- تىزىملاتقان
- 2013-10-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 368
- نادىر
- 1
- يازما
- 8
ئۆسۈش
34%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-1 10:35
داۋامى-
جۇڭگو ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ۋەتەنداشلىرىمىز تەرەپ-تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇل تېپىشتىكى «ئىشچانلىقى» ۋە «پاراسەتلىكلىكى» بولسا ناھايىتى تېزلا پۈتۈن دۇنيا جەمئىيىتىنى داۋالغۇتىۋەتتى. ئىسپانىيەدىن فىرانسىيەگىچە، شىمالىي ئامېرىكىدىن جەنۇبىي ئامېرىكىغىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن موسكۋاغىچە، ھەتتاكى ئاۋسترالىيەنىڭ بەزى جايلىرىدا، يەرلىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولۇپمۇ جۇڭگولۇق سودىگەرلەرگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىسپانىيەدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاياغ زاۋۇتىنى كۆيدۈرۈۋېتىشتەك ۋەقە يۈز بەردى، بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە ئەلۋەتتە غەربلىكلەرنىڭ كەمسىتىش سەۋەبىمۇ بار، لېكىن ئەڭ چوڭ سەۋەب بولسا جۇڭگولۇقلارنىڭ سودا قىلىش ۋە پۇل تېپىشتىكى «بەك ئىشچانلىقى»، «بەك پاراسەتلىكلىكى»، قائىدىگە بويسۇنماسلىقى ھەمدە ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، شۇ يەرلىك كىشىلەرنى سودا قىلىشقا ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، بىر قىسىم دۇكانلار ئامالسىز تاقالغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇلغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ھەر بىر تەر تۆشۈكچىلىرىنىمۇ پۇل تېپىشقا بولغان نەپسانىيەتچىلىككە تولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كاپىتالىستلارنىمۇ توققۇز تەزىم قىلدۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
بىر جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پەخىرلىنىپمۇ قويىمەن، لېكىن ئويلاپ باقسام يەنە كۈلكىلىك تۇيۇلدۇ، تېخى يۈز نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا، جۇڭگولۇقلارنى سودا قىلىشنى بىلمەيدۇ، پۇل تېپىشنى بىلمەيدۇ، بەك ھورۇن، بەك دۆت دەپ ئەيىبلىگەنلەر، دەل مۇشۇ غەربلىكلەر ئەمەسمىدى؟ ئەينى ۋاقىتتا دەل مۇشۇ مۇستەملىكىچىلەر ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئىشقا سېلىپ جۇڭگولۇقلارنى پورتلارنى ئېچىپ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا مەجبۇرلىغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن، يۈز يىل مابەينىدە، جۇڭگولۇقلار «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت» لىكتىن «بەك ئىشچان»، «بەك پاراسەتلىك» كىچە، مۇتەئەسسىپلىك، جانلىق ئۆزگەرتىشنى بىلمەسلىكتىن، سودا قىلىپ پۇل تېپىشنى، بارچە چارىلەرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغۇچە بولغان ۋاقىتتا، جۇڭگولۇقلار تېگىشلىك بولغان ھۆرمەتلەشكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى، ئەكسىچە قارشى ئېلىنمىدى، چەتكە قېقىلدى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
تۇنجى قېتىم غەرب دۆلىتىدە ئولتۇراقلىشىشىم ھېلىھەم يادىمدا، نۇرغۇن غەربلىكلەر بىلەن ئارلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك «دۆت»، مۇتەئەسسىپ، جانلىق ئۆزگىرىشنى بىلمەيدىغانلىقى، قائىدە سۆزلەيدىغانلىقى، ئىناۋەتتىن سۆز ئاچىدىغانلىقى، يەنە تېخى ئاللىقانداق ئەمگەكچىلەر كىشىلىك ھوقۇقى دىگەندەك بىر نەرسىلەردىن ئېغىز ئاچىدىغانلىقىنى، ياخشى يېمىسە، ياخشى ئارام ئالمىسا ئىشقا چىقمايدىغانلىقى، ھېچنىمىدىن سەۋەبسىزلا ئىش تاشلايدىغانلىقىنى كۆردۈم، ئىختىيارسىز ئىچىم سىقىلدى: بۇ ئەجنەبىيلەر ئەجىبا يۈز يىل مۇقەددەم راستىنلا شۇنچىۋالا نوچى ئىدىمۇ؟ بىزدەك پاراسەتلىك، ئىشچان جۇڭگولۇقلارنى يانجىپ ئەييا دېگۈزىۋەتكۈدەك؟ ياكى بۇلار ھازىر رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەنمۇ-يا؟
كۆپ يىللاردىن كېيىن مەن ئاخىرى تېگىگە يەتتىم، ئۇلار ھەرگىز قانداقتۇ «رۇدىمېنتلىشىپ» كەتكەن بولماستىن بەلكى «تەدرىجىي تەرەققىيات» قىلغان ئىكەن. غەربلىكلەر بېسىپ ئۆتكەن يوللار ھەقىقەتەن بىزلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىمىز ۋە چوڭقۇر ئويلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن. غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ ھەقىقەتەن بىر قىسىم شەرەپسىز تارىخىي بار، ئەپيۇنغا يىپەك، چاي، سېرىق ئالتۇن ئالماشتۇرغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار تولۇپ تۇرۇپتۇ، ئىنكار قىلالمايدۇ. لېكىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، غەربلىكلەرنىڭ بۇ خىل پۇل تېپىشتىكى ھېچقانداق ۋاستە تاللىماسلىقى ئاخىرى تىزگىنلەندى، ئۇلارنى ئۆزىنى تارتىشقا مەجبۇرلىغىنى سىرتقى كۈچ ئەمەس، ياكى ئۇلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى تەسر كۆرسەتكەن.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگودا بايلىقىنى پەش قىلىش ھادىسىلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى، بۇ خىل ھادىسىلەر دىنىي كەيپىيات قويۇق بولغان غەرب دۆلەتلىرىدە ناھايىتى ئاز يۈز بېرىدۇ، سەۋەبى بەك ئاددىي، دۇنيادىكى نەچچە چوڭ دىنلاردا ئوخشاشلا بىر خىل مەزمۇندىكى دىنىي ئەقىدە بار، ئۇ بولسىمۇ :«بايلارنىڭ جەننەتكە كىرىشى، تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتمىگىدىنمۇ تەس». ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيىدىن ئىبارەت بولغان ئورتاق دۇنيا قاراش ئىدىيەلىرى بولسا، باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ۋە ساغلاملىقىنى تارتىۋېلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئوخشاش ئۇر-ئۇرغا قويدى. بىر دېموكراتىك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتتە بولسا، خىيانەت قىلىش ۋە ھوقۇققا تايىنىپ باي بولۇش ھادىسىلىرى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلغان دېگۈدەكلا، بايلىق ئۈچۈن ئىنساپىنى يوقاتقانلارنىڭ بولسا جەمئىيەتتە بىر ئورۇنغا ئېرىشىشى ناھايىتى تەس، يەنە تېخى دائىملا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاۋامنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. غەرب دۆلەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاستا-ئاستا ھالدا تارىختا ئەزەلدىن بولۇنۇپ باقمىغان نىسبەتەن ئادىل، باراۋەر بولغان خەلقئارالىق قانۇن ۋە خەلقئارالىق تەرتىپلەرنى ئورناتتى، قىزىقارلىق يېرى بولسا، بۇ قانۇن ۋە تەرتىپلەر ئەكسىچە دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چەكلەپ، ھازىرقى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزدىن ئارتۇق ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىنىپ تۇرۇپ غەربلىكلەر بىلەن سودا قىلىدىغان، ئالاقە قىلىدىغان، باھا تالىشىدىغان ھەتتاكى كۈرەش قىلىدىغان ئۆلچىمى بولۇپ قالدى.
بىر دۆلەتتە، تۈزۈم بولمىسا بولمايدۇ، قانۇن بولمىسا بولمايدۇ. بىر ئادەمدە، ئېتىقاد بولمىسا بولمايدۇ، ئەخلاق چېكى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ يىللاردىن بۇيان، مەيلى ئامېرىكا ياكى ئاۋسترالىيە، ئوخشاشلا ئىندىئانلار ۋە يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا بىر قەتەر ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. ھەتتا ئامېرىكا تارىختا ۋە ئىقتىسادتا پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامىېرىكىلىقلارغا قارىتا نۇرغۇن ئېتىبار ۋە ياردەم قىلدى. مەيلى خەلقئارادا بولسۇن ياكى مەلۇم بىر دۆلەت ئىچىدە بولسۇن، ئىقتىساد، سىياسىي جەھەتتىكى ئاجىز توپلار، مۇناسىپ قوغداش ھەتتاكى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشتۈرۈلۈپ، بۇرۇنقى ئىنسانىي مۇھەببەت كەم بولغان پۇل تېپىشقا، ئېتىقاد، ئەخلاقنىڭ پۇرىقىنى سىڭدۈردى.
جۇڭگو ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە «قارا مۈشۈك-ئاق مۈشۈك» ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت بوغۇلغان بىر مىللەتنىڭ غايەت زور بولغا پۇل تېپىشقا بولغان نەپسى ۋە يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى، شۇنداقلا پەندورانىڭ ساندۇقىنى ئېچىۋەتتى. ئەگەر ئېتىقادنىڭ تىرەك بولىشى كام بولۇپ قالسا، تولۇق بولمىغان تۈزۈلمە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش چەكلەپ تۇرالمىسا، ئەخلاق چېكى بولسا ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنسا، ئۇنداقتا، گەرچە ئوخشاشلا پۇل تېپىپ باي بولۇش بولسىمۇ، ئارىسىدا ئالۋاستى بىلەن پەرىشتىنىڭ پەرقى شەكىللىنىدۇ.
ئەگەر بىز تۈزۈلمە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تايىنىپ تۇرۇپ بىر ئادىل، باراۋەر بولغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالمىساق، ئەگەر بىز مۇھىت ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختى بىلەن كارىمىز بولماي ھەددىدىن ئارتۇق ئېچىش ئېلىپ بارساق، ئەگەر بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ قىممەت قارىشىنى باشقىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئىنسانىيەت ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان ئەشۇ قىممەت قاراشلىرىنىغا قۇچاق ئاچمىساق، ئەگەر بىز ئەخلاق چېكىمىزنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىشىگە يول قويىۋەرسەك..... چەتئەللەرنى دېمەيلا تۇرايلى، ھەتتا دۆلەت ئىچىدىمۇ، بىزنىڭ «ئىشچان» لىقىمىز، «پاراسەتلىك» لىكىمىز بەلكىم بىزلەر كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئويلايمەنكى، «ئىشچان» ۋە «پاراسەتلىك» بولغان جۇڭگولۇقلار، ئويلاپ تېگىگە يېتەلەيدۇ، شۇنداقلا چىقىش يولىنى تېپىپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!
ياڭ خېڭجۈن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
ئوبامانىڭ سايلىنىشىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىمىزغا نەزەر
كىم بىزنى ئاساسىي قىممەت قارىشى يوق دەيدۇ؟
چەتئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت: نەزىرىمدىكى دۆلىتى باي خەلقى كۈچلۈك بولۇش
ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش 30 يىللىقى: باي بولۇش شەرەپلىكلىكتىن بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقىچە
|
|