ساۋاقداشلار يىغىلىشى(ھىكايە)
كونىلاردا<<ئەرگە بىر نۆۋەت،يەرگە بىر نۆۋەت>>دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار.بۇ ھېكمەتلىك سۆز بىزلەرگە نۆۋەت(پۇرسەت)نىڭ ئاسان كەلمەيدىغانلىقىنىم بەلكىم بۇ قېتىم كەلگەن نۆۋەت(پۇرسەت)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىقىنى ئەسكەرتىپ،بىزنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ئۈندىسە،يەرگە بىر نۆۋەت دەپ يىقىلغاندا يەردىنمۇ بىر نۆۋەت(پۇرسەت)تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،بىزنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويماسلىققا چاقىرىدۇ.
لىكىن پېقىر تېخى ئانچە ئۇزاق ياشىمايلا نەچچە قېتىم نۆۋەت كەلمەي،نۆۋەت كەلسە قانداق بولىدىغانلىقىنى،يەرگە ئۇرۇلماي يەرگە ئۇرۇلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم.
دادامنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك كىچىكىمدىن كىتاب ئوقۇشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن ئىدىم.بۇ قىزغىنلىقىم ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا پەللىگە يېتىپ،ئۇيغۇرچە كىتابلار يېتىشمەسلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.شۇنىڭ بىلەن مەجبۇرى خەنچە كىتابلارغا ئۆزەمنى زورلىدىم.ئۇزاق ئۆتمەيلا باشقا ماڭا ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرگە ئوخشاش خەنچە كىتابلار دېڭىزىغا چۆكۈپلا كەتتىم.تارىخى كىتابلار،رومانلار،ژورناللار،ئەھمىيەتلىك،ئەھمىيەتسىز ئىشقىلىپ ئالدىمغا نېمە كەلسە ئوقىۋەردىم.ئوقۇش،دەرس،ئويۇن دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كىتىپ،ئاساسلىق 6 پەننىڭ ئىچىدە 6پەندىن ئۆتەلمەي<< شەرەپ >>بىلەن ئوقۇشتىن چىكىندىم.شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە قايتا ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ مالىقيە-ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتىغا ئۆتتۈم.بۇ مەزگىل ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكى يېڭى باشلانغان مەزگىللەر بولۇپ،ئوقۇش ۋە ئويۇندىن باشقا ئىشلارغا قىزىقىدىغان غەلىتە مىجەزىم مىنى مۇنبەر قوينىغا تارتىپ كەتتى.ئۇ چاغلاردا ئىختىساسلىق كىشىلىرىمىز مۇنبەرلەرگە كۆپ چىقمىغاچقىمىكىن،مەن كۈچىمەيلا مۇنبەر چولپانلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ،چاسا-چاسا شېئىرىلىرىم بىلەن مۇنبەردە خېلى ئىناۋەت قازىنىپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن يەنە مۇنبەرگە شەيدا بولۇپ،بىر مەۋسۈمدىلا بۇ ئالى مەكتەپنىمۇ <<ئوڭۇشلۇق پۈتتۈردۈم>>.
ھەتتىڭەي ...ئاپام بىچارىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن يەنە قايتا ئىمتىھان بېرىپ ،يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپىگە تۆۋەن نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىندىم.بۇ چاغدا مەندە خېلى ئوقۇش ئىرادىسى بەرپا بولغان بولسىمۇ،تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەندىن 2 قارار يۇقىرى ئوقىشى ماڭا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.
ئۇلارغا ئۇچراپ قېلىشتىن خىجىل بولاتتىم.بەلكىم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا كۆپ قېتىم ماقالىلىرىمدا ئىرادىسىز،نەتىجىسىزلەرنى نۇرغۇن قېتىم تەنقىت قىلىپ،ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا خېلى شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ قالغىنىم ۋە پەلەك چەرخى چۆگىلىپ،ئۆزەمنىڭ سۇ ماقالىلىرىدا تەنقىت قىلغان ئوبرازلارنىڭ رولىنى ئېلىپ قالغانلىقىم
ئالاھىدە خىجىل بولىشىمنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولسا كېرەك.شۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە ئۇقۇش قىزغىنلىقىمدىن ۋاز كىچىپ يەنە تورخانا قوينىغا سىڭىپ كەتتىم.بۇ مەزگىللەردە مۇنبەرلەر ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن پات-پات تاقىلىپ،ئاخىرى خەنزۇچە مۇنبەرلەردە سەرگەردان بولۇش يولىنى تاللىۋالدىم.شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپنىمۇ بىر مەۋسۈمدىلا <<پۈتتۈردۈم>>.كىيتىن قانداق بولغىنىنى ھەرقاچان ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئايان بولسا كېرەك.تۇغرا خۇددى سىلەر ئويلىغاندەك نى-نى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ خىزمەت ئورنىنى چۈشەپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا،مەندەكلەرگە يەنە نېمە ئىش بولسۇن دەيسىز؟شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشسىز ،قەدر-قىممەتسىز،ئېتىبارسىز ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشنى باشلىدىم.
تولۇق ئوتتۇردىكى مىنىڭ <<ئەڭ ئاخىرقى ساۋاقداشلىرىم>>.ھەر ئايدا بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى.باشتا ھاراق ئىچىسىلەر دىگەننى بانا قىلىپ بارمىدىم.ئەمەلىيەتتە مەن خىجىل بولاتتىم.راست گەپ قىلسام يىغىلىشقا يىغىدىغان پۇلمۇ مەن ئۈچۈن كىچىك بولمىغان بىر مەسىلە ئىدى.كىيىن سابىق سىنىپ باشلىقىمنىڭ قايتا-قايتا زورلىشى بىلەن ئاخىرى بېرىشقا ماقۇل كەلدىم.بىر نەچچە قېتىم بېرىۋېدىم كۆنۈپمۇ قالدىم.ھەتتا بۇ سورۇندىن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن يوقىتىپ قويغان شوخلۇقۇمنى،كۈلكىلىرىمنى تېپىۋالغاندەكمۇ بولدۇم.
-ئابدۇللادەك بىر تالانت ئىگىسىنى تاپماق تەستە....ھاراق ئىچمەيدۇ،تاماكا چەكمەيدۇ،قىزلار بىلەن يۈرمەيدۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.قىزلار ماۋۇ ساۋاقدىشىمىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭلار جۇمۇ،-دىدى
سىنىپ باشلىقىمىز تۇرۇغۇن چاقچاق قىلىپ.ئۇ تولۇقتىكى ۋەزىپىسىگە يارىشا ھازىر ھۆكۈمەت ئورۇنىدا مەمۇرى خادىم .لىكىن بەزىلەرگە ئوخشاش ئاز تولا ھوقوققا ئىلىشپلا ئۆزگىرىپ كەتمەي،يەنە بۇرۇنقى پەزىلەتلىرىدىن قالمىغانىدى.تۈز كۆڭۈل ئىدى.
-ئاغىنىمىزنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكىنىگە گەپ كەتمەيدۇ.بۇ ئاغىنەمنى تۇتۇپ تۈرمىگە سولىۋەتسىمۇ،سىرتتىكى تۇرمۇشىدىن پەرقسىز ياشاۋېرىدۇ.،-دىدى جۈرئەت گەپكە ئەگىشىپ.ئۇ ھازىر بىر خەلق ساقچىسى .ئۇ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن بۇيان نىمىشقىكىن سولىۋېتىش،ئۇرىۋېتىش ،ياساپ قويۇش دىگەن ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
-ھېي،ئابدۇللانى سولاپ قويساڭ،3مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى كىلىپ تۈرمەڭنى قورشىۋالسا چاتاق بولمىسۇن يەنە،60تىن ساۋاقدىشى بار دىگەندىمۇ 180 ساۋاقدىشى بار ئۇنىڭ بىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا،-دىدى مىرشاتمۇ گەپتىن قالماي.بۇ ساۋاقدىشىم ھازىر تەنتەربىيە ئوقۇتقىچىسى.بۇغۇ بىر ياخشى خىزمەت بولمىسا،لىكىن ئۇ ھاراققا چىلىشىپلا كەتكەنىدى.ئىچىۋالسىلا مۇئەللىملىكنى سۆكۈپ ،جەمىيەتتىن ،تۇرمۇشتىن قاخشايتتى.
-تۈرمىنى قورشىۋالسا،ئېتىپ تاشلاشقا بولىدۇ.بۇ دىگەن سىياسى جىنايەت قاتارىغا كىرىدۇ،-دىدى ساۋۇت چاقچاق تەلەپپۇزىدا.ئۇ ھازىر بىر تۈرمە ساقچىسى.ئادەتتىكى بىر گەپلەرنى چاقچاق دەپ قىلىش ئادىتى ئۇنىڭدا تولۇق ئوتتۇرىدىن تارتىپ بار.
-بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە،سىياسىغا ياتمايدۇ.بۇ قانۇنسىز توپلىشىشقا كىرىدۇ،سەن ئەڭ ياخشىسى سولاپ بولغانلارغا قاراشنى بىلسەڭ بولغىدەك،-دىدى ھىممەت ئەستايىدىللىق بىلەن.بۇ ساۋاقدىشىمىز ھازىر ئادۇۋكات.ئۇمۇ ئادۇكات بولغاننىڭ ياڭقى كۆپ ئۆزگىرىپ كەتتى.ئۇ شۇنچىلىك ئىنچىكە بولۇپ كەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئىشلارنىمۇ قانۇنغا،سوتقا باغلاپ تۇرىۋالاتتى.مەيلى چاقچاق،ياكى ئېغىزىدا شۇنداقلا دەپ قويغان گەپلەرگىمۇ ئېسىلىۋېلىپ،توغرا-خاتاسىنى ئايرىماقچى بولۇپ تۇرىۋالاتتى.
-ئابدۇللانىڭ ساۋاقداشلىرى پۇتىغا ئاياق كىيمەي كىلىپ ،تۈرمىنى قورشىۋالسا ھە،-دىدى مەردان ماڭا قىلىنىۋاتقان
چاقچاقنى داۋاملاشتۇرۇپ.
<<ۋەت>>!!!!!بۇ چاقچاققا شۇنچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتۇقكى،بەزىلەر دومىلاپ كەتتى بەزىلەرنىڭ كۈلۈپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.بەزىلەر ھاياجىنىدا چاۋاق چېلىپ كەتتى.بۇ چاقچاقنىڭ نەرى قىزىق دەمسىز؟قىزىق يېرىنى دەپ بەرسەم ،سىزنىڭمۇ چوقۇم كۈلمەي ئامالىڭىز يوق.بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى ھازىر ئاپتونوم رايوندا ناھايىتى چوڭ باشلىق.
-ئەمدى يىغىلىشنىڭ تەرتىبى بويىچە ئابدۇللاغىمۇ خېلى چاقچاقنى قىلىۋالدۇق.ھەممىسى چاقچاق.ئابدۇللا كۆڭلىمىزگە يېقىن شۇڭا چاقچاق قىلىمىز،شۇڭا تۇرغۇن ئۇنىڭغا تالاي يالۋۇرۇپ ئاخىرى يىغىلىشىمىزغا قايتۇرۇپ كەلدى.ئەمدى مۇنۇ نەرسىگىمۇ ئازراقتىن ئېغىز تىگىپ قويايلى،-ئىلھام شۇنداق دىگەچ بىر پۇرولكا ۋۇلىياڭيېنى ئۈستەلگە قويدى.بۇ ساۋاقدىشىمىز ھازىر مەھەللە ئامانلىق خىزمىتىدە ئىشلەيدۇ.بەلكىم سىزمۇ ئۇنى كۆرگەن ھېلىقى
قولىغا كالتەك كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان بالىلار ئىچىدە ئەڭ ئېگىز قاشلىق كەلگىنى شۇ.
-باللا بولسا مۇشۇ ھاراقنى ئىچمىسەك...،-دىگەچ ئۈنۈم پەسلەپ كەتتى.ئىشسىزلىق،نامراتلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن جىق ئادەم بار يەردە سۆزلىسەملا ،ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كىتىدىغان بىر ئادەتنى يىتىلدۈرىۋالغانىدىم.
-بۇنى ئىچمەي قايسىنى ئىچىمىز؟ماۋتەي ئەكىرىدىغان ئەلپازى بارغۇ بۈگۈن ئابدۇللانىڭ،-دىدى نۇرنىسا كۈلگەچ.
نۇرنىسا ھازىر ناخشىچى.گەرچە چوڭ سەھنىلەرگە چىقالمىغان بولسىمۇ،لىكىن پىلاستىنكىلاردىن ئۇنى ئانچە-مۇنچە ئۇچرىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ.بەلكىم قىز بالىنىڭ ئوغۇل بالىنى ھاراق توغرىسىدا مەسخىرە قىلىشى ساۋاقداشلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت ھۈجەيرىسىگە يېڭىچە غىدىق بەرگەن بولسا كېرەك.ئۇنىڭ چاقچىقى سورۇندا يامان ئەمەس كۈلكە قوزغىدى.
-بولمىسا،بىزنىڭ جوزىدا ئولتۇرۇڭ،بىز ئىچمەيمىز.،-دىدى سارە ئۇلاپلا.سارە ھازىر بانكىدا.ئۇنىڭ ھازىر پۈتۈن ھاياتى بانكىدا ئىشلەش ،ۋە ئۈندىداردىكى دوستلار توپىغا رەسىمىنى چىقىرىش بىلەن ئۆتىدۇ.
-ئابدۇللانىمۇ توغرا چۈشىنەيلى...كىچىك بالىلار بىلەن ئوقۇۋېرىپ،چوڭلارنىڭ سورۇنىغا ماسلىشالمايۋاتقان گەپ.
،-دىدى راھىلە.بۇ قىز ھازىر چوڭ بازاردا گىرىم بويۇملىرى ساتىدۇ.سودىسى ئانچە ياخشى ئەمەسمىكىن دەيمەن.چۈنكى ئۇ ماڭا بارلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى يۈزىگە سۈركىۋېتىپ ئاندىن سىرتقا چىقىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
-ئىككىمىز ئالمىشىۋالامدۇق يا،-دىدى سۈبھىنۇرمۇ بۇ پۇرسەتتىن قالماي.بۇ قىز ئەسلى شۇنداق يۇۋاش قىز بالا ئىدى.تەغدىرى كاج كىلىپ تەگكەن ئېرى ئاق چىكىدىغان چىقىپ قالدى.شۇنىڭ تەسىرىدىنمىكىن ھازىر شۇنداق <<لۈكچەك >>بولۇپ كەتكەنىدى.بەلكىم بۇنداقلارنى لۈكچەك دىسەم لۈكچەكتىن ئىبارەت بۇ سۆزگە ئۇۋال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
-يائاللا.ھېسامكام ئۇدۇمىنى سىلەرگە قالدۇرۇپ كەتمىگەندۇ؟؟؟ئاۋال قۇيە ئاۋۇنى.گال قۇرۇپ كەتتى.قىزىۋالمىسام
بۇ چاقچاقلارغا ئارىلىشالمايدىغان ئوخشايمەن،-دىدى سەزگۈر ئالدىراپ.بۇ ئاغىنىمىز يېقىندىلا گىرىتسىيەدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلدى.لىكىن ئۇ دۆڭكۆۋرۈكتىن ئۈچ-تاشقا بېرىپ كەلگەندەكلا ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەنىدى.
-ئىچمىسەڭلەرلا،ماڭا ئەتىگىچە چاقچاق قىلساڭلارمۇ پىكىرىم يوق،-دىدىمدە.يەنە ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.
-ئىچىمىگەن ئادەم شۇ سەندەك بولۇپ قالىدۇ،قۇيە بولە،-دىدى سەزگۈر يەنە ئالدىراپ.بەلكىم ئىچىۋالسا ئاندىن ئۆزىنى نورمال ھېس قىلسا كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن ئىچىش باشلاندى.سورۇندا بولغان گەپلەرنىڭ سىلەرگە دەپ بەرگۈچىلىكىمۇ يوق.ئۇغۇللارنىڭ ئارىسىدا
نەدە ياخشى ئايرىمخانا بار.قايسى قورۇمىخانىدا ھاراق ئىچكىلى قويىدۇ،قايسى ساۋاقداش قىز چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇ دىگەنلەر....قىزلار بولسا ئىككى -ئىككىدىن كۇس- كۇس پاراڭ.شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق يىغىلىشمۇ ئاياقلاشتى.ئاخرىدا تۇرغۇن مىڭ يەردە ئېزىپ،مىڭ تەسلىكتە كىيىنكى قېتىملىق ئۇقتۇرۇشنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنى ئۇقتۇرغاندىن كىيىن تارقاپ كىتىشتۇق.ئاساسەن ھەممەيلەندە دىگۈدەك ماشىنا بار ئىدى.مەن ئۇلارغا يېلىنىشتىن خىجىل بولۇپ،ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى بىلەن ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم.گەرچە يىغىلىشنىڭ ساغلام،ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىدىن،مىللەت،دۆلەت ،ئىلىم-پەن تېخنىكا قاتارلىق تىلغا ئېلىنىشقا تىگىشلىك
تېمىلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانساممۇ،ساۋاقداشلىقنىڭ مېھرى شۇنداق ئىللىقمۇ بىلمىدىم كۆڭلۈم خېلىلا خوشال ئىدى.
مەنبە:پېقىر(يەنى مەن)
داۋامى بار.
|