- تىزىملاتقان
- 2013-10-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3780
- نادىر
- 4
- يازما
- 23
ئۆسۈش
59.33%
|
جۇڭگۇ تىنچ كۆتۈرلەلەمدۇ؟
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىدا ئارمىرىكىلىق داڭلىق خەلىقئار مۇناسىۋەتلەر ئىلىمي مۇتەخەسسىسى، چىڭاگو ئۇنۋىرسىسىتى سىياسىشۇناسلىق پىراففىسورى، ئامرىىكا سەنئەت ۋە پەن تىخنىكا ئاكادىيمىكى جون ج مېر شىيمىر ئەپەندىم چىڭخۇا ئۇنۋىرسىتى پىراففوسىرى، بۈگۈنكى زامان خەلقىئار مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى مۇدىرى، دۆلىتىمىز خەلقىئار مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدكى داڭلىق ئەدىب ، خەلقىئار مۇناسىۋەتلەر ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى يەن شۆتوڭ ئەپەندى بىلەن «جۇڭگۇ تىنچ كۆتۈرلەلەمدۇ» دىگەن تىمىدا مۇنازىرلەشتى، مۇنازىرە باشتىن ئاخرى ئىنگىلىزچە ئىلىپ بىرلىدى، ئىنگىلىزچە ئاڭلاپ چۇشۇنەلەيدىغان باغداش ئوقۇرمەنلىرى نەق مەيدان نۇتۇققا قىززىقسىڭىز ماڭا ئىلخەت يازسىڭىز بولىدۇ. ئېلخەت ئادىرىسىم : elterish@hotmail.com
تۆۋەندە مەزكۇر مۇنازىردىكى ئاساسى كۆز قاراشلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:
جون ج مېر شىيمىر ئەپەندىم «جۇڭگۇ تەھدىدى نەزەريىسى»نى تەرغىپ قىلىغۇچى بولۇپ مۇنازىر باشلىنىشى بىلەنلا ئۆزنىڭ ئىزچىل تەرغىپ قىلىپ كىلىۋاتقان قارشى« جۇڭگۇ تىنچ كۆتۈرلىشى مۇمكىن ئەمەس» دىگەن كۆز قارشنى تەتكىتىلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە دۇنيادا تىخمۇ يۇقۇرى بولغان نوپۇز يوق، كىچلىك قاراۋۇلمۇ يوق، بىر دۆلەتكە نىسپەتەن ئىيىتقاندا، مەزكۇز سېستىمدا مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئەڭ ئالىي شەكلى ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچنى يۈكسەلدۈرۈش بولۇپ شۇنداق بولغاندىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەھددىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، جۇڭگۇ مانا مۇشۇنداق دۆلەت بولماقچى، ھلىھەم ئامرىكىمۇ شۇنداق.
ئامىرىكا يالغۇز غەربى يىرىم شارغا خوجىلىق قىلماستىن ئامرىكىنىڭ تەسىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل جۇڭگۇ كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئامرىكىمۇ جۇڭگۇنىڭ خەلقىئار ئىشلاردا كۈنسىرى مۇھىم رول ئوينشىنى خالىمايدۇ، بەلكى جۇڭگۇنىڭ ئۆز ئىشك ئالدىنلا سۇپۇرەلەيدىغان دۆلەت بولۇشنى ئۈممۈت قىلىدۇ، شۇڭا ئاسىيادا جۇڭگۇ بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان دۆلەت بەرپا قىلىشقا كۈچەيدۇ.
جون ج مېر شىيمىر ئەپەندىىم ئامىرىكنىڭ دەسلەپكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى كىڭەيمىچىلىك جەرياننى ئەسلەپ ئۆتۈپ «ئەمەلي كۈچ ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ» دىگەن نۇقتىنى ئىلىگىرى سۈردى. جۇڭگۇ مەسىلىسگە قارىتا جون ج مېر شىيمىر ئەپەندى بىر دۆلەت كۈچەيگەندە ئارقا ھويلىسىدا ئوت كېتش ئېھتىماللىقى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى، جۇڭگۇنىڭ كۈچىيىشگە ئەگىشىپ رايۇن خاراكتىرلىق كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا، رايۇن تەرتىۋنى قايتا تۈزەشكە، ئاسىيادىن ئامىرىكنىڭ تەسىرنى سىقىپ چىقىرىشا ئۇرۇندۇ، بۇنداق بولغاندا ئامىرىكنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىر شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا جۇڭگۇ قانچە كۈچىيدىكەن ئامرىكىمۇ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقنى شۇنچە كۈچەيتىدۇ. دىگەن كۆز قاراشنى ئىلىگىرى سۈردى. ئامرىكا- جۇڭگۇ ئوتتۇرسىدا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمامدۇ؟ دىگەندە ساقلانغىلى بولدىغانلىقىنى، ئۇرۇش بولۇشى مۇمكىنمۇ ؟دىگەنگە مۈمكىلىكنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جون ج مېر شىيمىر ئەپەندى رىئاللىقنىڭ ئۆزگىرىپ تۇردىغانلىقنى، ئىجتىمائى نەزەرىيەلەرنىڭمۇ ھەمشە توغردا چىقۋەرمەيدىغانلىقنى قۇبۇل قىلىدىغانلقىنى بىلدۇرۇپ ئۆتتى.
يەنشۆتوڭ ئەپەندى جۇڭگۇ تەلەپپۇزدىكى ئىنگىلىزچە ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ ھەربي كۈچنى ئۆستۈرۈشنىڭ نۇرمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولشىدا باشقا دۆلەرنىڭ نىمە مۇدددئادا ئىكەنلىكىنى بىلشنىڭ تەس بولغانلىقى سەۋەپ بولىدغانلىقنى، ئامىرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ بىردەك دۇنيادا رەھبەرلىك ئورۇندكى كۈچ بولۇش ئىستىگىنىڭ بارلىقنى ئىلىگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارشىچە گەرچە ئارمىكا ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق جۇڭگۇنىڭ كۆتۈرشلىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، جۇڭگۇنىڭ كۆتۈرلشتە ئوخىشىمغان تاللاش ئىمكانىينىڭ بارلىقنى، ئەنگىلىيە كۆپ مۈستەملىگە ئىگەللىگەندە ئارمىكنىڭ كۆپ دوست تۇتۇش ئارقىلىق كۆتۈرلشنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقنى مىسال قىلىپ، جۇڭگۇ ئامىرىكدەك تاللاش ئىمكانىيتدە ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلىپ ئۆتتى.
يەنشۆتوڭ ئەپەندى، جۇڭگۇنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن تىنقچلقتا دوست ئۆتۈش تاكتىكىسنى تاللىيالايدىغانلىقنى، تىنچ بولغان تاشقى ئىقتىسادى مۇھىت يارتىپ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تىنچىقتا بىرگە تۇردىغانلىقى، جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ بۈيۈك كۆتۈرلشىگە قوللاشنى، چۈشۈنۈشنى قولغا كەلتۈردىغانلقنى، ئامىرىىكنىڭ جۇڭگۇنىڭ بارلىق خوشنىللىرى بىلەن ئەپ ئۆتۈپ بولۇشنىڭ تەستكە توختايدىغانلىقنى ئوتتۇرغا قويدى.
بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگۇنىڭ ئىلگىركدىن پەرقلىق قىلىپ ئەتتراپتىكى قوشىنلار بىلەن رايون خاراكتىرلىق ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسى بەرپا قىلالايدىغانلىقى، تىخىمۇ ئىچكىرلىگەن بىىخەتەرلىق ھەمكارلىقى ئورنىتالايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئامرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا ئىشنىكىلا تايانغىندىن كۆرە، ئىككى تەرەپتنى ئورتاق مەنپەئەتلەنگنىڭ تۈزۈك ئىكەنلىكىنى، چۇنىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزەلدىن ئۆز ئارا ئىشنىپ باقمىغانلىقى، بارلىق مەنپەئەتنىڭ ھەمكارلىقتىن كىلىدغانلىقى، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر ۋە ئورتاق ئۇتۇش تىپىدكى ھەمكارلىق مۇناسىۋتى ئورنىتشىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكنى قەيىت قىلىدى.
ئۇ يەنە جۇڭگۇنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە تىخمۇ كۆپ ئىقتىسادى مەنپەئەت يەتكۈشنىڭ تىخمۇ ئۈنۈملك تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ يالغۇز باراۋەر ۋە ئورتاق ئۇتىدىغان ھەمكارلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگۇنىڭ قوشنا ئەللەرگە نېفىت تۇربا يولى ياتقۇزۇپ بىرىش، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياسساپ بىرىش قاتارلىق ياردەملەر ئارقىلىق تىخمۇ كۈچلۈك سىياسى قوللاشقا ئىرىششنى ئۈممۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇردى.
يەنشۆتوڭ ئەپەندى خۇلاسىلەپ ھىچكىم جۇڭگۇنىڭ ئۇرۇشتىن ساقىلىنىشغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، خۇددى شى جىنپىڭ ئىيتىپ ئۆتكەندەك: بىرنىڭ تۆۋەن چىكمىز بولۇشى ۋە ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرۇشمىز كىرەك. ئۇ يەنە ئامرىكىا بىلەن جۇڭگۇ ئوتتۇرىسدا ئۇرۇش بولۇش ئىھتىماللىقنىڭ چوڭ ئەمەسلىكنى ئىككى دۆلەتنى ئالدى بىلەن يادرو دۆلتى ئىكەنلىكى، ئىككى دۆلەت ئۇرۇشنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەسىر كۆرستىدىغانلىقى ۋە يەرشالىشىشنىڭ ھەر قايسسى دۆلەتلەر ئىقتىسادنى مۇستەقىللىقتىن ئۆز ئارا باغلىنىشقا يۈزلەندۈرگەنلىكى، جەڭگە جىدەلنىڭ ھىچكىمگە نەپ ئىلىپ كىلەلمەيدىغانلىقى نۇتقسىدىن شەرھىلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ جۇڭگۇنىڭ 10 يىلدىن كىين يەنى 2023-يىلى دۇنيادىكى رەھبەرلىك كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقى (جون ج مېر شىيمىر ئەپەندىنىڭ قارشىچە 20-30 يىل كىتىشى مۈمكىن) ئوتتۇرغا قويدى.
ئاخرىدا ئىككى پىراففىسور ئۆز كۆز قارشنى چوردەپ مۇنازىرە ئىلىپ باردى ۋە سۇئاللارغا جاۋاپ بەردى.
ۋاقىت مۇناسىۋتى بىلەن تەرجىمىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئادىتگە تولۇق ماسلاشمىغان تەرەپلەردىن خالى بولالمىدىم، تەھرىرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئۈممۈت قىلىپ ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇردا قانۇن
چىڭخۇا ئۇنۋىرسىسىتى
2013-يىلى 4- نويابىر
|
|