۆلەت تەۋەلىكى ھوقۇقىنى بەرگەنلىكى، ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن كان جايلاشقان رايوننى تەيپىڭ ئارمىيسىگە بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ............................. كېيىن بۇ قوشۇن چىلى ئارمىيسىگە ئەگىشىپ، پېرو ئارمىيسىۋە بولىۋىيە قوشۇنى بىلەن نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى قىلدى. نۇرغۇن جايلارنى ئىگىلىدى. كېيىن جوڭجىياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن چىلىنىڭ داڭلىق قوماندانى شىراپىسو تەيپىڭ ئارمىيسىنى ئۆزى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ خاتىرسىدە مۇنداق مەزمۇنلار بار :< بۇ قوشۇندا غەرب قوشۇنلىرىنىڭ ئىنتىزام قائىدە يوسۇنلىرى يوق، بىراق بۇلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان جوڭگۇچە ئىنتىزامى بار، ئۇلارنىڭ بايرىقى ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ھەربىيچە كاناينىڭ ئورنىغا قۇلۇلە قېپىنى چالىدىكەن، بۇ ئەسكەرلەر ھەر خىل قوراللارنى ئېلىۋالغان بولۇپ، بولۇپمۇئۇلار بىر خىل قىسقا قىلىچنى جىق ئىشىلتىدىكەن،(تەيپىڭ قىلىچى)........> ......تەيپىڭ ئارمىيسى كېيىن، ئۈچبۇرجەك بايراق ئىچىدىكى تەيپىڭ خېتىنى چىلىنىڭ دۆلەت گىرىبىگە ئالماشتۇردى. كېيىن بولىۋىيە قوشۇنلىرى جەڭدىن چېكىنىپ چىقتى، تەيپىڭ ئارمىيسى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق بولىۋىيە پېرو بىرلەشمە ئارمىيسىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، چىلى ھۆكۈمىتى كان تۇرۇشلۇق رايوننى تەيپىڭ قالدۇق ئارمىيسىغا تەغدىم قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئالدىغا باشقۇردىغان بىر يېزا قىلىشنى قارار تاپتى. بىراق ئالدىنقى شەرتى بولسا ،يەنە داۋاملىق ھالدا چىلى ھۆكۈمىتىگەياردەملىشىپ، پېرو بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىدى. لېكىن تەيپىڭ قالدۇق ئارمىيسى داۋاملىق چەت مەملىكەت ئۈچۈن جان تىكىشنى خالىمىدى، ئۇلار شۇ مەملىكەتكە سىڭىپ كەتتى. ھازىرقى شۇ كان تۇرۇشلۇق رايون يىچىكتا ئاھالىلەرنىڭ 25% جوڭگۇلۇق بولۇپ،ئۇ جاينىڭ يېمەك ئىچمەك مەدىنىيىتىمۇ جوڭگۇ مەدىنىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى ساقلىغان. 1881-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنى، چىلى ئارمىيسى پېرو پايتەختى لىمانى ئىگەللىدى. 1883-يىلى 10-ئاينىڭ20-كۈنى، چىلى بىلەن پېرو كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، تېنىچ ئوكيان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى.1884-يىلى ۋە 1905-يىلى چىلى بىلەن بولىۋىيە دوستلۇق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى.
|